ئانامنى سېغىندىم
ئانا دىسە كىم سۆيۈنمەيدۇ، ئانا دېسە قايسى دىل يايرىمايدۇ، قايسى بىر بالا چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ<ئانا> دىمەيدۇ، يىقىلىپ چۈشسە<ئانا> دىمەيدۇ.......... ئەيتاۋۇر ئانىنىڭ بالا قەلبىدىكى ئورنىنى ھېچنەرسە باسالمايدىكەن، مانا مەنمۇ شۇنداق نىمە ئىش بولسا ئانا دەپ توۋلاپ يۈرگەن بىر سەبىي بالىدىن بۈگۈنكىدەك ئانىغا ئايلاندىم، قىزىمنىڭ ھەر ۋاقىت:
- ئاپا، بۈگۈن مۇنداق بولدى.
- ئاپا، بۈگۈن سىنىپىمىزدىكى پالانى مۇنداق ئىش قىپتۇ.
- ئاپا، مۇئەللىم مۇنداق دىدى.
-ئاپا...
-ئاپا...
-ئاپا، مەن سىزنى سۆيىمەن، سىزگە بەك ئامراق، ئاما مەن سىزنى...........دەپ، ئەشۇ كۆرۈنىشتە دوستۇمدەك كۆرىنىدىغان ئىگىز بويلىرى بىلەن بوينۇمغا ئېسىلىپ ئەركىلەپ سۆيۈپ كەتسە، مېنىڭمۇ ئانامنى سۆيگۈم، ئەركىلىگۈم، قۇچاقلىرىدا يېتىۋالغۇم كېلىپ كېتىدۇ. پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈپ، پەرزەنت ئوتىدا پىشىپ، پەرزەنت غېمىدە يوقلىيالمىغان ئەشۇ مىنۇتلار ئۈچۈن شۇنچىلىك پۇشايمان قىلىمەن، يىغلايمەن.
مانا، قىزىم ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە مەن بىلەن دېگۈدەكلا يۈرۈپ، تۈنۈگۈنلا ئۆمىلەپ يۈرگەن كىچىك بالىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندى، ئۆزىنى تۈزەپ ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ كەتسە، مېنىڭ چىرايلىك كىيىملىرىمنى ئۆينىڭ ئىچىدە كىيۋېلىپ خاپا سېلىپ كەتسە ئاپامنىڭ < قىز بالا چوڭ بولسا ئانىنىڭ چوكانلىقىنى تالىشىدۇ> دېگەن گېپىنى ئەسلەپ كۈلۈپ كېتىمەن، قىزىم چوڭ بوپتۇ، مەنچۇ؟ مەنمۇ چوڭ بولدۇم، قېرىدىم، چاچلىرىمنى ئاق ئارلىغان، پېشانىلىرىمگە يىللارنىڭ رەھىمسىز قورۇقلىرى چۈشۈشكە باشلىغان، يەنە نەچچە يىلدىن كېيىنلا ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويىدىغان بىر ئانىغا ئۆزگەردىم.
ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىدىكەن، ئىشلار ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولىۋەرمەيدىكەن، تەقدىر ئادەمگە باقمايدىكەن، مانا تەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن مەنمۇ بىر يېتىم بالىنى يېتىلەپ، تۇل ئاياللار قاتارىغا قەدەم قويغىنىمغا ھەش- پەش دېگۈچە ئۈچ يىلدىن ئېشىپ قاپتۇ، بۇ جەريانىدا نىمە گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم، نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدىم، ئەمما قانداقلا ئىش يۈز بەرسۇن مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ئانا ئىكەنلىكىمنى ئۇنۇتمۇدۇم، ھەم مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن.
بىر چاغلاردا خۇددى ناخشىدا ئېيتىلغاندەك، ئانام مېنى كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا ئوقۇشقا يولغا سالغان ئىدى، ئارقىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك ھەمرا دەپ تاللىغان ئاشۇ ئەرنىڭ قولىغا تاپشۇرغان ئىدى، ئەپسۇس
بۈگۈن يەنە كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا قىزىم ئىككىمىزنى ياققا- يۇرتلارغا يەنە بىر قېتىم يولغا سالدى.
ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ كارى يوق، ھەممىلا ئادەم جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەن بۇ ئاۋات شەھەرنىڭ بىر چەت بۇلىڭىدا قىزىم ئىككىمىز شۇنداق جاپالىق ئەمما بەكلا خاتىرجەم خوشال ياشىدۇق.
كىمدىن ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە يوق، بىر خىزمەتداش ھەدىمىزنىڭ< ئۇكام، ئوتنىڭ سىرتىدا كۆيگەندىن ئىچىدە كۆيۈڭ، يالغۇز ئايالنىڭ كەينىدە گەپ جىق بولىدۇ، ئېرى يوقنىڭ ئېرى جىق بولىدۇ> دېسەن نىەم دەيدىغاندۇ، ئۆزۈم ياخشى بولساملا، مېنىڭ خەق بىلەن كارىم بولمىسىلا بولمىدىمۇ، خەقنىڭ مەن بىلەن نىمە كارى، دەپتىكەنمەن، ئەپسۇس نادان ئىكەنمەن، ئۇ ھەدىمىزنىڭ دىگەنلىرى بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىمدىلا يۈز بېرىشكە باشلىدى، چىدىدىم، چىدىدىم يەنە چىدىدىم.......