يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 434|ئىنكاس: 4

مۇنبەر ئەخلاقى......ھەممىڭلار كۈرۈڭلار! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
223
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:43:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر ھازىرقى زامان تورچىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان،تۇرمۇشىمىزغا مەنىۋىي ئوزۇق يەتكۈزۈدىغان ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى،مۇنبەردە سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قاراشلىرىڭىزنى، ئەسەرلىرىڭىزنى،ئۆزىڭىز تەۋسىيە قىلماقچى بولغان ،ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ماقالە،رەسىم،فىلىم....دېگەندەكلەرنى باشقىلارغا يەتكۈزەلەيسىز.باشقىلار يوللىغان دىنىي بىلىملەر،پەن تېخنىكا بىلىملىرى،خەۋەرئۇچۇرلار،ياكى باشقا مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىسىز،جۈملىدىن،مۇنبەر سىز گە ئاز بولمىغان پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.  ئەمدى ئويلىنىپ بېقىڭ .ئۆزىڭىز پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان مۇنبەردە قانداق ئەخلاق بىلەن ئەزا بولۇپ تۇرىشىڭىز كېرەك؟

1-مۇنبەرگە زىيان كەلتۈرىدىغان تېما ياكى ئىنكاسلارنى يازماڭ،يوللىماڭ. بۇنداق قىلغىنىڭىز تولىمۇ شەخسىيەتچىلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە بەلكى ئۆزىڭىزنى قانۇن تورىغا ئىتتىرىپ قويىشىڭىزمۇ مۇمكىن.

2-باشقۇرغۇچى بولسىڭىز مەسئۇلىيىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىڭ. مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تەھرىرلەپ قويۇڭ. تېما ئىگىسىنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ، تېمىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ<<ئەجىرلىك تېما>>، <<نادىر تېما>>،<<ئەھمىيەتلىك تېما>>،<<پايدىلىق تېما>.....دېگەندەك باھالارنى بېرىپ تېما ئىگىسىنىڭ يەنە تېما يوللىشىغا تۈرتكە بولۇڭ.

3-تېما كۆرگەندە ئىنكاس قالدۇرۇشنى ئادەت قىلىڭ. تېما ئىگىسى مىڭ بىر جاپادا يازغان تېمىسى قۇرۇق تېما بولۇپ تۇرۇپ قالمىسۇن.ئازراق بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قۇيۇڭ. ھېچبولمىغاندا <<تېمىڭىزغا رەھمەت>>،<<جاپا تارتىپسىز>>،<<يەنە يوللاپ تۇرارسىز>> دېگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.تېما ئىگىسىنىڭ تېما يازغان قوللىرى سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىز بىلەن ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ.

4-تېما مەزمۇنىغا بولغان قارشى پىكىرىڭىزنى سىلىق ئىپادىلەڭ.تېما ئىگىسى ئايرىم ئادەم،سىزمۇ شۇنداق،ھەر كاللىدا ھەر خىيال.ئەگەر سىزنىڭ قارشى پىكىرىڭىز بولسا<<...مېنىڭچە ...بولارمىكىن>>،<<مەن ....دەپ قارايمەن،چۈنكى...>>دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى بايان قىلسىڭىزمۇ،ياكى ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولغان پىكىرىڭىزنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىسىڭزمۇ بولىدۇ،   

5-مۇنبەر ئىچىدىكى ئەزالار بىلەن پىكىر جەھەتتە توقۇنۇش زىددىيەت،ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ،بىر مۇنبەردە تۇرۇپ شۇنداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن ئاۋۋال بىر ئۇۋىدىكى ئىتلارنىڭ تالىشىشىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.

6-باشقا مۇنبەرلەردىن ياكى باشقا جايلاردىن كەلگەن تېمىلارنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. ئەڭ ياخشىسى ئىجادىي تېمىلارنى كۆپرەك يوللاڭ،باشقا جايدىن كەلتۈرگەن تېمىنىڭ مەنبەسىنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ.

7- مۇنبەردىكى تىمىلارنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىڭ يەنى بىر خىل مەزمۇندىكى تىمىلارنى بەك كۆپ يوللىۋەتمەڭ .بولمىسا شۇنداخ ياخشى تېمىمۇ ئادەمنى زىرىكتۈردىغان قىلىپ قويىدىكەن .ئادەم بەك ياخشى كۈرىدىغان نەرسىسىنى بىراقلا جىق يەۋالسا سەسكىنگەنگە ئوخشاش .

8-ئۆزىڭىزمۇ مۇنبەر ئەخلاقى توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرۈپ ،يۇقاردا بايان قىلىنماي قالغان مۇنبەر ئەخلاقلىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇڭ.
يۇقارقى بايان قىلىنغان ھالەتتە مۇنبەر تېما-ئىنكاس پائالىيىتىگە قاتناشسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇنبەردىكى تەسىرىگە ۋە مۇنبەرنىڭ گۈللىنىشىگە زور تۆھپە قوشقان بولىسىز"

  مەنبە: تىلەك مۇنبىرى

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
39
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:46:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسىز ،يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:06:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يوللاپسىز! بۇ ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇنبەر ئەخلاقى نىزاملىرىكەن.
  مۇنبەرنى سۆيگىنىمىز-ئۇيغۇر تورچىلىقىنى قوللىغىنىمىز! ئۇيغۇر تورچىلىقىنى قوللاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىنى  مۇنبەردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

   يېقىندىن بۇيان يىل ئاخىرىلىق خىزمەتلەر ئالدىراش سەۋەبلىك مۇنبەرگە كىرىپ بولالمايۋاتىمەن، ئەمما مۇنبەرگە مىھرىم بار. قانچىلىغان يازۇ-قىش، كۈز-باھارلار مۇشۇ ماكاندا ئۆتمىدى دەيسىز. مۇنبەر باشلىقلىرى ماڭا چەكسىز ئىشىنىپ، ئالىي باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى بەرگەندىن بۇيان يۇقىرىقى ئەخلاق نىزاملىرىغا رىئايە قىلىپ كېلىۋېتىپتىمەن. كۈچۈمنىڭ بارىچە تېما تەھرىرلەش، ئىملا تۈزەش، ئىنكاس يېزىش، رىغبەتلەندۈرۈش ئىشلىرىنى تولۇق قىلىپ كېلىۋاتىمەن، بەلكىم بۇمۇ مېنىڭ مۇنبەرنى سۆيگىنىمدىن بولۇشى مۇمكىن. (يىللىق خۇلاسە يېزىپ سالدىممۇ يىل ئاخىرى دەپ)
  ئىنكاس يېزىپ قالسامغۇ تېما ئىگىسىنىڭ ھاردۇقىنى بىراقلا چىقىرىۋېتىمەن.
   نېمىلا دېمەيلى، مۇنبەرگە كىرگەنىكەنمىز، ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر تورچىلىقى ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تەرەققىيات نىشانىمىزدۇر!!!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
289
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:27:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما كۈرۈپ ئىنكاس يازماس بوپ قالغانتىم ، ماۋۇ تېمىنى كۈرۈپ ئازراق خىجىل بوپ قالدىم .......

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hilal يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:27
تېما كۈرۈپ ئىنكاس يازماس بوپ قالغانتىم ، ماۋۇ تېمىنى ك ...

خاتالىقىنى تونۇغان يولداش،  ياخشى يولداش دېگەن ئىكەن، يولداش ماۋزېدوڭ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 07:05 , Processed in 0.046289 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش