يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1128|ئىنكاس: 6

بۇ ھەقىقى دوستلۇق ھېساپلىنامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:32:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ھەقىقى دوستلۇق ھېساپلىنامدۇ؟

         بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە بىر دوستۇمنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇم. ئۇنىڭ توختىمىغان ئۇھلىرىغا مەسلىھەت بەردىم.....
    تاكى باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ۋە جەمىئيەتكە چىققانغا قەدەر، بۇ ئۈچەيلەننىڭ دوستلىقى ئۇدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتاتتى. كونا ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى بۇلارغا ھەۋەس قىلىدىكەن. بىرەر تەس ئىش، كېسەل بۇلۇپ قېلىش، بىرەرىنىڭ بىرەر يېڭى دوستى، خىزمەتداشلىرى ئالدىدا كونا دوستلار ۋايىغىچە قىلىپ دوسلۇقنى يېڭى مەنالارغا ئىگە قىلاتتى. ئىشقىلىپ نېمىلا دېمەيلى، دوست -ئاغىنە دېگەننىڭ بارلىق ئىپادىسىنى بۇلاردىن كۆرىۋالغىلى بولاتتى. بۇ دوستلۇقتا ھېچقانداق غەيرى خىيال، غەيرى مەقسەت يوق . لېكىن، بۇ ئۈچ دوست ئوتتۇرسىدا بىر بىرىنى خېلى بەك چۈشەنسىمۇ، ھەرگىزمۇ ئۆز–ئارا ئاجىزلىقلىرىنى ئېيتمايدىكەن. كۆڭۈلسىز ئىشلىرى، غەم-دەرتلىرىنى ئېيتىشسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان ئىشلىرىنى ئېيتىشمايدىكەن. ئەزەلدىن بىر- بىرى بىلەن ئىقتىسادىي ئېلىم-بېرىم قىلىشمايدىكەن. بىرەرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە بەزى پۇل بىلەن بولىدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا، ئۆز يېنىدا بولمىسىمۇ قانچە كۆپ پۇل بولسىمۇ ، قەرز ئېلىپ بولسىمۇ دوستلىقىنى يەتكۈزدىكەن.
      دوستۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ئۇنى بولدى ئەمدى بۇ دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرما دېدىم. دوست دېگەن كۈلكە ۋە خۇشاللىقلاردىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ قالماي، ئەڭ مۇھىمى قايغۇ-ئازاپ، دەرت-ئەلەمدە ھەمرا بولغۇسى!!
      جەمئيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، دوستلۇقمۇ يېڭىچەچۈشەنگىلى بولمايدىغان شەكىللەرگە ئىگە بولۇپ كېتىپتۇ .


ئەسكەرتىش:ئىملاغا دىققەت قىلغايسىز!

[ Coffee بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:43  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:13:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچىلىك بولسىمۇ بولغىنى بوپتۇ جۇمۇ بىر ھېسابتا

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:27:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنى دوست دىمەي كەسىپداش دەيدىغان ئىشكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:42:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلۇق ئىپادىلىنىشى تۈرلۈك بولىدۇ، ئىچىدىكىنى دىمىدى دەپلا دوستلۇققا يارىمايدىكەن دىگىلى بولماس. ئادەم دىگەندە ئۆزى بىلىدىغان سىرلىرى ساقلىنىشى كېرەك. دىسىمۇ بولىدىغان دىمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى دەپ يۈرۈپ، ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنى پاراكەندە قىلماسلىق كېرەك، ئۆزى ھەل قىلالايدىغان ئىشلارنى قىيىنچىلىق بولسىمۇ ئۆزى ھەل قىلىش كېرەك. زادى بولمىغاندا ئاندىن مۇۋاپىق دەپ قارىغاندا مۇۋاپىق ۋاقىت مۇۋاپىق كىشىنى تېپىپ مەسلىھەت ئېلىپ يەنە شۇ قىيىنچىلىقنى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
شەخسەن مەن ئىچ مىجەز بولغاچقا كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ياكى يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ئىككىنچى بىرىگە دىگۈم كەلمەيدۇ ( قەتئىي دىمەيمەن دىسەم يالغان بولىدۇ، بەندە دىگەن ئاجىز كېلىدۇ ئەمەسمۇ). ئەمما قانچىلىك جىمجىت مۇھىت بولسا مەسىلىلەرگە قارىتا تەھلىل يۈرگۈزىشىم شۇنچە ياخشى بولۇپ ھەل قىلالايمەن.
ئەمما مېنىڭ دوستلىرىم ناھايىتى كۆپ، دوست دىگەن قەلبتىن بىر رىشتە بىز بىلمىگەن رەۋىشتە باغلىنىدۇ، ھەتتا تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بولسىمۇ.ئۇنىڭ ئۆلچىمى يوق. ئەڭ يېقىن دوستىمىزمۇ بىزنى بىر كۈنى تاشلاپ كېتىشى مۇمكىن، ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئادىمىمىزدىنمۇ بىر كۈنى ۋاپا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن ئەلۋەتتە. بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى بەندە قانچىلىك چۈشۈنۈپ بولالايدۇ دەيسىز!

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:19:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن كىتاپ كۆرۇپ ئولتۇرۇپ كىتاپتىن جىبرانىڭ تۆۋەنكى ھىكىمەتلىك سۆزلىرىنى كۆرۇپ قالدىم .
        سەن بىلەن خوشاللىقتا بىللە بولۇپ ، جاپادا بىللە بولمىغان ئادەم ----- سەككىز جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنى يوقۇتۇپ قويغان ئادەمدۇر .

Rank: 4

توردا
219 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
776
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:43:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە دوستلۇق مىھرىڭىزنى بەرسىڭىزمۇ  سىزنى ياد كۆرىدىكەن بەزىلەر ```  مۇشۇئەڭ يېقىن دوست دېگەندىن پەقەت كۆڭلۈم سۇ ئىچمىدى ```

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 4

توردا
219 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
776
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:44:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن بىلەن خوشاللىقتا بىللە بولۇپ ، جاپادا بىللە بولمىغان ئادەم ----- سەككىز جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنى يوقۇتۇپ قويغان ئادەمدۇر .

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 07:09 , Processed in 0.050156 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش