يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 216|ئىنكاس: 5

يەنە مىنىڭ دوپپام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:02:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە مىنىڭ دوپپام

مۇبارەك نۇرۇز ئايلىرى، ھاۋا سەل سۇغۇق بولسىمۇ شاخلارغا چىچەك قۇنۇپ ئۈلگۈرگەنىدى. مەنمۇ چىچەك قوندۇرۇلغان دوپپامنى ئالدىم، بىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ ئۇشبۇ كۈن- سائەتلارنىڭ ھەققى -ھۆرمىتىنى؟  بىر خوشلۇق بىلەن دوپپامنى چىرايلىق قوندۇرۇپ خىزمەتكە ماڭدىم.  يېرىم يولغا بارغاندا سەل غەلىتە بوپ قالدىم. يولدا ماڭغانلىكى كىشىلەر خۇددى يات پىلانىتادىن ئادەم كىلىپ قالغاندەك ھەيرانلىق، قىزىقسىنىش، ھەتتا بەزىلىرى سەل گۇمان نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ ئۈلگۈرگەنىدى. گەرچە يامان ئىش قىلمىغان بولساممۇ سەل قورۇنۇپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە  ئۇ بىر دوپپا ئىدى خالاس.
تۇنۇشلاردىن بىر نەچچىسى «.نىمە بولدى؟ ۋاھ ، يارىشىپتىغۇ؟ نىمە كۈن بۈگۈن؟.....»دىگەچ، يەنە ئاللاقانداقتۇر چاقچاقلارنى قىلغاچ ئۈتۈپ كەتتى.
ئەگەر مەنمۇ ئەر كىشى بولغان بولسام «مىنىڭ دوپپام »دىكىدەك بولمىسىمۇ يەنىلا «كىم تۈگەپ كەتتى؟ » دىيىشى ئىنىق ئىدى. بىراق، مەن گىلەم دوپپا،ئ ەتلەس كۆڭلەك كىيىپ ماڭغانىدىم. خىزمەت ۋاقتى توشۇپ قالغاچقا ئالدىراپ ئىشخانىغا ماڭدىم.  يەنە سوئاللار دۆۋىسىگە كۆمۈلۈپ كەتتىم.
-بۈگۈن نىمە كۈن ؟
-بىرەر پائالىيەت بارمۇ؟
-خاتىرە كۈنمۇ؟
-مۇسابىقە بارمىكەن؟
-بىرەر باشلىق كەپتىمۇ؟............. ئاشۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىسىگە نورۇز نىمانداق تەس كىلىدىغاندۇ؟
سۇئاللارغا بەزىدە زەردە بىلەن، بەزىدە كۈلۈپ تۇرۇپ، بەزىدە تەنە بىلەن جاۋاپ بەردىم.
- بۈگۈن نۇرۇز، كىيىۋالدىم، ياراشماپتىمۇ ياكى بولماپتىمۇ ؟
-ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى ئىچىمگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدۇم. بىر كۈن خىزمەت جەريانىدا  دوپپامنى نەچچە قېتىم ئېلىۋېتىپ  يەنە كىيدىم . ئەجىبا خاتىرە كۈندىلا كىيىپ، باشقا كۈندە كىيسە بولمامدىكىنە  بۇ سوئالنى ئويلاۋېتىپ ئۈزۈم ئەندىكىپ كەتتىم.  ئەمەلىيەتتە مەن ئۈزۈم دەل شۇنداق قىلغانىدىم.
مەن شۇنداق قىلغان، بىز شۇنداق قىلغان، بىز شۇنداق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئاندىن باشقىلار شۇنداق دىيشىۋاتاتتى .  دىمەك ، مەن ،سىز،ئۇ...بىز باشلاپ بەرگەنىدۇق.

Rank: 3Rank: 3

توردا
53 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
321
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 13:52:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ دوپپا كىيگەن ھالىتىڭىزنى بىر كۆرۈپ باققان بولسامچۇ

Rank: 1

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:24:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە كۆپ ئادەم ھەيران قالغاندىكىن سىزنىڭمۇ  كۆرگىڭىز كەپتۇدە،سەنەمجان! دوپپپامچىلىك كىلىدىغان بۇ ناھىيىدە دىيىشىدىغان يەر بۇ! ئۇنىڭ ئۇستىگە مىنىڭ ئىشلەيدىغان يىرىمدە تەڭدىن تۇلىسى باشقا مىللەت دەڭا،  شۇڭا ئۇلارغا يات تۇيۇلغان چېغى!ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
222 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1225

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:23:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئەتتىگەن ئىشقا كېتىۋېتىپ بىر قىزنى كۆرگەنىدىم شۇنداق يارىشىپتۇ دوپپىسى ،مەستلىكىم كېلىپ كەينىمگە قايرىلىپ قاراپ كېتىپتىمەن ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:25  


مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 02:21:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ دوپپام ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
142 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
794

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 01:58:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېيت كۈنى بىركۈن دوپپام بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرۈپ كەتتىم. ئەتىسى ....ھەي !

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:38 , Processed in 0.056115 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش