يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 339|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر قىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
221 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
776
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 14:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئۇيغۇر قىزى

روزى سايىت

كۆر ، ئەنە بىر قىزكى ، چېھرى ، مېھرى نۇر ، ئاتەش ئۆزى ،
زىلۋا بوي ، سەرۋى بەدەن ، چولپان كەبى پارلار كۆزى .
قاشلىرى قىيغان قەلەمدەك ، كىرپىكى تال - تال يىپەك ،
مەڭزى ئانار ، لېۋى ياقۇت ، خۇددى ئاي رۇخسار - يۈزى .
قاڭشىرى چىمداپ چىقارغاندەك گويا ، چىشى سەدەپ ،
ھەم ئۇزۇن ، ھەم توم ، قارا سۇمبۇل چېچىنىڭ ئەڭگىزى .
چامدىشى ئوخشار كېيىككە ، كۈلكىسى بۇلبۇل مىسال ،
شەرم - ھايالىق باقمىشى ، شۇنچە ئەدەپلىك گەپ - سۆزى .
سۆيگۈگە سادىق ، ۋاپالىق ، قەلبى ئاپتەپتەك تازا ،
ئاچقۇزار خۇش ھىد چېچەكنى گۈل قولى ، باسقان ئىزى .
ناخشا ئېيتسا ، تاڭ ساباسى ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچەر ،
چالسا دۇتار ، شوخ ئۇسسۇلغا دەسسىگەي كۆك يۇلتۇزى .
كۆڭلىكى توزنىڭ قاناتى ، دوپپىسى - رەڭدار چىمەن ،
چىگكىنى ياغلىق دېمەڭ ، ئىپپەت - نومۇسنىڭ ئەندىزى .
<<پاھ ، ئايالنى ئاي تۇغامدۇ ؟ ...>> دەيدۇ كۆرگەنلەر ئۇنى ،
جەننەتۇل - فىردەۋسمۇ يوق بۇ كەبى ئۇزنىڭ ئۇزى !
<<سىرت سىياقى شۇنچە ، ئەمما كۆڭلى قانداق ؟>> دەرسىلەر ،
ئۇ - ئەقىل ، ئەخلاق ، لاتەپەتتە جاھاننىڭ يالغۇزى !
ئىچ - تېشى ئوخشاش گۈزەلنىڭ تەرىپى بولدى زىكىر ،
كىم دېسەڭ ، ئۇ مەرد ، غۇرۇرلۇق شەرق گۈلى - ئۇيغۇر قىزى !

1984 - يىل مارت ، خوتەن


ئاپتۇرنىڭ <<ئانا تىلىم - زەر تىلىم >>  ناملىق شىئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى .


ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن، دىلروھ خانقىز!
شېئىرلىرىڭىز بىلەن بۇ ناخشا بەك ماسلىشىپتۇ. بۇ ناخشا ئېسىل جۇمۇ.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېلروھنىڭ ئەمگىكىگە بارىكاللا، ئۇسۇلنى قاس چىقىرىپ ئوينىغاچ ئوقۇۋەتتىم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:01 , Processed in 0.054763 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش