تويۇڭغا بارالمىدىم، بارالمىدىم
ئۆزۈم بۇ يەردىمەن، خىيالىمدا كىزەر رىستۇران.....
سىڭلىم، سېنى ئۆزۈم ئۇزىتىپ قويماقچى ئىدىم،
ئاپئاق چۈمبىلىڭ ئاستىدىكى بەخىتكە تولغان چىرايىڭنى كۆرمەكچى ئىدىم،
توي پولۇيىڭنى يىمەكچى ئىدىم،
رىستۇراندا، بەخىتكە چۆمۈلۈپ تۇرۇپ سەن ئۈچۈن
سەن ئۈچۈن بىر شېئىر ئوقۇماقچى ئىدىم.
لېكىن بارالمىدىم، بارالمىدىم
بىلەمسەن مەن سېنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمەن،
يۈزۈڭنى ئاچقاندا قانداق بىيىتلەرنىڭ ئوقۇلغىنىنى
ئالدىڭغا تەخسە-تەخسىلەردە تويلۇقلارنىڭ قويۇلغىنىنى
ئالدىڭغا قويۇلغان ئەينەكتىن
چىرايڭنى ئوغىرىلقچە كۆرۈۋالغىنىڭنى ...
تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمەن،،،،توي كۈنى
ئاپام بىلەن دادامنىڭ تەبرىككە تولغان چىرايىنى
سىڭلىم
بەخىتلىك بول خۇددى مەندەكلا
سېنى قىينىمىسۇن تۇرمۇش غەملىرى
قەيسەر بولغىن خۇددى ئاكاڭدەك
سېنى ئۆرتىمىسۇن قۇرقۇنىچ غەملىرى....
تويۇڭغا بارالمىدىم، ئەمما قەلبىمدە...سەن بىلسەڭ
باشتىن ئاخىر قاتناشتىم توي مۇراسىمىڭغا
قىپقىزىل پۈرەكلىگەن ئەتىرگۈلىدەك
كۆڭلۈمدە....ساڭا ئوخشاشلا...