يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 373|ئىنكاس: 3

مانا بۇ ھەقىقى ئايال! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
205
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 06:46:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                         مانا بۇ ھەقىقى ئايال!

1.مىھرىنى ھەممە ئادەمگە ، سۆيگۈ مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بىغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقى مۇھەببەتلىك ئايال؛
2.ھەم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان،ھەم روھى جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقى قۇدرەتلىك ئايال؛
3.ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان،ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقى ئەخلاقلىق ئايال؛
4.ئۆز گۈزەللىكىنى جاھان ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان،لىكىن ئۇنى ھەرگىزمۇ بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقى نۇمۇسلۇق ئايال؛
5.كۆڭلى بولمىسا،ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ،ئىشقى باغلانسا گاداي نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقى ئىپپەتلىك ئايال؛
6.ھالۋىنى تولا يىگۈزۈپ ئەمەن تىتىتىپ قويمايدىغان،ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شىرىن ھىس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقى خۇلۇقلىق ئايال؛
7.ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان،يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەپ تۇرغۇزالايدىغان ئايال ھەقىقى ۋاپادار ئايال؛
8.راسىتنى ھامان راس دەيدىغان،لىكىن ئۆزگىنىڭ چىن كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە،چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقى سەمىمى ئايال؛
9.ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغلايدىغان،ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان،شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى،يىراقنى كۆزدە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقى سالماقلىق ئايال؛
10.چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ،مۇزلاپ كەتكەن ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان،لىكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چىچىپ ئائىلىنى ئوت دىڭىزىغا ئايلاندۇرۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقى ئەقىللىق ئايال؛
11.ئۆزىنى قەدىرلىگەنلەرگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان،ئۆزىنى خارلىغانلارغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقى غورۇرلۇق ئايال؛
12.ھىجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان،بىشىغا جۇدالىق كەلسە كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋىتىپ،يەنە يىڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقى ساداقەتمەن ئايال؛
13.پەرزەنت ئۈچۈن زىمىن بولۇپ بارلىق ئىغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان،ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان ئىسەن تۇغۇلۇشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بىرەلەيدىغان ئايال ھەقىقى پىداكار ئايال؛
14.پەرزەنتىنى تۇنجى ھەم ئۆمۈرلۈك ئۇستاز سۈپىتىدە تەربىيلەشنى بىلىدىغان،ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقى كۆيۈمچان ئايال؛
15.پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئادا قىلىشقا تىگىشلىك 4پەرزنى( يەنى(1)تۇغۇلغاندا ياخشى ئىسىم قويۇش.(2)تۆت ياشقا كىرگەندە ئىسلامدىن ساۋادىنى چىقىرىش .(3)ئۇنىڭغا تۇرمۇش يولى كۆرسىتىپ بىرىش.(4)تويىنى قىلىش.)ۋاقتىدا ئادا قىلالىغان ئايال ھەقىقى نەمۇنىلىك ئايال؛
16.ئۆز ئەمەللىرى بىلەن يولدىشىنى،پەرزەنتلىرىنى يىتەكلىيەلىگەن، ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جەننەت دەرۋازىسىدىن كىرىشى ئۈچۈن شەرت ھازىرلىيالىغان ئايال ھەقىقى مۇسۇلمان ئايال؛
17.ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئالدىنقى سەپكە ئۇزۇتۇپ قويالايدىغان،ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا ئاللاغا نالە قىلماي سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلالايدىغان ئايال ھەقىقى مۆئمىن ئايال؛
18.«جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا »دىگەن سۆزنى ھەرقاچان ئىسىدە ساقلاپ،ئاللاھنى سىغىنغان ئايال ھەقىقى ھەرۋاقىت ئاللاغا يىقىن ئايال؛
:بۇ تېمىنىڭ  كېلىش مەنبەسى::http://www.makanim.cn/read.php?tid=11694

مەنبە : ماكانىم مۇنبىرى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە شەرتكە چۈشىدىغاندەك قىلىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:07:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت گۈلبەرگى، بۇنداق ھەقىقىي ئايال بولۇش ئۈچۈن تىرىشساق بولغۇدەك، ئەمەليەتتە قىلالمىغۇدەك ئىشلارمۇ ئەمەسكەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:33:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى دەپ ئېيتىپتۇلەرررررررررر

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:03 , Processed in 0.106394 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش