يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 379|ئىنكاس: 9

سېنى ياخشى كۆرىمەن لېكىن سەن بىلەن بىللە بولالمايمەن. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 00:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېنى ياخشى كۆرىمەن لېكىن سەن بىلەن بىللە بولالمايمەن.
بۇ ئەسەر ماڭا بەك تەسىر قىلدى، شۇڭا يوللاپ قويدۇم .ئەيىپىكە بۇيىرىماڭلار.........
بېلىق: سەن ئىنتايىن گۈزەل،مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلىمەن.
سۇ: ئەخمەق،ئۇ بىر خىيالىڭ خالاس،مەن ئىشەنمەيمەن.   
بېلىق:راست دەۋەتىمەن،سېنى ئالدىمىدىم.
بېلىق:مەن بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇشقا ئىشەنمەيمەن.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بېلىقنىڭ سۇغا بولغان مۇھەببىتى بارغانسىرى كۈچىيىپتۇ.   
بېلىق:مەن سەن بىلەن بىللە بولسا ئۆزۈمنى ناھايىتى خوشال ھېس قىلىمەن.   
سۇ:بۇنىڭ سەۋەبى بىز چىقىشىپ قالدۇق.
بېلىق:مەن سېنىڭ پۇرىقىڭنى ياخشى كۆرىمەن.
سۇ:چۈنكى سەن مېنىڭ بارلىقىمغا كۆنۈپ قالدىڭ شۇڭا شۇنداق ھېس قىلىسەن.   
بىر قانچە كۈندىن كېيىن سۇ يىراقلارغا سەپەر ئالماقچى بولۇپتۇ.  
بېلىق:مەن سەندىن ئايرىلالمايمەن.
سۇ:بىرقانچە كۈن ئۆتسىلا مېنى ئۇنتۇپ كېتىسەن.  
بېلىق:ياق،مەن سەندىن باشقا ھېچكىمنى ياخشى كۆرەلمەيمەن!
سۇ:چۈنكى سەن مەندىن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان،شۇڭا شۇنداق دەيسەن.   
بېلىق:سەن مېنىڭ بارلىقىم.   
سۇ:لېكىن سەن مېنىڭ بارلىقىم ئەمەس.  
بېلىق:سەن نېمىگە ئېرىشمەكچى؟نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟   
سۇ:ماڭا پەقەت ئىللىق كۆڭۈل بولسىلا بولدى،شۇمېنىڭ بارلىقىم.   
بېلىق:سەن مەن ئۈچۈن بولسىمۇ قېلىشنى خالىمامسەن؟  
سۇ:ياق،مەن بۇ يەردە توختاپ قالسام ئۆلۈك ھالەتتىكى توختام سۇ بولۇپ قالىمەن.مەڭگۈ دېڭىز ئوكياننى كۆرەلمەي ئۆتۈپ كېتىشىم مۆمكىن.   
بېلىق:ئۇنداقتا ئىككىمىز بىرلىكتە ئىلگىرلەيلى.   
سۇ:سەن مەڭگۈ مېنىڭ مېڭىش قەدىمىمگە يېتەلمەيسەن.  
بېلىق:سەن مەن ئۈچۈن بىر ئازۋاقت ساقلاپ تۇرۇشقا ياكى ئاستا مېڭىشقا رازى بولمامسەن؟  
سۇ:مەن توختىماستىن داۋاملاشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن.
بېلىق:مەيلى نېمىلا بولسۇن مەن سەن بىلەن بىرگە دېڭىز ئوكيانغا يېتىپ بارىمەن.   
سۇ:ئەخمەقلىق قىلما،سەن پەقەت بىر تاتلىق سۇ بېلىقى.
بېلىق:مەن سېنى يالغۇز ھالەتتە قايناملارغا تاشلاپ قويۇشنى خالىمايمەن.
سۇ:مەن بۇ سەۋەبلىك ساڭا رەھمىتىمنى بىلدۈرەلمەيمەن.
بېلىق:مەن سېنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشمەكچى ئەمەسمەن،مېنىڭ مەڭگۈ بىر سېنىڭ بىلەنلا بىرگە ئۆتكۈم بار. سۇ: سېنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتەلمەيدىغىنىم ساڭا ئايان.ھەم ياخشى كۆرەلمەيدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن.   
بېلىق: مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈش ھوقوقۇم بار.  
سۇ:بۇنداق قىلساڭ ئۆزۈڭنى ئازابلايسەن.
سۇ بىلەن بېلىق بىللە ئىنتايىن چوڭ بولغان بىر دەريادىن ئۆتتى،بۇ چاغدا بېلىق يېرىمجان بولۇپ قالغان ئىدى.  
بېلىق:مەن ساڭا قانچىلىك ھەمراھ بولالايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.
سۇ:قايتىپ كەتكىن،بۇ سەن كەچۈرىدىغان كۈنلەر ئەمەس.   
بېلىق:ياق، تاكى كۆزۈم مەڭگۈلۈك يۇمۇلغۇچە مەن سەن بىلەن بىللە يۈرىمەن.   
سۇ:سەن راستىنلا ئەخمەق بولۇپسەن.
بېلىق:ئۇنداقتا سەن بىر ئەخمەقنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلالامسەن؟   
سۇ:مېنىڭ كۆڭلۈمنى دېڭىزنىڭ ئېلىپ بولغانلىقىنى سەن ئېنىق بىلىسەن،مەن نىيىتىمدىن يانالمايمەن.
: نېمىشقا؟ سەن مېنى ياخشى كۆرۈشكە بىر قېتىممۇ ئۇرۇنۇپ باقمىدىڭ.
سۇ:پەقەت دېڭىزنىڭلا مېنىڭ بارلىقىم ئىكەنلىگە مەن چەكسىز ئىشىنىمەن.   
ئۇلار بىرلىكتە يەنە بىر دەريانى كېسىپ ئۆتتى.بۇ ۋاقتتا بېلىقنىڭ پەقەت 4تىن 1 ىچىلىك ماغدۇرى قالغان ئىدى.  
بېلىق: ناۋادا بىر كۈنلەردە مەن يوق بولۇپ كەتسەم قانداق قىلىسەن؟   
سۇ: راست شۇنداق بولۇپ قالسا مەن ئازابلىنىمەن،ھەمدە ئەپسۇسلىنىمەن.

چولپانلار تور بىتىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbargi24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 17:41  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:30:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقسىگە ئوخشايدىكەن؟
سىزبېلىقمۇ ياكى سۇمۇ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 11:26:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلبەرگى،مەيلى سىزگە بېلىق ياكى سۇ بولۇش نىسىپ بولسۇن ،بۇ يازمىدا مۇھەببەتنىڭ بارلقى مېنى سۈيۈندۈردى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:01:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر يازمىنى نەچچە يىللار ئىلگىرى كۆرگىنىم يادىمدىن كەچتى.

بېلىق كۆز يېشى قىلىپ ئازابلىق پىلتىڭلايتتى. بېلىقنىڭ ئازابى سۇنىمۇ ئازابلايتتى. بىر كۈنى سۇ بېلىقتىن سورىدى:
- نىمە ئۈچۈن بۇنچىلىك ئازابلىنىسەن؟ خۇشال ياشىساڭ بولمامدۇ؟
بېلىق زەردە بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى:
- سەن پەقەتلا توختاۋسىز ھالەتتىكى سۇ خالاس. سەن مېنىڭ يۈرىكىمدىكى ئازابلىرىمنى چۈشەنمەيسەن. مەڭگۈ چۈشەنمەيسەن.
بېلىق سۆزلەپ بولۇپلا پىلتىڭلاپ ئۈزۈپ كېتىپ قالدى.  سۇ بولسا بېلىقنىڭ قارىسى يۈتۈپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا قاراپ پىچىرلاشقا باشلىدى:
- سېنىڭ يۈرىكىڭنى چۈشەنمەسلىكىم مۇمكىنمۇ، بىلگىنكى سەن دەل مېنىڭ يۈرىكىمدە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 21:03  


بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:04:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف ... قايسى بىر كىتاپتىن سىنى ياخشى كۆرىمەن ئەمما سۆيەلمەيمەن دەپ بىر جۈملە ئوقوغىنىم ئىسىمگە كەپ قالدى .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:51:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق رومانتىك ئاھ

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:30:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن ھەم مەڭگۈ سېنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن!

Rank: 2

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:08:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوغان ئىش ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:31:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
neyime يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:08
يوغان ئىش ...

ھاھاھاھاھاھاھا~~~ ماۋۇ دەھشەت ئىنكاسنى ئەجەپ ئەمدى كۆرۈپتىمەن، ئاۋازىمنى قويۋېتىپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن، قىزىقتە سىز چوڭ نەئىمە

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:27:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئەمەلىيتىمگە ماس كىلىدىكەن .بۇلارنى ئوقۇپ كۆزۈمگە ياش كىلىۋاتىدۇ .ئۆزۈمنىڭ سۇ بولماي بىلىق بولغىنىمغا ئۆكۈنىمەن .ھەي ...............

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 02:23 , Processed in 0.052385 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش