بۇ جەمئىيەتتە يازغۇچى بولماق ئۇنچە ئوڭاي بولمىسا كېرەك. نېمە ئۈچۈن دەپ سوئال سورىسىڭىز دەماللىققا توغرا، تولۇق جاۋاب بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن ، بىراق ئانچە-مۇنچە چۈشەنچە مەندە بار. شۇڭا بىلجىرلاپ باقمىسام بولمايدۇ.
نېمە بولدۇمكىن يېقىندىن نام چىقىرىش ئارزۇسى مېنى قىيناپ ئۇيقۇمنى ھارام قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈن بىر نەچچە دوستۇم تېلېفون قىلىپتۇ، كەچتە نېمە ئىش قىلىسەن دەپ، مەن ھېچ ئىككىلەنمەي ئاخشاملىرى ئۇخلايدىغان مۇھىم ئىش بار ئىدى دەپ جاۋاب بەردىم. ئاخشام ئۆزۈمچە بىرە پارچە نەرسە يېزىش كويىدا كومپيۇتېرنى ئېچىپ مىختەك قادىلىپ، تاماكىنى ئۇلاپ چېكىپ، يوق چاچلىرىمنى يۇڭداپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن كىرىشىپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانسام ئاران ئون قۇر بىر نەرسە يېزىپتىمەن، باشتىن ئوقۇسام يازغان نەرسەم ئۆزۈمگە پەقەت يارىمىدى. «يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ»كە ئىملا تەكشۈرتسەم، ئىملا ئاساسى جەھەتتىن خاتا چىقتى. ئەمدى تۈزىتەي دەپ تۇرسام، ئايالىم كوتۇلداپ، ئاران كەلگەن يېرىم -يارتا ئىلھامىم ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى. قىزىم كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بەك ئامراق ، كومپيۇتېرنى بىر قېتىم ئۆچۈرۈۋالمىسا يىغلاپ پەقەت ئۇنىمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاخشام ھېچ نەرسە يازالمىدىم. بىر نەرسە يازالماسلىقتىكى سەۋەبنى خوتۇن بىلەن قىزىمغا ئارتىپ قويۇپ، ئۆزۈمدە ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىۋەتكەندىن كىيىن ئۇخلاش ۋەزىپەمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتىم.
تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم، توم-توم رومانلارنى يازىدىغانلار قانداق ئادەمدۇ دەپ. ئۇلارنىڭ ئىلھامى كۈندە كېلەمدىغاندۇ ياكى ئارىلاپ-ئارىلاپ كېلەمدىغاندۇ؟ يېزىقچىلىقتا ئىلھام بولمىسا بىكاركەن، زومۇزور بىرنېمە يازسا رۇخسەت سوراش خېتىگە ئوخشاپ قالىدىكەن. ئادەم بولغاندىكىن ئۇلارنىڭمۇ يېزىقچىلىقتىن باشقا ئىشىمۇ باردۇ ھەقاچان. خوش بولىدىغان-خاپا بولىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئۇلارمۇ ئۆي ئالمىسا بولمايدۇ، خوتۇن ئالمىسا بولمايدۇ، ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ. مۇشۇ كەمگىچە يازغۇچىلارغا بىكارغا بىر نەرسە بېرىپتۇ دەپ ئاڭلىمىدىم…
ئاران يازغان كىتابلىرىنى نەشىر قىلىش ئۈچۈن تارتىپ كەتكەن جاپاسى ئاز ئەمەس، نەشىردىن چىقىرىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقتى، كىتابنى يازغان ۋاقىتتىن ئۇزۇن بولسا كېرەك. قاتلاممۇ-قاتلام تەكشۈرۈش، سېرىق مەزمۇن تازىلاش، يورۇتۇپ بەرگەن مەركىزىي ئىدىيە زادى نېمە ؟ قايسى مەيداندا چىڭراق تۇردى؟ نەشرىيات باشلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ يىراق -يېقىنلىقى دېگەندەك تەلەپلەر تەلتۆكۈس ئورۇندىلىپ، ئاھ خۇدا! دېگەندە ئاندىن بىر پارچە كىتاب نەشىردىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 3000 تىراژ بىلەن ئەرزان باھادا كەڭ كىتابخۇمار ئۇيغۇر خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ كىتابخانىلىرىنىڭ ئىسكىلاتلىرىدا قانچىلىك بار، قانچىلىكى سېتىلدى دېگەن سان-سىفىرنى ئىستاتىستىكا قىلىدىغان ئادەم بولمىغاندىن كىيىن بۇ تەرەپلىرى ماڭا نامەلۇم. شۇڭا ئېنىق بىرنېمە دېگىلى بولمىدى. نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كىتاب يازسىڭىز كىشىلەر ئۇنى سېتىۋالمىسا، مۇرەككەپ ئۆتكەلدىن ئۆتكۈچە ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى قىرقىپ «قارا خوتۇنغا ئۇپا سىڭمىگەندەك، مەسە كالاچقا ئېگىز پاشنا ئورنىتىپ قويغاندەك» قىلىپ قويسا، يازغۇچى نەدىكى پۇلنى تاپىدۇ ھە؟ نەدىكى پۇلنى تاپىدۇ؟ زادى نەدىكى پۇلنى تاپىدۇ دەيمەن؟! بىرسى قوپىدۇ، چېكىنىپ كېتىپتۇ، دېنى-ئېتىقادقا چېتىشلىق جايلىرى باركەن-يەي، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن-يەي، ئىملادا خاتالىق كۆپكەن-يەي دەپ ئوبزور يازىدۇ. يازمىسىڭىز يازمىدى دەيدۇ، يازسىڭىز بۇرۇنقىدەك يازالمىدى دەيدۇ. «كۆرمىسەممۇ كۆرگۈم كېلىدۇ يارىم» دەپ بىر ناخشا بولىدىغان… شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ…
«ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ» دېگەن تەمسىلنى كىم دېگەن بولغىيتتى؟ بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ ماقال-تەمسىلگە بەك ئېپى بولسا كېرەك، ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ماقال-تەمسىللەرنى قالدۇرۇپ كېتىپتىكەن. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەنمۇ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك رومان يازىدىغان، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تېيىپجان ئېليوپلاردەك شېئىر يازىدىغانلار نەگە كەتتى؟ نېمىشقا ھازىرقى يازغۇچىلار بىرنېمە يازسا ئادەمنىڭ ئېسىدە قالمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ، يازغۇچى-شائىرلارغا بەك ئاچچىقىم بار ئىدى. ھەممىسىنى يىغىپ بىر تىللاپ قويۇش ئىستىكىدە يۇرگەن ۋاقىتلىرىم بولغان. توۋا دەيمەن شۇچاغلاردا ئۆزۈمنى خۇددى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىدەك ھېس قىلىپ يۈرۈپتىكەنمەن. بۇ دۇنيادا قىلغان ئەجرىگە چۈشلۇق نەپكە ئېرىشمىسىمۇ، جىن چاپلاشقاندەك قەلىمىنى تاشلىمىغان يازغۇچىلارنى دىيارىمىزدىن تاپقىلى بولىدۇ. تاپقىلى بولىدۇ ئەمەس ساماندەك بار. زىيان چىقسىمۇ يەنىلا شۇ قەلىمىنى تاشلىمايدىغان يازغۇچىلارنى نېمە دېسەك بولىدۇ؟ «نام چىقىرىش ئىستىكى كۈچلۈك» دېسەك دەل جايىغا چۈشكىدەك. نېمىشقا دېگەندە «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» قىلسا ئادەمنىڭ دەردى چىقىدۇ.
بىر چاغلاردا ئوقۇسا ھېچنېمىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى يېزىش مودا بولۇپ كېتىپتىكەن، مەن نېمىشقا ئۇلار يازغان نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدىغاندىمەن، سەۋىيەم بەك تۆۋەن ئوخشايدۇ، سەۋەب مەندە دەپ، كىتاب ئوقۇماس بولۇۋېلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، بىر يازغۇچى بىلەن پاراڭدا بىللە بولۇپ قالدىم. ئۇ يازغۇچى ماڭا «ئۇلار يازغاننى سىزلا ئەمەس، ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. نېمىشقا ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرنى يازىدۇ دەپ سورىسام «تاغدا يولۋاس بولمىسا، مايمۇن پادىشاھ» دېگەن ماقال-تەمسىلنى ئوبدان تەھلىل قىلسىڭىز بىلىسىز دەپ جاۋاب بەردى. كاتتا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلارنىڭ كاتتا ئەسىرى قازناق ئۆيدىكى ساندۇقتا بار، ھازىرچە كىشىلەر ئوقۇپ چۈشەنمەيدىغىنى بىلەن جاھاندارچىلىق قىلمىسا بولمايدۇ. كاتتا ئەسەر بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى ئېلان قىلىنىپ كەتسە، ھېلىقى بىر نەرسە يازالمايدىغىنىنىڭ گۇڭگا نەرسىلىرى ئېلان قىلىنماي، بىۋاسىتە مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ دېدى …
توۋا! يېقىندىن بېرى يازغۇچىلىرىمىز يازغان نەرسىلەر زەھەر پۇرايدىكىن دېسەم ، ئىچى ئەلەمدىن سېسىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ھۆرمەتكە شۇنداقلا نەپكە ئېرىشتۈرسە، تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بولسا، ئازادە مۇھىت، ھەر خىل ئىدىيە، دۇنيا قاراشلىرىنى بەخىرامان ئىپادىلىيەلىسە ئاندىن كېيىن ئىلھام دېگەننىڭ كېلىۋېتىشىنى كۆرۈڭ ، ھاي-ھاي… كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، بىراق بىۋاسىتە ھېس تۇيغۇسىنى چەكلەپ تۇرىدىغان تاشقى بېسىمدىن قۇتۇلمىسا، يازغۇچىنىڭ قەلەم تۇلپارى چاپماي تۇرۇۋالىدىكەن، يۈگىنى تارتىلغان تۇلپارنىڭ ئۇچقاندەك چاپقىنىنى كىم كۆرۈپتۇ؟
نەچچە ئون يىل جاپالىق ئىزدىنىپ يازغان ئىجادىيىتىنىڭ كەڭ ئوقۇرمەن بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالسا، ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىسە، بۇنىڭدىنمۇ ئوشۇق بېسىم بولامدۇ. «تۇغماس توخۇ»لار ئۇگىلىقنى ئىگىلىۋالسا، تۇغىدىغان توخۇنىڭ كوچىغا تۇغماي نېمە ئىلاجى بولسۇن!
«دېھقان بولماق تەس» دېگەن شېئىرنى يازغانلار «يازغۇچى، يازغۇچى بولماق تەس» دەپ شېئىر ئېلان قىلىپ بېقىڭا قېنى، ئاغزىڭىزدىن بۇلاق چىقىرىۋەتمىگىنىنى مەن بىر كۆرەي. ھەقىقىي مەنىسىدىن ھۆرمەتكە ئېرىشمىسە، ھامان بىر كۈنى ئىجادىيەت توختايدۇ. توختايدۇ دېگەنلىك تۈگەيدۇ دېگەنلىك! ئىجادىيەت ھەقىقى مەنىسىدىن جاۋابقا (نەپكە) ئېرىشتۈرمىسە، كۆچۈرمىچىلىك، جاھاندارچىلىق، كۆز بويامچىلىق ئەۋج ئېلىپ بىر دۆۋە ئەخلەت شىنخۇا كىتابخانىسىنى بېسىپ كېتىدۇ.
كىشىلەر كىتاب ئوقۇماس، سېتىۋالماس بولۇپ كەتمىدى، شۇ سېتىۋېلىپ ئوقۇغۇدەك كىتاب يوق. يوق بولۇشىدىكى سەۋەب يۇقىرىقىدەك .
مەن مۇشۇ كەمگىچە كىتاب يېزىپ بېيىپ كېتىپتۇ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم، ئاڭلىغانلىرىڭلار بارمۇ؟
يازما ئاپتورى:
قىسمەت بلوگىدىن كۆلتېكىن
مەنبە:
قىسمەت بلوگى
يازما مەنزىلى:
http://www.qismet.me/yazghuchi.html