يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 590 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 446|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1724

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداشلار، بلوگگېر دوستلار!
ھەممەيلەننىڭ خەۋرىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق  10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلۋاتىدۇ. يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇدا 2 نۆۋەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگەن ھەمدە «ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ۋە  «ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاپ چىقىلغان ئىدى.  شۇ تاپتا، ئۇشبۇ پائالىيەت يەنە يۈكسەل  بلوگىدا ئۆزىنىڭ 3 – نۆۋىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
گەپنى قىسقارتىپ، سۆزنىڭ نان تېگىدىغان يېرىنى ئېيتقاندا، بۇ يىل مەزكۇر پائالىيەت ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىلگىرى مۇشۇ بىر پائالىيەت ئۈچۈن 3 ئاي سەرپ ئېتىلگەن بولسا، ئەمدى قىسقا ۋە جىددىي قىلىپ پەقەت 20 كۈنلا سەرپ ئېتىلمەكچى. ئىلگىرى پائالىيەت پەقەت يۈكسەل بلوگىدىلا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئەمدى يۈكسەل بلوگنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا بىرقەدەر نوپۇزلۇق  بولغان ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە بىراقلا ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىلگىرى مۇكاپات سۈپىتىدە بۇيۇملار تارقىتىلغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا، بۇ قېتىم مۇكاپات ئۈچۈن نەق پۇل بېرىلمەكچى…
2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى

1. مەزكۇر پائالىيەت يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
2. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللايدۇ.

3. بلوگگېرلار ياكى تورداشلار  يۈكسەل بلوگىدا ئۆز بلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
4. تورداشلار ئارىسىدىن مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، ئۆزى لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان تورداشلاردىن 10 نەپەر تاللىنىپ، «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىپ، تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بلوگ تاللىنىپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.
5. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بلوگ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بىرقانچە مۇنبەردە بىراقلا تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.
6. يۇقىرىقى مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.
7. يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
8. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ 3 كۈن ئىچىدە تاللاپ چىقىلغان 10 چوڭ بلوگقا مۇكاپات سوممىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان بلوگقا 500 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەن نەق پۇل، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىلىدۇ؛  قالغان 7 بلوگنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.

دىققەت: بۇ تېمىدا نامزات قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىمى ئىشلەپ بەرگۈچى تورداشلار بولسا ئالقىشلىنىدۇ!

يازما مەنزىلى: يۈكسەل بلوگى



14.jpg
ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:35:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق بلوگگېرلارغا ئامەت تىلەيمەن!

Rank: 1

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
84
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:07:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مۇنبەردە ئىنسان زاتى يوقا؟
بوپتۇ، مەن بولساممۇ ئىنكاس يازاي، ئىنسان بولغانىدىكىن

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:11:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Insan يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:07
بۈگۈن مۇنبەردە ئىنسان زاتى يوقا؟
بوپتۇ، مەن بولساممۇ  ...


مەنمۇ ئۆزۈمنى ئىنسان دەپ يۈرۈۋاتىمەن جۇما، ئىنسان ئەپەندىم

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
380 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
998

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت تېمىسىنى قايسى كۈنى يۈكسەل بىلوگىدا كۆرگەنتىم. دادىللىق بىلەن قىسمەت بىلوگى باشلىق بىر قانچە بىلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىۋەتتىم.
مېنىڭچە چوقۇم تاللىنىپ قالىدۇ!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق بىر بىرىدىن ئېسىل بلوگلارنى بىلىۋالدىم مۇشۇ باھانىدە!! ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر لىنىيىسىدىكى بلوگىم تاقالمىغان بولسا قاتنىشىپ قوياركەنمەن ، ئاھ رەھمەتلىك بلوگىم !

Rank: 3Rank: 3

توردا
53 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
321
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:43:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈكسەل ئەپەندىم يىلدا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن ئۇيغۇر تورچىلىقىغا كۈچ قوشۇۋاتىدۇ، يۈكسەلنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
380 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
998

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:24:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەت نەتىجىسى قانداق بولۇپ كەتتى راست، كىرىپ بولالمىدىم يۈكسەلگە.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:08 , Processed in 0.051185 second(s), 21 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش