يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 332|ئىنكاس: 0

كىسەلگە ئېتىدىغان تائاملار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
205
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:39:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭ ئوپراتسىيدىن كىيىنكى بىمارلار نۇرغۇن قان يوقاتقانلىقتىن، بەدىنى ئاجىزلاپ ئىمونىتى تۇۋەنلەپ كىتىدۇ ، بۇنداق بىمارلارنى ئائىلىدە پەرۋىش قىلىپ، تەرتىپلىك ئوزۇقلاندۇرغاندىلا كىسەلنىڭ سالامەتلىگىنى تىز ئەسلىگە كەلتۇرگىلى ۋە بەزى بىر ئەگەشمە كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدۇ. شۇڭا ئۆزەم بىرقانچە قېتىم تەجىربىدىن ئۈتكۈزۈپ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن پەرۋىش قىلىش (كۈتۈش) ئۇسۇلىنى پايدىلىنىشىڭلارغا سۇندۇم.
1. پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نوقتىلار .
( 1 ) ئالدى بىلەن بىمارنى ياتقۇزماقچى بولغان ئۆينى پاكىز ، رەتلىك ، تۈزەشتۈرۈش ، ئۆي ئىچىنىڭ يۇرۇق، ئازادە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .
(2) كېسەلنى ياتقۇزۇدىغان يوتقان - كۆرپىلەرنىڭ كىرلىكى ، ياستۇق ، لۆڭڭە ، كىيىپ ياتىدىغان كىيىم قاتارلىقلارنىڭ رەڭگى ، ئېقىش ، سۈزۈك ، پاكىز رەڭدە بولۇش ، ئامال بار يېڭىدىن سېتىۋىلىنغان بولۇش كېرەك .
(3) بىمار ياتقان ئۆينىڭ ئىشىك دېرىزىللىرنى پات - پات ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ، بىمارنىڭ يۈز قوللىرنى ، پۇتلىرنى كىيىم - كىچەكلىرنى پاكىز تۇتۇش ، ئەگەر بىمار ئەر كىشى بولسا چاچ ساقاللىرنى ، تىرناقلىرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ئېلىپ تۇرۇش، ئەگەر ئايال كىشى بولسا چاچلىرنى تاراپ تۈزەپ رەتلىك ياتقۇزۇش كېرەك .
(4) ئۆي ئىچىنىڭ تىنچ ، ۋاراڭ چۇرۇڭدىن خالى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، بىمارنىڭ ئۇيقۇسىغا دەخلى قىلماسلىق كىرەك . ئەگەر ئۇخلاۋاتقان چاغدا بىرەرسى يوقلاپ كىرگەن تەقدىردىمۇ ئويغىتىۋەتمەسلىك ، چۇچىتىۋىتىشتىن ساقلىنىش لازىم .
(5) بىمارنىڭ ئوزوقلىنىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. ئاز - ئازدىن، پات - پات، يەڭگىل تاماقلارنى بېرىش، خاتا ئوزۇقلاندۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
(6) كېسەلنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىش، كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقى، چىرايىنىڭ تىز ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقى، ئۇزۇنغا قالمايلا ساقىيىپ كېتىشى توغرىسىدا تەسەللى سۆزلىرىنى كۆپرەك قىلىش ، يېنىدىكى ئادەم ھەرگىزمۇ قايغۇلۇق ھالەتتە ئولتۇرىۋالماسلىقى لازىم.
(7) بىمارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغاندا، كەيپىياتىغا قاراپ ئۇنىڭغا قىززىق پاراقلارنى قىلىپ بېرىش، ناخشا - مۇزىكىلارنى تۆۋەن ئاۋازدا قويۇپ بېرىش، ھەرگىزمۇ دەھشەتلىك، قايغۇلۇق فىلىملەرنى قويۇپ بەرمەسلىك كېرەك.
بىمارنى يۇقۇرقى ئۇسۇلدا پەرۋىش قىلغاندا، روھى جەھەتتىن ئىلھاملىنىپ، پىسخىلوگىيىلىك ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلىنىدۇ دە تىزلا ئەسلىگە كېلىدۇ.

2. بىمارنى ئوزۇقلاندۇرۇش تەرتىپلىرى
(1) ئالدىنقى ئۈچ كۈندە: _ ئەتتىگەن سائەت 6 دە بىر جىڭ سۈتنى قاينىتىپ مۇۋاپىق شېكەر سېلىپ ئىچكۈزىمىز. سائەت 8 گە ئۈلگۈرتۈپ ئۈگرە ئېتىپ بېرىمىز. سائەت 11 لەردە يۇمشاق پىشۇرۇپ خام شويلا ئېتىپ يىگۈزىمىز. سائەت 4 ئەتراپىدا خولۇپ ئاش ياكى شىفەن بەرسەك بولىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۈتنى قاينىتىپ، شېكەر سېلىپ، سىڭىپ پىشقان ھەمەك ناندىن ئازراق چىلاپ ئىچكۈزىمىز. (تاماقلارنىڭ مىقدارى ئاز بولۇشى شەرت).
(2) ئۈچ كۈندىن كېيىن، 6 كۈنگىچە: _ ئەتتىگەن سائەت 6 دە سۈت، تۇخۇم ، شېكەر قايناتمىسىنى گاڭ ئىچكۈزىمىز. سائەت 9 دىن بۇرۇن چۆجە شورپىسى قىلىپ، سۈيىگە چۆپ سېلىپ بىر پىيالە ئىچكۈزىمىز، گۆشىدىن ئازراق يىسە بولىدۇ. سائەت 12 دە 10 - 15 تالغىچە جۇۋاۋا (بەنشىر) ئېتىپ بېرىمىز. سائەت 4 تە شوۋىگۈرۈچ ياكى ئۈگرە بەرسەك بولىدۇ. كەچتە بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈت ئىچسىلا كۇپايە. ئارلىقتا قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ تۇرىمىز، كۈندە بىرەر قېتىم بىر پىيالە قايناقسۇغا بىر قوشۇق ھەسەل سېلىپ ئىچكۈزسەك تېخىمۇ ياخشى.
(3) ئالتە كۈندىن كېيىن، 10 - كۈنىگىچە: _ ئەتتىگەن سائەت 7 دە سۈت، تۇخۇم، شېكەر ئارلاشمىسىغا نان چىلاپ بېرىمىز. سائەت 10 دا ، ياش پاقلان گۆشىدە شورپا قاينىتىپ، سۈيىگە چۆپ سېلىپ ئىچكۈزىمىز. گۆشىدىن يېرىم جىڭ ئەتراپىدا بەرسەك بولىدۇ. سائەت 1 بولغاندا جۇۋاۋا ياكى خام شويلا ئېتىپ بېرىمىز. سائەت 4 تىن ئاشقاندا ئۈگرە ياكى خولۇپ ئاش ئېتىپ بېرىمىز. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈت بەرسەكلا بولىدۇ.
(4) ئون كۈندىن كېيىن تاماقلارنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ، قېتىم سانىنى تەدرىجى ئازايتىمىز ۋە كۈچلۈكرەك تاماقلارنى بەرسەك بولىدۇ. مەسىلەن: سۈت، تۇخۇم، جۇۋاۋا، نارىن چۆپ، قوي توخۇ باچكا شورپىلىرى، پولو قاتارلقلارنى، كېيىن ئادەتتىكى قورۇغان تاماقلارنىمۇ بەرسەك بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
دەسلەپكى كۈنلىرى تاماقنى كۆپ بەرمەسلىك، قورۇغان، ھوردا پۇشۇرۇلغان تاماقلارنى قەتئىي بەرمەسلىك كېرەك. گۆش، تۇخۇم بېرىشكە باشلىغاندا قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئارىلاپ قايناقسۇ ۋە بانان بېرىش لازىم. سەيلىك تاماق ۋە مىۋە يىگۈدەك بولغاندا ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.

3. بىمارغا بېرىدىغان پەرھىز تاماقلارنى ئېتىش ئۇسۇلى
(1) سۈت، تۇخۇم، شېكەر قايناتمىسى _ سۈت قاينىغاندا تۇخۇمنى چېكىپ تولۇق ئارلاشتۇرىمىز. تۇخۇم چالا پىشقاندا، ئوتنى ئۆچۈرۈپ شېكەر سېلىپ ئالساقلا بولىدۇ.
(2) خولۇپ ئاش _ سوغۇق سۇغا ياش پاقلاننىڭ گۆشىنى ئۇششاق توغراپ سېلىپ، گۆش يېرىم پىشقىچە قاينىتىمىز، ئاندىن سۇڭ پىياز، خام زەنجىۋىل، چامغۇر، تۇز قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ، سۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز، خېمىرنى نۇرمال چىڭلىقتا يۇغۇرۇپ، تەكشى يېيىپ، 3 سانتا كەڭلىكتە كېسىپ، قازانغا چاسا شەكىلدە ئۈزۈپ تاشلايمىز، ئاش پىشقاندا ئۈستىگە پالەكنى ئىنچىكە توغراپ سېلىپ ئۇسسىساقلا بولىدۇ.
(3) ئۈگرە _ ئۈگرىنىڭ سۈيى خولۇپ ئاشنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ تەييارلىنىدۇ، سۈيى تازا پىشقاندا نېپىز يايغان خېمىرنى بىر مىللى كەڭلىكتە ئىنچىكە كېسىپ قازانغا سېلىپ، بىرلا قاينىغاندا ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان ئاش كۆكى (يۇمغاقسۈت)، سامساق سېلىپ ئۇسسىساق بولىدۇ.
(4) خام شويلا _ سوغۇق سۇغا گۆشنى توغراپ سېلىپ، قاينىغاندا قەلەمچە توغرالغان سەۋزە، سۇڭپىيازنى سېلىپ سۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز. گۈرۈچنىڭ شىرنىسىنى بەك چىقىرىۋەتمەي يۇيۇپ سېلىپ يۇمشاق قاينىتىپ گۈرۈچ ئېزىلىپ پىشقاندا ئاندىن ئالىمىز.
(5) جۇۋاۋا _ (كېسەلگە، بوۋاق بالىغا ئەتكەن جۇۋاۋا ئادەتتىدەك ئېتىلسە بولمايدۇ) قىيمىنىڭ گۆشىنى سۇڭپىياز قوشۇپ يۇمشاق چانايمىز، مۇۋاپىق تۇز، زېرە، ىام زەنجىۋىل، ئازراق چۈچۈتۈلگەن سۇ ماي قوشۇپ يۇمشاق قىيما تەييارلايمىز. خېمىرنى چىلان چوڭلۇقىدا زۇۋۇلا قىلىپ، نېپىز ئېچىپ، قىيمىنى يېيىتىپ ئازراق سالىمىز، چۆرىسىنى پۈرۈپ تۈگمەيمىز، جىلىتنى قاتلاپ چۆرىسىنى چىڭ باسساقلا بولىدۇ، تەييارلانغان قۇۋاۋىنى پەس ئوتتا پىشقىچە قاينىتىپ ئالساق سىڭىشلىك بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
كېسەلگە ئەتكەن تاماقلارغا باش پىياز، مۇچ (لازا)، پەمىدۇر (شوخلا)، ياڭيۇ قاتارلىق يەللىك كۆكتاتلارنى سالماسلىق كېرەك. تاماقلارنىڭ تۇزلۇق، خام بولۇپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
مەنبە:ئاشپەز تورى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:43 , Processed in 0.044723 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش