يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 392|ئىنكاس: 2

مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىمۇ ياكى مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 19:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

tertip.gif



     سامۇئېل خانتېڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» ناملىق كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان، داغدۇغىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولدى. بولۇپمۇ كىتابنىڭ كەينى مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن بىر نەچچە نوپۇزلۇق ئورۇن ۋە داڭلىق كىشىنىڭ تەقرىزى بىلەن بۇ كىتاب بىزگە «رەھنامە» كەبى تەسىر كۆرسەتتى.
     خوش، مەدەنىيەتلەر راستتىنلا توقۇنۇشامدۇ؟ رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر ھەمدەمدە ياشاش مۇمكىن ئەمەسمۇ؟! ئەگەر، سامۇئېل خانتېڭتوننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، مەڭگۈ بىللە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېيىلسە، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىنلا ھەرخىل ئىرق، ھەرخىل مەدەنىيەتتە ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟!
     بۇنىڭغا يەنىلا ئەمەلىيەت جاۋاب بەرسۇن:
     يېرىم ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىجابىي ئىنكاس بىلدۈرمىدى. ھەتتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قورال– ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنىغۇ ئامېرىكا–ئىسرائىلىيە بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە بولغاچقا، ئامېرىكا يۇقىرى قاتلام ساھەسىنى يەھۇدىيلار قامال قىلغاچقا شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولار.
     بىر مەدەنىيەت رامكىسى (بىر دىن) ئىچىدە تۇرۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئىراق (ئەلۋەتتە، گۇمران بولۇشتىن بۇرۇنقى مىسىر ۋە ئىراق كۆزدە تۇتۇلىدۇ) … قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىسرائىلىيەگە قارىتا قاتتىق قوللۇقلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتقان ئىران پىرېزدېنتى ئەھمەدىي نىجاد بۇ ئىشقا كەلگەندە تىلغا ئالغۇدەك بىر ئىش قىلغىنى يوق. ھەتتا، بۇ پىرېزدېنت ھەر دائىم ھاماسقا ئۇرۇشنى توختاتماسلىقنى تەۋسىيە (بەلكى بېسىم) قىلماقتا. ھالبۇكى، ئۆزىنى ئىزچىل غەربكە يېقىن تۇتۇپ كەلگەن، دىندىن خالىي ھۆكۈمەت دەپ قارىلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇئاننىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتى نامىدىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە پەلەستىن رايونىغا ياردەملەرنى بېرىشىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟
     تەختكە چىققاندىن بۇيان، «ئىسرائىلىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن» دەپ جار سېلىۋاتقان ئىران پىرېزدېنتى ئەھمەدىي نىجاد ھەر قېتىم ئىش چىڭىغا چىققاندا نېمىشقا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ؟ پەلەستىنمۇ، ئىرانمۇ بىر دىندىكى قېرىنداشلار ئەمەسمىدى؟
     بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە يالغۇز مەدەنىيەت (دىن) دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى مەنپەئەت نۇقتىسىدىنمۇ بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئىران ھۆكۈمىتى پەلەستىننى ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت (دىنىي) قېرىندىشى دەپ ھېسابلىمايدۇ (چۈنكى ئىران شىئە مەزھىپىدە، پەلەستىن سۈننىي مەزھىپىدە). ئىران بۇ ئىشقا ئارىلاشسا، ئىرانغا كېلىدىغان مەنپەئەت قانچىلىك بولىدۇ؟ ئارىلاشمىسا قانچىلىك بولىدۇ؟ خامچوت قۇرۇلۇشى كەسپىي دوكتورى ئەھمەدىي نىجادنىڭ بۇنى ھېسابلاپ چىقىرالىغۇچىلىكى بار. ئۇنىڭ قارىشىدا بۇ توقۇنۇشقا ئارىلاشمىسا (شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن ھاماسلىرى يوقالسا ياكى يوقىلىشى تېزلەشسە) كېلىدىغان مەنپەئەت كۆپرەك (چۈنكى ئۇ سۈننىي، بۇ شىئە). بۇ يەردە، گېپىمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى ھۇمەينىنىڭ «ھازىر يەر شارىدا ئىراننىڭ ھېچقانداق قېرىندىشى يوق» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.
     قارىغاندا، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» دېگەن ئاتالغۇغا جۈپتىنى – «مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى» ئاتالغۇسىنى قوشۇپ، «قوشماق» نەزەرىيە سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىش زۆرۈردەك تۇرىدۇ.
     خۇلاسە كالام، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» ئاددىي نەزەرىيەمۇ، ھەقىقەتمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مۇنەۋۋەر سىياسىيوننىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ دۇنيانى كۆزىتىپ چىقارغان خۇلاسىسى، بېشارىتى. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۆلچەم قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭمۇ دۇنيانى كۆزىتىشتە ئۆزىڭىزگە خاس «ئەقىل كۆزىڭىز» بولۇشى كېرەك. بولمىسا سىز باشقىلارنىڭ «ماشىنا» سىغا ئايلىنىپ قالىسىز.
     
     سامۇئېل خانتىڭتون 1927- يىلى تۇغۇلغان. ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورى، مەمۇرىيەت ئىلمىي لېكسىيە پىروفېسسورى، خەلقئارا ئىشلار مەركىزىنىڭ مۇدىرى، مەمۇرىيەت ئىلمىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇ «تاشقى ئىشلار سىياسىتى» ناملىق ژۇرنالنى تەسىس قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1977~1978-يىللىرى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى بىخەتەرلىك پىلان گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1987-يىلى ئامېرىكا سىياسىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 2008-يىلى ۋاپات بولغان.


     يازما ئاپتورى: قىسمەت
     مەنبە: قىسمەت بلوگى
     يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/toqunush.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
393

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:40:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپنى قايتا-قايتا ئۇقۇپ چۈشۈنەلمەي قۇيۇپ قويغان. دەسلەپ نەشىرقىلىنغان چاغلاردا.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى 10:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:40
بۇ كىتاپنى قايتا-قايتا ئۇقۇپ چۈشۈنەلمەي قۇيۇپ قويغان.  ...

مەنمۇ مۇشۇنداق كىتاپلارنى ئوقۇپ ھەزىم قىلالمايمەن، قايتا ئوقۇشقا رايىم بارمايدۇ، شۇڭا ئۆيدىكى كىتاپ ئىشكابىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدا مۇشۇ خىل كىتابلار بولسىمۇ مەن بېسىپ بىر ئىككىنى ئوقۇپ باقمىدىم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 04:22 , Processed in 0.053001 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش