يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 518|ئىنكاس: 6

ئاياللار ھاياتىدا چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك 15 ئىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:10:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


1. بىر نەچچە يېقىن دوست تۇتۇش كېرەك.
    2. ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرگە ياتلىق بولۇشى كېرەك.
    3. رومانتىك بولۇپ بېقىش كېرەك.
     4. بىرەر قېتىم ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشنى قىلىپ بېقىش كېرەك.
    5. بىرەر قېتىم مۇھەببەت قاينىمىغا چوڭقۇر چۆكۈش كېرەك.
    6. ئاز دېگەندە بىرەر قېتىم ئۇزۇن چاچ قويۇپ بېقىش كېرەك.
    7. داڭلىق كىشىدىن بىرەرسىنى زىيارەت قىلىپ بېقىش كېرەك.
    8. بىرەر قېتىم قان بېرىش كېرەك.
   9. ھېچبولمىغاندا بىرەر چالغۇ ئەسۋابى چېلىشنى ئۆگىنىپ قويۇش كېرەك.
    10. ئاممىۋى سورۇندا نۇتۇق سۆزلەپ بېقىش كېرەك.
    11. ھەركۈنى 15 مىنۇت كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
    12. سودىلىق ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ بېقىشى كېرەك.
   13. كۆڭلىدىكى جايغا بېرىپ بېقىش كېرەك.
    14. بالىسىنىڭ ئۆسۈپ _ يېتىلىش جەريانىنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.
    15. ھاياتىدىكى پۇشمانلىرىنى يېزىپ بېقىش كېرەك

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
205
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 13:00:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلاردىن بىر قانچىسىنى قىلىپ باقماپتىمەن.ھاياتىدىكى پۇشمانلىرىنى يېزىپ بېقىش ، بالىسىنىڭ ئۆسۈپ _ يېتىلىش جەريانىنى خاتىرىلەپ قويۇش ، بىرەر قېتىم قان بېرىش،داڭلىق كىشىدىن بىرەرسىنى زىيارەت قىلىپ بېقىش دىگەندەك.رومانتىك بولۇشنىمۇ ئونتۇپ قالاي دىگەندەك قىلىمەن.ھەي....تۇرمۇش ئادەمنى بەكلا ئەمىلىيەتچان قىلىۋىتىدىكەن.


مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:12:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قىلىپ باقماپتىمەن، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمدا قىلىپ بېقىشىم مۇمكىن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:02:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچە قان بېرىپ باقمىدىم. (ئەزەلدىنلا قان كەم مەندە)
بىرەر داڭدار شەخىسىنى زىيارەت قىلىپ باقمىدىم.(ئەمما ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپتىمەن)
12 ياش ۋاقتىمدا ئاپام ئىسىكىرىپكا چېلىشنى ئۆگىنىشمنى تەلەپ قىلسا قىززىقماپتىكەنمەن، ھازىر بەكمۇ پۇشايمان قىلىمەن
خۇدايىم بۇيرىسا كۆڭلۈمدىكى جايغا بىر بېرىپ باقسام بولاتتى.
  ئاساسەن بۇ ئىشلارنى قىلىپ بېقىپتىمەنمۇ دەيمەن، شاھزادەمنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى تۇغۇلغان چېغىدىن باشلاپلا «بەخت رىسالىسى›› ناملىق كىتابقا يېزىپ كېلىۋاتىمەن. ھاياتىمدىكى پۇشايمانلىرىمنىمۇ ئىچىم سىقىلىپ قالغان چاغلاردا خاتىرەم بىلەن مۇڭداشقاچ يېزىپ قويىمەن.
   ئەمما بۇ چەكلىك ھاياتىمىزدا تېخى قىلىپ باقمىغان ھەم قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىشلىرىمىز كۆپتۇر......

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:54:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  8. بىرەر قېتىم قان بېرىش كېرەك.
    مەنمۇ زادىلا قان بېرىپ باقمىغان، سەۋەبى قېنىم ئۆزۈمدىن باشقىلارغا ياقمايمىش

9. ھېچبولمىغاندا بىرەر چالغۇ ئەسۋابى چېلىشنى ئۆگىنىپ قويۇش كېرەك.
دۇتتار چېلىشقا شۇنداق قىزىقتىم، ئەمما زادىلا ئۆگىنەلمىدىم، دوستلىرىم چالالمايمەن دېسەم زىنھار ئىشەنمەيدۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ نەچچىسىنى قىلىپ باقماپتىمەن.....سەۋەبى تولىمۇ ئېھتىياتچان بولغۇنۇمدا بولىشى كېرەك.

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 04:15:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى
مەن دۇتتاردا ‹‹ئاھ دوستلار خەيىر خوش›› نى چالالايمەن. قان بىرىشتىن باشقىنى قىلىپ بېقىپتىمەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 01:20 , Processed in 0.051253 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش