
كۈتىۋاتقانلارغا قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئىگىلىپ تۇرۇپ رەھمەت
شۇندىن كېيىن ئائىلىمىزدە بىر جان كۆپەيدى، ياق! بالام، ئائىلىمىزگە جان قوشقۇچى، بىر ئوماق پەرزەنىت دۇنياغا كۆز ئاچتى. مېنىڭ قوساق كۆتۈرگەن چاغدىكى تارتقان جاپالىرىم، سىزنى قاچان توغۇلاركىن دەپ تەقەززالىقتا كۈتۈشلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كەتتى. شۇنداق، ھەممىنى ئۇنتۇدۇم، مېنىڭ بالام، مېنىڭ باغرىم...سىزنى قانداق ئەركىلىتىشنى، قانداق مېھرىمنى بىرىشنى بىلمەي قالدىم.
سىزنىڭ چوڭ بولىشىڭىزغا ئەگىشىپ، دادىڭىز ئىككىمىز ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولۇشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدۇق. سىزنى ئىمىتەتتىم، ئاستىڭىزنى قۇرۇغدايتتىم، سىز بىلەن پاراڭلىشاتتىم...ئاھ... شۇ كۈنلەرنى ئويلىسام يىغلىغۇم كېلىدۇ. سىز بەك بەك ئوماق ئېدىڭىز. ئوماق ئىدىڭىز، كۆزلىرىمنى يۇمسام خاتىرەمدە شۇ كۈنلەر جىلۋە قىلىدۇ، ئەمما ئۇ كۈنلەر مەڭگۈلۈك ئەسلىمىگە ئايلىنىپ قالدى، سەن مېنىڭدىن يىراق بىر يەرگە كەتتىڭىز. سىزنى ياشلىق كۆزلىرىم بىلەن ئۇزىتىپ قالدىم.
ھەر قېتىم كۆزۈمنى يۇمسام، سىزنىڭ باشقا ھالىتىڭىز ئەمەس، ئاشۇ بۇدۇرۇق ھالىتىڭىز كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. سىز كۆزۈڭىزنى قىيا ئېچىپ:‹‹ مەن نەگە كەپ قالدىم›› دىگەندەك ئەتراپقا ئىسەنكىرەپ قارايتتىڭىز، دېرىزىدىن كۈن يانتۇ چۈشۈپ تۇراتتى، سىز قۇياش نۇرىدىن كۆزۈڭىزنى قاچۇردىڭىز، ئەتراپقا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ، ئالدىڭدا سىز تۇتۇپ ھاياجان بىلەن سىزگە باققان دادىڭىزغا قارىدىڭىز، كۆزۈڭىزنى بىر دەم يۇماتتىڭىز، بىر دەم ئاچاتتىڭىز....ئاھ!!! ئاشۇ كۈنلەر!!! كەلمەسكە كەتكەن كۈنلەر!!! مېنىڭ يۈرىكىمنى ئۆرتەپ، مېنى ئانىلىق پۇشايمانغا قويغان كۈنلەر!!!
شۇ كۈنلەرنى ئويلىسام كۆزۈمگە ياش تولماي قالمايدۇ، سىزنى بىر ياش قىلغۇچە شۇنچە جىق جاپالارنى تارتتۇق، دادىڭىز سورۇندىن، مەن چايلاردىن قالدىم، ئىككەيلەن ئاستىڭىزنى تەڭ دىگۈدەك قۇرۇغدايتتۇق، دادىڭىز سىزنى تۇتۇپ تۇرسا، مەن تاماق ئىتەتتىم، تاماق ئېتىپ بولۇپ سىزنىڭ قوسىقىڭىزنى توقلايتتۇق، سىز ئۇ چاغدا بىر ئەتلىمە گۆش ئىدىڭىز، دادىڭىز سىزنى دەپ تاماق ئېتىشنى ئۆگەندى، ئەتكەن تاماقلىرى بەزىدە ئوخشىماي قالسا، بەزىدە بەك ئوخشايتتى، مەن سىزنى باغرىمغا باسقىنىمچە مۇھەببەتنىڭ دېڭىزىدا ئۈزەتتىم. ئۇ چاغلاردا...ئۇ چاغلاردا...دادىڭىز سىرتقا ئىشقا چىققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۈتۈن ۋاقتنى ئۆيدە سىز بىلەن ئۆتكۈزەتتى. سىزگە قارايتتى، سىزنى باقاتتى، كۆتىرىپ ئوينىتاتتى...مەن تاماق ئەتكەچ دادىڭىزنىڭ سىزگە قانداق قارىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتىم، دادىڭىز سىزگە كىتاب ئوقۇپ بىرەتتى، سىزنى دەپ كىتابلاردىن كۆرىۋالغىنى بويىچە، كىتابقا ھەسەل سۈركەپ سىزگە يالىتاتتى. سىز دادىڭىزنىڭ بارلىقى ئىدىڭىز، راست، ئۇ بارلىق ئۈمىدىنى سىزگە باغلىغان ئىدى.
داۋامى قاتتىق بار.سەل ئىلھام-پىلھام كېلىۋاتقان چىراي!!!