يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 251|ئىنكاس: 6

تاققا-تۇققۇ پاراڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
722 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:51:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ يىل چاغاندا پوجاڭزىنى ئاجايىپ ئېتىۋەتتى، بايرام كەيپىياتى تولۇق گەۋدىلەندى دەيدۇ بىر خىزمەتدىشىم. مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلى بولسا كېرەك، پوجاڭزا ئاۋازى ماڭا پەقەت ياقمايدۇ.
     تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم، مەملىكىتىمىزدە بىر مىليارد ئادەمنىڭ ھەر بىرى بىر يۈەنلىك پوجاڭزا ئېتىشقا قۇربى يەتسە، بىر قېتىملىق پاڭ بىلەن بىر مىليارد يۈەن كۈلگە ئايلانغۇدەك. ئون يۈەنگە قۇربى يەتسە ئون مىليارد كۈلگە ئايلانغۇدەك. پاڭ-پۇڭ قىلغان ئاۋاز مەنچە شاۋقۇن- سۈرەن، ئېتىلىپ بولغان پوجاڭزا قالدۇقى بىر دۆۋە ئەخلەت بولىدۇ، ئېتىلغاندا چىقارغان ئىس-تۈتەك مۇھىتنى بۇلغايدۇ، دىققەت قىلمىسا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىن، ھەتتا كىچىك بالىلار يارىدار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ خەنزۇ خەلقىنىڭ بايرام ئۆتكۈزۈشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىكىلەر بىرگە ياشىغان ئىكەنمىز، مەدەنىيەتنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.
     بايلىقتىن ئورتاق پايدىلىنىش توغرىسىدا گەپ قىلغۇم كەپ قالدى، ئۆيۈمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە- سەككىز يانفون زەرەتلىگۈچىسى بار، ھەر قېتىم تېلېفون يۈتتۈرۈپ يېڭى تېلېفون ئالسام، زەرەتلىگۈچتىن بىرنى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈتكەن تېلېفوننىڭ زەرەتلىگۈچىسى ئىشلىتىكسىز قالىدۇ. بۇ ئەسۋاپنى باشقا تېلېفون ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئوخشاش ماركىدىكى، ئوخشاش تىپلىق يانفون بولۇشى كېرەك. مەملىكىتىمىزدە يانفون ئىشلىتىۋاتقان ئادەملەر نەچچە يۈز مىليوندىن ئاشىدۇ. ئەگەردە بۇ ئابۇنتلارنىڭ تېلېفونى يۈتۈپ كەتسە ياكى بۇزۇلسا، ھېلىقى ئەسۋاپمۇ تەڭلا كېرەككە كەلمەيدۇ، نەچچە ئون مىليون زەرەتلىگۈچ كېرەكسىز بولىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىرىنى ئون يۈەن دېسەكمۇ نەچچە ئون مىليون يۈەنلىك نەرسە كېرەكسىز بولىدىكەن. مەملىكىتىمىز تېخى نامرات، بايلىق كۆپ ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بايلىقتىن ئورتاق پايدىلىنىش تولىمۇ زۆرۈر. شۇڭا ھۆكۈمەت مۇشۇ يانفۇن ياسايدىغان كارخانىلارغا تەدبىر قوللىنىپ، ھەممە تېلېفونغا ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىغان زەرەتلىگۈچ ياسىسا نىمە دىگەن ياخشى بولار ئىدى دەپ ئويلاپ قالدىم.
     دېھقانلارنى بېيىتىش يۇقىرىدىن تارتىپ تۆۋەنگىچە ھەممە كادىرنىڭ دەيدىغان، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشى بولۇپ قالدى. بېيىشنى ھەممە ئادەم بەك خالايدۇ. لېكىن، قانداق بېيىش كېرەك؟ قانداق بېيىتىش كېرەك؟ بېيىماسلىقتىكى تۈپ سەۋەپ زادى نىمە؟
     بەزىلەر دەيدۇ: دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، يەر ئاز ئادەم كۆپ، تېرىقچىلىق كۆلەملەشمىدى، ماشىنلاشمىدى دەپ …
     «ئېشەك ئەرزان، توقۇمى قىممەت» دەپ بىر تەمسىل بار. مۇشۇنى چۆرىدىسەك مۇنداق جاۋاب چىقارمىكىن دەيمەن: بۇغداي ئەرزان، ئۇغۇت قىممەت؛ پاختا ئەرزان، پاختا رەخ قىممەت؛ سۇ قىممەت، سۇلياۋ يۇپۇق قىممەت، دېھقانچىلىق دورىسى قىممەت. بۇنى يەپ ئاغرىسا، داۋالاش ھەممىدىن قىممەت… قىممەت نەرسىنى ئىشلىتىپ ئەرزان نەرسىنى ئىشلەپچىقارسا بېيىغىلى بولىدۇ دەپ سىزگە كىم دەيدۇ؟!
     دېھقانلار پەرزەنىتلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش راسخوتىنى ئويلىسىلا، ئاخشىمى ئۇلارنى قارا باسارمىش…
     چەتئەلدە بۇ مەسىلىنى دېھقانچىلىققا تولۇقلىما بېرىش دەپ بىر ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىدىكەن. مەسىلەن ئۇغۇت، سۇلياۋ يۇپۇق ئىشلەپچىقارغان كارخانىلارغا تولۇقلىما بېرىپ باھانى كونترول قىلغاندىن سىرت، ئاشلىقنىڭ باھاسىنى كونترول قىلىپ تولۇقلىما بېرىپ تۇرىدىكەن. ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسنى ياخشىلاپ، داۋالىنىش مەسىلىسىنىڭ پۇقراغا چۈشكەن بېسىمىنى يېنىكلىتىدىكەن. ئىشسىزلىققا مەلۇم نىسبەتتە تولۇقلىما بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىمكان بار كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنى ئۇخلىسا «قارا باسمايدىغان» بولۇشىغا ياردەمدە بولىدىكەن.
     بىزدە «ھەقىقەت ئېگىلمەيدۇ، سۇنمايدۇ» دەپ نۇرغۇن ئادەم ئۆزىگە تەسەللى بېرىدىكەن. ھەقىقەت ئېگىلىپ تۇرۇۋەرسە سۇنغاندىن نېمە پەرقى دەيدىغان ئادەم بەك ئاز. ھازىر دەۋاتقان ھەقىقەت كېيىن ھەقىقەت ئەمەس چىقىپ قالسا ئۇ سۇنامدۇ-سۇنمامدۇ، ئېگىلەمدۇ-ئېگىلمەمدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ چاتىقى. چاتىقى بار دېيىلسىمۇ، بۇنى ئايپاڭباش تارىخچىلار ئولتۇرۇپ، ماۋۇ ئىش خاتا بوپ قاپتۇ، ئەسلى مۇنداق بولسا بولاتتى دەپ يەكۈنلىسە تۈگەيدۇ. (ئەينى ۋاقىتتا خىزىر ھېسابلىنىپ كەلگەن ھىدايىتۇللا ئىشان ئاپاق خوجا ھازىر نېمە بولۇپ چىقتى؟) . بەزى بېكەتلەردە «2014-يىلى بىر پىلانت يەر شارىغا سوقۇلىدىكەن» دېسە، بەزىلەر ھازىرلا «قانداق قىلارمىز» دەپ جان ھەلەكچىلىكىدە قاپتۇ. يەنە بەزىلەر «ئامېرىكا بار، ئۇلار ھەل قىلىدۇ» دەپ قويۇپ ئەتىسىلا ئۇنتۇپ قالىدىكەن. يەنە بەزىلەر «سوقۇلسا سوقۇلمامدۇ مەنلا ئۆلەمتىم» دەپ نەچچە تەرەپ بولۇپ قاتتىق مۇنازىرە قىلىپ، تېمىنى ئەڭ قىزىق، ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن تېما قىلىۋېتىدىكەن. «ھەي، مۇشۇ گەپنى كىم دېدى؟ نەدىن كۆردۈڭ؟ ماتېرىيال مەنبەسى نەدە؟ فىزىكلار، ئاسترونوملار مۇشۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بويىچە سۆزلەپ بېقىڭلار» دەيدىغان ئادەم بەك ئاز. بەزىلەر بىلەرمەنلىك قىلىپ، ئادەم ئويلاپ باقمىغان تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن تېخى.
     «ئاقسۇدىن چىققان بىر پويىز تۇرپاندا 13 بال شامالدا ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ» دەپ تېما يازسا، «ئۆلگەننىڭ قانچىسى ئۇيغۇر، قانچىسى خەنزۇكەن؟ ئۇنى شامال دېمەيمىز، بوران دەيمىز» دەپ نەدىكى يوق گەپنى قىلىپ ئولتۇرىدىكەن. «قۇتقۇزۇش ئەھۋالى قانداق بولۇۋېتىپتۇ؟ ۋەقەگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن، بالدۇر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلغاي. 13 بال بوران كېتىپ بارغان پويىزنى قانداق ئەھۋالدا ئۆرىۋېتەلەيدۇ؟ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگىلى بولامدۇ؟ شۇ ۋاقىتتا پويىزنى توختىۋېلىش ئىمكانىيىتى زادى قانچىلىك؟» دەپ تەھلىل قىلىدىغان ئادەم بەك ئاز. تەھلىل قىلمىسىمۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ ئىككى ئېغىز ياخشى تىلەكنى قىلىپ قويسىمۇ بولىدىغۇ؟!
     تېلۋىزوردا ئېلان دېگەننى خەپ… خەپ… دىگۈدەك بېرىدۇ. سىزنىڭ گەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. چۈنكى تېلېۋىزىيە پۇلىنى تۆلەيسىز، شۇڭا گەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. گەپ نەگە بېرىپ قىلىسىز، بۇ مەسىلىنى كىم ھەل قىلىدۇ دېگەن يەردە. ئېلانغا ئاچچىقىڭىز كېلىپ تۇرسا تېخى «ئېلانمۇ سەرخىل» دەپ قويۇشلىرىچۇ، ئېچىشقان يەرگە تۇز سېپىپ… ھەممىدىن مۇھىمى تېلېۋىزور تىزگىنىكىنىڭ يەنىلا بىزنىڭ قولىمىزدا ئىكەنلىكىنى بىلمەي، كۆكىرىپ بېرىپ كېتىدۇ ئېلاننى، خۇددى بىز كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈۋاتقاندەك. دەرھال باشقا قانالغا يۆتكىۋېتىدىغىنىمىزنى بىلمەمدىكىنە؟ ئۆتكەندە بىر ئاغىنەم ماڭا «ئىخلاس بىلەن ئارمان شىركىتىگە خەت يازىمەن، بىزگە تېلېۋىزىيە پۇلنى تۆلىشىپ بەرسۇن، بىز پۇل خەجلەپ ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالساق، ئۇلار بۇ پۇلنى بىزنى بىزار قىلىشقا خەجلەۋاتىدۇ» دېدى. ئويلاپ باقسام ئازراق ئاساسى باركەن. ئابدۇللامۇ ناخشا قىلىپ ئوقۇۋاپتۇ كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ. پۇل بەرسە ئۇمۇ «توختاپ تۇرە، ماۋۇنى ناخشا توقۇپ ئېيىتسام ناخشا قانۇنى، پىرىنسىپىغا چۈشەرمۇ؟» دېمەيدىغان بولۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ-ھە؟!
     «ناخشىنى خەلقىم ئۈچۈن ئېيتتىم» دېگەن گەپكە ھازىرغىچە قايىل ئەمەسمەن…
     «توقۇناق بالاغا قالدى» دەپ بىر گەپ بولىدىغان، «توقۇناق» دېگەن گەپنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، چوڭايتسا ئېتىۋەتسىمۇ بولىدىغان، كىچىكلەتسە قويۇپ بەرگىلىمۇ بولىدىغان، ھېلىقى بايقىماي قىلىپ قويغان قەھرىمانلارچە ئىش-ئىزلارنىڭ ئۆزى توقۇناق بالا دېيىلىدۇ.
     ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى نورمال ئادەمدىن كۈرمىڭ ھەسسە كۆپ بولىدىكەن. سەۋەبىنى بەزى قاتتىق ئۈتۈكلەر باشقىچە چۈشەندۈردى.
     مېنىڭمۇ كاللام بار، مەن بۇ ھەقتە قىسقىچە سۆزلەي: ئۇ جىنايەت ئۆتكۈزدى، ئىقرار قىلغانغا كەڭچىلىك، قانچە بولسا شۇنچىلىك دەپ كېسىۋەتتى. دېمەك، ئۇ قىلمىش-ئەتمىشى ئۈچۈن، ئىنسانلاردىكى كەڭ دائىرىدە ھەرىكەت ۋە سۆز قىلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ كامىرغا سولاندى. بەرھەق، ئۇنى شۇنداق قىلىش كېرەك. بولمىسا رەزىلىك جاھاننى قاپلاپ كېتىدۇ.
     جازا مۇددىتى ئاخىرلاشقاندا ئۇ جەمئىيەتكە چىقىدۇ. ھازىر جەمئىيەت كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ كېتىپ بارغان مەزگىلدە، ئۇ جىنايەتچى كامىردا ياشاپ، ماسلىشىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان بولغاچقا، دەماللىققا جەمئىيەتكە ماسلىشالمايدۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغىمۇ تۇرمۇش لازىم، ئۈچ ۋاق تاماق يىيىشى كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا نۇرغۇن بىلىملىك كىشىلەر خىزمەت تاپالماي يۈرگەندە، ئۇنىڭغا نەدە تۇرۇپتۇ خىزمەت… پىسخىكىسىدا ئۆزىنى كەمسىتىش ئاساسى ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مەسخىرىلىك قارىشى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھار كېلىدۇ. ئۆزىنى بۇ دۇنياغا ئارتۇقچە تۇغۇلۇپ قالغان ئادەم دەپ ھېس قىلىشى تامامەن مۇمكىن. ئۆزگىرەي دېسىمۇ جەمئىيەت ئۇنىڭغا ئۆزگىرىش پۇرسىتى ھازىرلىمىغان شارائىتتا، ئۇ يەنە بۇرۇنقى سەنەمگە دەسسىشى تۇرغانلا گەپ. ئەسلى ئۇنداق ئادەم جەمئىيەتنىڭ، ئائىلىنىڭ كۆيۈنۈشىگە، قەدىرلىشىگە، چۈشىنىشىگە بەكمۇ مۇھتاج. جەمئىيەت ئۇنى ئۆز بالىسى قاتارىدا قوينىغا ئېلىشى كېرەك. ئۆگەيلىسە كونا مۇقامغا دەسسەيدۇ، بارار جايى يەنە شۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا چىقىش يولى ھازىرلاپ بەرمىكى تولىمۇ زۆرۈر.
     قىشتا سوغۇق بولماي يامغۇر ياغسا، يازدا ئىسسىق بولماي قار ياغسا، زامان ئاخىرى بوپتۇ دېسە بولىدۇ. چۈنكى، تەبىئەتنىڭ قانۇنى بار، ئۇ جازالىسا «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» قاتارىدا جازالايدۇ. ئىنسان دېگەننى باشقۇرماق ھايۋان باشقۇرماقتىنمۇ تەس. قىلما دىگەننى بەك قىلغۇسى كەپ كېتىدۇ. باشقىلارنىڭ ئالدىدا كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتى توغرىلىق سۆزلىسە، ئاخشىمى كارۋاتتا ئوڭدا يېتىپ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن خوتۇنىغا دەستۇر سۆزلەيدۇ. شەخسىيەتچىلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەن بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىنى تۈگەشتۈرىدۇ.
     تارىم دەرياسى بويلىرىدىكى يەرلەرگە بىر قېتىم سۇ كىرسىلا مۇنبەت ئېتىز بولىدۇ، شۇ يىلىلا بىرنېمە تېرىسىڭىز ھۇسۇل ئالىسىز. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قۇملارنىڭ تۆت ئەتراپقا بەك «بارغۇسى» كەپ كېتىپتۇ. تارىم دەرياسى ئۇزۇندىن بۇيان بۇ قۇملارغا «ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ»، شۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇپتىكەن. بەزى قاپاقباشلار بۇنى ئۇقماي، تارىم ئېقىنلىرىنى تۆت ئەتراپقا باشلاپ يەر ئېچىپ، قۇملارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگىلى قويمىدى. ئەمدى بۇ قۇملار «گەپكە كىرمەي»، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىۋاتىدۇ. سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك، قەھرىمان، مىڭ يىللىق توغراقلار ناھەق جازالىنىپ يىقىلدى. توغراق يىقىلسا كۈن نۇرى توغراقلار ئاستىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەق بېشىغا چۈشىدۇ. «باشقا كۈن چۈشۈش» دېگەننى مەن دېمىسەممۇ بىلىسىلەر… بۇنداق كېتىۋەرسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلماق بەك تەس. بەلكىم كېيىنكى ئەۋلادلار توغراق دىسە يەيدىغان نەرسىمۇ دېيىشى مۇمكىن. نېمىلا دېسە قۇم كۆز ئالدىغا كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ…
     «ھازىرقى كىچىك بالىلارنىڭ كۈنى بەك ياخشى، يەي دېسە يەيدىغىنى، كىيەي دېسە كىيىدىغىنى بار. بىز كىچىك چاغدا يەيدىغان يوق، كىيىدىغان يوق» دەپ بەك سۆزلەپ كېتىدۇ مەن تونۇيدىغان بىر يولداش. ئۇنىڭ ئانىسى ئارامغا چىققان، ھازىرغىچە بىكار تۇرماي ئەخلەت تىرىپ پۇل تاپىدۇ، ئۇ تېجەشلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، نەچچە يۈزمىڭ بانكا ئامانەت پۇلى ئىكەن، بۇ يولداشنىڭ بىر قىزى بار، بۇ يىل 20 ياشقا كىرىپتۇ، پايپىقىنىمۇ يۇمايدىكەن، «تاماق ئېتىشنى بىلمەيمەن» دەپ سۆزلەش ئۇنىڭغا ئابرويكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ھىچ ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەيدىكەن. ماۋۇ ئۈچ ئەۋلادنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقىنى دەپ قالىسىز…
مۇشۇ يەردە چوقۇم كەلگۈسى ئەۋلات تەربىيەلەشتە مەسىلە بار. بىر جاپاكەشنىڭ نەۋرىسى ئاقنانچى بوپتۇ. بۇ بىرلا ئائىلىدە بولسا مەيلى، ھەممە ئائىلىدە بولسا ئىشنىڭ چاتىقى شۇ…


     يازما ئاپتورى: قىسمەت بلوگىدىن كۆلتېكىن
     مەنبە: قىسمەت بلوگى
     يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/taqqa-tuqqu.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
155

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەمگە ئوت كەتكەندەك  قىززىپتىغۇ.  توختاپ قالماي...  رېڭى تۈگەپ كەتسە، تۈكۈرۈپ تۇرۇپ، قەلەمنىڭ توختىماي تەۋرەپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:59:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت ئوت كېتىپتۇ، تازا يالغۇنجاپ ئەۋجىگە چىقىپتىكەن دەيمەن قىسمەت باشلىق. ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ، قايىل قىلىپلىۋىتىسىزغۇ سىز ھە.
كۆلتېكىننىڭ بۇ بايانلىرى بەكمۇ ئورۇنلۇق، قىلچە ئاساسسىز ئەمەسكەن. ئەمما قاچانمۇ تۈزەپ بولارمىز بۇزۇلغان مۇنداق مەدەنىيەتنى...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 08:36:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەدىنيىتىمىزمۇ ئۇلاردىن قېلىشمايدۇ،بىز ئۇيغۇرلارنىڭ رېستۇران مەدەنيىتىگە دىققەت قىلىپ باقساقلا پەرقنىڭ قانچىلىك بارلىقىنى ھىس قىلالايمىز ئەلۋەتتە.

Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 05:42:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر-ئايال تاققا تۇققىچىلار ئىكەنغۇ بۇ ھوي!!!!
بەك ياخشى يېزىپسىز. مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قالىمەن بەزىدە...لېكىن يازاي دىسەم ئىلھام يوق، مەن يەنىلا شېئىر يازسام بولغۇدەك....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:27:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 05:42
ئەر-ئايال تاققا تۇققىچىلار ئىكەنغۇ بۇ ھوي!!!!
بەك ياخشى  ...

قېنى شۇ شېئىرمۇ ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:54:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىرىدىغۇ بارتى زادى...شۇ...

ۋاي پۇتۇم!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:18 , Processed in 0.054113 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش