يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 2

ئاچچىقسۇنىڭ مۇنداقمۇ رولى بار ئىكەن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
205
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 06:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئاچچىقسۇ ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇ بولۇپلا قالماي، سالامەتلىكنى ئاسراشتىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ . ئاياللار ئاچچىقسۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا ، ئاچچىقسۇ ئاياللارغا ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ .
        ئاچ قورساق بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ . بەدىنىنى يارا ياكى سەپكۈن بېسىۋالغان ئاياللار دائىم قەۋزىيەت بولىدۇ . ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مەلۇم مىقداردىكى گلۇكولتېك ئىنزىم ۋە ھەرخىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولغاچقا ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ ، ئۈچەي يولىدىكى ئېكولوگىيىلىك باكتېرىيە توپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ . قەۋزىيەت ئېغىرراق بولسا ، كۈندە ئەتىگەندە ئاچ قورساققا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىپ بولۇپ ، بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان سۇ ئىچىۋەتسە بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
        ئۇخلاشتىن ئىگىرى 15 مىللىلېتىر ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە ئورۇقلايدۇ . ئورۇقلاش ئاياللارنىڭ ئارزۇسىدۇر. ئاچىققسۇدا 20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، قەنتنىڭ ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. دائىم ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە، بەدەندىكى ياغنى خورىتىپلا قالماي، قەنت، ئاقسىل قاتارلىق ماددىلارنىڭ راۋان ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئادەمنى ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىدۇ . شۇڭا ئورۇقلىماقچى بولغانلار كۈندە كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 10ـــ  15 مىللىلېتىر ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
       بەدەننى ئاق ئاچچىقسۇ سۈرۈپ ئۇۋىلىسا ، قورۇق ۋە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، ئاچچىقسۇنىڭ بەدەندىكى خىلىتلارنى ھەيدەپ ، يېڭى ماددا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بولۇپ، تېرىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىش قوشۇمچە رولى بار ئىكەن. ھازىرقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، ئاچچىقسۇنىڭ يەنە ئوكسىدلىنىش ۋە بالدۇر قېرىشقا قارشى تۇرۇش، قورۇقنى يوقىتىش قوشۇمچە رولى بار ئىكەن. كەچتە يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، پالكۈچ بىلەن يۈزدىكى قورۇقلارغا سۈرتۈپ ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بوشراق ئۇۋىلاپ، يۈزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە ، قورۇقنى يوقىتىشقا پايدىسى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت ئاچچىقسۇنى ئىسسىتىپ پۇتنى يۇسا ئۇيقۇ ياخشى بولىدۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbargi24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 08:18  


Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:54:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى ئاچچىقسۇ ئېچىشتىن توسۇيدىغانلارغا ئوكۇپ بەرسەم بوپتىكەن بۇ تېمىنى.بۇنداق رولى بارلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ مىنى توسۇپ؟

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 18:16:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بىلمەي يۇرۇپتۇق ،ئاچچىقسۇنىڭ تاماققا تەم كىرگۇزۇشتىن باشقا ساغلاملىققىمۇ خىلى چوڭ رولى باركەن ئەمەسمۇ ھە ؟    بۇ تېمىغا ئىنكاس يازىمەن دەپ لەڭپۇڭ ئىچكىم كىلىپ قالدى دىسە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 01:53 , Processed in 0.046819 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش