يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 626|ئىنكاس: 7

150 يۈەنلىك قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:09:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شەھەرگە كېلىپ دۇكان ئاچقىلىمۇ مانا ھەش-پەش دېگىچە،بىر يىل بۇلۇپ قاپتۇ .بۈگۈنمۇ ئادىتىم بۇيىچە كەچتە،كومپىيوتىر ئالدىدا خەۋەر كۆرگەچ ، تايىنى يوق شۇ بىركۈنلۈك سودىدىن خاپا ئولتۇراتتىم . دۇكاننىڭ چىراقلىرىن ئۆچۈرمەيلا ئولتۇرغان ئىدىم، دەل شۇ چاغدا  دۇكاننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ بىر چىرايلىق قىز كىرىپ كەلدى.
-ياخشىمۇ سىز؟  
-سىزگە نىمە كېرەك ؟
-كۈرۈپ باقاي دىگەن ..
-ئۇنداق بۇلسا كۈرۈڭ . بۇ قىز ماللارنى كۇرۇپ دۇكاننى ئايلاندى. مەن كومپيوتى ر ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم،  بۇقىز دۇكاننى خېلى ئايلاندى. خېلى ئۇتكەندىن كېيىن ،:
- كومپيۇتىرىڭىزدىن تېلفۇنۇمغا ناخشا قاچىلاپ ،بېرەمسىز؟ سەل ھەيران بۇلۇپ - بولىدۇ دىدىم.
- سىز قانداق ناخشىلانى ياقتۇرىسىز؟ ق
- قانداق بۇلسا بۇلىۋېرىدۇ.
مەن بىردەم ھەپىلىشىپ ناخشىنىمۇ قاچىلاپ بۇلدۇم. ئۇ يەنە چىقىپ كەتمەي ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن:
يەنە باشقا ئىشىڭىز بارمۇ؟ - دەپ سورىدىم.
سىز مۇشۇ دۇكاندا ياتامسىز؟ - دەپ سۇرىدى ئۇ قىز
ياق بايا ياتاقتا ياتاي دىگەن ، لېكىن ياتاق قالماپتۇ،  
ھە دىدىم مەن .
_ مەن مۇشۇ يەردە يىتىپ قالسام بولامدۇ؟  قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم .
_ نىمە؟دەپ تۇرۇپلا قاپتىمەن .
ئۇ قىز پەدى  -شەپنى قايرىپلا :  
_ بىركىچە ھەمرا بۇلسام 150 يۇەن .دىدى
مەن ئۇز قۇلاقلىرىمغا ئشەنمەيلا قالدىم ،ئارىدىن سەل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇزەمگە كەلدىم .  بۇقىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى . مەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ سەپ سالغاچ، ئاستاغىنە:
-قېنى ئولتۇرۇڭ سىڭلىم .ئۇسسۇزلۇق ئىچىڭ- دىدىم ۋە تولىمۇ مۇلايىملىق بىلەن، مىنى كەچۇرۇڭ سىڭلىم ،مەن بۇ يو لدىكى ئادەم ئەمەس. مىنىڭ ئايالىم ۋە ئاللاھ  بەرگەن بىر قىزىم بار، گەرچە ئارلىقىمز يىراق بۇلسىمۇ، مەن ئۇلارنىڭ مىنىڭ ئۇستۇمدىكى ھەقلىرىنى ئۇنتىغىنىم يوق. مەن بۈگۇن مۇشۇ ئازىراق ھايۋانىي ھېسىياتىمنى دەپ مۇشۇ خاتا بۇلغان كوچىغا كىرسەم ، قىزىمدىن ، ئايالىمدىن ، يىنىپ قىلىشىدىن قورقىمەن . يەنەبىرسى مەن پۇتۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ، ئۇزەمدىن چۇڭلىرىنى ئاچام،  ئاپامدەك، كىچىكلىرىنى سىڭلىم،  قىزىمدەك كۆرىمەن .  سىزنى سىڭلىم دەي .ب ۇ خاتا يۇلدىن قايتىڭ !  سىزنىڭ قانداق قېلىپ بۇ يولغا كىرىپ قالغىنىڭىزنى سورىماي. بۇ يولدىن ھازىر قايتسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز . پۇل كېرەك بۇلسا ھالال ئىشلەڭ،  ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ !  ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ!  شۇندىلا سىز بۇ ھاياتنىڭ نەقەدەر گۇزەللىكىنى ھېس قىلىسىز.
بۇ گەپلەرنى قىلۋاتقىنىمدا ئۇ قىزنىڭ خىجىل بۇلغىنىنى سەزدىم .
تەلەپپۇزىڭىزدىن سىزنىڭ بۇ شەھەردىن ئەمەسلىكىڭىز بىلىنىپ تۇرىدۇ . بارغۇدەك يېرىڭىزمۇ يوقتەك قىلىدۇ،  بۈگۈن مىنىڭ قىشىمغا ئۈسۈپلا كىردىڭىز، مەن سىزنى قوغلىماي، بۈگۈن مۇشۇ يەردە قۇنۇپ قىلىڭ .بايا بىر كىچىلىكىڭىزنى 150يۇەن ،دىدىڭىز،  بۇلدى ، مەن سىزگە 500 يۇەن بېرەي . بۇگۇن سىز مېنىڭ بۇلدىڭىز . مېنىڭ بولغاندىكىن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايىسز؟!  ئۇ قىز ئۈندىمەي ئولتۇراتتى .
سىز مىنىڭ كارۋىتىمدا يېتىڭ مەن مۇشۇ ئۇرۇندۇقتا ئۇخلاي . مەڭ بۇ پۇلنى ئېلىڭ!
ئۇ بۇ پۇلنى ئالماي بېشىنى ساڭگىلتىپ ئۇلتۇراتتى .
- كەچۈرۇڭ ئاكا مەن بۇ پۇلنى ئالالمايمەن .بۈگۇن پۈتۈن دۇنيانى ئالغاندەك بۇلدۇم .
- ياق سىڭلىم سىز بۇ پۇلنى ئېلىڭ. بۇ پۇل سىزنىڭ ھەققىڭىز . بىزنى كەچۈرۈڭلار سىىڭلىم .  بىز ئۇغۇللار سىزلەرگە ئىگە بولغان بۇلساق. سىزلەرنى قەدىرلىگەن بۇلساق سىزمۇ بۇ يولغا ماڭمىغان بۇلاتتىڭىز . بۇنچىلىك قىلىش ھەربىر ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ،ق ەرزى ھەم پەرزى. قىزنىڭ بۇلاقتەك كۇزلىرىدىن ياش ئاقماقتا .......
مەن بۇ يەردە قىز بىلەن بۇلغان سۇھپەتنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا سۇزلىدىم .د وسلار ئۇلار نى كەمسىتمەيلى!
ئۇلارغا توغرا بۇلغان مۇئامىلە قىلايلى. ئۇلارنى مۇشۇ خاتا يۇلدىن قايتۇرالمىساقمۇ  ئەمما ئۇلارغا بىر ئېغىز ھەق سۆزلەپ قويساق، تەربىيە بېرىپ قويساق  بۇ بىزئۈچۇن غەلبە دەپ ئۇيلايمەن.

مەنبە: ئۇيغۇرنېت


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى جەمىيئەتتە، بۇ يىگىتتەك ‹ بەز يېمەيدىغان مۆشۈكتىن › يەنە قانچىسى باركىن تاڭ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
128

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 08:56:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ  . ئىزىزجان ئاداش بىر تېما يوللاپسىلە ھە . ئەكىلىڭلار قۇلۇڭلىنى بىر تۇتىۋالاي

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 09:57:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجىز قىز -ئاياللارنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ئىلاھىم !ئەرلىرىمىزگە ئىنساپ ئىمان مەسئۇليەت ئاتا قىلغايسەن !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:17:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىۋايەتتەكلا ھە ؟
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا دەپ باشلىنامدىكىن يەنە 5-10 يىلدىن كېيىن بۇنداق ھەقىقەتلەر

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
205
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 08:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي ،ئۈستەك بىرىپ بېرىدىغان ئاياللارمۇ بار ئارىمىزدا.بۇنداقلارغا نىمە دەيمىز ئەمدى.

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 13:56:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈم ئەمەستۇ، ئەجەپ بىر ئېسىل يىگىتكەن بۇ، ھازىرمۇ رىۋايەتتىكى چۆچەكنى ئوقۇغاندەك ھېسىياتتا ئولتۇرۋاتىمەن

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:45:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسابىڭىزغا رەخمەت .يازمىڭىزنى ئوقۇپ مىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدىكى بىر ئىش يادىمغا كىلىپ قالدى .مەن ئىسلام داشۆدە ئوقۇيدىغان نەۋرە ئاكام بىلەن ئاق مەسچىت ئەتراپىدا كەچلىك تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ،ئاكام مىنىڭ ئاق مەسچىت ئالدىدا ساقلپ تۇرۇشۇمنى ئىيتىپ شام ناماز ئوقىغىلى كىرىپ كەتتى .مەن مەسچىت ئالدىدا ساقلاۋاتاتتىم. ئارىدىن بەش مىنۇتمۇ ئۆتمەستە 45 ياشلار ئەتراپىدىكى بىرئەر ئالدىمدا پەيدا بولدى .ئۇماڭا بىر ئۇزۇنغىچە سەپ سىلىپ قارىغاندىن كىيىن ،يىنىمغا كىلىپ :"قىزمۇ يا ؟" دەپ سورىدى .
مەن ئاچچىقتىن يىرىلىپ كىتەي دىدىم ،شۇندىمۇ ئۆزىمنى بىسىۋىلىپ بىرنى ئالىيىپ قويۇپ ،باشقا ياققا قارىۋالدىم .
"نىمىشقا ئۇ ئەر ماڭا شۇنداق دەيدۇ ؟"بۇخىيال كاللامدىن زادىلا كەتمەيتتى .مەن ساقلاش داۋامىدا، يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرنى كۈزەتتىم .19-20ياشلرچاممىسدىكى بىر ياغلىق چىگىپ ،ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان قىز 45ياشلار چاممىسىدىكى بىرئەرگە ئىسلىغىنىچە كىتىپ باراتتى ھىلىقى ئەر ئۇقىزنىڭ بىلىدىن ئىلىۋالغان قولىنى پاتپات قىزنىڭ يانپىشىغا يۆتكەيتتى . مەسچىت ئالدىدىمۇ بۇ نىداق ئىشلارنى كۆرۈشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانكەنمەن.  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:01 , Processed in 0.080909 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش