Insan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:08 
توغرا، بالىلاردا گۇناھ يوق، ھەممىسى ئاتا-ئانلارنىڭ خا ...
ئورۇنلۇق پىكىر. خۇددى سىز كىشلەرنى ئاجرىشىشنى تەۋسىيە قىلمىغاندەك، كەمىنىمۇ ھەم ئىككىنچى نىكاھقا قارشى ئەمەسمەن.
مەنمۇ نىكاھ توغرىسىدا ئويلىيالغىنىمچە كولدۇرلاپ باقاي.
بىر نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ كەينىدە يەنە بىز سەزمىگەن (ئاللاھ ئىگەم ئۇ كۈنلەرنى كۆرسەتمىسۇن) ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئوشۇقراق كىشلەرنىڭ ئازابى بولىدىكەن. ئەر، ئايال، پەرزەنتلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە جەمەتى ۋە باشقا ئۇلارغا بەخىت تىلىگۈچىلەر.
نىكاھ مەسلىسىگە كەلسەك، بولۇپمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ، نىكاھ، ئائىلە ۋە ھېسيات مەسلىسىنى ئانالىز قىلىشى كېرەك. شەھەرلىشىشكە ئۈلگۈرمىگەن سەھرايىمدا ئاتا-بوۋامدىن ئۇدۇم قالغان نىكاھ قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان كىشلىرىمىز بار. قوپال، رومانتىكىسىز ۋە ئېرەنسىز تەسىر بېرىدىغان بۇ " ئەرلەر ئەزىز" ئىدىيىسىدە ياشاۋاتقان ئەرلەر ۋە ئاياللار جاپالىق، قوپال ئاھانەتلىك تۇرمۇشتا ياشىسىمۇ، ئەمما تەڭ قېرىپ تەڭ كېتىپ بارىدۇ. ئۇلارمۇ ھەم ئۆزلىرى بۇخىل تۇرمۇشقا رازى بولۇپ ياشايدۇ. چۈنكى ئەشۇ جاپاكەش خاتۇنلارنىڭ كاللىسىغىمۇ بۈۋىلىرىدىن " خاتۇن كىشى تولا ئەقىللىق بولسا ئازاب ئىچىدە ياشايدۇ" دەپ سىڭدۈرۋەتكەن.
ئەلۋەتتە بۇ تېمىدىكى مەسىلە ھەرگىز بۇ ئەمەس. نىكاھ ۋە ھېسيات مەسلىسىگە كەلگەندەك مېنىڭ يەنە ئەرلەر ۋە ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تۈگىمەس تالاش تارتىشلارغا پىلىك يېقىپ بەرگۈم يوق. بۇنداق تالاش تارتىشلاردىن تولىمۇ بىزار بولدۇق ھەم زېرىكتۇق.
ئەمدىكى گەپ، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەمنىڭ بەندىسىگە قايسى قىسمەتلەرنى پۈككىنىدە. بەزىدە تەقدىرنى قۇبۇل قىلىش كېرەك. ئۆزگەرتەلمىگەن ئىكەنمىز شۇنىڭغا ماسلىشىشىمىز كېرەك. ماسلىشىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئۆزىمىزنىڭكىگە ماسلاشتۇرۇپ ياشاش. يەنە بىرى، ئۇنىڭغا ماسلىشىش. ئەگەر بۇلاردىن ئىككىلىسى بولمايدىكەن ئېنىقكى ئۇ ھېسياتقا ھامان بىر كۈنى دەز كېتىشى مۇقەررەر.
ھېسياتنى قەتئىي مەجبۇرلىغىلىمۇ بولمايدۇ. مەجبۇرىيلىك بىلەن بولغان ئىش، ھامان كىشىنىڭ مەنىۋىيلىكى ۋە جىسمانىيلىكىنى ھەددىدىن زىيادە خورىتىۋېتىدۇ. ئاخىرىدا مىجەزى چۇس، تەپەككۈرى ئاجىز قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى كۆپ ئازاب تارتقۇزماسلىق كېرەك . بەلكىم ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇپ ئىككى تەرەپنىڭ تۇرمۇشتىكى ئورنىنى ياخشى ئانالىز قىلىشمۇ پايدىلىق ئۇسۇلدۇر. تەنھا ياشاش بىرگە ياشاشتىن كۆڭۈللۈك ۋە تېخىمۇ توغرا تاللاش بولسا، بەلكىم بۈگۈنكى ۋاز كېچىش ئەتىدىكى ئېرىشىشتىن دېرەك بېرىشىمۇ مۇمكىن.