مۇشۇنداق ئىشەنچىسىز ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن جان تۇمۇشۇققا كېلىپ قېلەپ بىراۋنىڭ ئالدىغا ياردەم سوراپ بارسىڭىز بار تۇرۇپمۇ سىزگە ياردەم قىلىشتىن قورقىدىغان ئىشلار بەكمۇ جىق، سەۋەبى يۇقۇرقىدەك يالغانچىلىقلار ئۇلارنى شۇنداق ئېھتىياتچان قىلۋەتكەن.
مېنىڭ بىر دوستۇم ئۆزى يالغۇز، خىزمەت ئورنى يوق پەقەت تۆۋەن كاپالەت پۇلى شۇنداقلا قىزلىرىنىڭ دادىسىنىڭ ئازغىنە ياردەم پۇلى بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، ئۇ شۇنداق ئىقتىساد قىلىپ يۈرۈپ ئازراق پۇل يىغقان، سەۋەبى ئۇ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغانلىقتىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقىلارنىڭ ئالدىغا سارغىيىپ بېرىپ قالماي دەپ شۇنداق قىلغان ئىكەن، ئەپسۇس ئارىمىزدىكى بىر يېقىن ئۆتىدىغان دوستىمىز ماشىنا ئالىدىغان بوپ قالدىم، ئۈچ ئاي ئىچىدە پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئالغان، لېكىن مانا ھازىر بىر يېرىم يىل بولاي دىگەن، دوستۇم ئۈچ قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقتى، باشقىلاردىن قەرىز ئالدى، ئەمما ھېلىقى پۇلنى ئالغان دوستىمىز بولسا پۇلنى قايتۇرۇش بۇياقتا تۇرسۇن دوختۇرخانىغا بىرەر قېتىم يوقلاپ بېرىپمۇ قويمىدى، مانا مۇشۇنداق ۋاپاغا جاپا قىلىدىغانلارنىڭ جىقلىقىدىن ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ بارا- بارا سۇسلىشىشقا ھەتتا يوقلىشى گىردابىغا بېرىپ قالدى..... بۇنداق مىساللارئەتتىراپىمىزدا نۇرغۇن لېكىن نىمە ئامال دەيسىز
