يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 4

[خەۋەر] ئەلشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقى تەبرىكلەندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
61 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
206
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:40:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كروران خەۋىرى، فوتوسى

«ئەلشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى تەبرىكلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى



«ئەلشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى تەبرىكلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»  2011-يىلى11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى كوئىنلۇن مىھمانخانىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.



          بۇ يىل  15-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك مۇتەپپەككۇر، ئەدىب، شائىرى، بىباھا مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئەدىب ئەلشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 570 يىللىق خاتىرە يىلى،  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن،  جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى،  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى ۋە  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېت ئەدەبىيات فوكولتىتىنىڭ ھەمكارلىشىشىدا ، بۈگۈن يەنى 2011-يىلى11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى كوئىنلۇن مىھمانخانىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش زالىدا «ئەلشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى تەبرىكلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى . يىغىنغا ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە چەتئەللەردىن  ئالىم، مۇتەخخەسس، رەھبەرلەر، شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدىن بولۇپ  400 گە يېقىن مېھمان قاتناشتى.

    ئەلشىر نەۋايى ئېلىمىزنىڭ 15-ئەسىردىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى ئەدىبى ۋە شائىرى بولۇپ ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ  .ئۇ قالدۇرغان نادىر ئەدىبى ئەسەرلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىباھا مەدەنىيەت مىراسى، شۇنداقلا دۇنيا كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقىدۇر . مانا بۈگۈن مۇتەخەسىس، ئالىملار كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇ بۈيۈك ئۇستازىنى خاتىرلەش، ئۇنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى ۋە ئەدىبى ئەسەرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇنىڭ تەۋەرۈك ئەسەرلىرىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشتۇر.


بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلاردىن ئاپتونۇم رايوننىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەت، ئابلىز ئابدۇرېھىم، خەن زىيۇڭ، ئازات سۇلتان ، مۇختار مەخسۇت ، ئابلىمىت ئابدۇرېشىت ، ئابدۇكىرەم راھمان ، سۇلايمان ئىمىن، ئىمىن ئەھمىدى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، راھىلە داۋۇت، غازى ئەھمەد، چەتئەللىك مېھمانلاردىن گىرمانىيەدىن كارىل لېيكىر، تۈركىيەدىن ئوسمان فىكرى سېرتىقيا، ئايشەمگۈل سېرتىقيا، مۇستافا كاچالىن، بىلال ھۈجەل قاتارلىقلار قاتناشتى.


مەنبە :كروران تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:42  


Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
39
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ ،خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزدىن كۆپ رەھمەت.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
222 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1232

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:21:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئىسسسست ئۆزئۆيۈمدە بولغان بولسام غەزەپ غەزەللىرىدىن يوللاپ قويارمەنكەنتۇق

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
381 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1014

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىم!!!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:46:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:21
ھەي ئىسسسست ئۆزئۆيۈمدە بولغان بولسام غەزەپ غەزەللىرىد ...

ئۆز ئۆيىڭىزگە چىققاندا تولۇقلىۋەتسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 04:51 , Processed in 0.041977 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش