يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 775 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 367|ئىنكاس: 3

(قەھۋە)ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى 14:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈن بۇ ئەسەرنى قايتا ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلغان شېئىر دەپ قارايمەن، ئەمما ھازىرغىچە شېئىر ئاپتورىنى بىلەلمىدىم...مېنىڭچە تورداشلارمۇ بۇ ئەسەرنى ياقتۇرىدۇ. بۇ ئادەتتىكى مۇنداقلا يېزىلىپ قالغان شېئىر بولماستىن، مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر. كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ھەم ئويغىتىدۇ. دەبدەبىلىك يېزىلغان شېئىر، كىشى قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. بۇرۇنلاردا مەنمۇ ئادەتتە خەنچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ قوياتتىم(بۇمۇ باشقىلاردىن يۇققاندە)، كېيىن ناھايىتى دىققەت قىلىدىغان بولدۇم، ھازىر بالا بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق. بىزنىڭ يىڭنە چاغلىق نەرسىمىز بۇلارغا يۇقمايدۇ، بىز نېمە دەپ ھەممىنى يۇقتۇرۇپلا يۈرىيمىز؟ ؟؟ بەك ئويلىنىمەن بۇ ھەقتە. ئۇيغۇرۇمنى سۆيىمەن ھەم ئۇيغۇرۇم ھەققىدە مەڭگۈ يازىمەن......



ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى 14:55:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن: ۋاپادارىم 912
ھەممەيلەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەيلا خەنچە سۆزلەر تىلىمىزغا سىڭىشىپلا كەتتى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
790

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:55:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بىز نىم دېسەك كىچىكلەرمۇ شۇنى دەيدىكەن يۇقۇپ `` تېلېۋىزورنى دەنشى دەپ سالسىڭىز ماۋۇ ئاچامنىڭ 5 ياشلىق ئوغلى تېلېۋىزور دەڭ دەپ بىزگە ئۆگىتىپ كىتىدۇ دادىسى بىلەن ئانىسى شۇنداق ئۆگەتكەندە ``

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:23:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئۆز ئانا تىلىنى ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە بىزگە كېرەكلىك بولغان باشقا تىللارنى ئۈگىنىش يامان ئىش ئەمەس، قوش تىلمۇ دەل شۇنداق، ھازىر بىر ئالاقە قىلدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا خەن تىلى قوللىنىلغاندىن كېيىن قوش تىل ئۈگىنىش پۈرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىنىڭ ھاجىتدىن چىققۇدەك ئۈگىنىپ قويسا يامان كەتمىگۈدەك دەپ قالدىم، نېمىشقا دەمسىز؟
- بۇ يىل يازدا يەڭگەمنىڭ ئاپىسى ئاغىرىپ قالدى، ئۇلار دوختۇرخانىدا ئۈچ ھەپتىدەك ياتتى، ئۆيدىكىلەرنىڭ بىرىمۇ خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدۇ، دوختۇرخانىدىكى بۆلۈم باشلىقى، سېستىرالار باشلىقى، مەسۇل دوختۇرى ۋە مەسئۇل سېستىرالىرى ھەممىسىلا خەنزۇ يولداشلار، شۇ ئۈچ ھەپتە جەريانىدا ئۇلار ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن گەپ، گەپ سورىسىمۇ ھە دەپ قاراپ تۇرىدىكەن، شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن يىراقتا بولغاندىن كېيىن تېلىفۇندا بولسىمۇ ئەھۋال سوراپ قويماقچى بولدۇم، تېلىفۇن قىلىپ چوڭ ئاپىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ، دېئاگۇنۇسنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورىسام‹ دوختۇرلار بىر نىمىلەرنى دىگەن چۈشەنمىدۇق، سىز سوراپ بەرگەن بولسىڭىز خەنزۇچە بىلگەندىن كېيىن ›دەپ قالدى، ھە ماقۇل، ئەمسە تېلىفۇننى مەسئۇل دوختۇرغا بېرىڭ دەپ تېلىفۇننى تۇتۇپ تۇردۇم.
قارىشى تەرەپتىن يەڭگەمنىڭ سىڭلىسىنىڭ:
- ھەي دوختۇر تېلىفۇننى ئېلىڭە. ماۋۇ تېلىفۇننى ئېلىڭە دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
-说什么,我听不懂دىگەن بىر خەنزۇچە ئاۋاز ئاڭلاندى.
مۇشۇنداق دە تالاشلاردىن كېيىن تېلىفۇننى بىر خەنزۇ يولداش ئالدى، مەن شۇندىلا بايامتىن بېرىقى تېلىفۇننى ئېلىڭە دىگەن ئۇيغۇرچە گەپنى مۇشۇ خەنزۇ دوختۇرغا قىلغانلىقىنى چۈشەندىم.
ھەر ھالدا خۇداغا شۈكرى ھازىرقى قوش تىل مائارىپىنىڭ مەھسۇللىرى بولمىش بالىلىرىمىز بۇنچىلىك تىللاردا بىزدىن ياخشى، بولمىغاندا بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ تىللاۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ ھەم شۇنىڭغا قارىتا جاۋاپ قايتۇرالايدۇ، شۇڭا ئويلاپ قالدىم، ئۆز ئانا تىلىمىزنى چىن يۈرەكتىن سۆيۈپ ئۇنى ھۆرمەتلەپ، قەدىرلەش بىلەن بىرگە بىزگە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپىمىزدە كېرەكلىك بولغان تىللارنىمۇ نېرى تۇر دىمەستىن ئۆگىنىپ قويساق يامىنى كەتمەس دەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلەيسەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:25  


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:07 , Processed in 0.048913 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش