يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 376|ئىنكاس: 6

ھايا ۋە ئىپپەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:56:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايا ۋە ئىپپەت تەربىيلىك ئاياللارغا ئادەتتۇر. ئەرلەرگە سۆيۈملۈك كۆرنۈشنىڭ ئاساسىدۇر. ئەدەپسىز ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ھاياسىز يۈرۇش_تۇرۇشلىرىغا ئار_نۇمۇسلۇق بىر ئەر كىشىنەپرەت قىلىدۇ . ئايالى ھەرقانچە تېپىلمايدىغان پەرىزات بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ نۇمۇسسىز بولسا، ئەرنىڭ شۇ سائەتتىن باشلاپ ئخلاسى قايتىپ، مۇھەببىتى سوۋۇپ، نەپرەتلىنىشكە باشلايدۇ. چۇنكى، نۇمۇسسىزلىق بىلەن ھاياسىزلىق خەلىق ئالدىدا ھېچقاچان ئەپۇ قىلىنمايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئاللاھ قىمۇ دۈشمەن ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، تەربىيلىكئاياللار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۇن، بۇ خىل ھاياسىزلىقتىن يىراق تۇرىدۇ. ھايالىق نۇمۇسچان كىشى نەقەدەر كەمبەغەل بولسىمۇ، كىشىلەر ئالدىدا ھۆرمەتلىنىدۇ. لىكىن، ھاياسىز _نۇمۇسسىز كىشىلەر قانچىلىك باي، قانچىلىك مەرتىۋىلىك بولغان بىلەنمۇ ئېتىبارى يوقتۇر.
شەرم_ھايا ئسلام دەرىخىنىڭ بىر شېخى بولۇپ، شاخلىرى دۇنيادا بولسىمۇ، يىلتىزىجەننەتتىدۇر. بۇ شاخلارغا يېپىشقان زات ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تومۇرلىرىغىمۇ تۇتىشىدۇ. تەربىيلىك ئاياللارنىڭ يۈزلىرىدە ئەكىس ئەتكەن قىزىللىق ھايانىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئۇئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە چاقماقتەك تەسىر قىلىپ، مۇھەببەت ئۇرىقىنى چاچىدۇ. غەيۋەت_شىكايەت، چېقىمچىلىق، ئۆسەك تېرىش ۋە يالغان سۆزلەشتەك بۇزۇق مىجەزلەرھاياسىزلىقتۇر. تەربيلىك ئاياللار بۇ خىل يامان ئىللەتتىن خالىيدۇر.
ئەگەر پەزىلەتلىك ئاياللار بۇ خىل ئىللەتكە ئۆز تەبىئىتىدىن ئورۇن بىرىدىكەن، گۇناھى ئىككى ھەسسە ئاشىدۇ. ئاتا_ئانىسىغا، ئېرىگە، يېقىنلىرىغا، يالغان ئېيتقانئايال ئەڭ ئۇچىغا چىققان بۇزۇق ھەم تەربىيسىز ئايال ھىساپلىنىدۇ. پەزىلەتلىككىشىلەر يالغانچىنى ئايال قىلىپ تۇتۇش تۈگۈل، ھەتتا خىزمەتچى قىلىپمۇ ئىشلەتمەس.

سوۋغات نامىلىق كىتاپتىن ئېلىندى.

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
205
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 06:45:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلاق ئادەم زىننىتى.

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:19:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپنى ئىككى قىزىمغا ۋاقىت چىقىرىپ بىر ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم، بەك ياخشى يېزىلغان كىتاپ بۇ، ئايال كىشى بولغۇچى، قىز پەرزەنتى بارلار بىر ئوقۇغۇدەكلا زادى.

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:52:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىلىپ ئوقۇپ باقايچۇ ،ئۈگەنگۈدەك پەندى نەسىھەتلەرنى ئۈگەنگەچ تۇريلى ،بۇ ھەم ئۆزىمىز ئۈچۈن ھەم پەرزەنتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق كەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:24:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايا ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر.
ھايا ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ زىننىتى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 07:25:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى «چېگرا رايون» مېھمانخانىسىدىكى بازاردا، 20 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بىر ئۇيغۇر قىز بىلەن شۇ دېمەتلىك بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ زىيادە ھاياسىزلىقىدىن سەسكەنگىدەك، نامۇس قىلغىدەك ئىشنى كۆرۈپ، ئوتتۇرا ياشلىق (مەن بىلەن دېمەتلىك بولسا كېرەك) بىر ئۆزبېك كىشى ئالدىدا خىجىللىقتىن ئۆلەيلا دېدىم. ئۆزبېك كىشى ئايىقىنى مايلىتىۋاتاتتى، ھېلىقى ھاياسىز قىز قوللىرى بىلەن يىگىتنىڭ بوينىغا گىرە سالغان، يىگىتنىڭ قوللىرى قىزنىڭ بېلىدە، قىز يىگىتكە ئىنتىلىپ تىللىرىنى سوزۇپ ھازىرلا يالمايدىغاندەك سىياقتا، يىگىت تومشۇقلىرىنى ئۇچلاپ سۆيۈدىغاندەكلا ئەلپازدا، تېخخمۇ ئادەمنىڭ غەزىبىنى قوزغايدىغىنى بۇ ئىككى ياشنىڭ ھايالىق يەرلىرى بىر-بىرىگە چاپلاشقان بولۇپ مەھكەم سۈركىلىشىۋاتاتتى... مەن بۇلارنى كۆرۈپ غەزەبلەنگەن بولساممۇ ئەمما بىر نەرسە دېيىشكە پېتىنالماي تۇراتتىم، چۈنكى سوقۇشۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى! ئايىقىنى مايلىتىۋاتقان ئۆزبېك ئاخىر بۇ بەدقىلىقلارنىڭ ھاياسىزلىقىغا چىداپ تۇرالماي چالا مايلانغان ئايىقى بىلەن يۈگرەپ كېلىپ :
___ ھاي بەغەرەزلەر، كۈپ-كۈندۈزدەيەم قىلىياتگەن ئىشلەرىڭنى ... گەپىرىدىگەنلەر يوقمى سېنلەرگە؟ ___ دەپ دېۋەيلەپ كەلدى، بۇ بەدقىلىق ياشلار ئۆزبېكچىنى بىلمىدىمۇ يا «سەن نېمىتىڭ» دەپ ئويلاشتىمۇ، بىر-بىرلىرىدىن ئاجرايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئاخىر مەن بېرىپ:
___ نېمانداق يەر تاپالمىغاندەك  تۈمەنلەپ ئادەملەر ئارىسىدا زىڭلىشىپ قالىسىلەر؟ جايىڭلارغا كېتىڭلار،___ دېدىم. ئارقىدىن خۇددى ماڭا ئوخشاش گەپ قىلىشقا پېتىنالمايۋاتقان ئۇيغۇردىن نەچچىسى ئولاشتى ۋە ئۇلارنى ئەيىبلەشتى. شۇندىلا بۇ بەدقىلىقلار ئەتراپىغا قارىشىپ قويۇپ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئارقا دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىشتى، ئوزايىدىن ھېچ خىجىللىق كۆرۈنمەيتتى...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
223
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايا ۋە ئىپپەت تەربىيلىك ئاياللارغا ئادەتتۇر. ئەرلەرگە سۆيۈملۈك كۆرنۈشنىڭ ئاساسىدۇر. ئەدەپسىز ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ھاياسىز يۈرۇش_تۇرۇشلىرىغا ئار_نۇمۇسلۇق بىر ئەر كىشىنەپرەت قىلىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 04:06 , Processed in 0.114694 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش