يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1118|ئىنكاس: 12

كۈلمىسىڭىز مەيلى ، چىدىيالىسىڭىز ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 10:25:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[تاللانغان يۇمۇرلار]



يەر ئاستى پويىزىدا

يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان يەر ئاستى پويىزىنىڭ ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ ، ئۆرە تۇرغان بىر ئەر يولۇچى يېنىدا تۇرغان بىر ئايال يولۇچىغا ئېگىلىپرەك تۇرۇپ ئەدەپ بىلەن دەپتۇ؛

-كەچۈرۈڭ خانىم ،پويىزنىڭ ئىچى بەك قاراڭغۇ ئىكەن ،ئەيىپكە بۇيرۇمىسىڭىز ، سىزگە بىر تاسما تۇتقۇچ تېپىپ بېرەيمۇ ؟

-ھاجىتى يوق ، مەن تۇتقۇچقا ئېسىلىپ بىر ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن ،-دەپتۇ ئايال قوپاللىق بىلەن .

-ئۇنداقتا گالىستۇكۇمنى قويۇۋېتىڭ!-دەپتۇ ئەر زەردە بىلەن .





تورغا چىقىشنىڭ پايدىسى

بىر ئىت تورغا مەستانە بولۇپ قاپتۇ.قۇرداشلىرى ئۇنىڭغا تورغا چىقىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەرنى قىپتۇ. بىراق ئۇ گەپ يېمەپتۇ. ئۇ تېخى بىر كۈنى تورغا چىقىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ؛

مەن ھەر قېتىم تورغا چىقسام مېنىڭ ئىت ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.



توپچى ئەسكەرلەرنىڭ مەشقى

بىر كۈنى توپچى ئەسكەرلەر زەمبىرەك ئېتىپ مەشىق قىلىپتۇ،ئۇلار ئاتقان ئىككى پاي ئوق نىشانغا دەل تېگىپتۇ،بىراق ئۈچىنچى پاي ئوق بىر دېھقاننىڭ كۆكتاتلىقىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.بۇنىڭدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن كوماندىر دەرھال يېقىن بېرىپ قارىسا كۆكتاتلىقتىن ئۈستىبېشى قاپقارا ئىستا بۇلغانغان،چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بىرسى چىقىپ يالۋۇرۇپ كېتىپتۇ؛

-مەن خاتالاشتىم،بىراق بىر تۈپ يېسۋىلەك ئوغرىلاپ قويغانغىمۇ شۇنچىۋالا قاراملىق قىلامسىلەر؟!



ئاڭلاپ قالىدۇ

بىر بېخىل ئادەم ئايالى بىلەن بىللە ئاشپۇزۇلدا غىزالىنىپتۇ. ئايالى يەۋاتقان مومىسىدىن بىر پارچە لاتىنى تارتىپ چىقىرىپ يولدىشىغا كۆرسىتىپ دەپتۇ؛

-كۆردىڭىزمۇ؟يۈرۈڭ،بۇلار بىلەن دېيىشەيلى.

بېخىل جىددىيلىشىپ ئايالىغا ؛

ۋوي ،بوشراق گەپ قىل ،ئۇلار ئاڭلاپ قالسا لاتا پۇلىنىمۇ تۆلىتىدۇ،-دەپتۇ.



ئەقىل

يىگىت؛ تۈنۈگۈن كېچە سىزگە توي قىلىش تەلىپى قويۇپ چۈشەپ قاپتىمەن ،بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟

قىز؛ نېمىدىن دېرەك بېرەتتى، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئويغاق ۋاقتىڭىزدىن ئەقىللىقراق ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەمدۇ؟



ئېلان

خېرىدار؛ بۇ چاچ چىقىرىش دورىڭىز ،تېلىۋىزوردا كۆرسىتىلگەن ئېلاندىكىدەك ئۈنۈملۈكمۇ؟ بىر بوتۇلكا ئالسام پايدىسى بولارمۇ؟

پىركازچىك؛ ۋاي بولىدۇ، تېخى ھېچكىم ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ باقمىدى.





كېنو كۆرۈش

زىيادە سېمىز بىر كىشى كىنو كۆرگىلى كىرىپ،مىڭ تەستە ئورنىنى تېپىپ جايلىشىپتۇ.يېنىدىكى كىشى قىستىلىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭغا زەردە بىلەن دەپتۇ؛

-سېمىز بولغاندىكىن ئىككى كىشلىك بېلەت ئالسىڭىز بولمامتى؟

-كەچۈرۈڭ،ئىككى كىشلىك بېلەت ئالغان، ئەپسۇس بىرسى ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ ئىكەن...





چىرايلىق ئانا

بىر ئانا ئاي-كۈنى تولۇپ قىز پەرزەنىتلىك بوپتۇ ،قىزىغا ‹‹چىرايلىق›› دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.يوقلاپ كەلگەنلەر قىزىغا بۇ ئىسىمنى قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغانىكەن،ئۇ مۇنداق دەپتۇ؛

-قىزىم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ،مەكتەپكە بارىدۇ.ھەر قېتىم ئاتا –ئانىلار يىغىنلىرىدا، بۇ خانىم كىمنىڭ ئانىسى دەپ سورىسا ، باشقىلار ‹‹چىرايلىق››نىڭ ئانىسى دېيىشسە ،ۋاھ، بۇ نېمە دېگەن ياخشى؟!



خاتالىق

سۇلتان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى،ئۇ جىددىيلىشىپ كەتسە بەزىدە كېكەچلەپ قالاتتى.بىر كۈنى ئۇ ئىمتىھانغا كومىسسىيىلىك قىلىۋاتقاندا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال ۋاقىرىدى؛

-سەن...سەن...سەن...كۆچۈرۈشكە پېتىنىۋاتامسەن،تۇرە ئورنىڭدىن!

ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئارقا-ئارقىدىن بەش ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.



يول ئىزدەش

بىر مەسىت يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىزدىن سوراپتۇ؛

-كەچۈرۈڭ خانقىز، ماڭلىيىمدا قانچە ھۈررەك بار ئىكەن؟

-ئۈچ ھۈررەك بار ئىكەن،-قورقۇمسىراپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىزچاق.

-يەنە بەش ئىستولبىدىن ئۆتۈپ ئۆيۈمگە بارغۇدەكمەن،-دەپتۇ مەسىت ئۆز-ئۆزىگە.


مەنبە ؛ ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژورنىلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ بەك ئېھتىيات بىلەن ئوقۇدۇم، سەۋەپ قاتتىق كۈلۋېتىپ ئاينىپ قالماي دەپ، بەلەن يۇمۇرلار ئىكەن!


Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:52:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز نىمىلا دىسە ئايلىنىدىغان بوپ قالدىڭىزغۇ ؟ بىرەر مەسىلە بارمۇ نىمە ؟؟؟

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 1

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:06:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىس ئۈتۈۋاتقاندا ئسىمگە كىلىپ قالسا  قانداق قىلارمەن.......بۇلۇپمۇ توپچى ئەسكەرنىڭ مەشىقى بىلەن خاتالىق....ھېھىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:52
سىز نىمىلا دىسە ئايلىنىدىغان بوپ قالدىڭىزغۇ ؟ بىرەر مە ...

ئەمدى ئاينىمىسۇن كۆڭلى، بىرەر ئىشمۇ بوپ قالمىسۇن. بالا تۆت بوپ قالغاندا...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:26:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-يەنە بەش ئىستولبىدىن ئۆتۈپ ئۆيۈمگە بارغۇدەكمەن،-دەپتۇ مەسىت ئۆز-ئۆزىگەبەك ئوماقكەن بۇ ، كۈندە 8 ھۈررەك

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى خېنىم كۆڭلىڭىز ئاينىپ قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلدىغان ئىشنىڭ ئىپى -جىپىنى قىلمىسىڭىز بولمۇغۇدەك ئەمدى.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
122

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 21:19:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇلمەي دىگەن ئىدىم ...ئامال بولمىدى ،،ئۇزۇن بوپتىكەن كۇلمىگىلى.....

يۇم كۆزۇڭنى

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 03:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئىت بىلەن ئاۋۇ مەست بەك ئوماقكەن ......

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىمىز ئادەمنىڭ كىنو كۆرىشى يامان كۈلكىلىك تۇيۇلدى. كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتىدۇ شۇ تاپتا.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:49 , Processed in 0.066506 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش