مەن ھاياتنى شۇنداق چۈشەندىم
گەر بېشىڭغا ئېغىر كۈن كەلسە ، قاراشقىنىڭ قاراشمايدىكەن .
ئىككى نان تاپساڭ بىرىنى داپ ئەت ، مەن ھاياتنى شۇنداق چۈشەندىم .
يەرتىلغاپ ئىشلەپ قوللىرى قاداق ، دىھقانغا ئاق نان ياراشمايدىكەن .
بىر كەتمەن چاپساڭ ئۈچ كۈن ھالۋا يە،مەن ھاياتنى شۇنداق چۈشەندىم .

ئەقىدە قىلساڭ رىشتىڭنى باغلاپ، تاشلاپ كەتتىغۇ كۆزۈڭنى ياشلاپ .
كۆڭلۈڭنى بەرمە ئايال زاتىغا، مەن ھاياتنى شۇنداق چۈشەندىم .
بەخت تەزگەندە يىراق قاچىدۇ ، ۋىجدان سورىساڭ بېشىنى قاشلاپ .
ۋاپا قىلمىغىن ئىنسان زاتىغا مەن ھاياتنى شۇنداق چۈشەندىم .

ھەتتا دىۋانە قاقشار ئىچىدە ، ئالدىدىن ئۆتۈپ ئازپۇل تاشلىساڭ .
ناپاك دىللارغا قولۇڭنى سۇنما ، مەن ھاياتنى شۇنداق چۈشەندىم .
ھەتتا شەيتانمۇ ئوينايدۇ ئۇسۇل،يۇمشاق گەپ قىلىپ نەمگە باشلىساڭ.
ئەمەلداركەلسە نەم خىش تىزىپ تۇر،مەن ھاياتنى شۇنداق چۈشەندىم .

ھەتتا توخونىڭ بۈركۈتنى دوراپ ، كۆكنىڭ قەھرىدە ئۇچقۇسى كىلۇر .
پۇلۇڭ بارىدا سەنمۇ كىرىلگىن، مەن ھاياتنى شۇنداق چۈشەندىم .
دىلىڭ ئازار ھەم خۇدامۇ بىزار ،دىلنىڭمۇ شاتلىق تاپقۇسى كىلۇر.
باشقىلار يىغلىسا كۈلگىن قاقاقلاپ ، مەن ھاياتنى شۇنداق چۈشەندىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:30