يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 321|ئىنكاس: 5

10ياشقا تولمىغان بالىلار پەرھىز تۇتۇشقا تېگىلشىك يېمەكلىكلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




     ئالاقىدار مۇتەخەسسلەر، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچىلىرى جەريانىدا پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان يېمەكلىكلەر ھەققىدە بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان .

     1. ئۈچ ئايلىق بولمىغان بۇۋاق تۇز ئېستىمال قىلسا بولمايدۇ.

ئۈچ ئايلىق ئىچىدىكى بۇۋاقلار تۇزغا ئىھتىياجلىق بولمايدۇ،بەلكى ئاناسۈتى ۋە كالاسۈتى قاتارلىقلاردىن قۇبۇل قىلىدىغان تۇز مىقدارى يېتىپ- ئاشىدۇ.ئۈچ ئايدىن كېيىن تۇزغا بولغان ئىھتىياجى ئاز-ئازدىن ئىشىپ ماڭىدۇ.ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن بۇۋاقنىڭ ھەركۈندىكى يېمەكلىدىكى تۇز مىقدارى 1گېرام ئەتىراپىدا كونتۇرۇل قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

     2. بىر ياشقا توشمىغان بالىغا ھەسەل بىرىشكە بولمايدۇ

يىشىغا تولمىغان بالىلارنىڭ ئۈچەي يوللىرىنىڭ ئىچىدە ئاكتىپ زەمبۇرۇغلار يېتىلىپ بولمىغان بولۇپ، ھەسەل ئىستىمال قىلىنغاندىن كېيىن ئاسانلا يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ، كۆڭلى ئېلىشش، قۇسۇش،،ئىچى سۈرۇش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ.بالىلار بىرياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئۇچەي يوللىرىدىكى ئاكتىپ زەمبۇرۇغلار پەيدىن –پەي يېتىلىشكە باشلايدۇ ،ئاندىن نۇرمال مىقداردا ھەسەل ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
      3. ئۈچ ياشقا تولمىغان بالىغا چاي ئىچۇرۇشكە بولمايدۇ.

چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدە مول مىقدارداتاننىن كىسلاتاسى باربولۇپ ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ يېمەكلىكلەردىن ئاقسىل قۇبۇل قىلىشغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئۇندىن باشقا كالتسىي ،سىنىك ،تۆمۇرماددىلىرىنىڭ سۈمۈرۇلىشىگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ بالىلارنىڭ نۇرمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز ئامىللارنى ئىلىپ كىلىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى كوفىين ئىنتايىن كۈچلۇك روھلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ياشتىكى بالىلاردا ئۇششاق ھەرىكىتى كۆپ بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ.

      4. بەش ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بالىلار قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنى ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ

بەش ياشقىچە بولغان مەزگىلى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتلار، قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ھورمۇن ياكى ھورمۇن تېپىدىكى ماددىلار بولىدۇ،بۇلار سۆڭەكنىڭ ئۆسۇش قىسمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تورمۇزلاپ،سۆڭەكنىڭ ئۆسۇش ۋاقتىنى قىسقارتىۋىتىدۇ ،نەتىجىدە بالىلاردا بويى ئۆسمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۇلۇشتىن سىرت ،ھورمۇننىڭ تەسىرىدە بالىلاردا بالدۇر يېتىلىپ كېتىش غەيرى ئەھۋاللار كۆرۇلىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا بۇۋاقلارغا كۆپ مىقداردا قۇۋۋەت يىمەكلىكلىرىنى تولۇقلىغاندا ،چىش مىلىكى قاناش، چاڭقاقلىق، قەۋزىيەت، قان بىسىمى ئۆرلەش،قورساق كۆپۇش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ.

     5. ئون ياشقا تولمىغان بالىلارتۇزغا چىلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستمال قىلسا بولمايدۇ

بۇنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار :
بىرىنچى . تۇزغا چىلانغا يېمەكلىلەر (تۇزلانغان بىلىق،تۇزلانغان گۆش،تۇزلانغان كۆكتاتلار،…) لەردە تۇز مىقدارى زىيارە كۆپ،بۇنداق يېمەكلىلەر بالىلاردا ئاسانلا يۇقىرى قان بىسىمى كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      ئىككىنچى.تۇزغاچىلانغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا نىترىدئوئىدبار بولۇپ ،ئۇ ۋە ئافلاتوكسىن ،فېنىل ئانىن ئۈچى دۇنيا ئىتىراپ قىلغان ئۈچ چوڭ راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلاردۇر. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماتېرىياللاردىن كۆرۇۋىلىشقا بولۇدىكى ئون ياشقا تولماي تۇرۇپ تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ئادەتلەتلەندۈرگەن بالىنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن راك كىسىلىگە گىرىپدار بولۇش نسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭ ئۈچ ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ،بولۇپمۇ يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.





مەنبە: ۋەتەن تور خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 01:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلىشقا تىگشلىك بىلىمكەن  ، بالام تۇغۇلغاندا ئايرىم تاماق ئىتىپ بەرسەم بولغۇدەك .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:59:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى گەپلەركەن، بىلىۋالدىم. ئارمان قۇۋۋەت تالقانلىرىنىڭ تەركىبىدە ھورمۇن يوق، شۇڭا مەن شۇنى ئىستېمال قىلدۇرىمەن، باشقىللىرىنى قەتئى يېقىن يولاتمىدىم.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 16:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا خاتىرجەم يىمەكلىكمۇ ئېلىپ بەرگىلى بولمايدىغان جاھان بولۇپ كەتتى دېسە
بىز ئانىلارغا بەكلا زۈرۈر بىلىمكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
72 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:18:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپا سىز مىنى كىچىك ۋاقتىمدا نېمە بېرىپ، بىقىپ چوڭ قىلغان؟
ۋاي جىنىم بالام بۇ سۇئاللارنى سوراپ قالدىڭغۇ؟
قارىسام بىزنىڭ ‹بالىلار باغچىسى›سىنىپىمدىكى  بالىلار  ئاسان ئاغرىپ قالىدۇ،مەنچە يەپ-ئىچىۋاتقان نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەن، شۇڭا سورۇشۇم.
مەنچۇ قارا قوزام،كىچىك ۋاقتىڭدا ساڭا بىرلا كالىدىن چىققان سۈتنى قاينىتىپ ئۇنىڭغا ناننى چىلاپ ئازراق توخۇم،شىكەر ئارلاشتۇرۇپ بېرەتتىم.يەنە ئۇننى ھوردا پۇشۇرۇپ ئاندىن كىيىن ئۇنىڭغا شىكەر،قوينىڭ قۇيرۇق مىيى بىلەن بۇلماق قىلىپ بېرەتتىم.
قانداق بۇلامدىكەن؟
-بۇلىدىكەن.
ئەمسە ھازىرقى كىچىك بالىلارغا ئاپىسى نىمىشقا شۇنداق نەرسىلەرنى قىلىپ يېگۈزمەيدۇ؟
-چۈكى ھازىرقى ئاپىلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش ئۇنداق نەرسىلەرنى قىلىشقا ۋاقتى يوق.شۇڭا تەييار يېمەكلىكلەرنى بېرپ ئاسانلىققا كىرىپ بالىلىرىنىڭ ساغلام يىتىلىشى بىلەن ئانچە كارى يوق بولۇپ قالدى.
ھە..........
-ئاپا مەن ‹بالىلار باغچىسى›دىن چىقىپ بىرىنچى سىنىپقا كۆچكەندە مىنى ئۇيغۇرچى مەكتەپكە بە بۇلەمدۇ؟
-نىمىشقا؟
-مەن سىنى ئاپا دىمەي،‹ماما› دىيىشىمدىن قورقىمەن................


-


Rank: 3Rank: 3

توردا
72 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر ئىنكاس ‹مەن كىم›دىگەن ھېكايىنىڭ بىرىنچى بۈلىكى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 03:33 , Processed in 0.070154 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش