يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 462|ئىنكاس: 9

تاققا-تۇققۇ پاراڭلار 2 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 19:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

200711216127518_2.gif




     ماڭا بىر نەرسە يازماقتىن يازغان نەرسەمگە ماۋزۇ قويماق بەك تەس كېلىدۇ. چۈنكى، يازغان نەرسەم مەلۇم بىر نۇقتىنى مەركەزلىك ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىكەن ئەمەسمۇ؟!
     «زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق» دەپ بىر گەپ بولىدىغان. يېقىدىن بۇيان زامان ماڭا باقمىدى، راستچىل، ئەمىلىيەتچىل بول دەپ كىچىكىمدىن قۇلۇقۇمغا قويۇلۇۋاتقان بۇ ھېكمەت دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا تازا ماس كەلمىگەندەك تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە كىيىم كىيىشنى بىلمىگەچكە، ياق كىيىم تىكىپ كىيىشنى بىلمىگەچكە كىيىم كەيمەپتىكەن. كېيىن رەخت توقۇپ كىيىم تىكىشنى ئۆگىنىپ كىيىم دېگەننى پۈتۈن كىيىپتىكەنتۇق. ھازىر رەخت دېگەننىڭ تولىلىقى ھەم ئەزانلىقىدا كىيىم دېگەننى قانچە ئاز كىيسە شۇنچە مودا بولۇۋاتىدۇ. ئۇزۇنى ئەرزان، قىسقىسى قىممەت بولۇپ كەتتى. مۇشۇ تۇرقىدا يەنە سۆزلىسەم، گەپ ئۇزۇراپ غەيۋەت تۈسىنى ئېلىپ قالغۇدەك…
     كىچىكىمدىن ئۆزۈمنى جىق ئادەمگە تەڭ قىلماي يۈرۈپ كەلگەن ئىدىم. يۈزۈمگە چۈشكەن قورۇقنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئويلاپ قالدىم، ئادەم دىگەن ئۆزىنىلا قالتىس چاغلاپ يۈرسە بولمايدىكەن. ئەتىراپتىكى گېن قۇرۇلمىسى ئوخشايدىغان ئادەملەر توپىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتا گەپتە ئەمەس، ئەمەلىيەتتە قالتىس بولسا ئاندىن بولىدىكەن. نۇرغۇن ئادەم ئىچكىرىدە ئوغرىلىق قىلىپتۇ، زەھەر سېتىپتۇ، قىزلار خاتالىشىپ كېتىپتۇ، ئېزىپتۇ. ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالغۇدەك، ياق چوقۇم قۇتقۇزىدىغان ئەرنىڭ بېلىكىدە كۈچ يوق، مېڭىسى رودېمېنتلىشىپ، كۆزى يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئالدىدا ئۆتكەنلەر خاتالىقنى كۆپ ئۆتكۈزگەچكىمىكىن، كېيىنكىلىرى ئىز بېسىپ ياكى بولمىسا بىلىپ-بىلمەي خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. «تىرىشساڭ ھەممە ئىشىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن دەبدەبىلىك سۆزلەر ھەممە يەردە بار. تىرىشمايدىغان ئادەم «جەننەت» دەپ ئاتالغان شىمالىي ياۋروپادىمۇ بار. ئادەم دېگەن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر چېكىۋاتقان تاماكىسىنى ئەتىدىن باشلاپ تاشلايمەن دەپلا تاشلىۋېتىدۇ، ماڭا ئوخشاش كىشىلەر تاشلايمەن دەپ بىر قېتىممۇ تاشلىماقتا يوق، چېكىۋاتقان تاماكا سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ كېتىپ بارىدۇ. بەزىلەر ئىشەنچىسىنى نەچچە ئون يىل يوقاتمىغان بىلەن بەزىلەر نەچچە سائەتتىلا يوقىتىپ قويىدۇ، بۇ زادى نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىيتتى؟ تولا ئويلىنىپ چېچىم قالمىغىلى تۇردى. ئادەمدە روھ ھەممىدىن مۇھىم دەۋاتىدۇ، روھنى ئۇرغۇتىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قايسى بۇنى بىلمىدىم. بۇرۇن شارائىت ناچار چاغدا كىشىلەر بىلىم ئالىمەن دەپ ئېشەكلىك، ئاتلىق باغداتقىچە بېرىپتىكەن، ھازىر بەزىلەر شارائىتنىڭ ياخشىلىقىدىن ئالدىدىكى بىر قاچا ئاشنى يېيىشتىن ئېرىنىدۇ. بالىسىغا تاماق يېدۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغان گېپى قالمايدۇ دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ. بەزىلەرنىڭ ئولتۇرسا-قوپسا قورساققا ئوبدان بىر ياخشىلىق قىلىۋالسام بولاتتى دېگەننىڭ غېمىدە…
     ئامېرىكىدا مىللەت ئۇقۇمى يوق دەپ ئاڭلىدىم، ماركىسنىڭ مىللەت توغرىسىدا يازغان نەرسىلىرىنى ئوقۇپ ماركىسقا قول قويدۇم، ئاجايىپ نەرسىلەرنى يېزىپتىكەن. ئەمەلىيەتتە گەپ يازمىدا ئەمەس ئۇنى ئىجرا قىلىشتىكەن. كومپارتىيە تۈزىگەن قانۇننىڭ ئادىللىقىدا گەپ يوق، گەپ ئۇنى ئىجرا قىلىشتا، ئادىل ئىجرا قىلغىلى ئۇنىمىسا بۇمۇ بىر مەسىلە ئىكەن…
     شاڭخەي شەھىرىدەك تەرەققىي قىلغان، ھەممە ئادەمنىڭ مەسلىكى كېلىدىغان بۇ شەھەرگە ئالدىنقى يىللىرى چېن لياڭيۈنى باش سېكىرتار قىلىپ قويسا، بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليون سومنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋاپتۇ، بۇ پۇل ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا پۇلى يەنى شاڭخەي خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك پۇل ئىدى. پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يەردە قويدى بۇ كاساپەت، نېمىسىدىن نېمىسى يەتمەي شۇنداق قىلىدۇ دېگۈسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ… بەزىدە ئويلاپ قالىمەن: ئادەمنىڭ كۆكسى-قارنى تويمىسا، يەر شارىدىن ئوننى بەرسىمۇ تويمىغۇدەك. شۈكرى-قانائەتنى بىلمىگەن ئادەمدىن مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىنساپسىزدىن مېھرى-شەپقەت كۈتۈش كۆتەكنىڭ تۈۋىدە توشقان ساقلىغاندەك ئىش بولغۇدەك.
     «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دىگەن كىنونى كۆرسەم بەزى مۆتىۋەرلەرنىڭ گېپى ماڭا بەك ياقىدۇ، ياۋنى جازالاپ ئەلنى ئەمىن قىلىش كېرەك دەپ سۆزلىشىپ كېتىدۇ. بىر ئەر ئۆينىڭ غېمىدە يۈرسە بۇ بىر ئەرگە نىسبەتەن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم، ئەر ئەلنىڭ غېمىدە بولسا بۇ خېلى يۇقىرى ئۆلچەم. تاماق ۋە كىيىم ئۆزىدىن ئاشمىغاندا ئەلنىڭ غېمىنى قىلغىلى بولامدۇ؟ بولىدۇ، ئەتە ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەلنىڭ غېمىنى قىلغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، غەملا قىلىپ يۈرۈش ئادەمنى كېرەكتىن چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن. لېكىن، غەم قىلىش بىلەن بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى باشلاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ پوتەي ئارىلىق بار.
     قانۇن ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش تەرەققىي قىلسا ئەخلاق ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىشقا ئايلىنىدۇ، چۈنكى ھالال بېيىغاندا ئادەمنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ چوڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. بۇ چاغدا قانۇننىڭ رېئال ئەھمىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئاشخانىدا تاماقنى ئاۋاز چىقىرىپ يېيىش ياكى ئاممىۋى سورۇندا زۇۋاننى بارىچە قويۇپ بېرىپ سۆزلەشمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن باراۋەرلىشىپ قالىدۇ. كۈندە قورساق توق يۈرسە قىلىدىغان ئىش تاپالمىغاندەك، تاماقنى ئاۋاز چىقىرىپ يېدىڭ دەپ، مەسىلىنى ئەخلاق نوقتىسىغا كۆتۈرىدۇ. ئاچ قالغان ئادەم بۇنى مەڭگۈ ئويلاپ يېتەلمەيدۇ…
     ئىنسانلارنىڭ سانى 6 مىليارتتىن ئاشتى. ئالدى بېيىپ 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ روسىيىنىڭ ئالەم ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئالەمنى ساياھەت قىلدى، ئەڭ قەلەندىرى يەيدىغانغا گىياھچىلىك نەرسە يوق، ئاچلىقتىن ئۆلمەكچى بولۇپ دالىدا يېتىپ قالدى، بىر توپ قۇزغۇن ئۇ ئاچ ئادەم ئۆلسە ئۇنى يېمەكچى بولۇپ ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ ياكى بولمىسا يېرىمجان بولۇپ قالغاندا يېۋىتىشىمۇ مۇمكىن…
     ناخشىچى مادوننا ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر دۆلەتكە بېرىپ بىر نىگىر بالا بېقىۋاپتۇ، بىراق بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بالا تۇغۇلۇپ بىريىل سەككىز ئايلىق بولمىغىچە باشقا دۆلەتنىڭ ئادەملىرى بېقىۋالسا بولمايدۇ دېگەن ماددا باركەن ، شۇنىڭ بىلەن مادوننانىڭ بۇ دۆلەتكە قىلغان ياخشى ئىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا بىر قېتىم قانۇننى بۇزۇشقا يول قويۇپتۇ… توۋا، نامرات دۆلەت تۈزىگەن قانۇنمۇ ئاجايىپ بولىدىكەن… بەلكىم بۇ قانۇنمۇ بىكاردىن بارلىققا كەلمىگەندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇ 3 مىليون خەجلەپ يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇپ بەرمەكچى بولۇپتىكەن، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بولۇپ بىرىپتۇ، ئۇ بۇنى دېسە، بۇ بۇنى دەپ يۈرۈپتۇ…
     دۇنيادىكى بايلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن دېيىشىدۇ، لېكىن بايلىق ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالدى، دۇنيادىكى نەچچە مىليون كىشىلىك ھەربى قوشۇن شۇ ئاز ساندىكى بايلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، گادايلارنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ، بىردىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈش خوش ياقماي، بىراقلا يوقىتىدىغان قورال ياساش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئايپاڭباش پروففېسسور، ئالىملار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەۋاتىدۇ. قىززىق يېرى شۇكى، مۇشۇنداق كىشىلەر يەنە كەڭ خەلقنىڭ نەزىرىدە قالتىس ئادەملەر سانىلىدۇ.
     ئادەم يالغۇز تۇرغاندا ئۇ بىر ئاڭلىق، گەپ بىلىدىغان ئادەم بولغىنى بىلەن، توپلاشقاندا ئاڭسىز، ئەقىلسىز بىر نېمە، ئىشەنمىسىڭىز دۇنيادىكى ئىشلارغا نەزەر سېلىڭ: بىر دۆلەتتىكى كىشىلەر بىرلىشىپ يەنە بىر دۆلەتتىكى كىشىلەرنى بوزەك قىلسام دەپلا تۇرىدۇ. سىز يالغۇز قالغاندا پالانىنى بوزەك قىلسام بولاتتى دەپ ئويلامسىز؟!

     يازما ئاپتورى: قىسمەت بلوگىدىن كۆلتېكىن
     مەنبە: قىسمەت بلوگى
     يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/taqqa-tuqqu_2.html


«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:12:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ دەپ .....تاقا- تۇقاسۆزلەشلىرىمۇ يۇقۇشۇپتۇ بۇ بىر جۈپلەرنىڭ
تاقا - تۇقىنىمۇ شۇنداق تېتىمىلىق سۆزلەيدىغان ئىش بولسا دائىم ئاڭلاپ تۇرغۇلۇق

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:12
سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ دەپ .....تاقا- تۇقاسۆزلەشلىرىم ...

بالا تۇغۇپ ئانا بولدى دەيدۇ، بالسىنى باقماي مۇنبەرگە كىرىۋالغىنىنى.
يۈگۈرگىدەك بولدىمۇيا ئانار قىز،قىزىڭىز؟ ھى ھى ھى...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:26:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۆلتېكىننى بىر كۆرەپ باقساق بولامدۇ نېمە. بۇ مۇنبەرگىمۇ كىرىپ قويسا بولاركەن.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:25:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىم بالنىستتا يېتش جەريانىدا كاللامغا نۇرغۇن تاققا- تۇققىلار كەلگەن، لېكىن قەلەم قۇۋىتىمنىڭ چەكلىك بولغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ياخشى پۈرسەتنى يەنىلا قىسمەتكە ئۆتۈندۈم، چۈنكى بۇ تاققا- تۇققىغا تۈرتكە بولغان شۇ ئىشلارنى قىسمەتنى كۆرگەن.
ئىشىنىمەن، قىسمەتنىڭ قەلىمىدىن ئېسىل بىر تاققا- تۇققا پۈتۈپ چىقىدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:25
بالا تۇغۇپ ئانا بولدى دەيدۇ، بالسىنى باقماي مۇنبەرگە  ...

ئاللا....ۋاي مېنىڭ قىزىم مۈشۈك بولمىسا يەتتە كۈندە ماڭىدىغان
بالىنىمۇ باقىمىز ، مۇنبەر تورلاردىمۇ يۈرىمىز ....ئىشقىلىپ ئالامەتقۇ ھازىر مەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:27:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار خاتالىشىپ كېتىپتۇ، ئېزىپتۇ. ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالغۇدەك، ياق چوقۇم قۇتقۇزىدىغان ئەرنىڭ بېلىكىدە كۈچ يوق، مېڭىسى رودېمېنتلىشىپ، كۆزى يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.

مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا- بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى يېنىدىكى تار كوچا ۋە ئۇ يەردىكى قىز- چوكانلار، ئۇلار بىلەن نۇمۇسسىزلارچە سودىلىشىۋاتقان ئەشۇ ئەركەكلەر كۆز ئالدىمغا كەلدى.

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:08:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق» دەپ بىر گەپ بولىدىغان. يېقىدىن بۇيان زامان ماڭا باقمىدى، راستچىل، ئەمىلىيەتچىل بول دەپ كىچىكىمدىن قۇلۇقۇمغا قويۇلۇۋاتقان بۇ ھېكمەت دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا تازا ماس كەلمىگەندەك تۇرىدۇ.

مۇشۇ جۇملە ماڭا ئاجايىپ ماس كىلىدىكەن.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:33:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزتارىم يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:08
«زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق» دەپ بىر گەپ بولى ...

شۇنى دەڭە ئەزىز ئەپەندىم، بۇ بىزنىڭ ئۆيگىلا ماس كېلىدۇ. مۇشۇنى يولدۇشۇمغا كۆرسىتىپ قوياي دېسەم ھېچبىر ۋاقتى يوق. ئۇمۇ بىر زامانغا ماسلىشىپ باققان بولسا قانچە ياخشى بولاتتى دەيمەن. جان-دىل بىلەن ئەمەس، جاننى سەپ بېرىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ۋە ياشاۋاتىدۇ...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تاققا تۇققىلاركەن ، كىيىنكى تاققا تۇققىلارغىمۇ تەشنابىز!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 05:48 , Processed in 0.055110 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش