ناھايىتى ئەستايىدىللىق ۋە توغرا ئىملا بىلەن يېزىلغان تېما ئادەمنى ھەقىقى ھوزۇرلاندۇرالايدۇ.
مارسنىڭ بۇ تېمىسى ھەقىقەتەنمۇ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزغا ماس يېزىلىپتۇ. ھەق گەپ، ھەق ئىشلاركەن. دېمسىمۇ ھازىر يېمەكلىكنىڭ تۈرى كۆپىيىپ، "ئىسلاھ" قىلىنىپ، ھەر خىل نەرسىلەر قوشۇلۇپ، تېخىمۇ "يېيىشلىك" ھالەتكە كېلىپ...دېگەندەك، بىزنى كۈنسىرى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىش بىلەن بىرگە، بىزنى كېسەلگە دۇچار قىلىپ، ئۆلۈمگە بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرىۋاتىدۇ. ئەنە شۇنىڭدەك، بۇنىڭ تۈپ مەنبەسى يەنىلا يېمەكلىك. بەلكىم بەزىلەر مودا، يېڭىلىق تۇرمۇشقا ئىنتىلىپ كېنتاكىت، ھامبۇرگ دېگەنلەرگە ئۆزىنى ئېتىشى مۇمكىن، يەنە تېخى بالىلىرىغا خۇشاللىق بىلەن ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ قاراپ تۇرۇپ، بىلىپ تۇرۇپ ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى نابۇت قىلغانلىق.


ئوقۇغان، ئۇقۇمۇشلۇق، خىزمەت قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئاشۇ يېمەكلىكنىڭ كېلىش مەنبەسى، پىششىقلىنىش مەنبەلىرى، جەريانلىرىنى بىلمەي قالارمىزمۇ؟ مەن بولسام ئادەتتە ئۇنداق يېمەكلىكنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بېرىش تۈگۈل، ئۆزەممۇ ئىستېمال قىلمايمەن. يەنە كېلىپ مۇسۇلمانچە ئەمەسلىكىدە شەك يوقتە . چوڭ تەخسىلىك قورۇما يەپ كېلەيلى، دەپ دوستلىرىم ياكى ئائىلەمدىكىلەر چاقىرسىمۇ بارمايمەن ھەم ئۇلارنىمۇ يېگىلى قويماي نىشاننى ئۆزگەرتىۋىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن باشقا كۈنى يەرلىك توخۇدا ئۆيدە قورۇپ بېرىمەن "گۇناھىم" ئۈچۈن.

بىزنىڭ يۇرتتىكى 百富烤霸 غا دوستلىرىم بىلەن بالىلار بىردەم ئوينىۋالسا، ئۆزلىرىمىز سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ، بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدىغانغا ئوغلۇمنى بىر قېتىم ئەكىرىپ سالغىنىم بار، ئەپ بېرىڭ، دېگىنىگە ئۇنىماي ئۇنىڭغا توغرا چۈشەندۈرۈپ ئېلىپ بەرمىدىم. كۈتكۈچىلەرغۇ ئۇيغۇر قىزلار، توخۇ ماشىنىدىن چىقىدۇ، ئەمما توخۇنىڭ كېلىش مەنبەسىچۇ؟ ئوكۇل يىگەن توخۇلاردە ھەممىسى. قارىسام يان جوزىدا بىر قانچە تونۇيدىغان ئۇيغۇر دوستلارمۇ بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگىلى تۇرۇپتۇ، ھەممىسىنىڭ ئالدىدا توخۇ پاچىقى، ئاشقازىنى، ئۈچىيى، كانىيى، يەنە نېمە نېمىسى...دېگەندەك. ئۇف...دىيانەتلىك ئۇيغۇرلىرىمىز.
ئالدىنقى قېتىم ئىچكىرىگە چىققاندا ئايروپىلاندا بىر خەنزۇ ئايال بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قالدىم. يولدا تەبىئىيلا پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ ئايال سېنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىڭ جايىدا، خىزمىتىڭمۇ ئوبدانكەن، باشقا قوشۇمچە ئىش قىلىشنى ئويلاشمىڭىدىڭمۇ؟ دۆلەت بەرگەن مۇئاش بەكلا ئاز. دەيدۇ. ئەلۋەتتە بار، كىمنىڭ كۆپ پۇل تاپقۇسى يوق، ئەمما خىزمەت ئالدىراش، يەنە كېلىپ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، دېسەم، خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېچىپ ماڭا نۇرغۇن ماتىرىياللارنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا بىزنىڭ يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ كېلىش مەنبەسى، پىششىقلىنىشى، ئەشۇ توخۇ قاتارلىق بىر قاتار ئۆي قۇشلىرى ۋە ئىسمى ئاتالمىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تۇغۇلۇپ تەرەققى قىلىش جەريانلىرى شۇنداق تولۇق، ئېنىق باركەن. كۆرىۋېتىپ تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى. بەكمۇ قورۇقۇنۇچلۇق! ئەسلىدىنلا تۆت پۇتلۇق نەرسىلەر ئالتە، سەككىز پۇتلۇق بولۇپ قالسا، قانات- قۇيرۇقلىرى شۈركەنگىدەك ھالەتتە، پۇتلىرى يىڭنىدەك ئىنچىكە. ۋاي خۇدايىم، كۆرگەنگەنگىمۇ تويۇپ...

ئۇ ئايال ئەسلىدە 哈药 غا يېڭىدىن 推销员 لىككە كىرگەن بولۇپ (ھازىر ھەممە نەرسىگە 推销员 دەيدىغانلا بولۇۋالدى)، ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتىمىز، ئىستېمال سەۋىيىمىز، يېەكلىكلىرىمىزنىڭ كېلىش مەنبەسى، كېسەللىك مەنبەسى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختۇلۇپ، مۇشۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا خاربىن دورا زاۋۇدى ئالاھىدە دورا ئىشلەپ بازارغا ساپتۇ ۋە داۋاملىق ئىشلەۋېتىپتۇ، ئەنە شۇ ئايالدەك كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەزا بولۇپ، بىر تەرەپتىن يېمەكلىك توغرىسىدا سۆزلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ، دورا ئىستېمال قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. ئۇ شۇ توغرىسىدىكى تەربىيلەشكە ماڭغانىكەن. ئەمما مەن خېلى ئىشىنىپ قالدىم، ھازىرغىچە تېلفۇن قىلىدۇ. ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئويلىشىپ باققىن، ئەزا بولغىن، دەپ. ئەمما شارائىت يار بەرمەكلىك ھازىرچە......
مانا ئەمدى بۇ خوراز، مىكيانلارمۇ بىز ئىنسانلاردىن بىزار بولۇپ، بىزگە جەڭ ئېلان قىلىۋېتىپتۇ. بىزنىڭ ناھايىتىمۇ دۆت، ئۆزىمزنى ئورىغا ئىتتىرىدىغىنىزنى زاڭلىق قىلىشىۋېتىپتۇ...

ئېسىت...ئىنسان بولۇپ قالغىنىمىز. شۇڭا قېرىشقا باشلاۋاتىمەنمىكىن دېسەم قايتىدىن كەينىمگە يېنىپ كېتىۋاتقاندەك

، ئەمما بۇرۇنقى كۈنلەرنى، كىچىك ۋاقىتلارنى بەك ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم. نە ئاغرىق، نە راك، نە قان كېسەللىكلىرى. شۇنچىلىك ساغلام تۇرمۇش. شۇڭا جاھان تەرەققى قىلمىغان بولسا قانچە ياخشى بولار ئىدى، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە.
جېنىم قېرىنداشلار، جېنىم ئۇيغۇرلۇرۇم! يېمەكلىكىمىزگە دېققەت قىلايلى. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ يېمەكلىكىگە دېققەت قىلايلى. مۇسۇلمانچە دېسىلا ئۆزىمىزنى ئاتمايلى. خۇي مىللىتى ياسىغان، ئىشلىگەن، ئەتكەن بولسىلا مۇسۇلمانچە بولمايدۇ. ھەپتە ئىلگىرى بىر تۇغقىنىمىزنىڭ قىزى ئاق قان كېسلى بىلەن تۈگەپ كەتتى. ئۈچ يىل كېسەل بىلەن ئېلىشپ ئاخىرى تۈگەپ كەتتى. تۇنجى قېتىم داۋالاشقا ئاپارغاندا دوختۇرلار ئۇ قىزغا ئۆي بىزەك ماتىرىياللىرىنىڭ خېمىيىلىك تەركىبلىرى كۈچلۈكلىكتىن، بالىغا تەسىر قىلىپ قانغا ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دەپ دىئاگنۇز قويۇپتىكەن. ئۇلۇغ خۇدا، ئويلساملا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. چۈنكى ئارانلا 11 ياش ئىدى...يەنە ھەر خىل بالىلار ئىچىملىكلىرىنىڭ تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭلىقىنى، ئاق قاننى ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن. شۇڭا مەنمۇ بۇ ئىشلارغا بەك دېققەت قىلىمەن ئادەتتە. ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەر قايتا كەلمەيدىكەن، ئەمما كونتىرول قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدۇ. بىلسەك مۇشۇنداق شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە پەرزەنتلىرىمىزنى ساغلام چوڭ قىلىش بەكمۇ مۈشكۈل ۋەزىپە.
كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ، يېمەكلىكىمىزگە دېققەت قىلايلى! تاماقنى ئۆيدە يەپ، تاماشانى سىرتتا قىلساقمۇ بولىدۇ.
بارلىقىمىز ساغلاملىق ئۈچۈن بولسۇن! ئاتا- ئانا، پەرزەنتلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بولسۇن!!