يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 430|ئىنكاس: 1

نوركا ۋە نىكاھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
381 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1014

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور ئارىلاۋېتىپ مىسرانىمدىكى بۇ تېمىغا كۆزۈم چۈشتى ھەم تەسىرقىلدى. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى يېزىلىپتۇ. كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم، بىللە كۆرەيلى!

نوركا ۋە نىكاھ  


سائادەت ساتتار ئايتۇغ

  
  
    ئايىغى چىقماس قاتار چايلار بىلەن ئانچە خۇشۇم يوق بولسىمۇ يەنىلا خىزمەتداشلارنىڭ كۈچلۈك دەۋىتى بىلەن ئامالسىز قۇشۇلغان بۇ سەپتىن ھەمىشە ئازادىلىك ھېس قىلالمايتتىم. ھەر قېتىمقى قاتار چايغا بېرىشتىن بۇرۇن بېشىمغا تاغ يىقىلاتتى. بىر قېتىم كىيىپ بارغان كىيىمنى قايتا كىيىپ بېرىش چايداشلىرىمنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ(بىچارىلىك)ھېساپلىناتتى. ئۇلار خۇددى قانۇنىيەتتەكلا ھەر قېتىم يېڭى كىيىم ئالماشتۇرۇشتىن سىرت، چاچ پاسون، زىبۇ-زىننەت، قول سومكا، يانفۇنلىرىغىچە ئالماشتۇرۇپ بېرىشاتتى ۋە ئۆز-ئارا كۆز-كۆز قىلىشىپ، ماختاپ-ئۇچۇرۇشۇپ كېتىشەتتى. ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن كىيىم-كېچەكلىرىمنى تاللاپ بولالماي ھېرىپ كەتكىنىمنى ئاز دەپ سورۇنغا بېرىپلا چايداشلىرىمنىڭ ماڭا قارىغاندىكى نەزىرىدىن نىمىلەرنىدۇر بايقىماقچى بولۇپ تېخىمۇ زىللىشىپ كىتەتتىم.

    -مۇشۇ ھال رەڭلىك كىيىملەر زادى ئادەمنى سىمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ جۇمۇ؟-دەپ گەپ باشلىدى زىۋەرە بېشىمدىن پۇتۇمغۇچە بىر قارىۋېتىپ. -ئۆتكەندە كىيىپ كەلگەن چېغىڭىزدىلا دەي دىۋىدىم، كۆڭلىڭىزگە كىلىپ قالمىسۇن دەپ دىمىسەم، بۈگۈن يەنە كىيىۋاپسىز، شۇڭا دەۋەتتىم .

    ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك بىلەن مۇنداقلا قاراپ قويۇپ زورىغا كۈلۈپ قويدۇمدە جايىمغا كىلىپ ئولتۇردۇم. مېنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر، رىزۋان چېچىمنى ئارقىغا تاراپ قويۇپ،-چېچىڭىز ئەجەپ جانلىق جۇمۇ سىزنىڭ زىبا ھەدە،- دېدى خوشامەت ئارىلاش ھىجىيىپ.
ئۇنىڭغىمۇ زورىغا كۈلۈپ قويۇپ ئولتۇرىۋەردىم. قورۇمىلار تارتىلىپ، ئىچىملىكلەر ئايلىنىشقا باشلىدى. قىز-چوكانلار ئوخشاشلا كىيىم-كېچەك، ئەر دەردى، بالا دەردى.....دېگەن تېمىلاردا چاۋۇلدىشىپ سۆزلەيدىغىنى كۆپ، تىڭشايدىغىنى ئاز ئالىتاغىل توۋلىشىپ ئولتۇرىشاتتى.گەپنىڭ كۆپرەگىنى يەنىلا زىۋەرە قىلاتتى. ئۇ ياشتا بىزدىن سەل چوڭ بولسىمۇ ياسىنىشقا بەك ئەھمىيەت بېرەتتى. كىچىككىنە بۇ ناھىيىمىزدىكى جەننەت سەتەڭنىڭ مودا كىيىملەر دۇكىنىغا كەلگەن يېڭى كىيىملەر ئۇدۇللۇق ئۇنىڭ ئۇچىسىغا چىقماي قالمىغىنىنى ئاز دەپ بەزىدە ئۈرۈمچىدىن، ھەتتا ئىچكىرىلەردىن زاكاس قىلدۇرۇپ ئەكەلدۈرگەن كىيىملىرى ئۇنىڭ ھەر بىر چايدىكى پەخىرلىك سۆز نۇقتىسى ئىدى.

    -نېمىشقىكىن مۇشۇ بىرەر ئاي يېڭى كىيىم كىيمىسەم يىغا باسىدىغۇ تاڭ مېنى،-دەپ يوپكىسىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ سۆز باشلىغان زىۋەرەنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا رىزۋان:

    -سىزگىمۇچۇ زىۋەرە ھەدە، بەك كىيىم يارىشىدۇ. بىزمۇ سىزنىڭ مۇشۇنداق يېڭىلىق ئېلىپ كىلىشلىرىڭىزگە كۆنۈپلا قاپتۇق. سىزگە قاراپ بىزمۇ ياسىنىشنى ئۆگىنىۋاتىمىزغۇ مانا؟ بەزىدە سىزگە قاراپ ئولتۇرۇشتىنمۇ ھوزۇر ئالىدۇ كىشى.-دەپ خوشامەت قىلغىلى تۇردى.

    -نىسىگە ياسىنىپ غادىيىپ ئولتاغاندىن ئاددى كىيسىمۇ مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ ياشىغان ياخشى،-دەپ غودۇرىدى يېنىمدا ئولتۇرغان مەلىكە مەنلا ئاڭلىغۇدەك بوش ئاۋازدا.
    ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ نەچچە ۋاقىتتىن كۆڭلۈمدە (زىۋەرە ھەدەمنىڭ كىيىملىرىگە ئىككەيلەننىڭ مۇئاشى يىتەمدىغاندۇ؟)دىگەن سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم.

    -ۋاي جېنىم سىڭلىم، ئايال كىشى دىگەنچۇ كىيىم بىلەن ياشىرىپ كىيىم بىلەن ئۆمرى ئۇزىرايدۇ.-دەپ بوينىنى قاقتى زىۋەرە. -تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە كىيىۋالغىنىمىز، ئويناپ-كۈلىۋالغىنىمىز قالىدۇ. ياشلىق دېگەن غەنىيمەت. كىيىن مىڭ ياسانساقمۇ بىكار.ئەركىشى دىگەنمىچۇ ئازراق كەيمىدىڭ دەپ ئۇرۇشقىنى بىلەن ياسىنىپ چىقسىڭىز كۆزىنى ئۈزەلمەي ھىجاراپ قالىدۇ، پاخمىباش يۈرۈپ بېقىڭە، تۆت كۈندە ئەمەن تېتىپ ئەرسىز قالىسىز، شۇڭا ئەركىشى دىگەنگە ھە دەپ قويۇپ، ئۆزىمىزنى تاشلىماي يۈرگىنىمىز ياخشى. كىيمەي، يىمەي ئازراق پۇللۇق قىلىپ قويسىڭىز تېخى خارىكى ئۆسىدۇ. ھەر قانداق ئەرنىڭ شۇڭىچۇ پاتتىڭىدىن قەرزدە باستۇرۇپراق ياشىغىنىمىز تۈزۈك.  
    -گەپنىغۇ شۇنداق دەيمىز زىۋەرەم، لېكىن بىر ئۆي دىگەندە ھەممە ئىشنىڭ بار مەسلىھەت بىلەن نورمال بولغىنى ياخشى،-دەپ بوش ئاۋازدا ۋەزنىلىك قىلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى ئاسىيە.-ھازىرغۇ بالىلار كىچىك، تاپقىنىمىزنى كىيىپ، ئويناپ ئۆتەرمىز. ئالتە كۈندە بالىلار بەس-بەستە چوڭ بولغىلى تۇرسا ئوقۇتىدىغان گەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان گەپ، چوڭ بولسا ئۆيلەپ، تالالىق قىلىدىغان گەپ. ئۆي دىگەندە ئاغرىق-سىلاق بولمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ، بىرەرسىمىز چوڭراق كېسەل بولۇپ قالساق ئۆيدە ئازراق ئېشىنچە ئىقتىساد بولمىسا باشقىلارغا چىراي سارغايتىدىغان گەپ....

    ئۇنىڭ گەپلىرى خۇشياقمىغان زىۋەرە بىزارلىق چىراي ئىپادىسىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىدىكى قورۇمىنى مىلەپ ئولتۇراتتى....

    سورۇندىن تارقاپ چىققاندىمۇ زىۋەرە ئۇچىسىدىكى نوركا پەلتوسىنىڭ 3-نوركىسى ئىكەنلىكىنى، نېمە ماركىلىق ئىكەنلىكىنى رىزۋانغا چۈشەندۈرۈپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ توختىغان تاكسىدىن چىرايىنىڭ ئۆڭسۈلى قالمىغان ياسىن ئاكا چۈشۈپ ئۇنىڭغا ئۇدۇل قاراپ كەلدى ۋە:-  
    -نىمانچە ئۆزۈڭنى بىلمەيدىغان نىمىسەن؟8 مىڭ يۈەنلىك نەرسىنىمۇ بىرەر ئېغىز مەسلىھەت سېلىپ قويماي ئالامسەن؟ ماۋۇ ئۆينى قانداق تۇتىمىز زادى؟-دەپ قەھرى بىلەن ۋاقىرىدى.  
    زىۋەرە دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بوش ئاۋازدا: –بولدى قىلىڭە ئۆيگە بارغاندا دىيىشىلى،  قىزلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدۇ-دېدى ئەركىلەپ تۇرۇپ.

    -ياق!!مەن مۇشۇ كەمگۈچە ئۇلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتىڭنى قىلىپ كەلدىم. لېكىن سەن مېنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلدىڭمۇ؟ بۈگۈن ئاشۇ چاي سورۇنىڭغا كىرىپلا گېپىمنى ئۈزۈپ باشقا خوتۇنلارغا ئىبرەت قىلاي دېۋىدىم. سەل كېچىكىپ قاپتىمەن.  
    -نېمە؟!-ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا بۆرە تېرىسىنى كىيگەن زىۋەرە بەللىرىنى تۇتۇپ، قاشلىرىنى ھىمىرىپ ۋاقىرىدى:-

   -مەنچۇ سېنى ئەر دەپ تەككەن!نېمە كىيگۈم كەلسە كىيەرمەن، نېمە يىگۈم كەلسە يەرمەن دېمىسەم ساڭا تىگىپ نېمە قىلاتتىم؟خوتۇنۇڭنىڭ كىيگىنىگە چىدىمىغان ئادەم خوتۇن ئالىمەن دىگۈچە ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامتى؟ تېخى بۈگۈن قەستەن يۈزۈمنى تۆككىلى كەلگەن يەرلىرىڭما بۇ؟ قېنى تۆكۈشۈپ باقامدۇق؟ چىدىمىساڭ خېتىمنى بېرىپ يولۇڭغا ماڭ!
    -ھە خوپ، بەللى. مەن مۇشۇ گەپنى دىيىشكىلى كەلگەن. ئەجەپ ياخشى ئۆزۈڭ دىدىڭ. بۇنداق روناق تاپمايدىغان ئۆينى سەندەك باشباشتاق بېشەم بىلەن تۇتقاندىن تۇتمىغان ياخشى! مەنمۇ سەندەك ھېچكىمگە ۋاپا كەلمەيدىغان نومۇسسىزدىن ئاللىقاچان زېرىككەن. ھەر قىشتا بىردىن نوركا كىيىشكە چىدايسەنۇ كېسەلچان ئانامغا بىر چاقلىق ئورۇندۇق ئېلىپ بېرىلى، دېسەم ئۆينى بېشىڭغا كىيىپ ئۇرىشىسەن...بولدى بەس!! ئەتىگەنلىككە مەھەللە كومىتېتىدا ساقلايمەن. بېرىپ خېتىڭنى ئېلىۋال!

    ياسىن ئاكا ئۆرۈلۈپلا چوڭ-چوڭ چامداپ كېتىپ قالدى. ھەممىمىز تۇرغان جايىمىزدىلا تۇرۇپ قالدۇق...  
    نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ياسىن ئاكىنىڭ  يۈزى تۆۋەن، ئاددى-ساددا  ئايالدىن بىرنى ئەمرىگە ئېلىپ ئەكەلگىنىدىن خەۋەر تاپتۇق، كېيىن  ئۇ ئايالنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقىنى ئىتتىرىپ كوچا ئايلاندۇرۇپ يۈرگىنىنىمۇ كۆردۇق.




ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:19:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بۇ يەرلەردىمۇ « نوركا تالاق » دەپ بىر ھىكايە(راست بولغان ئىشلار ئىدى ئەمەلىيەتتە) تارقالغان بىر چاغلاردا، شۇنىڭدەكلا بوپتۇ.ئاشۇنداق ئاياللار كۈرۈپ قويسا بۇلاتتى بۇ يازمىلارنى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:59 , Processed in 0.044711 second(s), 19 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش