تىكەنلىك گۈللەر
ياسىنجان ئىبراھىم
1
شۇمۇ ئابروي خىل كىيىشنى بىلسىلا،
رېستۇراندا يەپ-ئىچىشنى بىلسىلا.
ھەممىگە كۆز-كۆز قىلىپ دۇنياسىنى،
بەزمە ئويناپ پۇل چېچىشنى بىلسىلا.
چوڭ خوجايىندەك سالاپەتتە كېلىپ،
بىمالال تۆرگە چىقىشنى بىلسىلا.
بىر يوسۇن بولدى شەكىلۋازلىق ئەجەپ،
مودىدىن قالماي ئېقىشنى بىلسىلا.
پەن-ئىلىمدىن يۈرسىڭىزمۇ بىخەۋەر،
بوپتۇ رەڭۋازلىق قىلىشنى بىلسىلا.
قويمىچى بولماق ھۈنەركەن ئاڭلىسام،
شۇ ئىكەن يول پۇل تېپىشنى بىلسىلا.
«مەن پادا باققاندا بار»دەپ جار سېلىپ،
نوچىكەن ياڭاق چېقىشنى بىلسىلا.
چوڭ ماھارەتكەن ئىگىزگە يامىشىش،
چاڭگىنى ئەپچىل تىزىشنى بىلسىلا.
ياشىماق ھەركىم غورۇرى ئىلكىدە،
شان-شەرەپ قانداق كېلىشنى بىلسىلا.
2
ئادىتىڭمۇ ئىز ماراش غەيۋەتچىلەر،
ئارقىدىن ئىتتەك غاجاش غەيۋەتچىلەر.
ئاق كۆڭۈللەرگە ئازارىڭ ئاز ئەمەس،
قىلمىشىڭدىن باغرى تاش غەيۋەتچىلەر.
دوست-قېرىنداش رىشتىگە قايچا سېلىپ،
ئارىنى قىلدىڭ ئاراش غەيۋەتچىلەر.
سەنكى بار ئۈندى تۇخۇمدىن تۈك-نىزا،
يوق ئاراملىق كۆزدە ياش غەيۋەتچىلەر.
ئەرگىمۇ يۇقتى يوقالماي بۇ كېسەل،
بىر-بىرىگە خام تالاش غەيۋەتچىلەر.
غەيۋىتىڭدىن بولمىدى ھەتتا يىراق،
نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش غەيۋەتچىلەر.
ئايرىماي ياخشى-ياماننىڭ پەرقىنى،
بۇ ساڭا قانداق ياشاش غەيۋەتچىلەر.
3
ئاز ئەمەس ئالدىمدا يالغان كۈلكىلەر،
ئازدۇرۇپ ھەر كويغا سالغان كۈلكىلەر.
بىلمىدىم سالسا ئۇسسۇلغا نە ئۈچۈن،
ساز قىلىپ قەلبىمنى چالغان كۈلكىلەر.
سېھرىدە مىڭ جادۇ-ئەپسۇن بارمىكىن،
شۇم نىيەتكە مىسلى قالقان كۈلكىلەر.
گاھ دىلىمغا زوق-ھوزۇر مەلھەم بولۇپ،
نۇرلۇنۇپ چېھرىمدە قالغان كۈلكىلەر.
گاھ ئۇيالماي تۈلكىنىڭ جۇپ كۆزىدىن،
بوپ زەھەر رىسقىمغا تامغان كۈلكىلەر.
نەۋ باھار دەپ كۆرسىتىپ ئالۋۇننىمۇ،
مۇز بولۇپ مەڭزىمدە قاتقان كۈلكىلەر.
ياخشىلارنىڭ مېھرىگە چومگەن چېغىم،
نۇر بولۇپ تەكشى تارالغان كۈلكىلەر.
4
ئەر تۇرۇپ بۇلغاپ يوسۇننى قاخشىماڭ،
سەت كۆرۈپ داتلاپ خوتۇننى قاخشىماڭ.
شۇنچە كۆيدۇم دەپ ئاڭا گۈل ۋاقتىدا،
ئەمدىلا تىكلەپ بويۇننى قاخشىماڭ.
بىر كىيىپ تاشلايدىغان كۆينەكمۇ ئۇ،
چىقىرىپ تەتۈر قۇيۇننى قاخشىماڭ.
كويمىگەندە ئوتىڭىز ئۇ بولدى ياغ،
ئۆزگىگە دۆڭگەپ تۈتۈننى قاخشىماڭ.
ئېرىدى كىر ياقىڭىزمۇ بولدى ئاق،
كونا دەپلا ياخشى توننى تاشلىماڭ.
جايىغا ئوتنى ياقالماي دائىما،
كۆيمىدى دەپلا ئوتۇننى قاخشىماڭ.
تەلمۈرۈپ مېھرى-مۇھاببەت ئىزدىسە،
ئالدىدا ئاچماي قويۇننى قاخشىماڭ.
سۆيسە ئۇ سىزنى خىيانەت ئەيلىمەي،
ئەمدى سىز ئويناپ ئويۇننى قاخشىماڭ.
5
ئامىتىم تەۋكادا دەپ ئاتتىم ھوشۇق،
بولدىغۇ ماڭغان يولۇم بەكمۇ تۇيۇق.
كۆزلىدىم چوڭ-چوڭ جاپاسىز پايدىنى،
قاچتى ئامەت بولمىدى ئەسلا ئۇتۇق.
ئەلمىساقتىن كىم قىماردا يالجىدى،
كۈندە تەۋكادىن چىقىپ كۆڭلۈم سۇنۇق.
دو تىكىپ شىرىن چۈشۈمدە باي بولۇپ،
تاڭدا ئويغانسام يەنە ئەسلى تۇرۇق.
تېگى يوق پاتقاققا پاتتىم ۋادەرىخ،
كۈنسىرى توم يانچۇقۇم بولدى قۇرۇق.
يانمىدىم دوغا تىكىلدى ئۆي-بىسات،
يەتتى خارلىق ساق چىنەم بولدى پۇچۇق.
ئىزدىسەم يوقتۇر پۇشايمانغا قاچا،
نە ئامال قالغاندا ئەمدى تىز ئوچۇق.
6
چىقىپ تۆرگە مېنى پەگادا پەس كۆرمە،
ئۆزۈم زەر دەپ ئاياق ئاستىڭدا خەس كۆرمە.
غورۇرۇم مەن ئۈچۈن بىر تۈغ قىلار جەۋلان،
دىلىم ئاق سەن ئۆزۈڭگە ھەمنەپەس كۆرمە.
قىنىڭغا سىغمىدىڭ ئالەم مېنىڭ دەمسەن،
چۈشۈش بار كۆكتە ئۇچماقنى ھەۋەس كۆرمە.
كۆتۈرگەن ئەل يەنە يەرگە ئۇرالايدۇ،
قىلار دوست ئاغرىتىپ چىن سۆزنى قەس كۆرمە.
تۇغۇلدۇق تەڭ يەنە تەڭ بىز كېپەن ئىچرە،
بولۇر ئامەتمۇ تۆت كۈنلۈك پەۋەس كۆرمە.
مەنبە: ئۆزۈم