مۇئەللىمنىڭ مائاشى
ئابدۇغېنى سېيىت
زېرىككەننى ئويناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
ئۇخلىغاننى ئويغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
بەزمىلەرنى قايناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
يەپ-ئىچكۈزۈپ يايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
گاچىنىمۇ سايراتتى، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
مۇئەللىمگە«پۇل قىل››دەپ زورلاپ بەرگەن كىتابنى،
سېتىلمىسا مائاشتىن ئۇدۇللىغان ھېسابنى.
پۇل يىغىلسا ساندۇقلاپ ئېلىپ پىۋا،شاراپنى،
تۈرۈپ سورۇن يېيىشىپ توخۇ، توشقان-كاۋابنى،
يېگەكنى ياغ چايناتتى، مۇئەللىمنىڭ مائاشى .
ئەخمەت يېگەن مانتۇغا پۇل تۆلىتىپ روزىغا،
ئارتسا تۆگە يۈكىنى ئوغلاق بىلەن قوزىغا.
قالسا ئوخشاپ مۇئەللىم گويا سۇسىز كوزىغا ،
قىسىلسا ئۇ تۇرمۇشتا -ئۆينىڭ گۆش، ياغ، تۇزىغا،
ئەجەب يەرگە قاراتتى، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
تۇتىدىغان پۇللارنىڭ ئېتى شۇنداق چىرايلىق،
كاتىكى جىق كەپتەرنىڭ رېتى شۇنداق چىرايلىق.
سەۋەبىگە ‹‹مۇدىر››نىڭ گېپى شۇنداق چىرايلىق،
تۇتقان پۇللار كىمنىڭدۇر، خەجلىشىگە قولايلىق،
لوق گۆش بولدى كىملەرگە ، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
مۇئەللىمنى يونۇسا سىنىپ چۈشكەن بالىمۇ،
مۇئەللىمنى يونۇسا خەت ساۋاتى چالىمۇ.
ساقايمىسا گەدەندىن ‹‹قەرز››مەرەز يارىمۇ،
ئاھ،مۇئەللىم ھەرياندىن ساغىدىغان كالىمۇ،
ئارام بەرمەي قاتراتتى ،مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
ئىمزا قويسا نەچچىسى قەرز-قىزىل رەقەمگە،
تىترەپ قولى نائىلاج يۈك ئارتقاندەك قەلەمگە.
يازسا ھۆججەت قەرزگە قويۇپ ئىزا ئەلەمگە،
يۈرسە كىملەربىغەملا دەسسەپ مەرغۇل ،سەنەمگە،
تولۇقلىغاچ خەجىنى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
ماختاپ ئۇنى ئەتىگەن ،تىللاپ بۇنى كەچلىكى ،
كىم يۇۋاش نەپ يۇقىدۇ خىللاپ شۇنى كەچلىكى.
تاك-تاكچىنى سورۇنغا چىللاپ بىللە كەچلىكى،
نېمىشقا ؟ئاھ، مەنسەپنى ساقلاش غېمى ،تەسلىكى،
مەي، زاكۇسكا جەرىمانە، مۇئەللىمنىڭ مائاشى.
ئۇچۇغدالسا مۇئەللىم تاۋۇزقىلىپ تېرىقنى،
شۇنداق ئۇلار لاي سۇدىن تۇتسا دائىم بېلىقنى،
تەكرار-تەكرارمەركەزدىن سالما دېسە سېلىقنى،
توختاتمىسا سېلىقنى-قارغىشتەگكۈرقىلىقنى،
قالغان نېمە بالاغا مۇئەللىمنىڭ مائاشى .
شىنجاڭ مائارىپىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 15:13