ئۇچىراپ قالسا كۈنلىمىسۇن دەپ،
يالغۇز يۈردۈم يوللاردا سەنسىز.
چۈشلىرى ھەم بۇزۇلمىسۇن دەپ،
بولمىدىم يات ئويلاردا سەنسىز.
جۈرئەت بارمۇ ئېلىپ قاچقىدەك،
باغرىڭ بارمۇ ماڭا ئاچقۇدەك.
قىسمەتلەردىن مۇزدۇر ۋۇجۇدۇم،
مىھرىڭ بارمۇ لاۋا چاچقۇدەك.
يالغۇزلۇقۇڭ كەلدىمۇ ئېغىر،
ئەسلەپ قاپسەن ئۆتكەن كۈنلەرنى.
سېغىدىڭمۇ يىراقتا قالغان،
ئىگىسىدەك غېرىپ ئۈنلەرنى.
ئېپ قالامسەن يادىڭغا بەزەن،
شۇقەدىرسىز قىسقا تۈنلەرنى.
تەنھالىقتا ئىسىڭدىن كەچسەم،
ئەلەم بىلەن تولغىنارسەنمۇ؟
چۇشلىرىڭنى چىكىپلا ئۆتسەم،
چۇچۈپقىنا ئويغىنارسەنمۇ ؟
يالغۇزلۇقۇڭ يۇرەك بولغاندا،
شىرىن خىيال يۇلەك بولغاندا،
ئېلىپ قاچقۇڭ كەلمىسۇن ئەمدى،
غەملىرىمىز بۇلەك بولغاندا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 12:04