يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 774 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 11

ماقال- تەمسىل توپلايلىچۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:43:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن چوڭ قىزىم بۆرە توغرىسىدىكى ماقال- تەمسىل  توپلاش تاپشۇرقىنى توپ- توغرا ئىككى سائەت ئىشلىدى، مەنمۇ تەڭ ياردەملىشىپ توردىن ئاران ئۈچ ماقال- تەمسىل تېپىپ بېرەلىدىم، تۇرۇپلا دوستلار بىلىدىغان ماقال- تەمسىللىرىنى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسا مۇنبەردىكى بىر تولۇقلىما بولغۇدەك دەپ ئويلاپ، بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ماقال- تەمسىل ۋە تۇراقلىق ئىبارىلەرنى ئايىماي يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ( بولسا چۈشەندۈرلىشى بىلەن بولسا تېخىمۇ ياخشى)بىر كۈنلەردە سىزنىڭمۇ پەرزەنتىڭىزگە كېرەك بولۇپ قالغاندا مۇشۇ ئەرزىمەس تېمىنىڭ سىزگە ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تەگسىكەن دەپ ئويلايمەن. قېنى ئەمسە مەن ئېسىمگە كەلگەن بىر نەچچە ماقال- تەمسىلنى يوللاپ باقاي، قېنى سىزمۇ قاراپ تۇرمىغايسىز

قوتانغا بۆرە كىرسە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.

بۆرىنىڭ تەڭ ئورتاق، قاغىنىڭ دەرەخ بېشىدا.

ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە يەر.

بۆرە بار يەردە قان بار، پارا بار يەردە سان بار.

چۆچىنى كۈزلۈكتە ساناڭ، ئوغلاقنى تۈزلۈكتە ساناڭ.

يەرنى بېقىپ باغ ئەت، مالنى بېقىپ ياغ ئەت.

شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆشكىدە مال ئەتمە.

ئوتۇن يىغدىڭ كۈل يىغدىڭ، ئوت - چۆپ يىغدىڭ پۇل يىغدىڭ.

مال باقساڭ، يەمنىڭ غېمىدە بول، ئۆي سالساڭ دەمنىڭ غېمىدە بول.

ھەرىكەتتە بەرىكەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت.

مال سەمرىسە ياغ بولار، يەر سەمرىسە باغ بولار.

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:59:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلىق تولغىنىپ يىلان بولماس،موماي ياسىنىپ جۇۋان.
ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ.
ئاسمانغا قاراپ تۇكۇرسەڭ،يۈزۇڭگە چۇشەر.
ئاتنىڭ كىشنىمەيدىغىنى يوق ،
ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى يوق.
مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:09  


Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
835

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.

پاختەكتە بار كۆڭۈل، تورۇلغىدا يوقمۇ

ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماپتۇ.

سەن سالا،  مەن سالا، ئاتقا ئوتنى كىم سالا.

غازنىڭ گۆشىنى يىسەڭ، ئۆردەكنىڭ پېيىدە بول.

قۇرۇق دۇئايىسالامغا توكۇر بارىكاللا

قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىش

كۆيگەن جۇۋانغا ئات تىزىكى ئاي كۆرىنەر

ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا ( ھەسەل ھەرىسىنىڭ خۇيى باشقا)

ئۈگرە ئەتسەڭ تۈزۈك ئەت، ئىتەلمسەڭ ئۈزۈپ ئەت.

ئىت مۈشۈكنى بويرىسا، مۈشۈك قويرىقىنى بويرۇپتۇ.

ئىتنىڭ ئىگىسى بولسا، بۆرىنىڭمۇ خۇداسى بار

( ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن)

ئۆردەك بىلەن غاز ئوينايدۇ، چىۋىن بىلەن تاز (ئوينايدۇ)

يادىمغا كەلگەنلىرى مۇشۇنچىلىك ئىكەن ~!

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 04:23:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقىپ كىتىپتۇ.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
227 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
210
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 07:07:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە!
تۇخۇ داڭگال چۈشەپتۇ،ئۆچكە جاڭگال.

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
227 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
210
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 07:08:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال،ئاغرىمىسا ئۆزگىگە!

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
223
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزەڭنىڭ خۇي-پەيلىدىن كۆر.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:58:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلۇڭدىن كەلسە،ئەلدىن ئايىما.

ماختانغاننىڭ ئۆيىگە بارما،   
كېرىلگەننىڭ تويىغا.

راھەت بىرلەپ كېلەر، رەھمەت ئونلاپ كېلەر .
  
چالا موللا ۋالاقلايدۇ، ئەگرى نوغۇچ تاراقلايدۇ.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 16:08:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 تەننىڭ ساقلىقى ئۆمۈر بايلىقى، خاتىرجەملىك كۆڭۈل بايلىقى.

 كۆيگەندىن، كۆنگەن يامان.


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى 22:01:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق كۆڭۈللۈك توغۇرسىدا بىر نەچچە ماقال- تەمسىل يېزۋېتىڭلارچۇ، ئەزىزلەر!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 09:18 , Processed in 0.063418 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش