يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ مۇھەببىتى
<ھېكايە>
يەر شارى ئاي شارىغا ئاشىق بىقارار بولۇپ قاپتۇ.ئاي شارى -يەر شارىنىڭ ئۆزىگە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.يەر شارى-ئاي شارىغا ئاشىق بولۇپ قالغان شۇ كۈندىن باشلاپ،ئەس يادىنى يوقۇتۇپ،ئاغىسى قۇياشنىڭ ئايلانمىسىنى-ئايلىنىش جەريانىدىمۇ ئاي شارىنى خىيال قىلىپ ئايلىنىدىكەن.ئىنىسى يەر شارىنىڭ بۇ بىنورماللىقىنى بىلىۋالغان ئاغىسى قۇياش،يەر شارىغا تېلېفون قىلىپتۇ: ھە،ماشۇ كۈنلەردە كاللاڭ جايىدا ئەمەسمۇ قانداق؟تۇرۇپلا كۈلىسەن ،تۇرۇپلا يىغلايسەن،تۇرۇپلا چۈچۈپ كىتىسەن........
-نەدە ئۇنداق قىلدىم؟
-نەدە ئۇنداق قىلدىم دېگىنىنى بۇنىڭ........
يىغلىيىدىڭ،تايلاند قا كەلكۈن كىلىپ ۋەيران بولۇپ كەتتى.بىر چۈچۈپ كىتىيىدىڭ ،تۈركىيەدە يەر تەۋرەپ نۇرغۇن بالىلىرىڭ ئۆلۈپ كەتتى.
-شۇنداق ئىشلارمۇ يۈز بەردىما؟
-قارا بۇنى بىلمەسكە سىلىۋالغىنىنى،ھە ساڭا نېمە بولدى،دېگىنە؟
-ھەي سادىغانكىتەي قۇياش ئاغا ئۇنداق قوپال تەگمىگىنە!شۇ.........شۇ ئاي شارىغا..........
-7 مېلياد ئادەملەرنىڭ ئانىسى بولغانكى گاچچىدە بىر نىمە دىمەمسەن،تۇلا تىلىڭنى چاينىماي؟
-شۇ ئاي شارىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.
-ھە؟مۇنداق دە،ئۇنىڭدا ئاي شارىغا ئاشىق بولۇپ قاپسەندە؟
-شۇنداق دىسەممۇ بولىدۇ...
-ياخشى!ھەي .......ئاي شارىغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىڭنى ئۇنىڭغا دېدىڭمۇ؟
-ياق تېخى.نەدىكى پۇرسەت دەيسەن،ئېچ پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ كۆڭلۈمنى بىلدۈرەي دىسەم.
-ھەي،ئىنىم ساڭا راس گەپنى قىلسام،ئۆتكەندە مەن زېرىكىپ قىلىپ ئاي شارىغا تېلېفون قىلغان،قىلسام تېلېفونى ئىلىندى،ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ،ئەھۋاللىشىپ،پاراڭلىشىپ قالدىم.ئارىدا سىنىڭ گىپىڭمۇ چىقىپ قالدى........
-ھە،ئاغا ئۇ مەن توغۇرلۇق نېمە دىدى؟
-جىم ئولتۇرە تۇلا گەپنىڭ بىلىگە تەپمەي،نېمە دىمەكچىدى،سىنى مىجەزى ياخشى،ئاق كۆڭۈل،ئېچمەيدۇ-چەكمەيدۇ،قالايماققان ئىشلارغا ئارلاشمايدۇ،ئۆزى ياخشى دەپ سىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىڭنى قىلدى.مەنمۇ سىنى .ئۇنىڭ ئالدىدا سىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىڭنى ماختىدىم،شۇنىسى ئۇنىڭ بەزى گەپلىرى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى........
-قايسى گەپلىرى؟
-توختا ئالدىرىما مەن ساڭا دەپ بېرەي،ئۇنىڭ دىيىشىچە ،ھازىر يەرشارىنىڭ كېلىماتى ناچارلىشىپ،مۇھىتى بۇلغۇنىپ تەبىئي ئاپەتلەر ھەدىدىن زىيادە كۆپۈيىپ كىتىۋاتىدۇ.يەر شارىدا ئوتتۇرا شەرىق-ئافرىقا دىگەن يەرلەر بار،ئۇ يەرلەردە كۈندە ئۇرۇش،قانلار دەريا بولۇپ ئېقىۋاتقان،ناسىدە بالىلار ئاتا-ئانىسىز قىلىۋاتقان،ئاياللار تۇل قىلىۋاتقان ئشقىلىپ،ئېزىش-ئېزىلىش،ئۇرۇش-جىدەل كۈندىن-كۈنگە يامىراپ يەر شارىنى قاپلاپ،يەر شارىنى ھالىدىن كەتكۈزۈپ قويىۋاتىدۇ.ئەگەر بۇ ئىشلار مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئاقىۋىتىنى تەسساۋۇر قىلماق تەس.يەنە كىلپ،ياراتقۇچى تەڭرى ئاڭلىق قىلىپ ياراتقان بۇ ،ئادەملەر ئۆز-ئارا ھوقوق تالىشىپ،زىمىن تالىشىپ،ناسىدە بالىلارنى ئادەم بومبا قىلىپ مەسچىتلەرنى پارتىلتىپ نۇرغۇن-نۇرغۇن بىگۇناھ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ بىھۇدە قان تۆكۈۋاتىدۇ.ماشۇ كۆرنۈشلەرنى كۆرگىنىمدە يىغلاپ كىتىمەن،بەزىدە شۇ يەردىكى بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆزماكانىمغا ئەكىلۋالغىم كىلىدۇ،ئەمما،ئۆزىڭىز بىلىسىز،مەندە تارتىش كۈچى،ماگنىت دولقۇنى،سۇ،ھاۋا يوق شۇڭا ئامالسىز قول قوشتۇرۇپ تۇرىمەن دەپ،كۆز ئالدىمدىلا يىغلاپ تاشلىدى.ئۇ بىچارىنىڭ يىغىسىنى بىر دىمە.ئىشقىلىپ ئۇمۇ سىنى ياخشى كۆرىدىكەن،قارا بۇنى كۈلۈپ كەتكىنىنى.......
-ياخشى گىپىمنى قىلغانكى كۈلىمەندە.
-ھە،يوقۇرقىدەك ئىشلارغا زادى كىم سەۋەبچى؟نېمىشقا بۇنداق قالايماققانلىشىپ كىتىدۇ؟سەن قاراپ تۇردىڭما؟مەنغۇ سىلەر سەككىز ئاغا-ئىنىلارغا بۇر بېرىمەن دەپ ئالدىراش باغرىڭدا نېمە بۇلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن،ھىلىمۇ ئاي شارى ماڭا دىدى بولمىسا مەن ھىچنىمىدىن خەۋرسىز يۈرگىدەكمەن.
-ھەي،قۇياش ئاغا نېمە دىسەم بۇلا،بۇ ئىشلارنىڭ باش جىنايەتچىسى كىم دىسىڭىز يەنىلا شۇ ئادەملەر،كىم بۇلاتتى.مىنىڭمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق دەردىم با،راس گەپنى قىلسام ئاغا،مەنمۇ بەزىدە بىزنى ياراتقان تەڭرىگە،ھەي......ئۇلۇغ تەڭرىم نىمىشقىمۇ ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان بۇ ئاپەت دەيۈزلەرنى ماڭا بىقىشقا بەرگەنسەن دەپ ۋاقىراپ سورايمەن.
-نېمىشقا بۇنداق دەيسەن؟
-چۈنكى ئادەملەر مىنى ئوپېراتسىيە كارۋىتىغا چىقىرىپ قويۇپ ئىلغار بولغان قوراللىرى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىۋاتىدۇ.
-نېمە دەيسەن؟بۇ قانداق قىلىق؟سەن قارشىلىق بىلدۈرمىدىڭما؟
-بىلدۈرمەمدىغان جىنىم ئاغا..
- ھە،سىنى قانداق ئوپېراتسىيە قېلىۋاتىدۇ؟
-قانداق قىلاتتى قىنىمنى سۈمۈرۈپ،ئۆزەڭ بىلىسەن ئادەملەرنىڭ ھىلىقى كەينىدىن پۇر-پۇر قاپقارا ئىس چىقىرىدىغان ماشىنىسى با ،شۇنىڭغا يىقىلغۇ قىلىش ئۈچۈن قىنىمنى ئىشلىتىدۇ<نېفىت>بۇنى ئاز دىگەندەك گۆشۈم بولغان كۆمۈرنى كولاپ،پارچىلاپ چىقىرىپ قالاپ ،قاپقارا ئىسلارنى قويۇپ بىرىپ قىزىتمامنى ئۆرلۈتۈپ قويىۋاتىدۇ.يەنە كىلىپ مۇسكۇللىرىم بولغان<دەل-دەرەخلەرنى>ھەردەپ كىسىپ يۈرۈكۈم بولغان تاغلارنى يىتىم قالدۇرىۋاتىدۇ.شۇڭا مەن ھازىر قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم.تۇرۇپ-تۇرۇپ بىششىم قايىدۇ،بىششىم قايسىلا كۆڭلىم ئىلىشىپ ياندۇرىمەن.ئۆتكەندە دوختۇرخانىغا بارسام:دوختۇر ھەدىدىن زىيادە ھارچاپ كىتىپسەن،ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى ئىچىپ بەرگىن دەپ ،ئانچە-مۇنچە كارغا كەلمەيدىغان ساختا دورىلارنى بېرىپ يولغا سالدى.ھەي.......ئاغا بەكلا چارچاپ كەتتىم قاچانمۇ ئاخىرلىشار بۇ كۈلەر.........
-مۇنداق دىگىن،بىششىڭدىن خېلى ئىسسىق-سوغۇقلار ئۆتۈپتۇ ئەمسە؟
-شۇنداق.
-بولدى كۆڭلىنى يېرىم قىلما قارا،ياراتقۇچى تەڭرى سىنى ماشۇ ئادەملەرگە پايدىلىنىش ئۈچۈن ياراتقان،بۇ سىنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان قەرزىڭ.ئەمما،بۇ ئادەملەر ھەدىدىن بەك ئىشىۋاپتۇ،ياراتقۇچى تەڭرىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندۇ.ھەمە ئىش ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.
ھە راس ما گەپنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن ئاي شارى ماڭا،ھازىر ئادەملەر ئارسىدا 2012-12-21-كۈنى زامان ئاخىرلىشىدۇ دىگەن گەپلەر ۋە كىنولار ئىشلىنىپ تارقىلىپتۇ دىگەن،بۇ راسمۇ؟
-راس ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىش با،ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ كاسسىسىغا بىر شاپىلاق ئۇرۇپلا تىپىۋالغان گىپى،بۇنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق گەپ ئىشىنىشقا بولمايدۇ.
-ھە.بۇ گەپلەرنى قىلىشماي ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى.2011-11-28-كۈنى مارس ساڭا ئەڭ يىقىن دەرىجىدە يىقىنلىشىدۇ شۇ ۋاقىتتا،مارس سىلەر ئىككىڭلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرسۇن بۇلامدۇ؟يە بولمىسا ھازىرلا ئۆزىدە تېلېفون قىلىپ توغۇرلىۋىتەيمۇيە ئىششىڭلارنى؟تېلېفوننى قويۇۋەتمەي تۇر ھە؟مەن ئاي شارىغا تېلېفون قىلىپ باقاي.......<كەچۈرۈڭ سىز قىلغان ئابونتنىڭ تېلېفونى سامان يولى قورۇلمىسىدا توختاپ قالغان>ھەي.يەر شارى قارا سىنىڭ تەلەيسىزلىكىڭنى تېلېفونى<تىڭجى>بۇلاپ قاپتۇ،سەل تۇرۇپ ئىچىۋەت جۇمۇ؟
- ھە بۇلدۇ.ئاغا بىر گەپنى قىلاي كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن،<تىڭجى>دىمەيدۇ،توختاپ قاپتۇ دەيدۇ.دىقەت قىلىڭ ئۆز ئانا تىلىڭىزدا دىمەمسىز؟مىنىڭ بىر <ئۇيغۇر>دەپ بالىلىرىم با قارا،ماشۇ تېلېفون نۇمۇرڭ دەمدۇ،تۇرمۇشىدىكى گەپلەر بۇلامدۇ ھەممىسىنى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىمەيدۇ،ھەتتاكى كىچىك بالىلارمۇ<ئاتا-ئاپا> دىمەي<بابا-ماما>دەپ يۈرۈيدۇ ئاتا-ئاپىسىنىڭ خوش بولۇپ كىتىشلىرىنى كۆرسەم،ۋىييەي.......ۋىييەي غىجىغىم كىلىپ كۈلۈپ كىتىمەن،شۇ نىڭغا بۇ خەققە ئانچە قىلمايمەن.
-بۇلدۇ مەن تۈزىتىۋالاي،ھەي،ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ؟سىنىڭ ئىششىڭ ئۈچۈن ئاي شارىغا تېلېفون قىلىمەن.
-باش ئۈستىگە ئاغا جانابلىرى.
-خوش ئەمسە ،خەيرىيەت ئامان بول.
-سەنمۇ ئامان بول........
داۋامى بار.ئەگەر يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ قانداق كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە قىزىقسىڭىز تەكلىپ-پىكىرىڭىزلارنى ئايىمىغايسىزلەر.
2011.11.1.
ئاپتورى:<غ>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا MARS-500 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:02