مانا ھەممىمىز كۆكسىمىزگە پاتمىغان ئاجايىپ بىر خۇشال مىنۇتلاردىمىز. چۈنكى بىز كۈتىۋاتقان ئۇلۇغ قۇربان ھېيت يېتىپ كەلدى. ئادەمگىمۇ ھېيت، ئالەمگىمۇ ھېيت.
قۇربان ھېيت دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي مۇراسىملىرىدىن بولۇپ، بۇ كۈنىدە بارلىق ئائىلىلەردە خۇشاللىق ۋە مېھماندارچىلىق قاينايدۇ، ھەممە كىشلەرنىڭ چېھرىدىن ھېيت خۇشاللىقى جىلۋىلىنىدۇ.
مانا مۇشۇنداق خۇشال دەقىقىلەردە كۆپچىلىك بىلەن ھېيت خۇشاللىقىنى بىرگە تەبرىكلىگۈم كەلدى.
قېرىنداشلار، دوست يارەنلەر، ھەدە-سىڭىللار، ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتى قۇتلۇق بولسۇن! ئائىلەڭلەرگە ئايەم خۇشاللىقى بولسۇن، ئوماق پەرزەنتىڭلار ۋە مېھرىبان چوڭلار ئامان ئېسەن بولسۇن!
قېنى ئەمىسە، يۇرتىمىزدىكى ھېيت خۇشاللىقىدىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىپ باقامدۇق.
قۇربانلىق مالمۇ تەييار بولدى مانا .
ئىشچان ئاياللىرىمىز ساڭزا بۇغۇرساقلارنىمۇ تەييارلاپ بوپتۇ
ساڭزىلارمۇ تەييار بولدى .
ئۆيدە سېلىپ ئۈلگۈرمىگەن تاتلىقلارنى مانا سودىلىقتىن تەييارلىۋالدۇق.
ئەلۋەتتە ئۇماقلارنىڭمۇ تەييارلىقىنى قىلىپ بەردۇق مانا

ھېيت كۈنى سەھەردە ھېيت نامىزىنى ئوقۇيمىز. ئاللاھنىڭ ھېيت خۇشاللىقى ۋە ئالەمچە نىممەتلەرنى ئاتا قىلغىنىغا كۆپلەپ شۈكرى ھەمدۇسانالار ئوقۇيمىز.
بۈگۈنكى كۈندە قەدىردانلارغىمۇ ھيېت
مېھرى قۇياش چىمەنلەرگىمۇ ھيېت
ئوتيۈرەك ئوغلانغىمۇ ھېيت .

شادىمان بالىلارغىمۇ ھېيت

تاتلىق سەبىيلەرگىمۇ ھېيت.

بۈشۈكتىكى ئەللەيگىمۇ ھېيت! قىسقىسى، پۈتۈن ئۇيغۇرغا ھېيت!
بۈگۈن ھەممە ياقتا نەغمە، ھەممە ياقتا ناۋا . چۈنكى بۈگۈن ھەممە ئائىلىلەر شادلىققا چۆمۈلىدىغان، كىچىكلەر چوڭلارنى يوقلايدىغان، بارچە جامائەت جەم بولىدىغان قۇتلۇق كۈن.
ئۆي ئۆيلەردە قازانلار ئېسىلىپ ھېيت تەبرىكلىشىدۇ. شاھقىمۇ، گادايغىمۇ تەڭ مەرتىۋە بېرىلىدىغان قۇتلۇق كۈن.

تۈرلۈك تاتلىق تۈرۈملەر ۋە مىززىلىك يىمىشلەر تىزىۋېتىلدى.


مېۋىلەرمۇ داستىخاننىڭ ھۆسنى بولۇپ تىزىلغان.
مانا قۇربانلىق قوچقارنىڭ گۆشىمۇ پىشتى. ئەڭ ئالدى بىلەن ئىززەتلىك مېھمانلاردىن كەلسۇن، قېنى مەرھەمەت قىلىڭلار! مانا بۈگۈن بارلىق ئائىلەردە باياشاتچىلىق، بارلىق كۆڭۈللەردە خاتىرجەملىك، بارلىق چېھرىلەردە تەنتەنە بولىدىغان كۈن.
كەمىنە سايەڭلەردىن بارلىق دوست يارەنلەرگە ھېيتلىق ئېھتىرام، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:35
|