يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 481|ئىنكاس: 12

كولانىڭ ئەكس تەسىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
205
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:25:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      1993 – يىلى ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان ‹‹خۇدا، دۆلەت ۋە كوكاكولا›› ناملىق كىتابتا، تۇنجى بولۇپ كوكاكولانىڭ فوسفورىك كىسلاتا، قەنت، كوفېئىن، ئىنسۇلىن قاتارلىق سۈنئىي يېمەكلىك خۇرۇجلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئارىلاشما ماددا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. يازغۇچى ۋاد . مىلادىس ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە ئامېرىكا دىيابېت كېسىلى جەمئىيىتى قوللاپ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتى، يەنى ‹‹كولا ئىچكەندە، بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ؟›› دېگەن تەتقىقات تۈرىنى بايان قىلغان.
كولانى ئىچىپ 60 مىنۇتتا بەدەنگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.
  ئالدىنقى ئون مىنۇتتا: تەخمىنەن ئون قوشۇق شېكەرنى بەدەن ئىچىگە قۇيغانغا باراۋەر بولىدىكەن؛
20 مىنۇتتا: قاندىكى قەنت مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ، ئىنسۇلىننىڭ نورمال پارچىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جىگەر ئېرىشكەن قەنتنى ياغقا ئايلاندۇرۇۋېتىدىكەن؛
40 مىنۇتتا: ئادەم بەدىنى كولا تەركىبىدىكى كوفېئىننى پۈتۈنلەي سۈمۈرۈپ، كۆز قارىچۇقى كېڭىيىپ، قان بېسىمى ئۆرلەيدىكەن ھەم جىگەردىكى كۆپلىگەن قەنت قانغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن؛
45 مىنۇتتا: چوڭ مېڭىنى غىدىقلايدىغان دوپامىننىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىپ، كەيپىياتنى جانلاندۇرۇۋېتىدىكەن، بۇ ۋاقىتتىكى فىزولوگىيەلىك جەريان خۇددى خىروئىن چەككەن چاغدىكى بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن؛
60 مىنۇتتا: كولادىن سۈمۈرۈلگەن فوسفورىك كىسلاتاسى ئۈچەيدىكى كالتسىي، ماگنىي، سىنك بىلەن بىرىكىپ، مېتابولىزم (ماددا ئالمىشىش)نى تېزلىتىۋېتىدىكەن. بەدەندىكى قەنت مىقدارىنى كۆپەيتىپ، كالتسىينى سۈيدۈك بىلەن بىللە سىرتقا چىقىرىۋېتىدىكەن؛ 60 مىنۇتتىن كېيىن: كوفېئىن ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي، ماگنىي، سىنك، ناترىي قاتارلىق ئانئورگانىك تۇز ۋە سۇ تەركىبىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىىدىكەن.

       كولانىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرى سالامەتلىككە تۆۋەندىكىدەك زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ:
كاربون (Ⅳ(ئوكسىدى كۆپ بولۇپ كەتكەندە ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ. كولا تەمىنىڭ ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرغۇدەك چۈچۈمەل بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ تەركىبىدە كاربون (Ⅳ( ئوكسىدىنىڭ بولغانلىقىدا. بەدەن كاربون (Ⅳ( ئوكسىدىنى زىيادە شۈمۈرۋالغاندا، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى شۇنچە قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.
تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى ساخارولىز ئادەمنى سەمرىتىپ، چىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا: بالىلار كۈنىگە بىر قۇتا ئىچىملىك ئىچسە، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %60 ئاشىدۇ.
        فوسفورىك كىسلاتاسى سۆڭەك يۇمشاپ كېتىشنى پەيدا قىلىپ، سۆڭەك ماددىسىنىڭ بوشىشىپ كېتىشى ۋە سۆڭەك سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بوستون ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق ئوتتۇرا 1 – يىللىقنىڭ 460 ئوقۇغۇچىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا 2 – يىللىقنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن گازلىق ئىچىملىك ئىچىدىغان قىزلارنىڭ سۆڭەك سۇنۇش خەۋپىنىڭ ئوخشاش ياشتىكى قىزلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى، ئەمما كولا ئىچكەنلەرنىڭ بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. دائىم كولا ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ سۆڭەك ماددىسى بوشىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان. چۈنكى، فوسفورىك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ نىسبىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بۇنداق ئەھۋال ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە سۆڭەڭنىڭ ئۆسۈشىنى كېچىكتۈرىدىكەن.
       كوفېئىن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كولانىڭ تەركىبىدىكى كوفېئىن بىر خىل روھلاندۇرغۇچ بولۇپ، ئۇ نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىپ، يۈرەك – مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، دائىم باش ئاغرىش، باش قېيىش، بىئارام بولۇش، نەپەس تېزلىشىش، شۇنداقلا ۋىتامىن يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەتتا پەرزەنت كۆرۈشكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.


مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbargi24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:23  


Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:43:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«زەم زەم»كولاسىنىڭمۇ شۇنداق ئەكىس تەسىرى باركەندە ،«زەم زەم»دىسە ئىچىۋېرىپتۇق .ئەسلى مۇنداق گەپ باركەندە بۇ يەردە ......

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2183

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:16:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاناررررررررررررررررررررررر  ئوقۇڭە ماۋۇنى

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم. يۇقارقى مەھەللىدىكى غەيۋەتچى قاھار « كولا بىلەن پادىچىلار ئىشتىنى قىزلارنى تۇغماس قىلىپ قويىدىكەن، ئەرلەر كولا بىلەن پىۋىنى داۋاملىق ئىچىپ بەرسە ئوغۇل پەرزەنت كۆرەلمەيدۇ» دىگەندەك خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈپ تۇراتتى. يوقاپ كەتتى يا..ئىلمىي تەتقىقاتى ئەمدى ئېتراپ قىلىنىشقا باشلىغاندا...

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى 17:12:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم-قىزچاقلار كولا دىگەننى ئازراق ئىچىڭلار ،بولمىسا «سۇيدۇك يۇلى قېتىش»كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالماڭلار يەنە......

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:45:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىتلەرمۇ ئاز ئىچىڭلار،  ئىشقىلىپ( قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ )دەپ قايناقسۇلا ئىچەيلى زادى

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدايىم،مەن ئېلگىرى ئىچكەن كولامۇ مىنىڭ سالامەتلىكىمگە ئاشۇنداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولغىيمىتى؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:37:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان ئىچىملىكنىڭ بىرسى ئىكەن. ئەنسىرىمەي ياشاي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2183

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:01:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئانارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ تۈنۈگۈن يەنە ئىچتىم دېسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 16:06:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاملاخخخخخخخخخخخخخخ مەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:15 , Processed in 0.051702 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش