يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 261|ئىنكاس: 7

قىسمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
207 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
389

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:29:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! يەتتە قىزلىرىم ئەھلى !ھېيتمۇ تۈگۈدى، ھېيتنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئالدىراشچىلىقمۇ تۈگۈدى. ئۇھ دەپ ئولتۇرغۇدەك ئارام تاپقاندا بۇ مەۋھۇم ماكاننى سېغىندۇق .
مەن بولمىغان بىلەن مۇنبەر قايناۋىرىپتۇ ئەمەسمۇ . . . «مەن بولمىساممۇ ئالەم چۆگىلەۋىرىدۇ» دىگەن گەپ شۇ بولسا كېرەك .
بىكارغىلا گەپ سېتىپ ئولتۇرغىلى بولمايدىكەن . . . بىر توردېشىم يوللاپ بەرگەن ئېبرەتلىك ھىكايىنى ئالغاچ كەلدىم.
ئەمما ھىكايىنىڭ ئاپتۇرى ۋە مەنبەسىنى ئىنىقلىيالمىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەنبە سۈرۈشتۈرمەي ئۇقۇپ قۇيىشىلا




بىركۈنى بىر ئىستاكان خوجايىنغا دەپتۇ: غېرىپمەن، سۇغا مۇھتاجمەن، ئازراق سۇ بەرسىڭىز قانداق ؟
خوجايىن دەپتۇ: ماقۇل، سۇغا ئېرىشسەڭ بەلكىم غېرىپلىق ھېس قىلماسسەن …
ئىستاكان دەپتۇ: چۇقۇم شۇنداق.
شۇنىڭ بىلەن خۇجايىن ئىستاكانغا قايناق سۇ قۇيۇپتۇ. قىززىق قايناق سۇدا ئىستاكان خۇددى ئېرىپ كەتكەندەكلا ھېسياتتا بۇپتۇ.«بەلكىم بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان.
ئاستا-ئاستا سۇ يىلمان بۇپتۇ، ئىستاكان ناھايىتى راھەتلىنىپتۇ« مانا بۇ ھەقىقى تۇرمۇش بولسا كېرەك »دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان.
ئاخىردا سۇ سۇۋۇپتۇ، نىمىشقىدۇر ئىستاكان قورقۇشقا باشلاپتۇ، « بۇ رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان يۇقىتىش بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان.
ئەڭ ئاخىرىدا سۇ مۇزلاپ كىتىپتۇ، ئىستاكان قاتتىق ئۈمۈتسىزلىنىپ ئويلاپتۇ« بۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ؟»
ئىستاكان قاتتىق ۋارقىراپتۇ:« خوجايىن، سۇنى تۆكىۋەتسىڭىز، ماڭا ئەمدى كىرىكى يوق سۇنىڭ » ئەپسوس خوجايىن يوقكەن.
«ئەبلەخ، سۇ نىمە دىگەن سۇغۇق، بەكلا بىئارام قىلىۋەتتى» دەپ ئويلاپتۇ ئىستاكان. ئاخىرى سۇغۇققا چىدىمىغان ئىستاكان قاتتىق بىر تەرۋىنىپتۇ، سۇ چاچراپ تۆكۈلۈپتۇ، ئىستاكان قاتتىق شادلىنىپتۇ.
ئەمما، ئىستاكانمۇ يەرگە يېقىلىپ چۇل-چۇل بۇلۇپ كىتىپتۇ . شۇندىلا ئىستاكان شۇنى بايقاپتۇكى ئۇنىڭ جىسمىنىڭ ھەممىلا يىرىدە سۇنىڭ ئىزناسى بارئىكەن . . .
ئەڭ ئاخىرىدا ئىستاكان ئۆزىنىڭ سۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ناھايىتى كىچىككەنلىكىنى، ئىككىنچىلەپ ھەرگىزمۇ سۇغا ئېرشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىپتۇ . . .


Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 05:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا ۋاقىتتا قەدىرلەشنى بىلىش كىرەك.
بەلكىم شۇنداقتۇ...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:39:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ھىكايىنى ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقۇغان ،بەك ياخشى يېزىلغان ھىكايە بۇ .ئادەمنىڭ بۇگۇننىنى قەدىرلەش ،ئەتىكى ھاياتلىقنىڭ ئاساسى .

Rank: 1

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:41:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىھتىمال مەنمۇ بىر ئىستاكاندۇرمەن،
بەزىدە قۇرۇقمەن بەزى سۈيۈم لىق.
قىسمىتىم قانداقكىن،بىلمەيمەن ئەمما،
ئاخىرى مىڭ پارە بۇلۇشۇم ئىنىق.

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:30:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندا مۇنبەردە سۇ ،بىلىق دىيالوگلىرى جىقىيىپ كەتكەن ،ئەمدى يەنە سۇ بىلەن ئىستاكان چىقىپتۇ ،بەلىكىم ھازىر كىشلەر مۇشۇ تۇردىكى تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلارغا ئىھتىياج ئوخشايدۇ ،چۈنكى بۇرۇنلاردا بىۋاستە تەربىيە قىلنغان مەزمۇنلار كۆپ ئۇچىرايتى ،ئەمدى بولسا شەكلى ئۆزگىرەپتۇ ...:lo

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنسىى بەكمۇ، بەكمۇ چوڭقۇركەن، ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ......

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
90
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:48:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز-ئۆزىدىن قورقۇپ يۈرۈش ياخشى ئېش ئەمەس

نىمە بولدۇمكىن تاڭ،ھەممە نەرسىدىن بىزار بۇلۇپ كېلىۋات ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
207 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
389

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 14:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tamqa يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:48
ئۆز-ئۆزىدىن قورقۇپ يۈرۈش ياخشى ئېش ئەمەس

چۈشەنمىدىم. ئىنكاسىڭىزنىڭ يازمىنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى بارما ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 05:06 , Processed in 0.058121 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش