
ئولتۇرۇرپ خىيالچان قولۋاق ئۈستىدە،
يىراققا تەلمۈرۈپ قارىدىم ئۇزاق.
كۆزلىگەن مەقسىدىم دېڭىزلار ئارا،
چايقىلىپ يۈرمەكتە ھەسرەتتە بىراق.
-كۈندىلىك خاتىرەمدىن
....-يىلى،3-ماي
بىر نەچچە يىلدىن بىرى قۇلۇمغا ئالمىغان خاتىرىنى بۈگۈن ئاۋايلاپقىنا قۇلۇمغا ئالدىم. قانداقتۇر بىر خىل ئازاپ مىنى خاتىرىنى ئېلىشقا مەجبۇرلىغاندەك... سەن مىنى ياق، قەلبىمنى ،پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمنى ئۈزىگە بوي سۇندۇرۋالغان ئىدىڭ... مەن ماڭساممۇ ،تۇرساممۇ، نىمىلا ئىش قىلماي پەقەتلا سەن . خىيالىمدىن بىرئازمۇ نېرى كەتمەيدىغان بۇلىۋالدىڭ.
بۈگۈن يەنە خىيال قىلىۋاتىمەن، مەن ئۈچۈن نىمە دىگەن گۈزەل، سالاپەتلىك ھە! دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ، ئەڭ كىلىشكەن، ئۇماق ،ئەڭ سۈيۈملۈك ... ئەپسۇسكى سەن ماڭا ھەقىقىي مەنسۇپ ئەمەسدە!
سىنى قانچە تەرىپلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ، ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق، ئونبەشى قاراڭغۇ دىيىشىدىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن مەن تامان كىلەرسەنمۇ؟ ماڭا قۇچاق ئېچىپ قەلبىمنى ئىللىتارسەنمۇ؟ سەن بىلەن گۈزەل مىنۇتلارنى ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ بۇلارمەنمۇ؟
شۇ تاپتا يۈرۈگۈمنى تىڭشىماقتىمەن. ..
توۋا، مۇھەببەت مۇشۇنداق بولسا، كۆڭۈل مۇشۇنداق بولسا، سەن كۆڭلىڭنى ئىزھار قىلالماستىن بىرىنى چەكسىز ياخشى كۆرسەڭ، نىمە دىگەن ئازاپلىنارلىق ئىش ھە!؟
مانا 3يىل بوپتۇ، 3 يىل بىلەن سەن بىلەن خىيالەن بىرگە بۇلۇپ ياشاپ كەلدىم،بۇ جەرياندا سەن بىلەن كۈرۈشۈشكە ئاددىيسى سەن بىلەن ئازراق بولسىمۇ ئەسرالىشىشقا پۇرسەت تاپالمىدىم. بەزەن ۋاقىتلاردا سىنى كۈرۈپ قالغۇدەك بولسام بېرىپ ئەھۋاللاشقۇم، كۈرۈشكۈم، شۇ نازۇك قوللىرىڭنى تۇتۇپ قول سىقىشىپ كۈرۈشكۈم كىلەتتى، لىكىن قانداقتۇر بىر خىل كۈچ ئۈزۈڭنى كۆرسەتمە دەيتى... مەن ساڭا ئۈزۈمنى كۆرسەتمەي ئوغۇرلۇقچە مارىلايتىم. بەزىدە ئۈزۈمنى ئەيىپلەپ كىتەتتىم..."-سىنىڭ نەرىڭ ئوغۇل بالا، غەيرەتلىك بولمامسەن؟ نىمىگە قورقىسەن؟ نىمىگە جىددىيلىشىسەن؟قورقۇنچاق، بارغىن، كۈرۈشكىن، چىھرىگە يېقىندىن بولسىمۇ قېنىۋال، ئاۋازىنى بولسىمۇ ئاڭلىۋالمامسەن؟" دەپ ئۈزۈمگە ئۈزۈمگە دەپ كىتەتتىم. مەن پىراكتىغا يۇرتقا قايتىپ كەلگەنلىكىمدىن ناھايتى خۇشال . چۈنكى مەن سىنى پات-پات ئۇچرىتىپ تۇرالايتىم. ئالدىنقى 2 يىرىم يىلنى يىراقتىكى ئاشۇ ناتۇنۇش، قالايمىقانچىلىققا تولغان تاغلىق شەھەردە پەقەت سىنىلا ئويلاپ تەنھالىق بىلىنمىگەن ئىدى. مەكتەپتە قاچانلا قارىسام كۈندىلىك خاتىرەم بىلەن دەرىسلىك كىتابىمنى ئېلىۋالغان پېتىم تۇلىمۇ چوڭ تەنتەربىيە مەيدىنىنىڭ ئاخىردىكى ھەيۋەتلىك چوڭ دەرەخ ئاستىغا ياكى مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى تاغ باغرىغا چىقىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ سىنى خىيال قىلاتتىم...
يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن بىرى سىنىڭ دىرىكىڭنى قىلىش، كۈندىلىك ماڭىدىغان يۇلۇڭنى بىلىش مەن ئۈچۈن ئاسانغا توختىمىدى...
بۈگۈن سىنىڭ ئالدىڭغا دۇقۇرۇپ كىلىپ قالدىم، ئۈزۈمنى تۇتىۋالغان ھالدا سەن بىلەن سالاملاشتىم، گەرچە ئەھۋاللىشىش ناھايتى قىسقا ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا يۈرۈكۈم قاتتىق سۇقۇپ،تىپچەكلەپ ھىلىلا پارتىلاپ كىتىدىغاندەك ھىس قىلاتتىم.
سەن ماڭا زور ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتىڭ،ئۇچراشقاندا ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدىڭ. ئاشۇ كۈلۈمسىرىشىڭ بىلەن مەن ئۈزۈمنى يۇقۇتۇپ قويغىلى تاس قالدىم...
" ئاھ ئاي، مەن ئۈچۈن نەقەدەر سۈيۈملۈك سەن ھە؟"
مەن ساڭا باغلىنىپ قالغانلىقىمنى، كۆڭلۈمنىڭ سەنسىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن ، بىر ئىككى بەت خەت بىلەن چۈشەندۈرۈپ بۇلالمىغۇدەكمەن..
سەن مىنىڭ بارلىقىم، ساڭا مەجنۇنلارچە كۈيۈپ قاپتىمەن، بۇنۇڭغا ئىشىنەمسەن؟ سىنى خىيال قىلساملا ئازاپ قىيانلىرى مىنى گاھ ھىجران دېڭىزىدا چۆكتۈرسە گاھ دولقۇنلىرىدا ئاسمانغا كۈتۈرۈپ تاتلىق شىرىن خىياللار قاينىمىدا ئۇچۇراتتى. كىچىسى يېرىم كىچىگىچە ئۇخلىيالماي قىينىلىمەن، سىنى خىيال قىلساملا ئۇيقۇم قېچىپ كىتىدۇ. بىراق سىنى خىيال قىلىش بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنىمۇ ھىس قىلماي قالىمەن. سىنى خىيال قىلىش بىلەن نى-نى كىچىلەرنى تاڭغا ئۇلاشتۇرغىنىمنى پەقەت مەنلا بىلىمەن، خاتىرەم گۇۋا.
مۇھەببەت مۇشۇمىكىنە؟ سەن بۇخىل ھىسياتنى مەندەك چۈشۈنەمدىغانسەن؟
ئۇقۇپ تۈگەتكەن رۇمانلىرىمنىڭ بىرىدە ئۇچرىتىپ، خاتىرەمگە يېزىۋالغان بۇ شىئىرنى دائىملا ئەسكە ئالىمەن، ساڭا ئەگەر كۆڭۈلنى ئىپادىلەش پۇرسىتى كىلىپ قالسا مۇشۇ شىئىرنىلا ئۇقۇپ بەرسەم دەيمەن؛.
بىغۇبار غەمسىز يۈرەككە ئىشىق ئۇتىنى ئاتتىڭىز،
ئاتتىڭىزدە ئۇندا زور گۇلخان ئۇتىنى ياقتىڭىز.
ئۈچۈرۈشكە نە قۇۋەت مەندە نە ئىختىيار،
دەرت-ئەلەمنى ئاۋۇتۇپ گۈلدەك بېقىشنى قاتتىڭىز...