يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 406|ئىنكاس: 5

ئاياللار ئاچچىقلانسا ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:27:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئاياللار ئاچچىقلانسا ئاسانلا يەتتە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن
1. داغ پەيدا بولىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان مېڭىگە ئۆرلەپ، قاندىكى ئوكسىگېن ئازلاپ، توكسىن كۆپىيىدىكەن، توكسىن تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ، تۈك خالتىسى ئەتراپىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يەللىكلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داغ پەيدا قىلىدىكەن.

2. مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭىگە ئۆرلەپ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ چاغدا قان تەركىبىدىكى توكسىن ئەڭ كۆپ، ئوكسىگېن ئەڭ ئاز بولۇپ، بۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى زەھەرلەيدىكەن.

3. ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ يۈرەك ۋە قان تومۇرغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدىكەن، بۇنىڭدىن ئىشتىھا ناچارلىشىدىكەن، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

4. يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەيدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭە ۋە يۈز قىسمىغا ئېقىپ، يۈرەكنى تەمىنلەيدىغان قان ئازلاپ كېتىدىكەن، بۇ يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۈچەپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولغاچقا، يۈرەكنىڭ سوقۇشى قانۇنىيەتسىز بولىدىكەن، بۇنىڭدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش

5. جىگەرنى زەخىملەندۈرىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، بەدەن «كاتېخولامىن» دەيدىغان بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قاندىكى شېكەرنى ئۆرلىتىپ، قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى توكسىنلارنى كۆپەيتىۋېتىدىكەن. شۇڭا، ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، ئەڭ ياخشىسى، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋېتىشى كېرەك ئىكەن. سۇ بەدەندىكى ئاجرىلىپ چىققان ياغ كىسلاتاسىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرلىك ماددىنى ئازايتىدىكەن.

6. ئۆپكىنى زەخىملەندۈرىدىكەن. ئاياللارنىڭ كەيپىياتى جىددىيلەشكەندە، نەپىسى تېزلىشىپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشى زىيادە ئېشىپ كېتىدىكەن. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى توختىماستىن كېڭىيىپ، ۋاقتىدا تارىيالمىغاچقا، ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدىكەن.

7. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى زەخىملەندۈرىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭە بەدەنگە خولېستېرىننىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بىر خىل پوستلاقلىق سىترولنى ئىشلەپچىقىرىشقا بۇيرۇيدىكەن. بۇ ماددا بەدەندە كۆپ يىغىلىپ قالسا، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.


مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:49:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالساق بولغۇدەك. دېمىسىمۇ ئاچچىقلانغاننىڭ قەتئى پايدىسى يوق، پەقەت شۇ بالدۇر تۈگىشىپ كېتىشىمىزگىلا پايدىسى بار.
  بىر چاغلاردا مېنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچۈم تۆۋەنلەپ كەتكىنى راست، ئەمما خۇدايىم بۇيرىسا كۆپ ياخشى ھازىر. كۈنلىرىم ھەر ھالدا كۈندىن-كۈنگە خاتىرجەم، خۇشال ئۆتۈۋاتىدۇ. مۇھەببەتلىك تۇرمۇش بولسىلا ئىممۇنىتېت كۈچىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغۇسى!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
232 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:16:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ، مېنىڭمۇ كەيپىياتىم ناچار بولسىلا ، چارچىساملا تېرەمگە چىقىدۇ ھەممە ئىپادە ...ھازىرمۇ شۇنداق شۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 18:51:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم-قىزلار دىقەت..........................
سومكىغا توشقۇزۇپ سىلىۋالغۇدەك سۈزلەركەن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
205
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:51:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەكلىك ھاياتىمىزنى چەكسىز خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزەيلى!!!

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:45:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر تامامەن ساقكەنمەندە  ،خاپۇلغۇدەك ئىش يوق ...كۈنۇم كىنو كۆرۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋاتىدۇ ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:19 , Processed in 0.049791 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش