بۇ ناخشىنى بىرتاللانما ناخشا CDپىلاستىنكىسى سېتىۋالغاندا ناخشىلارنىڭ ئارسىدىن چىققانتى دەسلەپ ئاڭلىغاندىلا ياقتۇرۇپ قالغان.
ھەربىرئادەمنىڭ مۇھەببەت تارىخى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن. نۇرغۇنلىرى سۈيۈنۈپ ئۆتسە نۇرغۇنلىرى قاقشاپ ئۆتىدىكەن.
مۇھەببەت يۈزسىز ئەمەس، لېكىن ئۆزىمىز كەتكۈزۈپ قۇيىمىز. بەدەل تۈلەشتىن، قۇربانلىق بىرىشتىن قاچىمىزيۇ ئېرىشىشنى ئويلايمىز. خۇددى يەرگەئۇرۇق سالمايلا ھۇسۇل ئېلىشنى ئويلىغاندەك.
مۇنبىرىمىزدىكى مەرۋەرى ھەدەمنىڭ تۇرمۇشىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى: قانچىلىك بەخىتكە ئېرىشىشىڭىز ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلىق بىرەلىشىڭىزگە باغلىق. ئەلۋەتتە قۇربانلىق بىرىشتىن قورقسىڭىز ھېچىمىگە ئېرشەلمەيسىز.
بۇ ناخشىنىڭ تىكىستىدىكى «نازۇك دىلىمغا» دىگەن بىرگەپنى ياقتۇرمۇدۇم. ئەركىشىگە «نازۇك» دىگەن گەپ ياراشمايدىغاندەك.
مەن ياقتۇردىغان ناخشىلارنىڭ بىرى
بۇدۇنيا ئەسلىدە يىغلاڭغۇ ئەمەس
بۇلۇتمۇ سەۋەپسىز تۆكمەيدۇ كۆزياش
مىھىر بىرىمەن دەپ قەھرىنى بىرىپ
قارلارنى يىغلىتىپ ئۈتىدىكەن قۇياش
تەبەسسۇم كۈلىدە يىغا كىمىسى
مەنزىلسىز پەرۋاسىز يۈرىدۇ لەيلەپ
بىربۇردا زاغرىغا زار بولغان كەبى
تەبەسسۇم كۈلكىلەرگە زار بولدۇق بىزئەجەپ
تۇيۇقسىز كەلگەندى يىغا كەلكۈنى
تۇغان قۇرىمەن دەپ بولما ئاۋارە
ئەڭ ئاخىرقى رەت تەبەسسۇم ئۈچۈن
ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ يۈرەكلەرى پارە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى 09:58