ئاپتاپ كۆرگەن ئەر
چىمەنگۈل ئاۋۇت
(داستان)
-1باپ زۆھرە
ئاشۇ چىغىر يولغا تۇتاشقان بىرتۈپ جىگدە دەرىخى يېنىدىكى بۇ قەۋرىنى يوقلاپ تۇرىدىغان قۇشقاچلار ،جىگدە چېچىكىنىڭ ھېدىدىن مەستخۇش بولغاندەك سەھەر شەبنەملىرىگە كۆمۈلۈپ ئۇخلاۋاتاتتى.شىۋاق ئۈنۈپ چىققان شور توپىلاردىمۇ ھاياتلىق بارلىقىنى ئەسكە سالىدىغان چۈمۈلىلەر خۇددى ھاياتلىق قىسمەتلىرىنى كەچمىشتىن كەلمىشكە ئۆزلىرى ئۇلايدىغاندەك ئۇياقتىن –بۇياققا سەپ تارتىپ مېڭىشىپ يۈرەتتى.ئەزان ئاۋازىغائۇلۇشۇپ سۈزۈلىۋاتقان سەھەر بۇ خىلۋەت ماكاننىڭ پاكىزلىقى ھەم ئۇلۇغلىقىغا ئاستا –ئاستا چۆكۈشكە باشلىدى.
قۇشقاچلار يېنىك سىلكىنىپ بىردىن –بىردىن بېشىنى كۆتۈردى،ئۇلار ئاخشام كۆرگەن چۈشلىرىنى دېيىشىۋاتقاندەك چۇرۇقلۇشۇپ ،ھېكمەت ئالىمىدىن قاناتلىرىغا تۆكۈلگەن ئاسايىشلىقنى تۇپراققابەرمەكچى بولغاندەك پەيلىرىنى قېقىشىپ جىگدە يوپۇرماقلىرى ئارىسىغا ئۆزىنى ئاتتى.
مەشرىقنىڭ غارىدىن ئۆرلىدى ئەفغان،
ئىسمىڭنى قۇشلارنىڭ تىلىدىن بىلدىم.
ھېجران قوۋىقىدىكى كۈمۈش قۇلۇپنى،
ئھ!قىسمەت شەمشىرىدە ئاۋايلاپ تىلدىم.
كۇھىقاپ دېۋىسىدەك ئويغاندى ۋاقىت،
تەنلىرىم ياپراقتۇر تەرلىرىم شەبنەم.
ئەزىزلىك،خەستلىك تەڭ بولدى نىسىپ،
مەغرىپ دەرياسىدا ئاقماقتا كىمەم .
خومارەڭ يەكتىكىنىڭ ئۈستىدىن كۆپكۆك بەلباغ باغلىغان،خىزىر سۈپەت ئاپئاق ساقال بىر بوۋاي يالغۇز ئاياق يولدىن كىلىپ بۇ قەبرىگە يېقىنلاشتى.ئۇ قەبرىنىڭ باش تەرىپىدىكى يەرنى قاداق باسقان كەڭ ئالقانلىرى بىلەن سىيلاپ-سىپىۋەتكەندىن كىيىن ئاۋايلاپ يۈكىنىۋىدى يەر ئاچچىق سىلكىندى،يوپۇرماقلار تىترىدى،قۇشقاچلارنىڭ ئۈنى تۇتۇلدى. بوۋاينىڭ قىسمەتلىك ھەم ھىممەتلىك دۇئالىرىغا كۆمۇلگە قەبرە،خۇددى بۇدۇنيانىڭ بارلىق ھەسرەتلىرىنى بېسىپ ياتقاندەك سۈكۈت ئىچىدە پارلاپ تۇراتتى. «سەن بىلەن مۇڭداشقىلى كەلدىم جىگىرى قىزىم!توپا ئارىسىدىكى سۇمبۇل چاچلىرىڭنى يېشىم بىلەن يۇسام،كىرپىكلىرىڭدىكى توپىنى تىنىقلىرىم بىلەن پۈۋلىسەم دەيمەن. تارتقان دەرت ئەلەملىرىڭنى بۇ دۇنيا سىغدۇرالمىدى،يەنىلا ئۆزۈڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىڭگە سىڭدۈرگىنىڭچە ئېلىپ كەتتىڭ....تىرناقلىرىڭ نائەھلىنىڭ ياقىسىدا ئەمەس،توپىدا قالدى.كۆكسۇ قارنىڭنىڭ كەڭلىكى،جەبىر جاپالىرىڭنىڭ پەيمانى ئوغلۇڭغا قالدى زۆھرە! ئەسلى،جان مۈلكۈمنىڭ بارىنى،ئۆمۈر چۆللىكىمنىڭ شىكارىنى ئاللاھ ئىگەم ساڭا بەرسە بولاتتى قىزىم.....خەيىر...روھىڭ قورۇنمىسۇن.....مېنىڭ قوينۇمدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتسىمۇ چىدىماي ،سەن يۇلۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان ئوغلۇڭ ھازىر چوپچوڭلا يىگىت بولدى.بوي-بەستى كۈچ قۇۋەتكە تولدى.
سۈتۈڭنىڭ ئاقلىقى،ئ ھەم ھالاللىقىنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭ تىلىدىن خۇشخۇيلۇق،تىنىقىدىن ئىشىق،تىنىدىن جاسارەت،روھىدىن كامالەت،كۆزلىرىدىن ھارارەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان،ھەر بىر قەدىمىدىكى رىيازەتنى ئاياقلىرى ئاستىغا پۈكىدىغان بولدى.......
بوۋاي جىگدە يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن ئەيمىنىپ چۈشىۋاتقان كۈن نۇرىغا كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ قاراپ،كۆز جىيەكلىرىدە قۇرۇپ قالغان ياشنى بەلبىغىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتكەچ ئورنىدىن تۇردى:
ھۆرۇ غىلمان ،پەرىشتىلەر ھەمراھ بولغاي،
ئىبادىتىم زۇلمىتىڭگە چىراق بولغاي .
لەۋھى مەھپۇزدەك ئۇلۇغ لەۋزىڭ بىلەن،
يۈرەك پارەڭ مالامەتتىن يىراق بولغاي.
بوۋاينىڭ بەزىدە دۇرۇت ئوقىغاندەك،بەزىدە ھۆكمەت ئېيتقاندەك شېۋېرلاشلىرىنى تولۇق ئاڭلىماقچى بولغاندەك قۇشقاچلار بىردىن-بىردىن قەبرە بېشىغا كېلىپ قونۇشتى. «جانۋارلىرىم،سىلەرگە ھەشقاللا!قىزىمنى يالغۇز قويمۇدىڭلار،مەندەك بىر بىقوۋۇلنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىڭلار.ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ئەجرىڭلار ئۈچۈن ئاسمىنىڭلارنى كەڭرى،رىسقىڭلارنى زىيادە قىلغاي....» بوۋاي بەلۋىغىغا تۈگۈكلۈك بىر چاڭگال قوناقنى قەبرە بېشىغا چاچتى،- دە،يەرگە زوڭزۇيۇپ ئولتۇردى.قۇشقاچلار دانغا ئەمەس بەلكى ھىلال ئايدەك پىچىقى بىلەن شور توپىنى بوشۇتۇپ گۈل ئۇرىقى كۆمۈۋاتقان بوۋايغا ھۆرمەت ھەم مېھىر بىلەن قارىشىپ قالدى.....
2-باپ
توققۇز يىل بۇرۇن
ئاناڭ سېنى تاتلىق ئۇيقۇڭدىن سۆيۈشلىرى بىلەن ئويغاتتى.سەن ناشتىمۇ قىلماستىن يېرىم يالىڭاچ پېتى تالاغا يۈگۈردۈڭ ....ئاداشلىرىڭ بىلەن مۆكۈمۈكىلەڭ ئويناۋېتىپ قانچىلىك ۋاقىتنىڭ ئۆتكەنلىكىنى تۇيغاندەك تۇيۇقسىزلا توختاپ ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتىڭ،چۈنكى سەن بىردىنلا ئۆزۈڭنىڭ چوڭ بولغىنىنى ھېس قىلىپ قالغان ئىدىڭ......ئۆيگە قايتىپ بوسۇغىدىن ئاتلىشىڭغا، ئاناڭ ساڭا تىرىپ قويغان يول چاۋىرى بىلەن ئىسرىق سالدى. سەھەر تۇمانلىرى تارقاپ كۈن تىكلەشكەندە بوۋاڭ ئېتىزدىن قايتىپ كەلدى. سەن ئۇنىڭغا كۈپتىن بىر نوگاي سۇ ئېلىپ چىقىپ بىرىۋىدىڭ،ئۇ ئوتلۇق ھەم سۈرلۈك نەزىرى بىلەن بېشىڭدىن ئايىقىڭغىچە تويماي قاراپ كەتتى. بوۋاڭ سېنى قولۇڭدىن تۇتۇپ ئاق قاشقىلىق ئېتىڭلار سولاقلىق ئېغىلنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىلىۋىدى،ئۆزۈڭ ئۇزۇندىن بىرى كۈتكەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرى يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ،خۇشاللىقتا قىن-قىنىڭغا سىغماي قالدىڭ...شۇ كۈنى سەن مەھەللىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى قۇملۇقتا كۈن تاغ كەينىگە مۈكۈنگىچە قارا تەرگە چۆمۈلۈپ قايتتىڭ.ئاناڭ پۇت قولۇڭدىكى يېغىرلارنى پۈۋلىگىنىچە سېنى باغرىغا باستى:
جان بالام ،كۆز تەگمىسۇن كۆزلىرىڭ دۇردانىدۇر،
ھەسرىتا سېنىڭ ئۈچۈن بىر جېنىم مىڭ دانە دۇر.
ئەي مېنىڭ بەڭباش بىگىم يېغىرلىرىڭدىن ئايلىناي،
باغرىمىزنى خۇن ئەيلىگەن بېغىرلىرىدىن ئايلىناي.
رازىمەن يەردەك ئەزىز،سۇدەك ھالال بولساڭ ئەگەر،
يۆلىكىمسەن،سەجدىدە مەن نەيلەيىن شامۇ سەھەر.
بوۋاڭ قاۋۇل بەستىڭگە قاراپ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لېڭىشتتى.كۆزلىرىڭدىكى ئوت،جېنىڭغا سىغمايۋاتقان خوشاللىق بۇ ئۆيدىكى غېرىپلىقنى ،ھەسرەتنى يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋەتتى ...
سەن پىننە پۇرىقى ئۆرلەپ تۇرغان چۆچۈرىنى تويغۇچە ئىچىۋىتىپ،تال باراڭلىق ھويلىدىكى سۇپىغا ئۆزىڭنى تاشلىۋىدىڭ ئاسماندىكى ھىلال ئاي قاۋۇل بەستىڭگە،ھىمىرىلغان قاشلىرىڭغا قاراپ ئاستا –ئاستا تولۇشقا باشلىدى:
سەھەر شەبنەملىرى كۆمگەن سېرىق سەبدەگە ئوخشايمەن،
جېنىم تاغىڭدا جەرەندەك سېنى ھىدلايمەن ،قانمايمەن.
ئىشىق چىنارىغا قونغان قۇشۇڭمەن قەپىزىڭنى ئاچ،
شىۋىرغانلىق قارا تۈندە سېنىڭ ۋەسلىڭنى ئويلايمەن.
دۈپۈرلەپ كەلگىنى ئاتىڭ،ۋەياكى ئاھ يۈرەكىممۇ،
كۆزۈمنىڭ قارىسى ئاقسا نېچۈن دەرياغا پاتمايمەن.
ئىگىز ئاسمانمۇ قات-قاتتۇر،قېتىدا كۆز يېشىم يامغۇر،
ئامانسەن سەۋر تاشىمدەك ھىجىر چۆلىنى ئاتلايمەن.
قېنىنى بەرسە بىر گۈلگە دۇ ئايىم بەرقىدە بۇلبۇل،
پەلەك چەرخىدە يەكتاسەن سېنى بۇلبۇلغا قاتمايمەن....
3-باپ
كاككۇك مەھەللىس
مەن چۈش زۇلمىتىدىن ئاستا - ئاستا قۇتىلىدىغان سۆيۈملۈك سەھەر......
ئاۋايلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاش ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدىم . بوينۇمدىكى قارا مارجاننى سىيلىغاچ دەرىزەمگە قارىغۇم كەلدى . قارىدىميۇ، قارا كۆزلىرىمگە يەنەياش تولدى . يۈگۈرگىنىمچە بېرىپ ھالرەڭ پەردە بىلەن ھوجرامغا چۈشىۋاتقان كۈن نۇرىنىمۇ توسىۋەتتىم . ئاشۇ قارا سايە ، ماڭا ئۇزۇندىن بىرى ئەگىشىپ كىلىۋاتقان ئاشۇ قارا سايە......
غەزەپتىن چىشلىرىم كىرىشىپ جۇغۇلداپ كەتتىم. !!!!!
چاچلىرىمنىڭ ئۆرۈمىنى بىر تال بىر تالدىن چۇۋۇۋاتىمەن . ھەربىر تال كوكۇلام ئۈچۈن تەشتىكىمدە ئېچىلىپ تۇرغان قىزىلگۈلنىڭ بەرگىلىرىنى بىر تال بىر تالدىن يۇلىۋاتىمەن . ئۇنىڭ قاچانلاردا ماڭا ئەگەشكىنىنى، قاچاندىن بىرى لەنىتي كېچىلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگىنىنى ئەسلىيەلمىدىم . كۈلۈپ تۇرۇپ گۈل شېخىدا قالغان تىكەنلەرنى مىھرىم بىلەن سىيلىدىم . سىيلاۋىتىپ تۆت - بەش ياش چاغلىرىمدا ئانامنىڭ قۇلىقىمنى تەشتۈرۈپ سۈپۈرگە ياغىچىنى ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يادىمغا كەلدى " جاپاكەش ئانام تىكەننىڭ بۇنچە مىھىرلىك بولىدىغانلىقىنى ىبر ئۆمۈر بىلمەي ئۆتكەن بولسا كىرەك " دەپ شىۋىرلىغاچ ، ياغاچ تارغاقتىكى چاچلىرىمنى غۇنچىدەك تۈگۈپ بوسۇغام تۈۋىگە كۆمدۈم.....
مەن ئۆيۈمنىڭ بۇلىڭىدىكى كىچىككىنە كوزىدىكى تاشلارنى ساناپ تۇرۇپ ئىتىكىمگە ئالدىم . ئىتىكىمدىن ساناپ تۇرۇپ ئېلىپ كوزىغا زەرب بىلەن تاشلىدىم . بۇ قىلىقىم ئۇدا بەش قېتىم تەكرارلانغاندا يەنە كەچ بولدى . لېكىن مەن كوزامدىكى تاشلارنىڭ قانچە تال ئىكەنلىكىنى خىرامانلىق بىلەن ئۇنتۇپ قالدىم!
**************************************************************
كېچە!~~
سانسىز سەييارىلەرنىڭ سەيلىگاھى بولغان كەڭ ئاسماندا،ئۆز گۈزەلىككىگە بىپەرۋا ئاي خىيالچان ئۈزىۋاتىدۇ.كائىناتنىمۇ سېغدۇرالايدىغان كۆڭۈل ئاسمىنىمدا ئايدىنمۇ گۈزەل جانانىم،شۇ بىپەرۋا،مەغرۇرلىقى بىلەن پەرىشتىدەك جۇلالىنىۋاتىدۇ...
ئەي نازىنىن، ساڭا ئاشىق قەلبىمنىڭ پىچىرلاشلىرى قۇلىقىڭغا ياقارمۇ؟؟ۋىسالىڭنى سېغىنىپ دېۋانە بولغان كۆڭلۇمگە قۇچاقلىرىڭنى ئاچارسەنمۇ؟؟؟...مامۇقتەك يۇمشاق قوللىرىڭ تاڭ پەيتىدىكى ئارامبەخىش شامالدەك چىكەمنى سىيلىغاندا ،يۈرىگىم چىدىيالارمۇ!؟...
كۆزلىرىمىز ئۈچراشقان دەقىقىدە يەنە تىنىق ئېلىشقا قادىر بولالارمەنمۇ؟نازۇككىنە بىر جىلمىيىشىڭ بىلەن ھاياتىم ئادا بولارمۇ؟!!!...قوللىرىڭىنى تۇتماي تۇرۇپ نەپەسلىرىم بوغۇلماقتا ،قەدەملىرىڭنى كۆرمەي تۇرۇپ يۈرىكىم تىتىرىمەكتە...يائاللا.... سېنى ئويلاشمۇ،تۇيغۇلار ئىچىدە ساڭا يېقىنلىشىشمۇ شۇنچە تەس بولسا -ھە؟...
ئەي سۆيگۈ مەلىكىسى،قىرىق بىر تال كوكۇلاڭنى كېنىزەك قىلىپ،ئوزۇڭدەك شوخ شاماللاردا قىيغىتىپ،مېنىڭ سەرسان كۆزلىرىمدە شىكار قىلىشىڭغا نىمە سەۋەب بولغاندۇر؟ئاياللىق لاتاپەتنى ساۋۇت قىلغان زىبا بويلىرىڭ بىلەن تولغۇنۇپ تۇرۇپ تاشلىغان بىر نەزىرىڭ بىلەن كۆڭلۈمنى ئوۋلاپ ،مەجنۇنلۇق چۈلىگە تاشلىشىڭنىڭ باھانىسى نىمىكىن؟؟...
ئەي كۆڭۈل ئوغىرىسى، تىۋىشسىز قەدەملىرىڭ بىلەن شاتلىقمنى نەلەگىدۇر ئەپقېچىپ،سەۋدا بولغان كۆزۈمگە مەلىكىدەك مەغرۇرلىقىڭ بىلەن قۇلۇپ سېلىپ،قەيەرلەردە يۈرىدىغانسەن؟...
ئەي رەھىمسىز گۈزەل،بۇلبۇلنىڭ ئەلەملىك زارلاشلىرىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ئۇنىڭ قان-قان بولۇپ تامچىلاۋاتقان يۈرىكىنى كۆردۇڭمۇ؟ئۇنىڭ ھەر بىر تېلىقىشىدا مېنىڭ ئاھلىرىم بار...كاككۇكنىڭ بىتاقەت زارلاشلىرى قۇلىقىڭغا كىردىمۇ؟ئۇنىڭ تاقەتسىز كۈتۈشلىرىدە مېنىڭ تىنىقىم ئۇھسىنماقتا...سۇسىز زىمىننىڭ چاك-چاك بولغان باغرىغا نەزىرىڭ چۈشمىدىمۇ؟ئۇ يەرگە سېنى ئىزلەۋاتقان قەدەم ئىزلىرىم تولغان...يامغۇرلۇق كېچىلەردە تۇرۇپ باقتىڭمۇ؟ئۇ قاراڭغۇ مەنزىل ئىچىدە ئېزىققان مەجنۇنىڭنىڭ كۆزياشلىرى… ئەي شوخلۇق رەناسى،لەۋلىرىم قۇرىدى،دەرمانىم ئۈزۈلدى...سېخىلىق قىلىپ شاماللاردىن ھېدلىرىڭنى ئەۋەت!خۇشپۇرىقىڭدىن بىردەم مەس بولاي،ساڭا بېغىشلانغان تاتىلىق چۈشلەرگە بىردەم بېشىمنى قوياي...
******************************************************************
گۈل كەشتىلەنگەن ياستۇقۇمدىكى بۇلبۇلغا قارىدىميۇ، سۇمبۇل چاچلىرىم بىلەن ئۇنى قاراڭغۇلۇققا بەنت قىلىۋەتتىم . ئۇنىڭ نالىسى ، ئۇنىڭ پىراقى ھەم پىغانىنى چەيلىيەلەيدىغان سۆيۈملۈك سەھەر .....
مۇزدەك سۇدا ئەندىكىپ - ئەندىكىپ يۇيۇنىۋىتىپ كىچىك چىغىمدا مەن چىلگە ئېقىتىپ ئوينايدىغان ، رەسىدە بولىۋاتقىنىمنى نىپىز سۇ بىلەن يوشۇرىدىغان ھېلىقى ئۆستەڭنى سىغىندىم .
. رەيھان پۇراپ تۇرىدىغان سۇلار تۆكۈلدى . قولۇمدىكى ئەينەك چۇل - چۇل بولۇپ چىقىلدى....شۇ چاغدا كىمدۇر بىرسىنىڭ ئاھ ئۇرغىنىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم .
-ئۇ يەنە كەپتۇ دە ....
ئىدىشتىكى سۇدىن بىرنەچچە قاپاق ئېلىپ دېرىزەمدىن قاقاقلاپ كۈلگىنىمچە سىرتقا قارىتىپ چاچتىم . ئۇ سايە دەسلىۋىدە راھەتلەندى ، كىيىن يەنە جىمىپ كەتتى .
بىرپىيالە چاينى پۈۋلەپ تۇرۇپ ئىچكەچ ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم ..... كىتىۋاتىمەن ... تاغلىق يولدا ئاپتاپنىڭ كۆيدۇرىشىنى لەززەت ، يالاڭئاياق پۇتۇمنىڭ قاناشلىرىنى ئامەت بىلىپ كېتىۋاتىمەن . قانچىلىك ماڭغانلىقىم ، نەگە ، نىمە ئۈچۈن كېتىۋاتقانلىقىمنى دەپ بىرەلمىسەممۇ يول بويى تىرىپ ماڭغان تاشلىرىمنىڭ رەڭگى ھەم مېھرىگە سىغدىلىۋاتىمەن . كۈن تاغ كەينىگە قايرىلغاندا كۆكسىگە ئوقيا سانجىلىپ قانسىراپ ياتقان بىر كىيىكنى ئۇچراتتىم . تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئۇنىڭ كىندىكىدىن بىر چىمدىم ئىپارنى ئالدىم ، - دە يولۇمغا راۋان بولدۇم . ئوقيانى ئېلىۋىتىش ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ بېقىش ماڭا بىھاجەتتەك تۇيۇلدى . چۈنكى "بۇ دۇنيادا ھېچقانداق ئولجا قالمىغاندىمۇ ئوۋچىلار يوقالمايدۇ" دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ....
يىنىك سىلكىنىپ ئەسلىمىگە كەلگىنىمدە ، قولۇمدىكى پىيالە پارە - پارە بولدى . پىيالەم پارە - پارە بولۇش بىلەن بىرگە يەنە كەچ بولدى. ئەمدى مەن ئۇنىڭ كۈيلەشلىرىگە ئۆچ بولغانچە ئۇ باغرىنى قان قىلىدۇ . مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرغانچە ئۇ ئىسسىق جېنىنى ماڭا دان قىلىدۇ......
*********************************************************
كېچە...
خىياللىرىم ئۆزىنى ئاھاڭرەبا تاغلىرىدەك قوينىغا تارتىۋاتقان گۈزەللىكىڭدىن تەسەللى تېپىش ئۈچۈن ئاۋارە بولۇۋاتقان،جۈپ كۆزۇم سېنى تۈنجى قېتىم كۆرگەن دەقىقىنى چەكسىز سەۋرىسى بىلەن تەكرارلاۋاتقان يەنە بىر كېچە!...
مەن شۇنچە مىسكىن،بىراۋلارنىڭ چىھرىدە غەمسىز كۈلكە:مەن شۇنچە ھەسرەتلىك،باشقىلار شۇنچە بىپەرۋا:نىشانسىز قەدەملىرىم تايغان....نىمىلەر ئۈچۈندۇر پالاقشىپ يۈرگەن كىشىلەر توپىدا ئېقىۋاتاتتىم.قوياشنىڭ ھارارىتى مەن ئۈچۈن مەنىسىز ئىدى،دەرەخ سايىلىرىغا تەنە بىلەن قارايتىم.كەيىپ بولىۋېلىپ نىمىلەرنىدۇر دەپ قىزىپ سۆزلەۋاتقانلار،لىۋەنلەرنىڭ بېلىدىن تۇتىۋېلىپ قاقاقلاپ كۈلىۋاتقانلار،يول بويىدا ساپايىنى مۈرىسىگە ئۇرۇپ سەدىقە تىلەۋاتقانلار،كېيىمىنىڭ ھەممە يېرىگە يانچۇق ئىتىپ پومپايتىپ يۈرگەنلەر......يائاللا،بۇ كىشىلەر زادى نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ-ھە؟!؟...
مەن يەنە تۇيۇقسىز كەلگەن نامەلۇم بىر تۇيغۇ ئىچىدە قالدىم......يىنىككىنە سىلكىندىم!بۇلبۇل قونغان چىنار شېخىدەك،بەڭباش بۇلاقلارنىڭ ناخشىلىرىدىن زوقلىنىۋاتقان قاشتېشىدەك ياكى ئەركە شاماللارنىڭ نازلىرىغا جۆر بولىۋاتقان بۇلۇت توپىدەك ۋەياكى پىرچەڭگىنىڭ سازلىرىدىن تارىغان كۈيلەر ئوقىدەك...قارچۇققا قانمىغان كۆز يېشىدەك،گۈل بەرگىگە چۈشكەن شەبنەمنىڭ ھەركىتىدەك،ئاستا-ئاستا ئېرىۋاتقان بال تامچىسىدەك.........يۈرىكىم جىغىلدىدى،:نەپسىم بوغۇلدى،:لېۋىم قۇرىدى،شاۋقۇنلار تۈگەل يوقالدى.........شائىرلارنىڭ لىرىك بايانلىرى،تىللاردا داستان گۈزەللىك ئەپسانىلىرى،ھۆسىن -جامال ھەققىدىكى قىسسەلەر،مەن بىلىدىغان مەشۇقلۇق ئەندازلىرى...بىر چەتتە قالدى.
ساناقسىز رەڭلەر ئىچىدە جۇلالىنىپ تۇرغان،رىۋايەتلەردىكى جانانلارنىڭ ھەممە سۈپىتىنى بىر كۈلكىسىگە يوشۇرغان،جىسمىدا ياشلىقنىڭ بارچە ئالەمەتلىرى بەرىق ئۇرغان،ھەر بىرتال كىرپىكى ئاستىغا تالاي پىستىرما-قاماللارنى قۇرغان،بىر بېقىشىدا مىڭلاپ قامچا ئۇرىدىغان دىلرەبا. مەن تىلسىزمەن،ئون ئىككى مۇقام سېنى كۈيلىسۇن!مەن كورمەن،ئوكيانلار ساڭا كۆرگۈ بولسۇن!!......
سانسىز كەرەشمىلەرنى ھەمراھ قىلغان بويۇڭ،گۈزەللىكنى قۇل قىلغۇچى جامالىڭ،شاھانە تەخىتلەرنى پايە ئەتكۈچى قەدەملىرىڭ، ۋايىغا يەتكەن كامالىتىڭ يېنىمدىن ئۆتتى.ئەس -ھوشۇم مەيدەمدىن ئىتتىرىپ ساڭا ئەگەشتى.ماڭا قالغىنى جۇنۇنلۇق كوچىسى بولدى...
- ئەي مەجنۇن،ئېسىڭنى يىغ!...تاڭ ئاتتى، ئۇنى يەلپۇپ ئۆتكەن تاڭ شاماللىرىغا كۆكىرىكىڭىنى تۇت!ماختاشلارنىڭ ئەڭ ئالى ئېگىسى بولغان ياراتقۇچىڭدىن مەدەت تىلە!!!...
*****************************************************************
خانەمگە سەھەر گۇگۇمىدىن بىر قۇچاق ئېلىپ قايتتىم .
كېچىدىن بىرى مەن كەزگەن يول ، مەن ئەزگەن يۈرەك ئىشكىم سىرتىدا قالدى ! ئىتىكىمدىكى تاشلارنى ھېلىقى كوزامغا بىر - بىرلەپ تاشلىدىم . پۇت بارماقلىرىم ئارىسىدىكى قۇملارنى پۈۋلەۋىتىپ ، يول بويى ئېيتىپ ماڭغان ناخشامنى ئاستا غىڭشىشقا باشلىدىم.
ھىجران زەنجىرىدە بۇ جان قۇلدۇر،
ئىشق كۈلپىتىدە روھىم گۈلدۈر .
رىيازەت قىياسىغا شولا بەرگەن ،
ئاشىق زۇلمىتىگە چۈشكەن نۇردۇر .
چىڭقىچۈش مەزگىلى .....دېرىزەم يىنىدىن ئاڭلانغان تونۇش شەپە يەنە جۇدۇنۇمنى ئۆرلەتتى .
ـ ئەبلەخ !!!
شۇنداق دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا ، تۇيۇقسىز چاقماق چېقىپ ، كۆك قەھرىدە ھەسەن - ھۈسەن كۆرۈنگەندەك بولدى . مەن ھاپىلا - شاپىلا سۇمبۇل چاچلىرىمنى بو سۇغامغا قويۇپ چاناشقا باشلىدىم . چاناۋىتىپ ئانامنىڭ ھەر قېتىم چاچلىرىمغا يېلىم چېپىپ ئۆرۈپ قويغاچ : «چېچىڭ بويۇڭ بىلەن تەڭ بولسۇن قىزىم » دېگەنلىرىنى ئويلاپ قالدىم . شاقىراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى!" ئاخشام مەن قاراقچى يۇلتۇزغا ئەگىشىپ مېڭىۋىرىپ بېرىپ قالغان دەريا ئەمدى ئاقىدىغان بولدى " دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .
جىگدىلىك يولدىكى نەمىخۇش ھاۋانى ، پاتقاقلارنى سېغىنغاندەك بولۇپ ، ئىشىكتىن چىقتىم . ئارقامدىن تېخىغىچە ئەگىشىپ كىلىۋاتقان ئاشۇ لەنىتىي شەپىگە يامغۇر سۇلىرىنى ، قاپقارا لايلارنى گۈلدەك چاچرىتىپ ، پەرۋاسىزلارچە يۈگۈرىۋەردىم . ئۇنىڭ ئەپتىگە قارىمايمۇ قاقاھلاپ كۈلگۈم ، ئاۋازىنى ئاڭلىمايمۇ تازا تىللىغۇم كەلدى . مەن مۇشۇ تۇرقۇم بىلەن دەريا بويىغا كىلىشىمگە يەنە كەچ بولدى
******************************************************************
كېچە....
ئىزىڭغا بېشىمنى قويۇپ ،خۇشبۇي ھېدىڭ كەيىپلىكىدە كۆزۈم يۈمۈلۈپ،ماڭا قارىماي مېڭىشلىرىدىن مىڭ ئۆلۈپ،چېچىڭنى ھەر سىلكىگەندە قايتا تۇغۇلۇپ،يا قاتارلىشىپ مېڭىشقا جۈرئەت تاپالماي،يە غېرىب كۈلبەمگە قايتىپ كېتىشكە يۈرەك چىدىماي،بىتاقەتلىك،ئىنتىزارلىق بىلەن كەينىڭدىن مېڭىۋاتىمەن...
ئەي سەنەم،كېچىنىڭ قوياشىمۇ سەن؟
زۇلمەتكە تۆكۈلگەن نۇر ياشىمۇ سەن
ئاي سېنىڭ شولاڭمۇ،قولداشىمۇ سەن؟
مەن غېرىب-مەجنۇننىڭ يولداشىمۇ سەن؟...
قەدىمىمدىن تىز مېڭىپ ئالدىڭغا تۆكۈلىۋاتقان يۈرىكىمنىڭ پارچىلىرىغا قىياباقمايسەن.قوللىرىڭنى شۇنچە تەبئى نازاكەت بىلەن ئىككى يانغا تاشلاپ،تەلپۈنۈشلىرىمنى دەسسىگىنىڭچە كېتىۋاتسەن.مەغرۇر بويۇڭغا يۆگەشكەن تىلەكلىرىم بوينۇمدىن تارتىپ، نەپسىمنى قىسماقتا....سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭ جېنىمنىڭ ئاستا-ئاستا خورىشى ئۈچۈنمىدۇر؟؟...بىرئاۋازقۇلۇقىمغا كىردى.بەلكى ئاۋاز ئەمەس-كۈي!ئاماننىسانىڭ ساتارىدىن كېلىۋاتامدىكىن؟...بۇلاقنىڭ شىلدىرلىشى، ياق... شاماللارنىڭ پىچىرلىشى ...ئۇمۇ ئەمەس،ئاۋازدا ئىپادىسىنى تاپقان بىر ئىزگۈلۈك،ھېسابسىز بىر گۈزەللىك!!!...
سەن ناخشا ئوقۇۋاتاتتىڭ ياق،ناخشا سېنى ئوقۇۋاتاتتى.يەڭگىل بىر تاۋۇش،تاڭ سەلكىنىدەك ئارامبەخىش تۇيغۇ،نېرۋىلىرىمنى سىلاۋاتاتتى،كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋاتاتتى، بېسىۋاتاتتى...
ئەي جاھان ئەركىسى،ئەي كۆڭۈل مەلىكىسى!...سەن يەنە نېمە قىلماقچى؟ھۆسىن- جامالىڭنىڭ قىيناشلىرى ماڭا ئازمۇ؟ئاھلىرىم يىتەرلىك بولمىدىمۇ؟؟سانسىز كېچىلەردىكى زارقىشلىرىم ساڭا يەتمىدىمۇ؟؟؟...ۋىسالسىز بۇلبۇلنىڭ سايراشلىرى،ئانىسىز بوتىلاقنىڭ بوزلاشلىرى...غا سىڭگەن پەريادلىرىم قايسى دەرىجىگە يەتسۇن؟...ئەي ھاياتىمنىڭ مەنىسى،ئەي مىسكىن يۈرىكىمنىڭ قەپىزى!...قەدەملىرىڭنى توختات!كىرىپ كەتمە،ئىشىكنىڭ يېپىلىشى بىلەن كور بولىمەن.يىراقلاشقان سىمايىڭ ماڭا كەلگەن ئەجەل ئەمەسمۇ!؟... ئەي مۇھەببىتىمنىڭ يىگانە خوجىسى،ئەي مەجنۇنلىقمنىڭ بىردىنبىر باھانىسى!پەردەڭنى بولسىمۇ چۈشۈرمە،چىراق نۇرىغا جان بەرگۈچى سايەڭ بولسىمۇ نىگاھىمغا ھەمراھ بولسۇن!بەڭباش شاماللار ئوغۇرلاپ چىققان تىنىقلىرىڭ ،بىر كاسە مەيدەك ۋۇجۇدۇمغا سىڭسۇن،مەيلى مەن دېرىزەڭ تۈۋىدە ئۆمۈرۈمنى ئۆتكۈزەي، بوسۇغاڭ تۈۋىدە ھاياتىم ئادا بولسۇن!.........
مىڭ كېچە ئۆتسۇن جانانىم،داغى ھېجران ئىچىدە،
مىڭ قوياش بولغاي جامالىڭ قارا زىندان ئىچىدە.
*********************************************************************
يەر ئاستىدىن ئاڭلانغاندەكلا قۇلىقىمغا كىرگەن كۈلكە ئاۋازاى مېنى ئۇيقۇمدىن ئويغىتىپ ، چۈشلىرىمدىن يۇلۇپ ئېلىپ ، غەزەپ ئوتىغا چىلىغان يەنە بىر سەھەر .
ـ ئۇ مېنىڭ ئۇھ تارتىشىلىرىمنى ، جۆيلىشلىرىمنى ئاڭلاپ قېلىپ كۈلىۋاتقاندىمۇ ؟!
ئەندىكىپ كەتتىم ، ئۇنىڭ كۈلكىسى تېخىغىچە توختىمىدى !!!مەن ئاچچىقتىن بوغۇلدۇم ، نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم ، خۇددى ئىلكىمدىكى سېھىرلىك ئالمىنى بىلىپ - بىلمەي تارتتۇرۇپ قويغاندەك . لەۋلىرىمنى قانىغۇچە چىشلىدىم ، خۇددى ئادىمىيلىك ئىززىتىم يەرگە ئۇرۇلغاندەك . مەن تولغاندىم ، خۇددى چايان چېقىۋالغاندەك ......
ـ ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ !!! مېنى خار قىلما ....مەن پەرھاتنىڭ قولىدىكى بىر چىنە زەھەر ، غىرىبنىڭ بىغىدىكى قۇزغۇن ، تاھىر سولانغان ساندۇقنىڭ قۇلۇپى بولۇشقا رازىمەن ... زۇلەيخانىڭ قولىدىكى قامچىغا ، سەنەمنىڭ قولىدىكى غۇنچىغا ، رابىيە ئۆزىنى تاشلىۋالغان قىياغا نەزىرىمنى ئاغدۇرسام كۆزلىرىم كور بولسۇن ......
توۋا ، ئاشۇ قارا سايە ماڭا ئەگەشكەن شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بىرى مەن تۇنجى قېتىم ئۆكسۈدۈم . خۇددى يېڭىلا كۆزى ئىچىلغان بۇلاقنىڭ بۇلدۇقلىشىدەك ، ئاق كەپتەرنىڭ بۇقۇلدىشىدەك ، بوتۇلاقنىڭ بوزلىشىدەك ، تۇمانلىق شەھەردىكى كىچىككىنە قۇياشتەك ، توك سىمىغا قونۇپ ئولتۇرغان يالغۇز قۇشقاچتەك !!!!!
چۈشۈمدىكى مەستخۇشلۇقنى ، مەردانلىقنى ، مۇھەببەتنى ھېچكىمگە بىلىندۇرگۈم يوق .
ئۇ دېرىزەم تۈۋىدە تاش بولۇپ قاتسۇن ! بوسۇغام تۈۋىدىكى توپىلارنى باغرىغا ياقسۇن . چۈنكى ئۇ لەنىتىي سايە ھويلامدىكى گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ تۇرىدىغانلىقنى ، دېرىزە ئەينىكىمنىڭ شۇنچىلىك نازۇك ھەم ئاجىزلىقىنى بىلىشكە ھەرگىز قادىر ئەمەس .
«خەپ .... ھالرەڭ پەردەمنى ئەتىلا قارا رەڭگە ئالماشتۇرۋەتمىسەم » دەپ ئۇھسېنىشىمغا شۇنداق تىزلا كەچ بولدى
*********************************************************************
كېچە...
كۈلىۋاتىمەن،خۇددى بىر يالاڭتۆش پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشكەندەك:كۈلىۋاتىمەن بىر گاداي قارۇننىڭ خەزىنىسىنى تېپىۋالغاندەك:كۈلىۋاتىمەن،جاھان مالامەتلىرىدىن رەنجىشلىرى بىر قەدەھ مەي-بىر رۇبائىدا ئادا بولغان ھەييامدەك،بەلكى ناخشا ئېيتىۋاتىمەن كۈي ۋە نەزمىسى ئاھلىرىغا دەل كەلگەن غەزەلخاندەك،بۇ يىگىتلىك قېنى بىلەن مۇلاقەتتە بولغاندىن بېرى ،مەن تۇنجى قېتىم كۈلگەن كېچە... ئەي تىلسىم پەرى،تومۇچۇقنى ھەيرەتتە قويغۇدەك نازۇك تىلىڭ مىدىرلىدى.بەرھەق،مېنىڭ ئاھلىرىم قۇلىقىڭغا كىردى...سەن يوشۇرنىۋالغان خىلۋەتخانىنىڭ ئىشىكى چىكىلدى،سېنىڭ مۇشتۇڭدەك ئوماق يۈرىكىڭ ئادەتتىن تاشقىرى گۈپۈلدىدى...جۇنۇن كوچىسىدا بىر چىراق يورىدى،مەجنۇنىڭ بەرداش بېرەلمەي بىر دەقىق كۆزىنى يۈمدى...ئىشىق بوستانىغا بىر گۈل ئۈندىكى، ھەييات، مۇھەببەت دۇئاسىدىكى تالاي ئالقانلار شات تۇيغۇدا مەيدىسىگە ئۇرغىنىچە كۈلدى......
ئەي ئىپپەت ئاشىناسى،دەرىزە پەردەڭنى قىيا يېپىش بىلەن،كۆزلىرىمگە خىجىللىق ئوتى ياقما!پەزىلىتىمگە ئاسىي كۆزلىرىمنىڭ گۇناھكارى-- سەن!ئۇنىڭ سېنى ئىزدىشى يوللۇق،ئەخلاقنىڭ چوققىسىدا ئولتۇرغان سۇمرۇغ بولساممۇ،ئۇنىڭغا جازا يېزىشقا ھەقلىق ئەمەسمەن...
ئەي ھاكاۋۇرلۇق داناسى،مەنلا تىڭشىيالايدىغان شىۋىرلىشىڭدا،ئىشىق دەۋاسىمنى رەت قىلما؟!...ئەقىل -ھوشۇمنى ئالغان سەرۋىدەك تەنلىرىڭنى قۇچاقلىماقچى بولۇشىمنىڭ نەرى خاتا؟...سەندىن باشلانغان سەۋدالىقىمنىڭ ساڭا تۇتاشقان ۋىسالغا تەلپۈنىشى مۇقەررەرغۇ!؟...جەننەتتىن كەلگەن ئىنساننىڭ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا جەننەتكە قايتىشىنى رەت قىلىشقا ئاساسىڭ يوق...... ئەي مەمەدانلىق سۇلتانى،كېچىلەرنى تېخىمۇ سوۋۇتقۇچى تەكەببۇر جىلۋىلىرىڭ بىلەن،ئايدەك يۈزۈڭگە مەنسىتمەسلىك تونىنى ياپما!؟يىگىتلىكىمنىڭ سېنىڭ مەسخىرەڭگە ئايلىنىشى مېنىڭ نۇمۇسۇم ئەمەسمۇ؟؟
تەلۋىمەن! قەدىر-قىممىتىڭنى ئاياق ئاسىتى قىلغۇچى ئەمەس،بەلكى مۇھەببەت شارابى سۇنغۇچى لېۋىڭ بىلەن ھەر ئوتلارغا كىرگۈچى ؛قاراقچىمەن !نەپىرىتڭدە كۆيگۈچى ئەمەس، بەلكى قەلبىڭىنىڭ ئىختىيارى بىلەن مەيلىڭنى بۇلىغۇچى ؛مەغرۇر شاھزادىمەن!ھاۋايى-ھەۋەس كوچىسىدا ئىززىتىنى پايخان قىلغۇچى ئەمەس،بەلكى بېشىڭىنى نازلىرىڭ بىلەن يەرگە سېلىپ ،نازۇك قوللىرىڭنى سۇنۇشىڭدا ئاياللىقىڭنى ھىمايە قىلغۇچى...
ئەي نازاكەت گۈلزارى،ۋايىغا يەتكەن گۈزەللىكىڭ مەجنۇنىڭنىڭ پەرۋىشىگە تەقەززا! سېنى بالاغەت پەللىسىگە يەتكۈزگەن ئابىھاياتلارنىڭ قەدىمى ساڭا مەڭگۈلۈك ئەمەس،ئۇ تېخىمۇ كۆپ رەنانى يېتىشتۈرۈشكە ئالدىرايدۇ...قوياشنىڭ نۇرلىرى ساڭىلا تەۋە ئەمەس، ئۇ نۇرغۇن سەنەملەرنىڭ بوستانى...شاماللارغا ئۈمۈد باغلىما،ئۇ يارىلىشىدىن قىززىق قان،چاچلىرىڭنى ئەتگەن ۋە كەچلىكىلا سىلىيالايدۇ...ساڭا ئەبەدى ھەمراھ بولالايدىغىنى-مەۋجۇتلىقى ھاياتىڭغا باغلانغان ئاشىقلا خالاس...
*********************************************************************
مەن نەينىڭ ئاۋازىدىن تۇنجى قېتىم سىلكىنىپ ئويغانغان سەھەر!....دەرىزە پەردەمگە قاراپ ئۆز-ئۆزەمگە كۈلۈپ قويدۇم.....مومامدىن تەۋەرۈك قالغان قارا چۆگۈنگە لىقلاپ سۇ ئېلىپ ھويلامدىكى گۈللىرىمنىڭ يېنىغا چىقتىم :
ـ ئەي گۈللىرىم ،نېمىشقا ھەممىڭلار تەڭ ئېچىلمايسىلەر ؟ سەھەر شەبنىمىدە توڭدۇڭلارمۇ ؟سىلەر شۇنداق گۈزەل،شۇنداق يېقىملىق...بۇ يەردە بۇلبۇل بولمىسىمۇ سىلەر يەنە ئېچىىلىۋىرىسىلەر،خۇشپۇراق چېچىۋىرىسىلەر...چۈنكى،سىلەر ماڭا،مەن سىلەرگەھەمراھ بولۇپ ئۆتىۋىرىمىز...كۈتىۋىرىمىز...كۈلىۋىرىمىز....كۈزدە سىلەرنىڭ پىشقان ئۇرىقىڭلارنى قانچىلىك ئاۋايلاپ تىرىدىغانلىقىمنى، قۇرىغان شاخلىرىڭلارنى مىھرىم بىلەن قوشۇپ كۆمىدىغانلىقىمنى ئۈستۈمدىكى ئاشۇ بىر پارچە ئاسمانلا كۆرۈپ تۇرىدۇ....ئەي گۈللىرىم، تۆكۈلگەن يوپۇرمىقىڭلارنى چىلاپ يۈزۈمنى يۇيىدىغانلىقىمنى ،قۇرىغان غۇنچەڭلەردە چاي دەملەپ ئىچىدىغانلىقىمنى، يىلتىزىڭلاردىكى توپىنى پۇراشقا ئامراقلىقىمنى پەقەت سىلەرگىلا دەپ بىرەلەيمەن... ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمنىمۇ دەپ بەرگۈم كىلىۋاتىدۇ،ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟ ئېچىلىۋاتىسىلەر،تىترەۋاتىسىلەر...خالايدىكەنسىلەر،ـدە گۈللىرىم ؟ ئاۋازىم بوغۇلىۋاتىدۇ....
نېمە؟ ھېلىقى نەي ئاۋازى سىلەرگە يېقىپ قاپتۇدە...ئۇنداق دىمەڭلار ئاچچىغىم كىلىۋاتىدۇ....
ئۇنىڭ قولىدىكى قومۇش نەينى رەھمەتلىك بوۋاممۇ چالاتتى،لېكىن بوۋام دەرىزە تۈۋىدە ئەمەس،بەلكى چاقتا يىپ ئىگىرىپ ئولتۇرغان مومامغا مۇھەببەت بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ چالاتتى .ئۇنىڭ ئاپئاق يەكتىكى،كۆك بەلۋىغى،شور توپىدا يېرىلغان تاپىنى،ئاپتاپتا تاۋلانغان مىسرەڭ،قاۋۇل كۆكرىكى ھەممىمىزگە ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇراتتى...
ـ ھە...ي، لەيلى !!!
ئەتراپىمغا قارىدىم .سىلەردىن باشقا ھىچكىم يوق..بىلىمەن گۈللىرىم ،پەقەت سىلەرلامېنى شۇنداق چاقىرالايسىلەر....
يەنە كەچ بوپتۇ...خەير! مېنى سېغىنىڭلار.....
*********************************************************************
كېچە...
ئۈمىد يۇلتۇزى بولىمىش روجىكىڭدىن سىمايىڭىنى بىرمەرتە كۆرۈش ئۈچۈن،ئاتەش يېنىۋاتقان تىنىقىمنى نەي ساداسىغا قوشۇپ،ساڭا ئۇزۇتۇش بىلەن دەرمانىم ئۈزىلەي دېگەن يەنە بىر كېچە......ھالىمغا قاراۋىرىشكە تاقىتى قالمىغان ئاي كۆزىنى بۇلۇت بىلەن توستى!
- پىرچەڭگى،ئەي كۈيلەر شاھى! يۈرىكىمنى بىر مەرتە تۇتۇپ،مۇز تېغىمنى ئېرىتكۈدەك بىر ناخشىغا ئايلانساڭچۇ!؟!......ئاماننىسا،ئەي مۇقام بوستانى!ئېتىگىڭنى ئېچىپ باغرى قان مەجنۇننى ئەللەيلىسەڭچۇ!؟...‹‹ئىشرەت-ئەڭگىز››نى ياراتقان قوللىرىڭدا ساتارىڭنى چالساڭچۇ؟!؟...دەرمانىڭ قۇرۇپ، ساتارنىڭ تارى ئۇزۇلگەندە ،ئەجەپ ئەمەس،بۇ زەبۇن تېنىمنىڭ سۈيى قۇرىسا..........!!...
ئەي،زۇلۇم ئېگىسى،سېنىڭ ئاشۇ نازۇك بويۇڭنىڭ ئىچىدىكىسى تاشمۇ ياكى تەڭرى سېنى يۈرەكسىز ياراتقانمۇ؟؟!...
- مۇھەببەت جەڭگاھىدىكى باھادىر پەرھاد...پالتاڭنى ماڭابىر مەرتە بەر !؟...ئول دىلرابانىڭ بىتون تاشلاردەك يۈرىكىنى يېرىپ ۋىسال دەرياسىنى قاغجىراق قەلبىمگە باشلاي...
- ئى قادىر ئاللا،مەجنۇن بەندەڭگەماڭا جۇرئەت ئاتا قىل،ئۇ تەكەببۇر گۈزەلنىڭ لىۋىگە سۆيۈپ،ئۇنى سۆيگۈ ھاياتلىقىغا قايتۇرۇپ كېلەي...
- ئىشىق بوستانىدىكى مەرتلەر،نەرە تارتىپ ماڭا مەدەت بېرىڭلار!... مەشۇقلۇق سۇپىسىدىكى ساداقەتمەن جانانلار، بىر قەترە كۆز يېشىڭلارنى رەھمسىزچىمەنىمگە تېمىتىڭلار......
شېرىننىڭ لاتاپىتى پەرھادنىڭ جاسارىتىدە ۋايىغا يەتكەندەك،لەيلىنىڭ گۈزەللىكى مەجنۇننىڭ كۆزىدە جۇلاسىنى تاپقاندەك،گۈلنىڭ رەڭگى بولبۇلنىڭ قېنى بىلەن كۆڭۈللەرنى مەھلىيا ئەتكەندەك،كاككۇكنىڭ نامى زەينەپنىڭ ساداقىتىدە جاھانغا تارالغاندك...... سېنىڭ ئۇ تەسۋىرلىگۈسىز جامالىڭ،زىمىنغا ئېغىر تەكەببۇرلىقىڭ........پەقەت مېنىڭ تەلمۈرۈشلىرىمدە،سەۋدالىقىمدا تەخىتكە چىقىدۇ!......
- ھالىمغا ۋاي!.. نېيىمنى چېلىپ يەنە بىر تاڭنى كۈتىۋالدىم. ئۆزۈمگە قاراپ كۈلدىم!چۈنكى ئەللەر ئاغزىدا سەۋدايى بولساممۇ، سۆيگۈ گۈلشەنىدە ئاشىق بولىۋرىمەن!سەن ھامان مېنىڭكى.....
*********************************************************************
سەھەر
مەن يەنە ئىشىكىمنى زەرب بىلەن يېپىپ سالدىم...گۈللىرىم چۆچىدى،كېچىدىن بىرى يول بويىدىن تېرىۋالغان يوپۇرماقلىرىم تىترىدى..تاشلىرىم ئۆمچەيدى...
ئاھ خۇدا ! ئۇ قانداق جان ؟ ئۇنىڭ تاپانلىرىنىڭ يېرىلمىغىنىغا،قىلىقلىرىمغا ئىچى ئېيچىشمىغىنىغا ئشەنمەيمەن. سايىدەك جىمجىت ئەگىشىپ يۈرۈش،مەپتۇنلىقىنى سۈكۈتلىرىگە يەم قىلىپ بىىرىش ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامىمىدۇ ؟
- ساراڭ
شۇنداق دەپ شىۋىرلىغاچ ئەينىكىمنىڭ ئالدىغا كەلدىم.ئۆز-ئۆزەمگە كۈلۈپ قويدۇم...چاچلىرىمنى چۇۋۇۋىتىپ،تىلىمنى چىقىرىپ،يۈزىمنى چىمدىپ باقتىم...مەن زادى نېمە بولغاندىمەن ؟ مەن زادى نېمىنى كۈتىۋاتقاندىمەن؟؟؟
ـ ئەي ،ئۇلۇغ ئاللاھ ! ئىشىق زۇلمىتىنى يورۇتىدىغان،غېرىپلىق كۈلپىتىنى يوقۇتىدىغان،لېكىن ئەقىل دەرياسىنى قۇرۇتىدىغان بىقوۋۇل مەشۇق بولۇش ئازابىدىن ساقلىغايسەن...
ئاخشام دەرىزە ئەينەكلىرىمنى چۇل-چۇل قىلىپ چېقىۋىدىم،مانا بۈگۈن ئۇ ئىشىكىم تۈۋىدىكى يالغۇز دەرەخكە يۆلىنىپ تۇرۇپ يەنە ھېلىقى لەنىتىي كۈيىگە توختىماي چېلىۋاتىدۇ...
چەكسىز كەتكەن قومۇشلۇقلارنى نەپرىتىم بىلەن كۆيدۈرگۈم،ئۇنىڭ قولىدىكى ناۋاكەش نەينى تارتىۋېلىپ دېڭىز تەرەپكە قاراپ يۈگۈرگۈم كەلدى...مەن ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتسەم...ئۇ مەڭگۈ...مەڭگۈ تاپالمىسا...مەڭگۈ..مەڭگۈ چالالمىسا....
ـ ئەي ،لەيلى...توپان بالاسىدىمۇ ئامان قالغان ھاياتلىقنى،نوھ كىمىسىدىكى سادا قەت ھەم پاكلىقنى ئۇنۇتمىغايسەن...
غايىپتىن ئاڭلانغان بۇسادا بىلەن ئۈگە-ئۈگۈلىرىمگىچە شىرىن بىر تۇيغۇدا بوشۇشۇپ كەتتىم...پىغانىم تاشتى،ئۇخلاپ قالغان بۇلاقلىرىم كۆزلىرىنى ئاچتى... مەن كارۋىتىمغا ئۆزۈمنى تاشلاپ چۈش قورغىنىمنىڭ قوۋۇقلىرىغا ئاستا-ئاستا ياماشتىم
*******************************************************
قوياشنىڭ بىر كۈنلۈك ھارارىتى سوۋىمىغان زىمىننىڭ تولغۇنىشلىرىدىن ھەيران بولۇپ جانغا بىردەم ئارام بېرىدىغان شاماللارنى چاقىرىشنىمۇ ئۇنۇتقان تىنجىق كېچە......
ساڭا ئاتاپ يازغان قەسىدىلىرىمدە قىينالماقتىمەن. مەن ئىچىمگە پاتمايۋاتقان جېنىم بىلەن ساڭا تەلپۈنىۋاتىمەن.سېنىڭ تۈن سەيلىسى قىلىدىغان چېغىڭ بولدى.بۇنى سائەتنىڭ چىكىلداشلىرىدىن ئەمەس،يۈرەكنىڭ تاقەتسىز سوقۇشلىرىدىن،ساڭا ئەگىشىپ ئارام تاپىدىغان كۆزۈمنىڭ دەممۇدەم سىرىتقا تىكىلىشلىرىدىن بىلىۋاتىمەن......
-ئەي جېنىمنىڭ زۇلىمى،ئەي دىلىمنىڭ ئارامى!مېنى قانداق تىلسىملاردا چاقىرىدىغانسەن؟قانداق سىھىرلەر بىلەن كۆڭۈل تىزگىنىمنى تارتىدىغانسەن؟؟......
تاقەتسىز تۇيغۇلاردا ئىشكىمنى ئەتتىم.جامالىڭنى كۆرۈش ھازىرقى بىردىنبىر ئىستىكىم ئىدى.ئۇدۇلىمدىكى ئۆي ئېگىسى ئادىتى بۇيىچە چىراقنى ئۆچۈردى....
-ئەي،بىئەقىل مەجنۇن،قەدەملىرىڭنى تىزلەت،مەلىكەڭنىڭ سەيلسى باشلىناي دېدى
-ئەي نازىنىن، كۆزۈم سېنى تاماششا قىلماقتا،كۆڭلۈم شادلانماقتا:سېنىڭ شولىدەك تولغۇنۇپ مېڭىشلىرىڭدىن،قەددىڭنىڭ مايسىلاردەك نازۇك تەۋرىنىشلىرىدىن ...مېنىڭ مىسكىن دىلىم تاغدەك ئۆسمەكتە......شۇ گۈزەل ھەركەتلىرىڭىڭ مېنىڭ قۇچىقىمنى مەڭگۈلۈك ئۇۋا قىلارمۇ ؟مەن شۇنداق بەخىتكە مۇيەسسەر بولالارمەنمۇ؟؟... بىلىكىڭنى يەڭگىلگىنە ئۇزۇتۇپ، يول بويىدىكى گۈللەرنى سىيلاپ ئۆتتۇڭ،گۈللەرنىڭ تەلىيىگە ھەسەت قىلىپ،ئىچىمنىڭ بىر يېرى ۋىژژىدە قىلىپ قالدى....سېنىڭ قولۇڭ تەگكەن گۈلنى ئاستاغىنا تۇتۇپ،كۆزۈمنى بىردەقىق يۈمدۇم...نېمىدىگەن شېرىن تۇيغۇ بۇ.... ئۈزىۋېلىشنى ئويلىدىميۇ،يەنە يالتايدىم،سېنىڭ قولۇڭنىڭ تەگكىنى ئۇنىڭ گۇناھى بولۇپ قالسا بولمايدۇ،بەلكىم ئۇ تېخمۇ چىرايلىق ئېچىلار...سېنىڭ سىيلاشلىڭ،مېنىڭ ئىنتىزارلىقىم ئۇنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزەر.........
مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىسقا تۇيۇلىدىغان سەيلەڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،خانەڭگە قايىتتىڭ.مەن ئىشكىڭ ئۇدۇلىدىكى دەرەخكە يۆلەنگۈنۈمچە نەينى پۇۋلەپ،مۇھەببەت تىلەكلىرىمنى ساڭا ئۇزىتىۋاتىمەن. ئەڭ شېرىن كېچىلەر پەقەت ساڭىلا تەئەللۇق.مەجنۇنىڭنىڭ كۈيلىرىدە يىنىك تەبەسسۇمىڭ بىلەن تاتلىق ئۇيقىغا كەتسەڭ، غېرىبىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغات مەلىكەم......
*********************************************************************
سەھەر....
قورامتاش ئارقىسىغا ئۆزۈمنى يوشۇرۇپ ئۇنىڭ نالىلىرىگە قۇلاق سالدىم!
ئۇزۇن يىللىق قاباھەتلەرنى،ئۇزۇن يىللىق پاراغەتلەرنى يالماپ تۇرۇپ دولقۇن ئۇرىۋاتقان دېڭىز شۇنچىلىك چوڭقۇر،شۇنچىلىك بىپەرۋا...
« ئۇ دېڭىز بويىغا ھېلىقى قومۇش نېيىنىلا ئىزدەپ كەلمىگەندۇـ ھە...؟» دەپ ئويلاۋىتىپ يالاڭئاياق پۇتلىرىمنى ئاپئاق كۆينىكىمنىڭ كەڭ ئىتەكلىرى بىلەن ئورىۋالدىم .
ئۇنىڭ شاماللارغا ،تاشلارغا ،سۇلارغا ئېيتىپ بىرىۋاتقان ھېكايىسىنى ئاڭلاۋاتىمەن...ئۇ ئاخىرى تاڭ ئاتقىنىنى سەزدى ،ئاھلىرى بىلەن قۇياشنىڭمۇ يۈرىكىنى ئەزدى...ئۇ كېتىۋاتىدۇ... پەقەت ئالدىغىلا تىكىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان كۆزلىرىم ياشقا تولدى!
ئۆزىگە تەئەللۇق بارلىق تەلۋىلىك،قاراملىق ھەم سەۋدالىقنى سىغدۇرالايدىغان،سىزەلەيدىغان،سۆيەلەيدىغان يۈرىكىم تىپىرلاشقا باشلىدى...مەن بۇلبۇلنىڭ سايرىشىغا قانمايدىغان گۈلدەك،يامغۇرغا باغرىنى ئېچىپ تۇرغان كۆلدەك، سىلكىندىم ئورنۇمدىن ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىزلىرى بىلەن بىزەلگەن ساھىلغا سۈزۈك نۇردەك،ئىسسىق كۆز يېشىدەك ئېقىپ كەلدىم......
" ئۇ ئەتىمۇ چوقۇم كىلىدۇ،مېنىڭ ئىزلىرىمنى ،مېھرىمنىمۇ كۆرىدۇ" دەپ شىۋىرلىغاچ قىرغاقتا سۇغا چىلىشىپ تۇرغان بىر پارچە قەغەزنى تىترەپ تۇرغان بارماقلىرىم بىلەن سۈزىۋالدىم .خۇددى كېچىلىرىمنى چۈشلىرىمدىن،مۇھەببىتىمنى تەرسالىقىمدىن سۈزىۋالغاندەك...خۇددى ئارمانلىرىمنى ئىسسىق جېنىڭدىن،ماڭىلا تەئەللۇق ئۆمۈرلۈك بەختىمنى قىسمەتلىرىڭدىن،بەرداشلىقىڭدىن،بارلىقىڭدىن سۈزىۋالغاندەك.....
پۇرلەشكەن،نەملەشكەن،سارغايغان بۇ بىر پارچە قەغەزگە نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ .ئوت بولۇپ ياندىم ،بار ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ ۋاقىرىغۇم،دېڭىز سۈيىنىمۇ ئارقىغا قايتۇرغۇم كەلدى...لەيلى.....لەيلى !!!توختىماي زىكرى قىلىنىۋاتقان پاك مۇھەببەتنى قۇياش بىلەن تەڭ كۆرۈپ جۇغۇلداپ كەتتىم...
- ئاھ ،خۇدا !مېنى كەچۈرگىن...ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوت سېنىڭ ئۇلۇغلۇقىڭ بىلەن مېنىڭ جېنىمغا تۇتاشتى....ئۇنىڭ قولىدىكى نەينى دېڭىزغا تاشلىۋەتكىنىمدىن رازى بولدۇم .ئۇ ئاخىرى قولىغا قەلەم ئاپتۇ...ئەمدى بىزگە قەلەم بىلەن مەستانىلەرگە،ئەلەم بىلەن ئشىق دۈشمەنلىرىگە يۈزلەنگۈدەك جاسارەت ئاتا قىلغىن...قارا پەلەك قارايتقان قاراقلىرىمنى مەجنۇنىمغا تۇمار قىل....ئۇنىڭ ئاھلىرىنى ماڭا ئاڭلاتقان ئۇلۇغلىقىڭ بىلەن، مېنىڭ نالەمنىمۇ ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزگىن،قاۋۇل قوللىرى بىلەن ئىشىكىمنى چەككۈزگىن......
كېچىدىن بىرى ياغقان يامغۇر تېخىغىچە توختىمىدى!گۈللىرىمنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى ئاڭلاي دەپ ھويلىغا چىقتىم .باھار قارلغىچى كەلگەندە ئۇسۇزلۇق بىرىمەن دەپ قويۇپ قويغان ساپال تاۋىقىمدا يامغۇر سۈيى چىچەكلەۋاتىدۇ...يالاڭئاياق پۇتۇمنى گۈل يىلتىزىدىكى پاتقاقلارغا مىلىدىم ،يامغۇردا نەمدەلگەن چاچلىرىمنى بارماقلىرىمدا ھوزۇرلۇنۇپ تارىدىم ...
يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى...ھىجران لەززىتى ، ھاياتلىق بەرىكىتى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپسىۋالدى.....توققۇز ئاي،توققۇز كۈن قوساق كۆتۈرۈپ ئانا بولۇش ئالدىدىكى زاتى ئۇلۇغلارنىڭ كۆز يېشىنى مۇشۇ يامغۇرغا ئوخشاتقۇم كەلدى.چۈنكى،ئۇلارنىڭ كۆز يېشى بارلىق ھەسرەت،ئەلەملەرنى مېھرى بىلەن يۇيىۋىتەلەيدۇ...
ـ ئەي،مەجنۇنۇم ! يامغۇر سۈيىنى توققۇز كۈن سۈزۈلدۈرۈپ،توققۇز ئوچاقتا توققۇز كۈن قاينىتىپ،توققۇز خىل دان،توققۇز خىل گۈل بەرگىنى تاشلاپ نورۇز ئېشى ئەتسەم،ئۇنىڭغا 99تامچە يېشىمنى قوشۇپ بەرسەم ئچەرسەنمۇ؟؟؟!ساڭا بىپەرۋالىق ،باغرى تاشلىق قىلغان گۇناھلىرىمدىن ئۆتۇپ مېنىڭ ئاھۇـ زارىمنى تىڭشارسەنمۇ؟!!!
ئۇيقۇسىز ئۆتىۋاتقىنىمغا ،سېنى كۈتىۋاتقىنىمغا سېنى ئىشەندۈرەي دەپ توققۇز تال يىڭنە بىلەن توققۇز بۇلاق قازدىم .توققۇز خىل سازنىڭ مۇڭىنى توققۇز كېچە يۇغۇرۇپ،توققۇز كۈندۈزنىڭ پەريادى بىلەن سۇغۇردۇم.
...كەل،بۇ كۈينى ئاڭلا...كۆزلىرىڭنى يۇم...مەنسۇرھەللاجى دار ئالدىغا كۈلۈپ كەلگەندەك كەل!
كەل،لەيلىنىڭ ئاشىقلىقىنى جۇنۇنلىقىڭغا،غېرىپلىقىنى يالغۇزلىقىڭغا،سېغىنىشلىرىنى سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئۈزىكىدىكى ھېكمەتلەرگە قوشىۋەت....كەل،مەجنۇن….
نەشتىرىم بىرلە جېنىڭدىن بال ئېلىپ ئۆتكۈم كىلەر ،
دوۋزىقىڭنى سەنمۇ كەڭ ئاچ كۈل بولۇپ كەتكۈم كلەر...
سېنى شۇنداق سېغىندىم...
مەريەم ئانىمىز تولغاق تۇتقاندا يۆلىنىۋالغان خورما دەرىخى،خورما دەرىخى ئاستىدىن ئاڭلانغان نىدا ۋۇجۇدۇمنى قاپسىۋالدى.ئاللاھنىڭ ھىكمىتى،ھاياتلىقنىڭ ھىممىتى ئۈچۈن پارلاۋاتقان قۇياشقا باغرىمنى تۇتۇپ ئشىكتىن چىقتىم .بوسۇغىدىن پۇتۇمنى ئېلىشىمغا تاپىنىمغا بىرتال تىكەن سانجىلدى.شۇنداق سۆيۈنىپ،سەن دەسسىگەن توپىغا رايىشلىق بىلەن باغرىمنى ياقتىم .دەرىزەم تۈۋىدە ساڭا ھەمراھ بولىدىغان قۇرۇق قەپەزگەمېھرىم بىلەن قارىدىم...
*****************************************************
كېچە...
قەدەملىرىڭ ئىزى قالغان يولدىن ھىدلىرىڭىنى پۇراپ،ھەر قېتىملىق نەپىسىم بىلەن ساڭا ھېسابسىز مەدھىيلەرنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر كېچە...
ئەي ،قومۇشتەك نازۇك ۋۇجۇدى بىلەن پىرچەڭگىنىڭ كۈيلىرىنى تاراتقۇچى!ئەي،كۈلكىدىن يارالغان مەۋجۇتلىقىدا دۇنيانى يىغلاتقۇچى!كىرپىك نەشتەرلىرىڭنى تىنىمگە سانجىپ،كۆزلىرىڭ ئىچىدىكى دوزاققا مېنى سۈرگۈن قىلىۋەت!تومۇچۇقنىڭ سايراشلىرىدەك خەندان كۈلىكىرىڭ بىلەن ئەقىل قۇلىقمنى گاس قىل...مەن تاش شەھەرنىڭ شور باسقان بۇلىڭىدىكى يىگانە تىكەن...قارا بوراندەك ئاياقلىرىڭدا بىر دەسسەش بەر!مەن-دۇنيانىڭ سىرتىدا قالغان سەھرادا، قۇمغا كۆمۈلۈپ قالغان دىۋانە قەبرە... دۇئالىرىڭدىن ماڭا سەدىقە قىل!...
ئىشقىڭ بالاسىدىن دەرتكە ئايلاندىم.سەن -تەكەببۇر جەرراھ،شىپاھ جامىنى زىنىقىڭغا قويۇۋېلىپ،خىرامانلىق بوستاندا قاقاقلاپ كۈلدۈڭ!...ۋىسال كېچىسى تۆكۈلگەن لەختە قاندىن،ئادەملىك كوچىسىغا بىنا بولدۇميۇ،سېنىڭ ئاپەتلىك يامغۇرۇڭغا يولۇقۇپ،سەۋدا پارتىلاش بىلەن ئەسلىمگە ياندىم...
«دوزاق ئوتىدا قانچىلىك كۆيگۈڭلار كەلسە،شۇنچىلىك گۇناھ قىلىڭلار!»
ماڭىلا ئاتالغاندەك بىشارەتلەرگە،ساڭا بىتاقەت تەلمۈرۈشۈم بىلەن ئېسىلدىم.يۈرىكىمدىكى ئاتەش،سەن قەبرەمگە كېلىپ ئوقۇيدىغان جەننەت بايانلىرى ھەققىدىكى قىرائەتلەر بىلەن يانسا ئەجەب ئەمەس...
******************************************************************8
سەھەر .
نەمخۇش قۇملارغا دەسسەپ كېتىۋاتىمەن ...ئىللىق شامالدا يەلپۈنىۋاتقان قوڭۇر چاچلىرىمنى بارماقلىرىمدا تارىغاچ دائىمقىدەكلا سېنى خىيال قىلدىم .ئىزلىرىڭنى يالاپ تىترەۋاتقان سۇلارغا پۇتلىرىمنى چىلاپ بېقىۋىدىم ،تاپىنىمدىن كىرگەن ئللىق سىزىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى.ساھىلغا سۈزۈلۈپ چىقىپ قالغان قۇلۇلە قاپلىرىنى تەرگەچ كىتىۋاتىمەن....ئىچىمدە چىدىغۇسىز تىت-تىتلىق...پەقەت مەنلا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بىرخىل سېغىنىش زۇلمىتى....
كېتىۋاتىمەن...شىرىقلاۋاتقان قۇملاردا،كۆيىۋاتقان ئاپتاپتا،نالە قىلىۋاتقان سۇلاردا مېنىڭ پەريادىم،تەلپۈنىشىم،تىۋىنىشلىرىم بار مەجنۇنۇم !
كۆزۈم تۇيۇقسىز شۇنداق مىھىرلىك،شۇنداق سۈزۈك بىر تاشقا چۈشتى.قولۇمدىكى قۇلۇلە قاپلىرى ئىختىيارسىز چېچىلىپ قۇمغا ئايلاندى.
مەن يۈگۈردۈم...يۈگۈردۈم...كۆزلىرىمدىكى ياشنى،چېكىلىرىمدىكى تەرنى سۈرتۈشكىمۇ ماغدۇرۇم قالمىغىچە يۈگۈردۈم...سۇ بىلەن ئاپتاپمۇ مەن بىلەن تەڭ يۈگۈرىۋەردى...
مانا،ئۇ تاش كۆز ئالدىمدىلا تۇراتتى!!! مەن يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئۇنى ئالقىنىمغا ئالدىم.دەل شۇ چاغدا،غايىپتىن چۈشكەن كۆكۈش بىر نۇر تاش ئۈستىدە چىچەكلەپ كەتتى...مەن ئۇ چىچەكلەر ئارىسىدىن شۇقەدەر تونۇش بىر پۇراقنى ھىدلىدىم .مەن ئۇزۇندىن بىرى كۈتكەن مېھرىبانلىقنى،ئىزدىگەن سۇمبۇل-سۇمبۇل پىراقنى كۆردۈم:
ـ ئەي،لەيلى! دەرەخ كاۋىكىدا ئولتۇرغان ئايالنى،ئوغۇزخان سۆيگۈ پاراغىتىگە چۆمدۈرگەن.تۇمارىسنىڭ قولىدىكى قىلىچ ،قېرىنداشلىق رىشتىنى ئۈزگەن،ئادىمىيلىك ئىززىتىنى ساتقانلارنى قان-زەرداپ دەرياسىغا چۆكتۈرگەن....كەل،پىشانەڭگە ئانىلىق مىھرىم بىلەن سۆيەي...مەجنۇنىڭنى كۈت ،ئۇنىڭ بوينىغا مەن ئاسقان تۇمارغا قىسمەتلىرىڭنى،جاسارەت ھەم ساداقىتىڭنى پۈت قىزىم!
مەن ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىدىم ...يەنە كەچ بولدى ...كېچە ئاسمىنىدىكى زۆھرە يۇلتۇزى كۆز قاراقلىرىمدەك ئىرىشكە ،سېنى سېغىنىپ لال بولغان ۋۇجۇدۇمدەك تىترەشكە باشلىدى....
ئىسمىم ئويۇلغان بۇ تاشنى توغراق يوپۇرمىقىغا ئاۋايلاپ ئوراپ بوينۇمغا تۇمار قىلىۋالدىم .ئىچىمدىكى زەرداپلىرىمنى،سېغىنىشلىرىمنى سېنى تونۇيدىغان يوللارغا بەردىم!
كېتىۋاتىمەن،چاچلىرىم چۇۋۇق،پۇتلۇرۇم يالاڭئاياق پېتى كىتىۋاتىمەن...بېشىمدىكى ھالرەڭ ياغلىق مەيىن شامالدا يەلپۈنىۋاتىدۇ .ۋۇجۇدۇم شۇنچىلىك بىتاقەت،شۇنچىلىك ئەزىز!يوللۇرۇم شۇنچىلىك تار، شۇنچىلىك لەزىز...
تار بىلەن ئەزىم بولغان دەريانى كۆر ،
ئاھ نېچۈن كۈي باغلىدىڭ جانىمغا سەن .
پۈتمىشىم شۇ بولسىمۇ چىن پۈتمىدىم ،
باغرىڭنى ئۆزۈمگىلا بىلدىم ۋەتەن .
تۇترۇق ئەتسەم سەۋىرنىڭ گۈلخانىغا ،
كۈل ئارىسىدىن دان ئايرىدىڭ قۇش بولۇپ .
نالىشىم ئۇچتى قايان ھىچ بىلمىدىم ،
ئۇھ دىسەم قالدى كۆزۈمگە ياش تولۇپ...
ـ ئى مەجنۇنۇم ،سېنىڭ سەرسانلىقىڭغا سەۋدا،سەۋدالىقىڭغا ھەقدار ئىكەنلىكىمنى ،ئىشىق دۈشمەنلىرىگە تىكەنلىكىڭنى بىلىمەن .بىلىمەن،بىلىپ تۇرۇپ كۆيىمەن .كۆيىمەن،كۆيۈپ تۇرۇپ مەشۇقلىقنىڭ ھالاۋىتىنى سۈرىمەن...
قەسىدىلىرىڭگە كۆنۈپ قالغان يۈرىكىم پۇچۇلىنىۋاتىدۇ ! سەن كەزگەن چۆللەرنى كۆرىمەن،ئىزلىرىڭغا قېنىپ-قېنىپ سۆيىمەن دەپ ئۆيدىن چىققىنىمغىمۇ توققۇز كۈن بوپتۇ ...سېنىڭ پەريادلىرىڭنى ،بەرداشلىقڭنى تەبئەت ئۆز ئۇلۇغلىقى بىلەن سۆزلەپ بەردى .كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياشلارنى توغراق يىلتىزلىرى كۆيۈك تۇپراقتىن مىھرى بىلەن تىرىۋالدى .
ـ لەيلى ،ئەمدى قايتقىن ...ھويلاڭدىكى سەن بىلەن مۇڭدىشىدىغان ياۋا گۈللەر قۇرۇپ قالمىسۇن. مەجنۇنۇڭ ئشىكىڭ ئالدىدا ھەسرەت چىكىپ تۇرۇپ قالمىسۇن ...كۆكلەم قارلىغىچىدەك ئۇچۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەڭ يە لكىللىرىگە قونۇپ سېغىنىشلىرىڭنى قۇلىقىغا شىۋىرلاپ بەر...
*****************************************************************
چىچەكلەپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا كۆرگۈ بولىۋاتقان تەمكىن دېڭىزغا قاراپ،يۇلتۇزغا ئايلانغۇم كەلگەن يەنە بىر كېچە!.......
ئىچ -ئىچىمدىن بۇقسۇپ تۇرغان سەۋدالىقىم ماڭا ئارام بەرمەيدۇ.سېنى كۆرمىگىنى توققۇز كۈن بولدى،دىلبەر!پەلەكنىڭ رەشكى تۇتىۋاتامدىكىن، مەن بىلەنلا قالدى.سېنىڭ ھىجرىڭدا كۆيىۋاتقان تىنىمگە پەرۋاسىز قاراپ،زەھەر بىلەن سۇغۇرۇلغان قامچىدىن توققۇزنى ئۇردى.ماڭا ئەجەلدىن خەۋەر يوق،زۇلۇمنىڭ تايىقى بار!كۆزۈمدە كۆڭلۈڭ يوق،قاننىڭ ئايىقى بار!قولۇمدا تۇرغىنى بىلىڭ ئەمەس،بەرداش!يۈزۈمگە تەگكىنى لىۋىڭ ئەمەس،كۆز ياش،بوينۇمدىكى بىلىكىڭ ئەمەس جېنىم،ئاپامدىن قالغان قارا تاش...
مېنىڭ ئەگىشىشلىرىمنى سېغىنمىغان بولساڭمۇ،يوللارنىڭ قەدىمىڭگە ئىنتىزار يۈرىگىنى دەسسەشنى ئويلىمىدىڭمۇ؟نەي ئاۋازىغا كۆنمىگەن قۇلىقىڭغاگۈللەرنىڭ پىچىرلاشلىرى كىرمىدىمۇ؟؟چاڭقىغان چۆللەرنى ياۋايى خۇيۇڭ بىلمىدىمۇ؟؟تۆنۈگۈن كېلىپ ئىسمىڭنى ئويۇپ قويغان تاشنى تاپالمىدىم،بەلكى ئۇنىڭمۇ سەۋرىسى تېشىپ،ئايىقى چىققاندۇر!بەلكى يۇمۇلاپ-يۇمۇلاپ ئۆزىنى سوغاق تاملىرىڭدىكى بىرەر تۆشۈككە تىققاندۇر!؟...
توققۇز پارچە بولدى يۈرىكىم،
سەنسىز قالغان توققۇز كېچىدە.
توققۇز يۇلتۇز ئاقتى كۆزۈمدىن،
توققۇز كۈندۈز زۇلمەت ئىچىدە...
ئەگەر پەلەكنىڭ رەشكى تۇتقان بولسا،ئۇنىڭ ھەممە جادۇلىرى مېنى چىرمىسۇن جېنىم!مۇھەببەت دۈشمەنلىرىنىڭ غەزىپى ئۆرلىگەن بولسا،ئۇلار تاشلىغان تىكەننىڭ سېنى قانىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈريالاڭئاياق يۈرىمەن!!ئىشىق كوچىسىغا ئۆچ جانلار مېنىڭ قېنىمنى
ئىچسۇن!................ئامانلىقىڭ ئۈچۈن ئىبادەتتىمەن!
ناندەك ئۇلۇغ ۋە مىھىرلىك تۇيغۇ ئىچىدە ساھىلنى ئايلاندىم،بىلىمەن ئېچىرقاپ كەتتىم.......
مەجنۇن،مەست بولغان مەجنۇن!توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرگەن ئانا توققۇزىنچى دەقىقىنى توشقۇزۇپ بىر ھاياتلىقنى تەۋەللۇت ئەتكەندەك،توققۇز كۈندىكى پۇرقەت ساڭىمۇ ئۇ گۈزەلنىڭ بىر نەزىرىنى ئاتاقىلغۇسى..........
****************************************************************
جاھاندىن قايسىبىر ئاشىق سېنىڭدەك ئوت بۇلۇپ ئۆتكەن
جاھاندا قايسىبىر مەشۇق مېنىڭدەك باغرىنى سۆككەن
سەھەر
پۇچۇلىنىۋاتقان يۈرىكىمنىڭ تىۋىشىگە قولاق سېلىۋاتقىنىڭنى،ناخشامنى ئاڭلاۋاتقىنىڭنى سېزىۋاتىمەن مەجنۇنۇم.
ئاخشام سېنىڭ جۇنۇنلىقىڭغا، بەرداشلىقىڭغا كۆنۈپ كەتكەن ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم ماڭالمايدىغان بۇ يولدا، پۇتلىرىمنى شاد ئېتىپ، سېنىڭ ھەربىر كېچىدىكى ئاھلىرىڭنى ياد ئېتىپ كېتىۋاتاتتىم. يۈگۈرگىنىڭچە كېلىپ،تۇيۇقسىزلا مېنى چىڭ قۇچاقلىشىڭنى كۈتىۋاتاتتىم. لىكىن، تىلىمدىكى ھەم دىلىمىدىكى خەنداننىڭ- سېنىڭ ئاشىقلىقىڭنىڭ ئىشىق دۈشمەنلىرىڭنىڭ نەيرەڭلىرىگىمۇ بىللە ئوت ياققانلىقىنى بىلمەپتىمەن جېنىم.
ئاسمانغا قارىۋىدىم ، يۇلتۇزلار پارە-پارە بولدى، يەرگە قارىۋىدىم، توپىلار ئاستا- ئاستا تۇرۇشقا باشلىدى، قەدەملىرىم ئېغىرلىشىپ، كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى تىتىرەپ تۇرۇپ شىلدىرلىدى:
-لەيلى، كەينىڭگە قارا... مەجنۇنىڭنى چاقىر! ۋۇجۇدۇڭدىكى پەرياد، ئاۋازىڭدىكى پىراق جادۇگەرنىڭ ئەپسۇننى گۈل قىلالايدۇ، تېز بول...
مەن كەينىمگە قايرىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي يىقىلدىميۇ، سېنىڭ ئېسمىڭنى توختىماي شىۋىرلىدىم. بۇ شىۋىرلاش، مېنى بىھۇشلىققا بەنت بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىيالايدۇ دەپ ئويلىغىنىمدىن رازى بولدۇم......مانا سېنىڭ ئاياق تىۋىشىڭ يېنىمغا پۈررىدە ئۇچۇپ كەلدى، نەپەسلىرىڭدىكى ھارارەت، مېنى چاقىرىشلىرىڭدىكى جاسارەتتىن جۇغۇلدۇدۇم.....ھەممىگە قابىل قوللىرىڭنىڭ ماڭا سوزۇلغانلىقىنى، مېنى قۇچىقىڭغا ئالغانلىقىڭنى سېنى سۆيگەن يۈرىكىم بىلەنلا سېزىپ تۇردۇم. باغرىڭدا شۇقەدەر تىنىچ ھەم لەرزان پېتى سوزۇلۇپ تۇرۇپ نالە قىلدىم.
-ئى ئاللاھ، كۆزلىرىمگە نۇر، تىلىمغا سۆز بەر مەجنۇنۇمنىڭ مېنى باغرىغا بېسىپ كېتىۋاتقاندىكى تۇرقىنى، تەلمۈرگەن كۆزلىرىنى كۆرۈۋالاي، ئۇنىڭ كەڭ ئالقىنىغا بېشىم قۇيۇلغان قاۋۇل بېلەكلىرىگە سۆيىۋالاي...
تىنىقلىرىڭ يۈزلىرىمگە تاڭ شامىلى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇرۇلدى. مەن يېنىك تىن ئالدىم. لېكىن كۆزلىرىمنى ئاچالمىدىم. پەقەت، ئاللاھقا سېغىنىپ تۇرۇپ شۇنىلا دېگۈم كەلدى:
-ئې مەجنۇن! مېنى يەرگە ئەمەس سېنىڭ باغرىڭغا يىقىتقانلارنى، سۈكۈتلىرىڭگە بۇلبۇلنىڭ قېنىنى تېمىتىپ، جۇنۇنلۇق يۇلۇڭنى يۇرۇتقان، سەندىكى ئىشىق كامالىتىنى ئۇنۇتقانلارنىمۇ خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!
مەجنۇنۇم، سەن مېنى شۇنچىلىك قىيالماسلىق بىلەن باغرىڭدىن ئېلىپ كارۋىتىمغا ئاۋايلاپ قويدۇڭ، مەن كەچ بولغىچە مۇشۇ گۈزەل ھەم مەڭگۈلۈك تۇيغۇغا چۇلغۇنۇپ يېتىشنى، سېنىڭ يېنىمدا بۇلۇشىڭنى خىيال قىلىپ يەنە كۆزلىرىمنى ئاچمىدىم......
****************************************************.
كېچە...
نازۇك پۈتلىرىڭ بىلەن زىمىننى كۈلدۈرۈپ،سەنلا ئوقۇيالايدىغان ئاشۇ ناخشا بىلەن شاماللارنى ئىللىتىپ،ئاجايىپ خۇلىقىڭ بىلەن يۈرىكىمدە قىيغىتىپ سەيلە قىلىۋاتقان يەنە بىر كېچە......
قەدىمڭدە بارلىقىمنى سۆرەپ خانەڭگە بۇرۇلدۇڭ،ياق ،ئۈنسىز خوشلىشىشڭدا پۇرقەتنىڭ بۇلىقى بولغان كۆزۈمگە قاندەك قۇيۇلدۇڭ...قولۇڭدىن تارتىپ باغرىمغا باسقۇم كەلدى.چاچلىرىڭنى بوينۇمغا يۆگەپ ،سېنى مەيدەمگە ئاسقۇم كەلدى.ياۋايى كۆزلىرىڭگە قارچۇقىمدىكى سەۋدالىقتىن بىر تېمىم تۆكسەم،ئىتىكىڭگە بۇلبۇلنىڭ لىۋىدىكى قاندەك ساقىپ،مەۋجۇتلۇقىمدىن يۈتسەم...كاشكى،ئاقار يۈلتۇزدەك يۈرىكىڭنى چىشلىگىنىمچە،ئوتۇمدىن ئۆچسەم......
بىردىنلا يۈرىكىم ئەنسىز دۈپۈلدىدى،تىنىقىم ئۈزۈلدى.مەلىكەم مېڭىشىدىن توختىدى،ياق،بۇلۇتلاردەك لەرزان تولغۇنۇپ يەرگە يىقىلدى...تۈن قاراڭغۇسى ياۋۇزلىقى بىلەن كۆزۈمگە تىقىلدى...
- ئەي ،تەلۋە مەجنۇن!نىمە قىلىپ قويدۇڭ؟!ئۇنىڭ يولىنى توسۇش ئۈچۈن قانداق ئەپسۇن ئوقۇدۇڭ؟؟ئۆز نەپسىڭ ئۈچۈن شورلۇق تىللىرىڭ بىلەن قاي زاماندىكى جادۇلارنى توقۇدۇڭ؟؟؟...ئارامگاھىغا بەش قەدەملا قالغاندا ،ئەقلى كېسىلگەن جېنىڭدا قانداق توزاقلارنى قۇردۇڭ؟؟!!...ئون قەدەمنى بىر نەپەستە باستىم.ئۇ پەرىشتىنىڭ نۇردەك قامىتى يېنىغا گۇناھكار تىزلىرىمنى قويدۇم...شارقىراتمىدەك چېچىنى ئاۋايلاپ ئۆرۈپ،بىر قوياشنى كۆيگەن پېتى قۇچىقىمغا ئالدىم،گاچا تىلىم بىلەن مىڭلاپ ئاھ سالدىم.......
كۆزۈم تەگسە جامالىڭغا،پەلەكنىڭ قارغىشى تۇتقاي،
سەۋەب بولسام بۇ ھالىڭغا،قارا يەر قارنىغا يۇتقاي.
پەيدەك يەڭگىل بۇ تەندىن بېشىمغا چۈشكەن تاغدەك سەۋداغا ھەيرانمەن.توۋا،ئاپتاپتەك چىھرىسىدىن قارا كېچىلەردە سەرسانمەن!...نوتىدەك يۇمران بىلەكلەر قانداقسىگە نىمجان تىنمگە ھاسا بولغاندۇ؟چىۋىقتەك بەلچۇ؟قايسى قۇدرەت بىلەن بوينۇمغا دار ئاسقاندۇ؟؟باغرىمدا سۇنايلىنىپ ياتقان مەلكىنى مىڭبىر قىيالماسلىق بىلەن كارۋاتقا ئاۋايلاپ قويدۇم.پىشانىسىگە يۇقۇشقان توپىنى پۈۋلىگىنىمچە،بېشىدا بىر ئەسىر ياق،بىر دەقىقە تۇردۇم.ئۇنىڭ بىھۇش ھالىنى كۆرۈپ،بېشى مەيدىسىگە ئېڭىشكەن گۈللىرىنى كۆز يېشىم بىلەن سۇغۇردۇم......
- مەجنۇن،ئەنسىرىمە !ئۇنىڭ يىنىك تىنىقى بىھۇشلۇقتىن ئۇيقىغا قايىتقانلىقىدىن بىشارەت!مېھرىڭدىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىنچا ئارتىپ يۈكۈن !گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى،تەۋبەڭنى ئاڭلايدۇ......
ئەل قىسسە يىگىت ئشىق سۇپىسىغا يۈكۈنۈپ تۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈردى:.
سەن نېچۈن بۇلبۇل لېۋىدىن تامغان قىزىل قانسەن چىمەن،
ھىجرۇكۈلپەت تاغلىرىدا ئاھۇغا خالسەن چىمەن .
ئىسمى زاتى بولسا ئاشىق مەشۇقى دىۋانىدۇر،
ئول پىراق زۇلمەتلىرىدە يۇلتۇز بولۇپ يانسەن چىمەن.
دار بولۇپ غەم قۇشلىرىڭغا پېيىنى ئوتقا چىلاي،
ئاشۇ ئوتتا قىزىرىپ پىشقان تولۇق نانسەن چىمەن.
ئى پەلەك رەنجى بىلەن تارتقانلىرىڭنى تار قىلىپ،
بىناۋا كۈن،بىناۋا تۈن ھەققىدىن چانسەن چىمەن.
قەھرىدە قات-قات تۇمان بار ئاسمىنىڭدىن تار جاھان،
خەنجىرىم بىسىدىكى قاينىغان جانسەن چىمەن.
4-باپ
ئاپتاپ كۆرگەن ئەر
پەلەك پەريادلىرى چىچەكلىگەن قۇملارنى،رىيازەت نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان تاغلارنى،ئىشىق ھېكمەتلىرى ئېقىپ تۇرغان دەريالارنى كىزىپ كىلىۋاتقان يىگىتنىڭ ئاق قاشقىلىق ئېتى يايلىسىنى مەيىن شامالدا يەلپۈتۈپ،تۇياقلىرىدا تۇپراقنىڭ دەردىنى تىڭشاپ،كىشنەشلىرى بىلەن تەبىئەتنى لەرزىگە سېلىپ كىلىۋاتاتتى.ئۇ يول بويى بۇلبۇلنىڭ ھەسرەتلىك نالىسىگە،قەپەزدىكى تاغ قۇشقىچىنىڭ بۇغنىقىشلىرىغا،كاككۇكنىڭ مۇڭلۇق سايراشلىرىغا قۇلاق سالدى.
تورغاينىڭ يەر تاتىلاپ يىرىلغان تىرناقلىرى كۆز ئالدىدىن كەتمىدى.ئۇ تۈن قوۋۇقىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ نۇرىدىن،ئاينىڭ يارقىن دېغىدىن،يوپۇرماقلارنىڭ يىنىك شىلدىرلاشلىرىدىن نىمىلەرنىدۇر ئىزدەيتى.ئۇ تالاي لەۋلەردىن ئىستىقامەتتىكى ئەبىدىيلىك قەسىدىلەرنى ئاڭلىدى،تالاي كۆزلەردىن ئۆزى ئۈچۈن تۆكۈلگەن ياشلارنى سۈرتتى.شۇنداق قىلىپ ئاق يورغىنىڭ يورغىلاشلىرى يەنە تالاي يىللارنى ئارقىدا قالدۇردى.بۇ جەرياندا گۈللەر ئۇنى باغلىرىغا باشلىدى،سۇلار ئۇنى دەرياسىغا تاشلىدى.ئانىسىنىڭ بەرىكەتلىك دۇئاسىنى تۇمار قىلىپ ئېسىۋالغان يىگىت قۇشلارنىڭ ئورمىنىنى،تاغلارنىڭ ئۆڭكىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ئاخىرى ئۆز مەھەللىسىگە ئامان –ئىسەن قايتىپ كەلدى:
كەل مېنىڭ ئاھۇ پىغانىم،قىسمىتىمگە سەن كېرەك،
كۆبجىگەن تومرۇمنى كەسكىن بەرگىن قېنىمدىن سەن دېرەك.
لەختە –لەختە ئاسمىنىمدا قۇشلىرىم بىگانىدۇر،
تاغلىرىمغا باش ئۇرۇپ يىغلار نېچۈن چەرخى پەلەك.
شاھى مەشرەپنىڭ يالاڭياق پۇتلىرىغا زار بولۇپ،
كىم زىمىن پەريادىنى ئاڭلايدىكىن سەندىن بۆلەك.
بۇ نالىلەرنى ئاڭلاپ يىگىتنىڭ ۋۇجۇدى لەرزگە كەلدى:
مەن تاراملاي چاكۇچاك ھىجىر چۆلىگە جان ئانا،
بىر كۆڭۈلنىڭ دارىدىن توزىسۇن توققۇز چېچەك.
سەن ماڭا نىشانىسەن ئاتى زۆھرە قەدرى ئوت،
يۈزلىرىڭگە پەردە تارتقىن تاڭ ۋەسلىنى قىلغىن لىچەك.
بۇ يوللار يەنە شۇ پېتى....جىلغىغا ،تاغلارغا قارىغانچە نەۋقىران يىگىت بىر بۇردا ناندەك ئۇۋۇلدى....
ئۆيۈڭدە بىر كۈپ بار ئۇنۇتما بالام،
سېغىدۇ ئۇنۇڭغا يەتتە قاپاق سۇ.
چۆلدە بىر بۇلاق بار ساڭىلا تونۇش،
بۇ پۈتمىش،بۇ سۆيگۈ ھايات دېگەن شۇ.
تۇنجى رەت بارغاندا باھار يامغۇرى،
سەن ئۈچۈن ئۇسۇلۇق بولغان تۆكۈلۈپ.
كەينىڭگە يانغانسەن بۇلاق بويىدىن،
سۇ ئەمەس يامغۇرنى لىقلاپ كۆتۈرۈپ.
سەن يەنە يول ئالساڭ ئىككىجى قېتىم،
ئاۋازىڭ قۇشلارنى كەينىڭگە سالدى.
چۆل يەنە چۆل پېتى كۆيەر لاۋۇلداپ،
سېنى دەپ بۇلاقنىڭ كۆزلىرى تالدى.
ئىشىكىڭ ئېچىلسا ئۈچىنچى قېتىم،
بىر ئوغلاق بوسۇغاڭدىن ئاتلىدى لەرزان.
پۇرايدۇ بويۇڭنى يالاپ يۈزۈڭنى،
ھاياتلىق سەن ئۈچۈن شۇنچە قەدىردان.
بۇلاقنىڭ بويىغا يەتمەي تۇرۇپلا،
سەھەر شەبنىمىگە قاپىقىڭ تولدى.
سەن ياندىڭ خىرامان لىقتۇر ھەم قەلبىڭ،
شاماللار قۇلىقىڭغا شىۋېرلاپ قويدى.
سەن سۇغا ماڭغاندا تۆتىچى قېتىم ،
چۆلدىمۇ تۆت قۇلاق كۆرۈندى مانا.
مەجنۇننىڭ پىراقىغا ئايلاندى ئاپتاپ،
لەيلىنىڭ بەختىگە قىلدى ھەم دۇئا.
ئۇنتۇلدى قاپاق ھەم ئۇنتۇلدى بۇلاق،
ئىشىكىڭ تۈۋىگە كەلدىڭ گۇگۇمدا.
ئاھ سېنىڭ تەرلىرىڭنى سۈرتمىدى ھىچكىم،
بىر تۇتام تۆت قۇلاق بىرجۈپ قولۇڭدا.
بەش بارمىقىڭغا سىنچىلاپ قاراپ،
يىشىل دەرۋازىدىن چىقساڭ جىممىدە.
بۇلاقنىڭ يىغىسى ئاڭلاندى ھەيھات،
يۈرىكىڭ ئاغرىغاندەك بولدى چىممىدە.
يۈگۈردۈڭ، يۈگۈردۈڭ چۆلمۇ تىترىدى،
بۇلاقنىڭ بويىغا كەلدىڭ ئاخىرى.
ئۇنۇڭدا سۇ ئەمەس تاشلارنى كۆردۈڭ،
ئانا تەبىئەتنىڭمۇ قورۇلدى جېنى.
قولۇڭدا بىر ئۇچۇم سۈزۈك-سۈزۈك تاش،
ئارقىڭغا ئۆرۈلۈپ قالدىڭ ھەم ھەيران.
سەن ماڭغان يوللاردا يەلپۈنەر چىمەن،
بىر كۈلكە يۈگۈردى چىھرىڭگە شۇئان.
ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىڭ مىھرىڭدە،
ھاياتنىڭ گۈزەللىكى بىلىندى يانا.
كارۋاتتا يىللاردەك ياتار سوزۇلۇپ،
يولۇڭغا تەلمۇرۇپ مەڭگۈلۈك لاۋا.
تاڭ ئاتتى سەن يەنە چىقتىڭ ئىشىكتىن،
ئالتىجى قېتىمدا ئارغىماق مىنىپ.
چىمەنلەر ئارىسىدا پارلىدى قەدرىڭ،
چۆللەرنى ئايلاندىڭ قېنىپ بىر قېنىپ....
بۇرۇنقى شۇ چۆلدە ھىجرانلىق بىر باغ،
بۇلاقنىڭ بويىدا ئولتۇردۇڭ ئۇزاق.
كۈيلىرىڭ ئەۋجىگە چۆكتى بىر پىغان،
ئىگىسىز بۇ باغدا بىر تاللا ساداق.
سەن بەلكىم كىلىسەن يەتتىجى قېتىم،
باغرىڭدىن يوللارغا تۆكىلەر دەرمان.
ئاھ سېنىڭ قولۇڭنى تۇتقانچە كىلەر،
بۇلاقنىڭ بويىغا مەندىكى ئارمان.
ئۆيۈڭدە بىر كۈپ بار ئۇنۇتما بالام،
سېغىدۇ ئۇنۇڭغا يەتتە قاپاق سۇ.
چۆلدە بىر بۇلاق بار ساڭىلا تونۇش،
بۇ پۈتمىش،بۇ سۆيگۈ ھايات دېگەن شۇ
ئانىسىنىڭ سەپەرگە ئۇزاتقان چاغدىكى ھىممەتلىك دۇئالىرى،مۇڭلۇق ھەم ئۆتكۈر كۆزلىرى يىگىتنىڭ كۆڭۈل بېغىدىن مانا مۇشۇنداق سۈزۈك سۇدەك ئېقىپ ئۆتۈشكە باشلىدى....ئۇ ئېتىنىڭ يايلىنىڭمۇ بارغانسىرى پارقىراپ ،كۆزلىرىنىڭمۇ بۇ تونۇش تۇپراقتىن نېمىلەرنىدۇر ئىزلەۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ ئۇنىڭ كىشنەشلىرىگە قۇلاق سالدى:
جەھلىدىن تاغنى يۇلۇپ دەريا قۇرۇتقان نەۋقىران،
سەن ئۈچۈن پەيمانە بولسۇن تىترىسۇن جانۇ جاھان.
مەن ئۆزۈمگە شۇ زامان قامچا سالغان ئۇنتىما
ئىگىرىمگە ئىككىلىك خەتنى يوشۇرسا بىر جۇۋان .
سەن ماڭا بەرسەڭ نېمە ئەمدى ئۇنىڭغا يەتكۈزەي،
باش قويۇپ يايلىمغا بۇدەم ئۆكسۈپ يىقىلغاي ناتىۋان.
ئارەزى قان ئۆزى گۈل قوشسا تاقەت بەختىگە،
ئەيلەيىن رەببىمگە نالە يارالغىنىمغا بى زۇۋان.
رەنجىدىن چەرخى پەلەكنىڭ مەشۇقۇڭ بىگانىدۇر،
سەۋرىسى تاش ،سۈلكىتى ياش ئاسمىنىدا بۇك تۇمان.
ئەسلى زاتىڭدەك ئۇلۇغ پاكىز تۇيۇلدى ئوت ئەجەپ،
سەن ماڭا مىنگىن زەپەردەست باش ئىگەي قىلما گۇمان.
تۇپرىقىڭدا تۇغ بولۇپ يانغان ئىشىق سەۋداسىسەن،
قوللىرىدا تۇز تۇتۇپ ساقلار سېنى ماھى تابان.
يىگىتمۇ ئاق قاشقىلىق ئېتىنىڭ تۇياقلىرىغا مىھرى بىلەن قاراپ قويۇپ ئۇنىڭ كىشنەشلىرىگە ئۇلاشتى:
سارغىيىپ پىشقان ئازاپنىڭ شىرنىسى كۆزۈمدىدۇر،
ئىھتىمال قىسمەتلىرىمنىڭ باشلىمى ئۈنىڭدىدۇر.
ئىنتىزار بولغان باھارنىڭ باغلىرى ھەيرانمىكىن،
ئىشىق سەۋدا تاغلىرىنىڭ سايىسى يېنىمدىدۇر.
كۈتكىنىم شۇدۇر ھاياتتىن داغۇ ھىجران غارىدا،
تەن ئالاي ئىمكانلىرىم،غەليانلىرىم سېنىڭدىدۇر.
ۋادىرىخ زۇلمەتلىرىمگە ئوت ياقمىغانكەن ھىچ كىشى،
مىسلى ئاتەش ئارمىنىم قولۇمدىكى كۈلۈمدىدۇر.
قەھرىم ھەم قەدرىمدىمۇ ياشنىدى خۇشبۇي چىمەن،
مېنى ئۇ قىلمايدۇ خار يۇلتۇزۇم تۈنۈمدىدۇر.
دەل شۇ چاغدا تونۇش ھەم ئوتلۇق نەپەس شاماللارغا ئەگىشىپ كىلىپ ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى:
سۇغۇردۇڭ تەنۇ جانىمدىن جېنىمسەن ھىجرۇ كۈلپەتنى،
ئاياغىڭغا پايانداز بىل مېنىڭدەك مىھرى غۇربەتنى .
مېنى ئوت چۆپ بىلىپ چەيلە،بىرەي نالەمنى شەبنەمگە،
ئېتىڭنىڭ كىشنىشى بىرلە بىلەي مەن مىسلى بەركەتنى.
كىلىپ ئۇرغىن قىرىق قامچا، قىرىق بىرتال چېچىم كۆيسۇن،
ئۇزاق يىل كۈتكىنىم راستۇر مىسالى بىر پىراق دەرتنى.
بوۋاڭ بەرگەن قىلىچ ئۆزرە بىسىدا بىرلا تال قىلمەن،
چاناپ ئۆتكىن قولۇڭدا ئاھ،خاراپ ئەتكىن قاباھاتنى.
بوسۇغام ئالدىدا توختاپ ئەزىزىم دەسسىمە يەرگە،
تۇتاي باغرىمنى سەن چۈشكىن بىلەي مەنمۇ پاراغەتنى.
يىگىت بىلەن ئاق قاشقىلىق ئات ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە ئۆي ئىچىدىن ئانىنىڭ ئەللەي ناخشىسى ئاڭلىنىۋاتاتتى........
5-باپ ئېرلانبەگ
ئات تۇيىقىنىڭ يەرگە ئۇرىلىشىدىن يۈرىكى تىترىگەن ئايال،بېشىدىكى ھالرەڭ ياغلىقىنى تۈزەشتۈرگەچ ھويلىغا چىقتى:
كۆيىۋاتىمەن تارام –تارام،
كۈلىۋاتىمەن پارە –پارە.
ھەسرىتىم بار باغلام –باغلام،
بولدۇم يەنە دانە- دانە....
يىگىت بۇرۇنقىدەكلا يىنىك يۆتۈلۈپ،ئىشىكتىكى قۇش باشلىق قۇلۇپنى كەڭ ئالقانلىرى بىلەن چىڭ قاماللىدى:
كۆزۈڭنىڭ قارىسى مەندىن ئېقىپ تۇپراققا يەتكەندە،
چىمەنىم كۈلىسەن بۇ كۈن بولايمەن ساڭا پەيۋەندە.
شۇنچە يىل كۈتكەن تونۇش ئاۋاز،تونۇش ھىدتىن لال بولغان ئايال،يالاڭئاياق پۇتلىرىنى گۇگۇم ئارىسىغا يوشۇرۇپ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئشىكنى ئاچتى.ئۇ خۇددى ئاسماندىكى ھىلال ئايدىن،چاراقلاپ يېنىپ تۇرغان يۇلتۇزلاردىن خىجىل بولغاندەك پاسىبانىغا تاتلىققىنە جىلمىيىپ قويۇپ،،يۈگۈرۈپ بارغىنىچە ئاق قاشقىلىق ئاتنىڭ يايلىلىرىنى سىيلىغاچ ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا شىۋىرلىدى:
سەھەر كۆكسىگە قان تولدى ياقا يىرتىپ نىدا قىلسام،
ھىجىرنى ئاھ پىچاق ئەيلەپ جەۋىر ئالقانىنى تىلسام.
ئىلىپتەك ئەگكىنىم جاندۇر پىراقىڭدا لاۋا بولغان،
سەۋر تاغى توپان بولدى پەلەك ئەييامىدىن تۇرسام.
دۈپۈرلەپ كەلدىلەر قىسمەت تىزىمدا تەۋرىدى تۇپراق،
پىشانەمدىن كۆرۈندى ئاي پەلەك ئەييامىدىن تۇرسام.
ئىزىلدى تاش قىيانىمدا،سېڭىپ كەتتىم تۇغانىڭغا،
يولۇڭدا نە تىكەن بولغاي تىكەننى گۈل بىلىپ يۇلسام.
قۇلاق سالغىن بايانىمغا،تەسەددۇقمەن ئارامىڭغا،
ئېتىڭغا قامچا مەن جانىم چىنارنىڭ شاخىدەك سۇنسام.
ئات بېشنى ئىگىز كۆتۈرۈپ سوزۇپ كىشنىدى،جانانىنىڭ ئىسەدەشلىرىدىن يىگىتنىڭ قولىدىكى چۇلۋۇر ئاستا ئاستا سىيرىلدى.ئۇ ئايالىنىڭ مۈرىلىرىدىن چىڭ تۇتقىنىچە ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىدىدە،سۇپىدا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ياتقان ئوغلىنىڭ پشانىسىنى ئىسسىق تەرلىرى بىلەن قوشۇپ قانماي-قانماي سۆيدى:
ئېرىق قىلىپ قازاي ئۆزۈمنى بۇلدۇق- بۇلدۇق ئاقساڭ ناۋادا،
قانىتىڭدا بىرتال پەي بولاي پەرۋاز قىلماق بولساڭ سامادا.
رىسقىڭنى سەن ئالقىنىمدىن يە يىگىتلىكنىڭ شامى يانغۇچە،
قالقان بولاي ئوماقلىقىڭغا ئەركەكلىكىڭ نەيزە ئالغۇچە.
لەرزىگە سال ئاسمان زىمىننى،ھەر نەرەڭدە ماڭا شان بىرىپ،
يەتتە قىزنىڭ يۈرىكىنى چەك مېغىزلىرى كەتسۇن تېرىلىپ.
ئاقار يۇلتۇز كۆچسۇن چىكەڭگە باھاردىكى ئەگىز بوپ ئۆتەي،
قەدىمىڭدىن تىترىسۇن دۇنيا دادىلىقتىن رازى بوپ كىتەي.
ناندەك ئۇلۇغ ناندەك مىھىرلىك ،بىر بەخىتنى سۆزلەيتىڭ بالام،
دادا دېسەڭ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ قارچۇقۇمدا ئايلىنار جاھان....
ۋىسال پاراغىتىدا كۆيۈپ،ئوغلىنىڭ نادامىتىدە پۇچۇلىنىۋاتقان ئانا نەۋقىرانىغا ئۈمىد بىلەن تىكىلدى:
ئەلەمنىڭ باغرىنى چاپقىن يىگىتنىڭ ھىممىتى شۇدۇر،
قارا تاغ كەينىگە ئۆتكىن ئاياغىڭدا قىزىل گۈلدۇر.
يىگىت دىلئارامىنىڭ چىكە چاچلىرىنى يىنىك پۈۋلەپ قويغاچ ئۇنى ئۆزىگە تارتتى....
-ئېرلانبەگ ئىككى يىل بۇرۇنقى بىرئاخشىمى «بۇگۈن دادام چۈشۈمگە كىرىدۇ ،پاتەمنىسا چوڭ ئانام شۇنداق دېدى...مېنى ئويغىتىۋەتمە جۇمۇ »دېگىنىچە يوتقانغا كىرگەن ئىدى....مانا شۇ پېتى ئويغانمىدى.پۇشۇلداپ شۇنداق تاتلىق تىنىدۇ،بەزىدە ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ،بەزىدە قوشۇمىسىنى تۈرىدۇ،لېكىن پەقەت كۆزىنى ئاچمايدۇ جېنىم. ئۇنىڭ« مەن مەختۇمسۇلا ئانامنى قوغدايدىغان چىن تۆمۈر باتۇر...مېنىڭ يالماۋۇزنىڭ قوسىقىدىن تىقسام دۈمبىسىدىن چىققۇدەك مىسران قىلىچىم بار» دەپ جۆيلىشلىرىنى ھازىر مەھەللىمىزدىكى ئۇششاق بالىلارمۇ،قۇشلارمۇ ئۈگۈنىپ كەتتى....
يىگىت ئوغلىغا سېغىنىش ھەم پەخىرلىنىش بىلەن ئۇزاق تىكىلىپ ئۇنىڭ بويۇنلىرىنى پۇرىدى، چاچلىرىنى سىيلىدى،چىڭ تۈگۈلگەن بودرۇق مۇشتۇملىرىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئالدى....
-بىر كۈنى دادام مەھەللىمىزدىن قىرىق كۈن يىراقلىقتىكى بىر يۇرتتىن خىزىر سۈپەت بىر بوۋاينى باشلاپ كەپتۇ ....ئۇ ئوغلىمىزنى كۆرۈپ بۇلبۇل گويادەك كۈلۈپ تۇرۇپ:
«بۇ بالىدا بىر خاسىيەت بار ئىكەن.مەھەللەڭلەردىمۇ قۇرۇپ كەتكىلى تۇرغان بۇلاق بار ئىكەن ...ئاشۇ بۇلاقنىڭ كۆزى ئېچىلسا،بالىنىڭمۇ كۆزى ئېچىلغۇدەك...بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇلاق بېشىغا ئاق قاشقىلىق بىر ئات كەلگۈدەك ئەنە شۇ چاغدا مۇرادىڭلار ھاسىل بولغىدەك» دېدى.
يىگىت تومۇرلىرى كۆبجۈپ تۇرغان بىلەكلىرى بىلەن ئايالنىڭ ئاپتاپ پەرەستەك يۈزلىرىنى توسۇپ تۇرۇپ سورىدى:
-ئانىمىز بىلەن دادىمىز كۆرۈمەيدىغۇ؟
-دادام ھېلىقى بوۋاينى يۇرتىغا سالامەت يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن كەتكەنچە تېخى قايتىپ كەلمىدى...بىچارە ئانام ئۆيگە كىرسە نەۋرىسىگە ئۇۋۇلۇپ،
تالاغا چىقسا ئىككىڭلارنىڭ يولىغا قاراپ كۆز قارىقى قۇيۇلۇپ ئاخىرى ....
ئايال بوغۇلۇپ- بوغۇلۇپ ئاچچىق يىغلىدى
-چىمەن زادى نىمە بولدى دېگىنە....
-ئانام بىر كۈنى شامدىن كىيىن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە يوقاپ كەتتى.....
-مېنى كەچۈر...
يىگىتنىڭ شۇنچىلىك ئېغىر ھەم ھەسرەتلىك ئۈنى جان كۆيەرىنىڭ باغرىغا تۆكۈلدى:
جۇنۇنلۇق دەشتىنى كەزسەم جاھاننى قاپلىدى گۈلخان،
يالاڭياق پۇتلىرىڭ سۆيگەن يولۇڭغا مەن ياقاي ئالقان.
ئانامنىڭ چېچىدەك سۇمبۇل چېچىڭنى دار ئىتەي باغرىم،
ئەلەمدە قان يۇتۇپ ئۆتسۇن بوسۇغاڭدا ھەسەت-ھىجران.
سېنىڭ ئىشقىڭنى گۈل بىلمەي،تىكەن بىلگەنلەر خار بولسۇن،
كۆتۈرسە كۈلمىكىم بەرھەق ئىشىق دۈشمەنلىرى غەليان.
ئەلەم يوقتۇر،رىسىق ئوتتۇر پۈتۈلگەن قىسمىتىڭ شۇدۇر،
ئادا بولغاي مېنىڭ جانىم ھالال لەۋزىمنى قىپ تۇغيان.
تۇغۇلغاندا ئىدى يۆگەك بوۋامنىڭ بەلۋىغى بەلكىم،
چىمەنىم قىسسەدىن سۆز بەر كۈتۈشلەرگە بولۇر دەرمان.
ئەلقىسسە تاڭ سۈزۈلۈپ قۇياش كۆرۈندى. يىگىت پۇشۇلداپ ياتقان ئوغلىنىڭ تىنىقلىرىغا بىردەم يۈزىنى تۇتقاندىن كىيىن يەنە ئىشىكتىن چىقتى.جۇۋان ياشاڭغۇرىغان كۆزلىرىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ نىدا قىلدى:
جاپا دەرياسىدا ئوتسەن ئوتۇمنى قوشقىنىم قوشقان،
كى باغرىڭ بولسا گەر دەريا قىياندەك تاشقىنىم تاشقان.
ئازاپ سەيناسىدا ئاتسەن دۈپۈرلەر ھىجرۇ ئەفغانىڭ،
مۇشەققەت تاغى توسقاندا بۇ تاغدىن ئاشقىنىم ئاشقان.
سېنى سۆيگەن يۈرەكىم بار،جېنىڭ خانىمغا جان بولدى،
كۆزۈمنىڭ قارىسى يۇلتۇز كېچەڭگە چاچقىنىم چاچقان.
ئاياغىڭغا تىكەن ئۈنسە گۈلىمەن دەسسىگىن دەسسە،
قېنىڭدەك قىزىرىپ پارەم يۈزۈمنى ئاچقىنىم ئاچقان.
رىسىق باغىمدا بۇلبۇلسەن قاراسلاپ سۇنسىمۇ شاخىم،
جۇنۇنلۇق دارىدۇر ساچىم بۇ دارنى تارتقىنىم تارتقان.
ئەزىزىمسەن ،ئىمانىمسەن،پىراقىڭدۇر ياراق جانغا،
ياراقىڭدا ئىشىق ئوقتۇر ئۆزۈمنى ئاتقىنىم ئاتقان.
توپاڭدۇرمەن توپان كەلسە كىسىلمەس مەندىكى تاقەت،
بىرىپ زۇلمەتكە باشىمنى يېنىڭدا ياتقىنىم ياتقان.
ئاق قاشقىلىق ئات ئەتراپتا كۆرۈنمەيتى...
-ئەنسىرىمە،ئانىمىزنى يۆلەپ ئېلىپ كىلىمەن ئالدىڭغا!
يىگىت تاقەتسىزلىنىپ پىيادىلا يولىغا راۋان بولدى.ئۇ يەتتە كىچە –كۈندۈز ماڭغاندىن كىيىن بىر تاغ قاپتىلىغا تۇتاشقان يولغا ئۇلاشتى....
چۆلدىكى توشقاننى ئاسماندىكى لاچىننى ئوۋلاپ جان ساقلىغان يىگىت،تاغ –جىلغىسىدىكى بىر جەرەننى قوغلاپ، بۇ پىچاق بىسىدەك تىك ھەم ھەيۋەتلىك تاغنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقتى..جەرەن ئۇنىڭغا،كىچىك تۇمشىقىنى ئۈمچەيتىپ،چىرايلىق كۆزلىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى.جەرەننىڭ جۇغىدىن ئپار، سۈكۈتلىرىدىن قورقۇمسىزلىق ھەم ئېچىنىش تاراۋاتاتتى...
يىگىت ئوق ئۈزدى،ئوق ئۈزدىيۇ،لەۋلىرى چاكۇچاك بولۇپ يېرىلدى،ئۇسۇزلۇقتىن تامغاقلىرى قۇرىدى.ئۇ تاغدىن چۈشۇش ئۈچۈن كەينىگە قارىۋىدى بايا ئۆزى يامىشىپ چىققان تاغ يولى كۆرۈنمىدى ... يول بىردەمدىلا غايىپ بولغان ئىدى...تىك قىيادا ئاپتاپقا قاقلىنىپ بىر ھازا تۇرغان يىگىت يىراقتىن كۆرۈنگەن بىر ئۆڭكۈرگە ئىچكىرلەپ كىردى.ئۇ يەردە پەرىشتە سۈپەت بىر موماي قىبلە تەرەپكە قاراپ ئىستىقامەتتە ئولتۇراتتى.يىگىت شەپە چىقارماي ئۆڭكۈر ئېغىزىغا قويۇلغان توغراق كۆتىكىدە ئولتۇرۇپ ئولۇغ كىچىك تىندى:
سېنى دەپ سۇلغان چىرايىم كۈل بولۇپ ئۆچسۇن ئانا،
سەن ئۈچۈن كۆيگەن چىمەنىڭ سۇ بولۇپ ئاقسۇن ئانا.
ئستىسەڭ جەرەن بولۇشنى ھىجرۇ كۈلپەت تاغىدا،
رازىمەن ئىشقى پىراقىڭ شەمشەر بولۇپ چاپسۇن ئانا.
دەرتلىرىڭنى دەرتلىرىگە قوشمىسام قانىم بىلەن،
كۆزلىرىڭنىڭ قارىسىغا مىڭ قۇياش پاتسۇن ئانا.
ئىگىلىپ سۇنماس ھەقىقەت ھەر كويغا سالسا قىسمىتىم،
بولمىساڭ يانىمدا، باشىم تاش بولۇپ قاتسۇن ئانا.
قەھرىگە جۇتنى تىگىشمەس شاھى جاھانىمسەن ئۆزۈڭ،
يۈزلىرىڭنى تاڭ لىچەكى باھار بولۇپ ياپسۇن ئانا.
موماي كەينىگىمۇ ئۆرۈلمەستىن يىگىتتىن سورىدى:
-بۇ يەرگە چىقىشىڭغا نېمە سەۋەپ بولدى بالام؟
-بىر جەرەنگە ئەگىشىپ چىقىپ قالدىم.
-سەپىرىڭ قايان؟
-دەردىمىزدە يۈرىكى لەختە بولغان ئانامنى ئىزدەپ كىتىۋاتىمەن.
-مۇشۇ تاغدىن؟
-مەن...چۈشەي دىسەم بولمىدى،چىققان يولۇم غايىپ بولدى.
-سەۋەبىنى بىلدىڭمۇ؟
-ياق !مەن بەك ئۇسسۇدۇم...ماغدۇرۇم ئۈزۈلدى....
-سەن ئولتۇرغان توغراق كۆتىكىنىڭ يان تەرىپىدە ياڭاق شاكىلدا قېتىق بار شۇنى ئىچ!
-ماڭا يولنىڭ غايىپ بولىشىنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرگەن بولسىلا....
-سەن ئاۋال ياڭاق شاكىلىدىكى قىتىقنى ئىچىپ تۈگەت،ئۇسۇزلىقىڭنى قاندۇر.
يىگىت ياڭاق شاكىلىدىكى بىر ئوتلام قېتىقنى ئىچىۋىدى ئۇسۇزلىقى قاندى،لېكىن شام ۋاختىگىچە ئىچىپمۇ قېتىقنى تۈگىتەلمىدى.
دەل شۇ چاغدا ئاققاشقىلىق ئاتمۇ مەھەللىدىكى بۇلاق سۈيىنى ئچىپ تۈگىتەلمەيۋاتاتتى...
-بۇ زادى نېمە كارامەت ؟
-جەرەنلىرىم ،قۇشلىرىم غەم- ئەندىشىسىز يايراپ ئۆتىۋاتاتتى،سەن ئۇلارنى ئوۋلۇدۇڭ،قوغلۇدۇڭ شۇڭا يول ئىتىلدى.تاش ئاستىغا باسۇرۇپ قويغان جەرەننى ئال...
يىگىت، جاۋغايلىرىدا قان قېتىپ قالغان ،كۆزلىرى ئوچۇق جەرەننى ئاۋايلاپ موماينىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويدى. دۇئانىڭ بەرىكىتى ھەم خاسىيىتى بىلەن جەرەن ئاستا مىدىرلاپ چاپچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ موماينىڭ ئىتەكلىرىنى ھىدلىدى....ياڭاق شاكىلىدىكى قېتىقمۇ تۈگىدى. يىگىت بىردەم كۆز ئالدىدىكى ئېچىلغان يولغا،بىردەم پەرىشتە سۈپەت مومايغا قاراپ ناۋا قىلدى:
زارۇزار ئۆكسۈپ سېنى قۇچاقلايمەن،
يۇلتۇزلار سۇ بولمىسۇن قەدىردانىم.
سەرسانە باشلىرىمنى سىلاپ قويساڭ،
گۈل بولۇپ ئېچىلسۇن بۇ تەندە جانىم.
ئۆزۈڭنىڭ غەمخانىمەن دەمدارىمەن،
دان قىلىپ بەرگىن ماڭا چىدامىڭنى،
ئىچىدە پىراقىڭ بار دەريا- دەريا،
توغان بوپ توسىۋالغىن قىيانىمنى.
رىيازەت گەردىشىدىن ساقىپ تۇرۇپ،
سۆيىمەن يۈرىكىڭنى ھاياتىمنى.
يۇيىمەن مىھرىم بىلەن قېنىم بىلەن،
بالامغا ئۆزۈڭ بەرگەن قاناتىڭنى.
ئەزىزلەپ باش قويىمەن ئىتەگىڭگە،
جاھاندىن كەڭرى ماڭا دۇئالىرىڭ.
يوللارنىڭ پايانىغا چىنار بولغىن،
يۇيۇلغاي شەپقىتىڭدە گۇناھلىرىم.
يىگىت موماينىڭ قورۇلغان،مۇكچەيگەن يەلكىللىرىگە،بېشىدىكى چېچەك گۈللۈك ياغلىققا سىنچىلاپ قارىغىنىچە كەينىگە ياندى...
-بالام!.... بۇ مۇڭلۇق ھەم دەرتلىك ئاۋاز تاغلاردىن ئەكىس سادا ياندۇردى.
يىگىت كەينىگە ئۆرۈلۈپ مومايغا قاراپ ئوقتەك .ئېتىلدى:
-جېنىم ئانا!
بۇنىڭغا قاراپ تۇرغان جەرەننىڭ كۆزلىرىمۇ ياشاڭغۇرىدى...
يىگىت بۇ ھىممەتلىك ئانىنى ئۆڭكۈردىن يۆلەپ تاغدىن ئېلىپ چۈشىۋاتقاندا،كۆپكۈك ئاسماندىكى زۆھرە يۇلتۇزى ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتتى،يىراقتىن ئاق قاشقىلىق ئاتقا مىنگەن 11 ياشلىق بالا چوڭ دادىسىنىڭ قولىدىكى چۇلۋۇرنى تالاشقىنىچە كىلىۋاتاتتى.يىگىت مىھىرلىك كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ بوۋىسىنى خىيال قىلىپ قالدىيۇئات ئۈستىدىكى ئوغلى ئېرلانبەگكە قاراپ يىنىك تىن ئالدى......
«يېڭى قاشتېشى» نىڭ 2011-يىللىق6-سانىدا ئېلان قىلىنغان
مەنبە:
ئەلكۈيى مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:26