يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 235|ئىنكاس: 3

زاكا تاللىغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەغەز زاكا قولايلىق، ئىشلىتىش ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ، ناھايتى تېزلا ئومۇملاشتى . بىراق زاكا تاللاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە ، سۈپەتسىز زاكىلار ئاسانلا بەزى تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ .
   مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى مەرپۇغە ھەسەندىن ئىگىلىشىچە ، ئاتا-ئانىلار زاكا تاللاشتا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇپ ، سۈپەتلىكنى تاللىشى كېرەك . بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولغاچقا ، مىكروبقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ ، شۇڭا بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم :
   1. زاكىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش . ئەگەر زاكا بەك قېلىن بولۇپ كەتكەندە ، ھاۋا ئۆتۈشۈش ياخشى بولماي ، نەملىكنى تارقىتالمايدۇ -دە ، تېرىنى قىزىتىپ بالىنى بىئارام قىلىۋېتىدۇ، بۇنىڭدا بالىنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىدۇ .
   2. بوۋىقىغا ئەڭ ماس كېلىدىغىنىنى تاللاش . ئاتا-ئانىلار ئوخشاشمىغان ماركىدىكىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىپ بېقىش ئارقىلىق بوۋىقىغا ئەڭ ماس كەلگىنىنى تاللاپ ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىش ياخشى تەدبىر .
   3. زاكىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە دىققەت قىلىش ، ھۆل بولغاندىن كېيىن پاختىسى بۆلۈنۈپ ، بىر يەرگە يىغىلىۋالىدىغان زاكىلارنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىك لازىم .
   4 . ئۆلچەملىكنى سېتىۋېلىش . بەزى زاكىلارنىڭ بوۋاق بەدىنىگە تېگىشىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا سۇلياۋ ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن بولىدۇ ، سۇلياۋ بەدەنگە زىيانلىق بولۇپ ، داۋاملىق ئىشلەتكەندە ، تېگىشىپ تۇرغان ئورۇن قىزىرىش ، رېئاكسىيە قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . بۇ تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ .


      مەنبە؛ چولپانلار تورىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋاپادار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:19  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:53:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنلاردا بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز بۇنداق زاكىلارنى ئىشلەتمەيمۇ بىزلەرنى بىر ئوبدان بېقىپ چوڭ قىلىپتىكەن. بىزلەر مۇشۇ سۈنئىي نەرسىلەر بولمىسا بالا باقالمايدىغان بولۇپ قالدۇققۇ تاڭ!
بۇنداق زاكىنى بەك ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە بەكلا زىيانلىق ئىكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
8
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 13:43:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىم 1 ياشتىن ئاشتى . زاكىنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى ئاڭلاپ بەك ئىشلىتىپ كەتمىدىم . ئاڭلىشىمچە زاكا ئىشلىتىۋەرسە بوۋاقلارنىڭ كىيىن ئەرلەر ھەم ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم . شۇڭا سىرتقا چىققاندا ، كىيىم ئالماشتۇرۇشقا ئەپسىز چاغلاردىلا ئىشلەتتىم . بۇنىڭدىن باشقا بىز ئاياللار ئىشلىتىدىغان ئادەت زاكىلىرىنىڭمۇ زىيانلىق تەرىپى بەك كۆپ . بىۋاستە بالىياتقۇغا زىيان قىلىدۇ . بەك مەينەت . ئىشەنمىسىڭىز بىر تالنى يېرىپ ، يىرتىپ كۆرۈپ بېقىڭ . شۇڭلاشقا يەنىلا تازىلىق قەغىزىنىڭ ئەڭ نىپىز كەلگىنىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ ئىشلىتىشىمىز كېرەك .

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:50:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ خالىسا بالام تۇغۇلسا بۇنداق زاكىنى ئىشلەتمەيمەن . سەپەرگە ، بازاغا چىققاندىن باشقا چاغلاردا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 07:29 , Processed in 0.044491 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش