يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 305|ئىنكاس: 14

يازغۇچى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ۋاپات بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:25:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، شائىر ، تالانىتلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى، كۆزگە كۆرۇنگەن تېلىۋېزىيە پىروگرامما تەھرىرى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بۇگۇن ئەتتىگەن تۇيۇقسىز قوزغالغان كىسىلىنى داۋالاش ئۇنۇم بەرمەي ۋاپات بولدى.


ئەخمەتجان قۇرباننىڭ تەرجىمھالى


ئەخمەتجان قۇربان سابىرى1960-9-ئايدا قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بىر ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، 1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.  ئۇ1983-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ، بۇ بۆلۈمنىڭ تۇنجى ئەدەبىي مۇھەررىرى بولۇپ قالغان. ئۇ بۇ جەرياندا 150دىن ئوشۇق ناخشا تېكىستىنىڭ تەھرىرلىكىنى ۋە ئون نەچچە دىرامما ئوپېرانىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان ، ئۆزىمۇ رادىئو تېلىۋىزىيە ئۇچۇن ناخشا تېكىستى يازغان.
1985-يىلى ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە تۇنچى قېتىملىق<< شىنجاڭنى سۆيىمەن >> دېگەن تېمىدا مۇكاپاتلىق ناخشا قوبۇل قىلىشتا ئۇنىڭ ناخشاتېكىستىگە ئىشلەنگەن<< تەكلىماكاندا ياسايمىز گۈلباغ>>، << يۇلتۇزۇم>>، << تولۇنئاي >> دېگەن ناخشىلار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقاندا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ، ناخشا-ئۇسۇل، دىرامما ئوپىرالارنى لېنتىغا ئېلىشقا ئەدەبىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشى ئۇچۇن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان.  ئۇ، 1986-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەرجىمە-تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ، مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەخسۇس پروگراممىلىرى،<< شىنجاڭ خەۋەرلىرى>> نى تەرجىمە قىلىپ بېرىشتە مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى قىلغان. ئۇ، مەخسۇس پىروگراممىلاردا ئۇچرايدىغان قەدىمقى ۋە ھازىرقى شېئىرلاردىن 300 دىن ئوشۇقنى تەرجىمە قىلىپ، مۇشۇجەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان.

             ئۇ 1991 -يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئۇيغۇر مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ چىققاندىن كېيىن ، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پرگراممىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋەتەرەققىياتى ئۇچۇن يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۇچۇن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.  ئۇ 1994-يىلىدىن تارتىپ شۇ چاغدىكى<<تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر دوستى >> پروگراممىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇخبېرلىق قىلىپ،500 دىن ئوشۇق مەخسۇس پروگراممىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان. ئۇ سىنارىيىسىنى يازغان<<يۈكسەل قورغاس>>، <<سېھىرلىك سىمپونىيە>>، <<پايتەختتىكى تەڭرىتاغلىقلار >> ،  <<باغرىڭنى ئاچ باغراش>>، <<خسىلەتلىك بۇلاق>>، <<ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە قۇتاتغۇبىلىك>>  قاتارلىق مەخسۇس فىلىملەر تۇرلۇك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ مەخسۇس فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىش بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسىنىمۇ يازغان. ئۇ ھازىرغىچە<<ياشلىق ساداسى>>، <<نوزۇر ناۋاسى>>، <<ناۋالىق دىيار تۇرپان يۇزى>>، <<ناۋا ۋە جۇلا>>، <<نورۇز شادلىقى>>، <<دۇنيا ۋە ئاياللار>>، <<ئىللىق دۇنيا>>، <<غۇلجا ناھىيىسىدە مەشرەپ>> قاتارلىق 50 نەچچە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىمىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان. ئۇ يەنە رادىئو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ناخشا تېكىستىنى، ئېتوت يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، ھازىر ئۇ تېكىستىنى يازغان <<قىممەتلىك ھايات>>، <<يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-ئاناڭنى >>، <<كارۋان ھېكمىتى>>، <<سىڭلىمغا>>، <<جۈپ پەرزەنت>>، <<نورۇز ناۋاسى>>،  <<تۇرنىلار>>، <<ھايات دېگەن سىرلىق تېپىشماق>>، <<دوستلۇق كۇيى>>  قاتارلىق 150 دىن ئوشۇق ناخشا  رادىئو- تېلېۋىزىيىدە ئاڭلىتىلماقتا، ئۇنىڭ يەنە <<قىز بالا بولسا نېمە بولۇپتۇ>>،  <<باجگىرنىڭ باش قېتىمچىلىقى>>، <<بالىلىرىنى كۈتۇش>>، <<ئانىسىز ئۆي>>، <<مېھىرى شەپقەت>>، <<يىراق يېزىدىكى مۇھەببەت>> قاتارلىق 90 نەچچە ئېتوتى تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىلگەن.
              ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئەمەلىي خىزمەت ئىشلەش بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنىمۇ توختىتىپ قويمىغان. ئۇ بۇ جەرياندا<<مەخسۇس پروگراممىلار ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>>، <<تېلېۋىزىيە ئېكرانىنى رەڭدارلاشتۇرايلى>>، <<ئالتۇن كۆزنەك پىروگراممىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>>، <<ئۇن-سىن بازىرىدىكى ئويلار>>، <<تېلىۋىزىيە سەنئەت فىلىمى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>>، << ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ئىتوتچىلىقى ھەقىدە>> قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ ئېلان قىلدى. ئەخمەتجان 2001-يىلى4-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس پروگرامما بۆلۇمىنىڭ  مۇئاۋىن مۇدىرلىق ئورنىغا رىقابەت ئارقىلىق چىققاندىن كېيىن،  مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، پروگرامما ئىسلاھاتى ۋە نادىر پروگرامما يارتىشتا باشلامچىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە، ئۇ ھازىر <<ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار>>، <<كۆڭۈلدىكى سۆز>>، <<قانۇن ۋە پۇقرا>>، <<مائارىپ گۈلزارى>>، <<مۈنبەت تۇپراق>>، <<پەن ۋەمائارىپ >> قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ فىلىم مۇدىرلىقى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
              ئەخمەتجان قۇربان سابىرى سىنارىيىسىنى يازغان <<<سىرلىق ئۆڭكۈر>>، <<سۆيگۈ گۈلى>>، <<چاقىرغۇلۇق قىزلار>> ناملىق تېلىۋىزىيە سىنارىيىلىرى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ تاماشبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇنىڭ چوڭ تىپتىكى بالىلار چۆچىكى<<يالغانچى تۇسۇق>>قا ئاساسەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق كۆپ قىسىملىق رادىئو دراممىسى ئىشلىنىپ كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئەخمەتجان قۇربان سابىرى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەش بىلەن بىرگە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى. ئۇ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى گېزىت -ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئوشۇق شېئىر <<چاقىرغۇلۇق قىزلار>>، يالغۇز تام>>، <<بىزنىڭ دۇكان>>  قاتارلىق 30 پارچە پوۋېست ۋە ھېكايە <<تىڭىرقىغان ئەپسانىلەر>>، <<سەھەردە كۆرگەن چۈشلەر>>، <<يىللار ۋە ئىنسانلار>> قاتارلىق 40 نەچچە نەسىر <<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا شاراپ بەدىئىي ۋاستە بولۇپ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە>>، <<ھېكايىدىكى شېئىر ۋە مۇزىكا>>، <<ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>> قاتارلىق 30غا يېقىن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلدى.   
                  يېقىندا ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلار ئۈچۈن نەشىر قىلدۇرغان «ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى (1-5) » ئۇيغۇر مەسەللىرى خەزىنىسىگە قۇشۇلغان يېڭى يۇلتۇز، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .  

ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:  
1 .   كالتە قۇيرۇقلۇق چاشقان .
2. بالىلار يۇمۇرلىرى .
3. بالىلار چاقچاقلىرى
4.تۇنۇر بېشىدىكى چۆچەكلەر( 3 قىسىم)
5 . ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە بالىلار تېپىشماقلىرى ( 5 قىسىم)
6.ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى (6 قىسىم)

7.ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى (5 قىسىم)  
8.ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى (5 قىسىم)
9.ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى (5 قىسىم)
10. كۈندە بىر كۈلكە (2 قىسىم)
11. كۆك ئۆستەڭ (رومان)  (كىيىن ياتلىق بولالمىغان قىزلار-دېگەن نام بىلەن قايتا نەشىر قىلىنغان)
12.ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قىزىقارلىق سۇئال-جاۋاپلار (10 قىسىم)
13. ئۇنىڭ يېقىندا «ئورمانلىقتىكى ئويۇنلار» ناملىق بالىلار رومانى ۋە «بالىلار ھېكايىلىرى» ناملىق 5 قىسىملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى نەشىردىن چىقىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

14. يېقىندا يەنە ئۇنىڭ بالىلارغا ئاتاپ يازغان «مۇقام ۋارىسلىرى»، «سىرلىق ئۆڭكۈر» ناملىق بالىلار رومانى نەشىردىن چىقىدۇ..
15. يېقىندا شىنجاڭ<<ئارمان>>شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «مەشىرەپ» پروگراممىسىدا ئۇنىڭ يازغان «ئارمان مېھرى» ناملىق  ناخشا تېكىستى ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تەرىپىدىن سەھنىدە ئوقۇلدى.


Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:49:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر زامانلاردا بىللە ئوينايتتۈك، كۆپ مۇڭدىشاتتۈك، مۇشۇ ئىككى-ئۈچ يىللاردىن بېرى ئۆز ئوقەتلىرىمىز، تىرىكچىلىكىمىز بىلەن بولۇپ كېتىپ كۆپ ئەسرارلىشالمىغان ئىدۈك، قارىغاندا، ماڭىمۇ يېقىنلاپ كېلىۋاتامدۇ-نېمە؟

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 00:02:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:49
بىر زامانلاردا بىللە ئوينايتتۈك، كۆپ مۇڭدىشاتتۈك، مۇش ...

ئاغزىڭىزنى ئۈشتمىڭە ئاكا

Rank: 3Rank: 3

توردا
216 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
189
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:01:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلۈم ئالدىدا ئادەم دىگەن شۇنچىلىك ئاجىز نەرسە ئىكەن.ئادەمنىڭ ھاياتىمۇ شۇنچىلىك قىسقا......
گەرچە تونىمىساممۇ،مەرھۇمغا ئاتاپ دۇئا قىلىمەن.

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 2

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
49
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:58:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىكنىڭ بىلىپ بىلەمەي قىلغان گۇنالىرىنى ئاللا مەغپىرەت قىلغاي،ئامىن!
ئادەم ئۆز يىنىدىكى،يىقىن ئۆتىدىغان دوسلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا،ئۆزىگە يىقىنلاپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ....
ھەممەيلەننى ئاللا ئۆز پانايىدا ساقلىغاي ،ئامىن!

ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
www.makanmusic.com/bbs

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:07:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، كۆڭلۈم يېرىم بولدى.

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
360

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:30:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئارقا- ئارقىدىن ئۇلىشىپ كەلدى بۇ مۇسىبەتلەر....يۈرەكنى ئىزىپ.....

Rank: 3Rank: 3

توردا
216 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
189
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:42:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش ئاھۇ نىڭ يازمىسى

شۇنى دەيمەن.

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 1

توردا
61 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
206
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى 20:48:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ئامىن !

Rank: 1

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:45:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمغا جەننەت ۋە مەغپىرەتلىك تىلەيمەن........
ئوغلۇم كىتاپلىرىنى بەك ياخشى كۈرەتتى بۇ يازغۇچىمىزنىڭ، بۇ مۇسىبەت بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈنمۇ بىر يۇقىتىش ،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 04:43 , Processed in 0.060814 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش