يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 13

سۈننەت تويلارغا ئۆزگىچىلىك قوشۇۋاتقان سۈننەت توي رىياسەتچىلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
221 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:53:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون يىل ئىلگىرى ئوغلۇمنىڭ سۈننەت تويىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۆزگىچىرەك قىلىپ ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە خېلى كۆپ باش قاتۇرغانىدىم. چۈنكى ئەينى چاغدا سۈننەت تويلاردا چوڭلار بەكرەك گەۋدىلىنىپ، توينىڭ ئەسلىي ئىگىسى بولغان بالىلار «ئېتىبارسىز قالىدىغان» ئەھۋاللار ئومۇملىشىپ قالغانىدى. ئوغلۇمنىڭ سۈننەت تويىغا ئازراق بولسىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلىگەن بولساقمۇ، دېگەندەك قانائەت ھاسىل قىلمىغانىدىم.

يېقىنقى ئىككى - ئۈچ يىلدىن بېرى سۈننەت توي رىياسەتچىلىكى دېگەن يېڭى بىر كەسىپنىڭ پەيدا بولۇپ، ئەينى چاغدا مەن ئارزۇ قىلغانغا ئوخشاش بالىلارنى توينىڭ ھەقىقىي ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، تويلارغا ئۆزگىچە مەنە ئاتا قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم.

سۈننەت توينىڭ ئىگىسى بالىلار

- ئىسمىڭ نىمە؟

- مەۋلانجان.

- قانچە ياشقا كىردىڭ؟

- ئالتە ياشقا.

- بۈگۈن كىم ئەڭ ئوماق، كىم ئەڭ ئەقىللىك، كىم ئەڭ باتۇر؟

- مەن.

- مانا سىلەردەك ئەقىللىك، ئوماق بالىلارنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئاناڭلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ، رەھمەت ئېيتىپ كېلىڭلار.

رىياسەتچى مىجىت ئابدۇلېتىپنىڭ گېپى بىلەن تەڭ سۈننەت تويى بولۇۋاتقان بالا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاتا - ئانىلىرىنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ، رەھمەت ئېيتىپ كېلىشتى. بۇ مىنۇتلاردىن تەسىرلەنگەن بەزى ئانىلار كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قېلىشتى. مانا بۇ سانجى شەھىرىدىكى مەلۇم رېستوراندا يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سۈننەت تويدىكى كىچىككىنە بىر كارتىنا ئىدى. ئارقىدىنلا چاشقان بىلەن ئۆردەك (كارتون كىيىملىرىنى كىيىۋالغان رىياسەتچى ياردەمچىلىرى) ئاپتۇۋا - چىلاپچىلارنى كۆتۈرۈپ يېتىپ كېلىشتى، رىياسەتچى بالىلاردىن ئاپتۇۋا - چىلاپچىنىڭ ئىسمىنى، ئۇنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سورىدى، ئاخىردا ئۆزى ئۇنى بالىلارغا چۈشەندۈرگەچ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزدىنمۇ نەچچىنى قوشۇپ بالىلارغا سۆزلەپ بەردى. ئۆردەك بىلەن چاشقان ئاپتۇۋا - چىلاپچىدا ھەر بىر بالىنىڭ قولىغا سۇ بەردى. شوخ بالىلار ناخشىسى ياڭراش بىلەن تەڭ بالىلار تويى بولۇۋاتقان بالىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، «قارا - قارا قۇشلارىم» ئويۇنىنى ئويناشتى. ئارقىدىن رىياسەتچىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن قىزلاردىن ئۈچى بىر گۇرۇپپا، ئوغۇللاردىن ئىككىسى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، شارغا ناسوستا يەل بېرىپ يېرىۋېتىش ئويۇنىدا مۇسابىقىلەشتى. بالىلارنىڭ بەس - بەستە شارغا يەل بېرىۋاتقان جىددىي ھالىتىگە، قىزىرىپ، ئېسىلىپ كەتكەن يۈزلىرىگە قاراپ، مېھمانلار توختىماي كۈلۈشەتتى، بۇ پائالىيەتتىن كېيىن رىياسەتچىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ھەم ئۇلارغا ماسلىشىشى بىلەن بالىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ ناخشا ئېيتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، يۇمۇر سۆزلەش، تېپىشماق تېپىش، مودېل مېڭىش قاتارلىق جەھەتلەردە ماھارىتىنى كۆرسەتتى... بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ بالىلار پائالىيىتى تويى بولۇۋاتقان بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە بىر مەيدان ئۇسسۇلغا چۈشۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

رىياسەتچى مىجىت ئابدۇلېتىپ

بىر قانچە قېتىملىق سۈننەت تويدا ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى، جۇشقۇنلۇقى، يۇمۇرىستىك سۆزلىرى بىلەن بالىلارنى بىردەمدىلا قىزىقارلىق بالىلار دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، تويلارغا ئۆزگىچە ھۆسن قوشۇۋاتقان سۈننەت توي رىياسەتچىسى، يەنى ئۈرۈمچى «خۇشاللىق» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مىجىت ئابدۇلېتىپنى مەن 11 - ماي زىيارەت قىلدىم.

گۇچۇڭ شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ مېھمانخانا باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مىجىت قانداق بولۇپ سۈننەت توي رىياسەتچىلىكى كەسپىنى تاللاپ قالدى؟

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۇرۇق - تۇغقان، ئاغىنىلەرنىڭ توي - تۆكۈنلىرىدە ئانچە - مۇنچە خالىس رىياسەتچىلىك قىلىپ قوياتتىم. ھەر قېتىم سۈننەت تويلاردا رىياسەتچىلىك قىلغىنىمدا، توينىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان بالىلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. 2007 - يىلى تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە سانجى شەھىرىدىكى بىر سۇ ئۈزۈش زالىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قالدىم، شۇ قېتىملىق پائالىيەتتە تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىتىۋاتقان كارتون كىيىمى كىيىۋالغان خادىملار ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى، بولۇپمۇ بالىلارنى ئالاھىدە ئۆزىگە جەلپ قىلدى. بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدىن بىر ئوي كەچتى، مەن توردىن ئاختۇرۇپ مەخسۇس كارتون كىيىملىرىنى لايىھەلەپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىچكى ئۆلكىدىكى بىر زاۋۇت بىلەن ئالاقىلەشتىم ھەم توشقانچاقنىڭ كىيىمىدىن بىرنى بۇيرۇتتۇم. ئاندىن ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ يۇرتىدىكى سۈننەت تويلاردا «توشقانچاق» بىلەن بىللە رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىدىم، ئۇ چاغدىكى رىياسەتچىلىكنىڭ مەزمۇنىمۇ بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، ئاساسەن بالىلارنى يىغىپ بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش دېگەنلەر بىلەنلا چەكلىنەتتى».

مىجىت توي - تۆكۈنلەردە رىياسەتچىلىك قىلىش جەريانىدا سۈننەت توينى بالىلارنى تەربىيەلەيدىغان ھەقىقىي بالىلار سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش قارارىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ھەقتە خېلى ئەتراپلىق ئىزدەندى، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز، ئۇلۇغ ئەدىبلىرىمىز تونۇشتۇرۇلغان كىتاب - ماتېرىياللارنى كۆردى، بىلىم ئىگىلەشنىڭ ئەھمىيىتى، ئەدەپ - ئەخلاق، ئاتا - ئانىنى ھۆرمەتلەش مەزمۇنىدىكى نۇرغۇن ئەقلىيە سۆزلەر، ماقال - تەمسىل، ناخشا تېكىستلىرىنى خاتىرىلىدى، يادلىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان سۈننەت توي رىياسەتچىلىكىنىڭ مەزمۇنىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى ھەمدە توي ئىگىلىرى ۋە مېھمانلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، ئۇنى رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە سۈننەت توي، گۈل توي رىياسەتچىلىكى، سىنغا ئېلىش، سۈرەت تارتىش، باغاق بېسىش ۋە پارچە - توپ سېتىش، توي مۇلازىمەت بۇيۇملىرىنى توپ - پارچە سېتىش، كارتون كىيىملىرىنى ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن «خۇشاللىق» سودا چەكلىك شىركىتى 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ 14 خىزمەتچىسى، سۈننەت تويلارغا رىياسەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن تۆتى، شىنجاڭدا سېتىش نۇقتىسىدىن 57 سى بار، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ شىركەت ئىچكى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر كارتون كىيىملىرى زاۋۇتىنىڭ ھەم پاكىستان «راھەت» باغاقچىلىق شىركىنىڭ شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىلىكىگە بېكىتىلدى، 2010 - يىلى شىركەت پاكىستاندىكى شىركەت بىلەن 500 مىڭ يۈەنلىك باغاق سېتىش توختامى ئىمزالىدى. شىركەت يەنە 160 خىل «خۇشاللىق» باغاقلىرىنى دۆلەت ئەقلىي مۈلۈك ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇردى، «خۇشاللىق كارتونلىرى» كۆپىيىپ 17 گە يەتتى.

ئاتا - ئانىلار نېمە دەيدۇ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توي - تۆكۈنلىرىمىزدە نۇرغۇن ئارتۇقچە قائىدە - يوسۇنلار يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، بارغانسېرى كۆپىيىپ كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىزنى بىزار قىلدى، سۈننەت توي رىياسەتچىلىكىنىڭ پەيدا بولۇشى بۇ ئىقتىسادىي يۈكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتىمۇ قانداق؟ مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزى ئاتا - ئانىلارنى زىيارەت قىلدىم.

مىنەۋۋەر ئابدۇرېشىت خانىم مۇنداق دېدى: «ئوغلۇمنىڭ سۈننەت تويىغا قوپقاندا، سۈننەت توي رىياسەتچىلىكى ھەققىدە باشقىلاردىن ئاڭلاپ، ئارتۇق توي قائىدىسىدىن يەنە بىرسى كۆپەيدىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ، تەكلىپ قىلىش - قىلماسلىق توغرىسىدا دىلىغۇل بولغانىدۇق، كېيىن بۇ شىركەتكە بېرىپ، ئۇلار رىياسەتچىلىك قىلغان بىر قانچە تويلارنىڭ VCD پىلاستىنكىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلدۇق. تويغا كەلگەن چوڭلارمۇ، بالىلارمۇ، جۈملىدىن، بىزمۇ شۇ كۈنكى رىياسەتچىلىكتىن بەك رازى بولدۇق. مېنىڭچە، سۈننەت تويدا ئايال ساھىبخانا نەچچە رەت كىيىم ئالماشتۇرىدىغان، بالىلارغا قوشلاپ سوۋغات تارقىتىدىغان، ئەر مېھمانلارنىڭ ئۈستەللىرىگە تاماكا، چاقماقنى بىللە قويۇپ قويىدىغان قائىدىلەرنى قىسقارتساق، سۈننەت توي رىياسەتچىلىكىنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ».

جۈرئەت ئابلىمىت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ رىياسەتچىلىكنىڭ مۇنداق ئۈچ ئارتۇقچىلىقىنى ھىس قىلدىم: بىرىنچىسى، مۇشۇنداق بىر سورۇن ئارقىلىق، بالىلاردا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلالايدىغان جۈرئەتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىكەن، ئىككىنچىسى، بالىلارنى توي مەدەنىيىتىمىز، مىللىي ئۆرپ - ئادىتىمىز ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلالايدىكەنمىز، ئۈچىنچىسى، بەزى ئاتا - ئانىلاردا ساقلىنىۋاتقان خاتا بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى ۋە ئارتۇقچە شۆھرەتپەرەسلىكنى قامچىلاپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلالايدىكەنمىز».
مىجىت مۇنداق دېدى: «ھازىر نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار ئاستا - ئاستا قوبۇل قىلدى، توي كۆپ بولىدىغان پەسىللەردە يېتىشەلمەي قالىمىز، باشقا شەھەر، ناھىيەلەردىنمۇ تەكلىپ قىلىۋاتقانلار بار، بىز يېقىن ئەتراپتىكى قاراماي، مايتاغ قاتارلىق جايلارغىلا بارالىدۇق. ئۆتكەن بىر يىلدىلا 300 نەچچە تويغا رىياسەتچىلىك قىپتىمىز. بۇ جەرياندا كىشىلەر بىزگە نۇرغۇن قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىر بەردى، بىز بۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدار».


مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 15:46:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈننەت تويدەك توي!
    بەك ئېسىل ئىش بوپتۇ. ئىسلاھ قىلغۇدەك ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىپ، ئازايتقۇدەك ئىشلارنى ئازايتسا بولىدىكەن مانا. بۇنداق رىياسەتچىلىك ئىككى يىلدىن بېرى بىزنىڭ يۇرتتىمۇ بەك ئەۋج ئېلىپ كەتتى، ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان خەقچۇ بىز. دەسلەپتە بەزىلەر تازا قۇبۇل قىلالمىغاندەك ھېس قىلىشتى، مەيدان قالايمىقانلىشىپ، رىياسەتچى تولا سۆزلەپ...بالىلار ئوتتۇرىدىن چۈشمەي...بەلكىم چوڭلارغا ئورۇن بەرمىگەنلىكىگە كايىشقانمىكىن دېدىم. ھازىر كىمگە خۇشياقىدۇ رېستۇران، تويۇنۇپ ئۆتەپ كەتكەندە. سۈننەت توي ئەزەلدىن ئاتا- ئانا ئۈچۈن پەرز ھەم قەرز بولغاندىكىن، بالىلار ئاساسلىق پىرسۇناژ بولسا توغرا بولىدۇ. ئۇلار تەبىئىيلىك ئىچىدە چوڭ بولسا ياخشىدە. مىللىتىمىزنىڭ ئاشۇنداق ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى بىلىۋالسا، كۆرۈۋالسا، ھوزۇرلىنىۋالسا يېتىلىشىگە پايدىلىق. يەنە كېلىپ نۇرغۇن ئۇيغۇر دوستلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، تونۇشىدۇ، ساپ مەيداندا ساپ تىلدا ياشىۋالىدۇ بىر كۈن بولسىمۇ. ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە سۈننەت تويى بولغان يىگىت بەكمۇ تەستە ئاپىسى تەرلەپ-پىشىپ ئۈگەتكەن ئىككى كۇپلىت شېئىرنى چالا-بۇلا ئوقۇپ بولۇپلا،  مۇھەببەت ناخشىلىرىنى چېلىپ بەرسە دوستلىرى بىلەن بىرمەيدان ئوينىۋېتىپلا شۇ پېتى رېستۇراننىڭ سىرتىغا چىقىپ ئوينايدۇ، سورۇن چوڭلارغا قالىدۇ. ھاراق-شارابلار ئىچىلىۋاتقان، ئەرلەر مەس بولۇشۇپ مىقلىۋەتكەندەك قوپالماي قېلىشقان، ئاياللار بەس-بەس بىلەن سىغدىلىشىپ، ئۈسۈشۈپ يۈرۈپ، سورۇن تالشىىپ تانسىغا چۈشكەن، ئۇ يوپكىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە  قىسقىراپ كېتىشىلىرى تېخى. ۋاي خۇدايىم! نىمانچە بۇنىڭدەك تېمىلارنى كۆرسەم قايناپلا سالدىغاندىمەن مەن.


  يۇقىرىدا دېيىلگەن شىركەتنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپكەن. ھەممە نەرسە تەرەققى قىلىپ سۈننەت توينىڭ قائىدىللىرىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. مۇشۇنىڭدەك بالىلارنى ئاساس قىلىشنى مۇھىم دەپ بىلىپ، بىر كەچتە ئىككى كۆينەك ئالماشتۇرماي، شارابلارنى تارتماي، شارپا- دوپپىلارنى ئازايتىپ، بالىلارغا كۆپرەك مۇھىت ھازىرلاپ بەرسەك بولىدىكەن. قايسى كۈنى بىر تونۇشۇمدىن:" ئوغلۇڭلارنىڭ خەتنە تويىنى قىلمايسىلەرغۇ؟" دەپ سورىسام، " ئوغلۇم، دادا، ئاپا، مەن رېستۇراندا ئۆتكۈزۈشنى خالىمايمەن، ئاشۇ چىقىمغا كەتكەن پۇلغا مېنى قەشقەر، خوتەندىكى داڭلىق يەرلەرگە، مەشھۇرلارنىڭ قەبرىسىگە ئاپىرىپ كېلىڭلار!، دەيدۇ" دەيدۇ. توۋا، ئىرسىيەت دېگەن ئاجايىپتە. ئەر-ئايال ئىككىيلەن چېكىدىن ئاشقان قابىلىيەتلىك، كومپيۇتېر مىڭىلەر ئىدى، بالىسى بېسىپ چۈشكىدەك.
  ئامال بار مىللىتىمىزنى، پەرزەنتلەرنى كۆپرەك ئويلىساق، خۇدا بۇيرىسا ناچار ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىپ كېتەلىگۈدەكمىز، دەپ ئويلايمەن.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
95
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:49:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بېرى بارماسلا بولدۇم. خەتمە تويلارغا بارسىڭىز ئولتۇرىدىغان ئورۇننىڭ يوقلىقى تېخى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىمنىڭ تاپشۇرىقى ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، بەك كەچتە تۈگەيدۇ. كونتىرول قىلىۋاتىمەن.

مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:10:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان تەرەپلەردىمۇ سۈننەت توي قىلسا ئاساسەن مۇشۇنداق سۆزمەن، بالىلارغا مايىل رىياسەتچىلەر ۋە كارتونلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغان ئېيىقچاق قاتارلىقلار بىلەن قىزىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئاساسەن سۈننەت توي بولغان بالا شئېر دىكلاماتسىيە قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە باشقا نەۋرىلەر تۈرلۈك بالىلار ئويۇنلىرىنى تەييارلايدۇ. ئىشقىلىپ، بالىلارغا تاشلاپ بېرىمىز جۇمۇ.
زادى ھاراق شارابسىز قىلماقمۇ تەس بوپ كېتىپ بارىدۇ. ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېيتقىندەك، سەي ئېشىپ قالسا قالسۇنكى، ھاراق ئاشمىسۇن دىگەندەك قىلىپ... ھاراق شاراپ قىلىدىغانلار نورمىلىق بەلگىلەپ ئۇلارنى ئايرىمخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى. چوڭ زالدا بولۇپمۇ چوڭلار ۋە ئاياللار، بالىلار بار يەردە ھاراق ئىچمەيدۇ.
ھەممىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ بولالمايمىز، ئەمما ئاستا ئاستا تۈزىلىۋاتىدۇ.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 01:43:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئاران ئۇقۇپ بولدۇم تىما ئىنكاسنى

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
232 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 09:25:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇمنىڭ قىزىنىڭ گۈل تويىدا شۇنداق شىرئەلى قويدىن بىرى كەلگەن ، بالىلارغا دوپپا توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ تازا يايرىۋالغان بالىلار ....

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:54:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 09:25
دوستۇمنىڭ قىزىنىڭ گۈل تويىدا شۇنداق شىرئەلى قويدىن بى ...

مەكىت قويى دەپ ئاڭلىغان، ئاۋۇ «شىرئەلى قوي» دىگىنى قاندىغى ئەمدى؟

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
232 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:04:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلى قوي ، خالىق بۆرە شى ياڭ ياڭ بىلەن كۈلرەڭ تەيلاڭنىڭ مىللىيچە ئىسىملىرى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:04
شىرئەلى قوي ، خالىق بۆرە شى ياڭ ياڭ بىلەن كۈلرەڭ تەيلا ...

ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسىڭىزمۇ بۇ ئىسىملارنى مەن قويمىدىم دىمەڭ. سىزدىن باشقا بىرىنىڭ كەمتۈك تەپەككۈرى بىلەن  بۇنداق شىرئەلى قويىنى ياراتقىلى بولمايدۇ. ( شى ياڭ ياڭ ئەلتېكىن) .

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 00:04:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر ئوقوتقۇچونىڭ بالىسىنىڭ تويىدا ئاڭلىغان كۆرگەن شىرئەلى قوينى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:48 , Processed in 0.060726 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش