يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 776 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1009|ئىنكاس: 4

ئاياللار قايسى كۈنى گۈزەللىشىپ كېتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
223
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:36:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنگىلىيەدىكى پارچە سېتىش زەنجىرسىمان كارخانىسى << دېرىنھام >> نىڭ يېقىندا 1000 ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسدە مۇنداق دېيىلدى : << خىزمەت ئورنى بار ئاياللار ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەڭ گۈزەل بولىدۇ ، چۈنكى بۇ كۈنى ئۇلار ئاز بولغاندىمۇ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە 76 مېنىۇت ۋاقىت سەرەپ قىلىدۇ ، مۇددىئاسىنىڭ باشىلىقى بىلەن خىزمەتداشلىرىدا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئىكەنلىدە شەك يوق . بۇ ياسىنىشقا كەتكەن 76 مېنۇتنىڭ 3/1 ى ( تەخمىنەن 25 مېنۇت ) چېچىنى ئوڭشاشقا ، 18 مېنۇتى گىرىم قىلىشقا ، 16 مېنۇتى كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى سىناق قىلىشقا ، قالغان ۋاقتى يۇيۇنۇش ۋە باشقا جابدۇقلىرىنى پۈتتۈرۈشكە سەرىپ بولىدۇ . سەيشەنبە كۈنى بۇ ۋاقىت 40 مېنۇتقا تۆۋەنلەيدۇ ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر كۈندە داۋاملىق تۆۋەنلەپ ، جۈمە كۈنىگە بارغاندا بىراقلا 19 مېنۇتقا چۈشۈپ قالىدۇ >> .
بۇ تەتقىقات دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى : << بۇ خىل ئەھۋال ئاياللار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ ، دائىم كاستۇم - بۇرۇلكىسىنى قاتۇرۇپ كىيىپ ، سالاپەتلىك يۈرۈشكە ئامراق ئەرلەرمۇ نۇرغۇن ۋاقتىنى ياسىنىشقا ئاتايدۇ . ئەرلەر ئادەتتە دۈشەنبە كۈنى 28 مېنۇت چىقىرىپ ئۆزىنى ياسايدۇ ، بىراق سەيشەنبە كۈنىگە كەلگەندە بۇ ۋاقىت بىراقلا تۆۋەنلەپ 14 مېنۇتقا چۈشۈپ قالىدۇ ، جۈمە كۈنىگە بارغاندا ياسىنىشنى ئۇنتۇپ قالدىغانلىقى ئېنىق >> .

مەنبە: ساغلاملىق مۇنبىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:37  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:36:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىت 76 مىنۇت............

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مېنىلا يېزىپتۇ.
  ئۆزۈمنى كۆرگەندەكلا بولىۋاتىمەن. راستىنلا شۇنداق كۆپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتكەندىمەنمۇ؟؟؟
ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن بەك قورقىمەن، ئەمما ئۆزۈمنى تۈزەشكە ئىسراپ قىلىشتىن قورقمايدىكەنمەن. ھەي...
ھەپتە ئوتتۇرىغا كەلگەندىچۇ تېخى، ئازىيىپ ماڭىدىكەن، جۈمەگە كەلگەندە بەكلا تۆۋەنلەيدىكەن. خانىملار بۇ تېمىدىن چوقۇم ئۆزىنى كۆرگەندەك بولارمىكىن.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:14:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەللىكنى چەكسىز سۆيىمەن ،  گەرچە بەك چىرايلىق بولساممۇ يەنىلا ئۆزۈمنى ياساشنى ياخشى كۆرىمەن ، شۇڭا ھېلىغۇ 76مىنوتكەن ، ھاياتىمنىڭ 76يىلىنى ئۆزۈمنى ياساشقا سەرپ قىلىشقا رازىمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
48
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:20:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەمدىلەتتىن ئۆزۈمگە 76 مىنۇتنى ئاجرىتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلۋاتىمەن

ئىنكاس كۆزنىكىنى تاپالمايمىنا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:52 , Processed in 0.058198 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش