يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 298|ئىنكاس: 11

ئايدار--ئادىلنىڭ كۆز يېشى--ئايدار نۇسىخىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:50:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇر ئىلاۋىسى: روھچىن يوللىغان ئەسەر ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ قويدى، شۇڭا ئۇلارغا يەنە قانداق يول باردۇ؟ قانداق قىلسا تىراگىدىيەنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇر دەپ بۇ ئەسەرنىڭ ‹‹ئايدار نۇسخىسى››نى يېزىپ چىقتىم.  روھچىنغا قاتتىق رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ئادىلنىڭ كۆز يېشى


ئادىلنىڭ كۆزيېشى
ھىكايە
يولنڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سېرىق سەگۈنىڭ يۇپۇرماقلىرى كۈزنىڭ شامىلىدا توختىماي تۈكۈلىۋاتاتتى. ئادىل ئۆزىنىڭ توڭغانلىقىنى ھېس قىلدى. دىمىسىمۇ ئۆيدىن چىققاندا ھاۋا ئۇچۇق ئىدى.قۇياشنىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ تىزلا شامال پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئادىل چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى ئىتىپ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ بوينىنى ئىتىپ ماڭدى.
يانفۇن توختىماي سايراۋاتاتتى. يانفۇنغا قارىمىسىمۇ كىمنڭ ئۇرۋاتقانلىقى ئايان ئىدى.
قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئۇ مەسئۇلىيەت بىلەن مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا ئېغىرتەڭلىكتە قېلىۋاتاتتى. بىر تەرەپكە قاراپ ئۈزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان بىرئاجىزەنىڭ كۆزيېشىنى كۆرگەندە، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان مۇھەببەت، ھېسداشلىقىنى سىزەتتى.
يەنە بىر تەرەپكە قاراپ تۇلا جىدەل-ماجرا سەۋەبىدىن يۈرىكىنىڭ قات-قېتىغا تىكەن سانچىۋەتكەن، نىكاھىدىكى ئايالنى كۆرگىنىدە شۇ ئايال بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن بىرئائىلە، سۈيۈملۈك پەرزەنتلەر، ھەم شۇلارغا بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئىككى تەرەپكىلا سوقاتتى، لېكىن ئىككى تەرەپنىلا سىغدۇرۇشنى گەرچە ئۇ ئۆزى قوبۇل قىلسىمۇ، ھازىرقى ئۇ ياشاۋاتقان جەمىيئەت، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىككى ئايال قوبۇل قىلالمايتتى. ئۇنىڭ قېچىپ كەتكۈسى كەلدى، لېكىن نەگە قاچىدۇ؟ كىمنىڭ قېشىغا بارىدۇ؟ ئۇ قانداقلا تاللىمىسۇن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسى ھامان سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كىتەتتى. ئۇ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرگە باغلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ نەرسىلەردىن ۋاز كىچەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ھايات ئۇنى مەجبۇر قىلىۋاتاتتى، ئۇنى كۆز ئالدىدىكى بەزەن نەرسىلەردىن ۋاز كەچمىسە بولمايدىغانلىقى ھېس قىلدى....
ئۇ بىر دەم تۇردى، يۈرىكى سوقۇپ كىتىۋاتاتتى، يۈرىكى نىمىگە قىيمايۋاتىدۇ؟ مۇھەببەتلىك قەلىبكىمۇ؟ ياكى ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىغىمۇ ؟ ئۇنىڭ كاللىسىدا مەسئولىيەت دىگەن بىر سۆز يالىتتىدە چاقناپ ئۆتكەندەك بولۇپ، ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى-دە يانفۇننى ئېلىپ 38 قېتىم ئۇرۇلۇپ ئېلىنمىغان يانفۇنغا قايتۇردى.
ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئىككى كىشىلىك ئۇرۇنغا ئۇرۇنلاشقاندىن كىيىن تاماق چاي قاتارلىقلارنى بۇيرۇتىۋېتىپ ئادىل ئاۋۋال گەپ باشلىدى.
-        ئادىلە مىنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟
-        بۇگەپنى يەنە سورايسىزغۇ ؟
-        ياق بۈگۈنكىسى ئوخشىمايدۇ، چۇقۇم سەمىمى جاۋاپ بىرىڭ!
-        ھەئە !
-        ياق ئۇچۇق جاۋاپ بىرىڭ !
-        ياخشى كۆرىمەن،  اللە گۇۋاھ بولسۇن ! بۇ ئۆمۈرۈمدە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ئۈلۈپ كىتىشتىن باشقا ئارزۇيۇم يوق- ئادىلە يىغلاپ كەتتى.
ئۇنىڭ يىغىسى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ئىدىكى ياندىكى ئادەمنىڭ يۈرىكى تاشتىن پۈتكەن تەقدىردىمۇ سەبىر قىلالمايتتى. ئادىلنىڭ يۈرۈكى پارە-پارە بۇلۇپ كەتتى. ئۈزىنىڭ كوچىلىماسلىققا تىگىشلىك بولغان بىرگەپنى سوراپ سالغىنىدىن ئويىلىپ قالدى. ئادىلە ياخشى كۆرسە كۆرسە ئادىل ياخشى كۆرمەمدۇ ؟ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئادىلنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇسى بارئىكەن، ئەجەبا ئالدىلنىڭ ئادىلەنىڭ قۇلىدىن چاي ئىچكۈسى، ئۇ تەڭشەپ بەرگەن سۇدا تاھارەت ئالغۇسى يوقمۇ ؟ شۇ تاپتا ئادىل ھەممىنى ئۇنۇتۇپ ئادىلەنىڭ تىتىرەپ تۇرغان تىنىنى باغرىغا باسقۇسى كەلدى. لېكىن ھېسيات باريەردە ئەقىلنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايتتى. بۈگۈن ئادىل ئادىلەگە تەسەللى بىرىش ئۈچۈن ئەمەس مۇناسىۋەتنى ئۇچۇق ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.
-        ماڭا بىر ئىشنى قىلىپ بىرەمسىز ؟
-        نىمە ئىش ؟
-        چۇقۇم قىلىپ بىرىمەن دەڭ ! ئاندى دەيمەن .
-        ماقۇل قىلىپ بىرەي !
-        ۋەدە بىرىڭ !   
-        ماقۇل چۇقۇم قىلىپ بىرىمەن .
-        سىز مىنىڭ ھېسياتنىڭلا قۇلى بۇلۇپ ياشايدىغان، مۇھەببەت دىسە ھەممە نەرسىدىن جۈملىدىن ۋىجدان-غۇرۇر، مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتتىنمۇ كىچىدىغان ئادەم بۇلۇپ قېلىشىمنى خالىمايسىز-شۇنداقمۇ ؟
-        نىمە دىمەكچىسىز ؟ ئۇدۇللا دەۋىرىڭ !
-        ئادىلە، سىزگە نىمە دىسەم بولار، مېنىڭ سىز بىلەن ئۆتكۈم بار ئىدى، بۇ مەن ئۈچۈن بەخىت، مېنىڭ بۇ قارارنى چىقارغۇم يوق ئىدى. بولسا رىئاللىقتىن قېچىپ، سىز بىلەن جاھاننىڭ چېتىگە كەتكۈم بار ئىدى، لېكىن ئىككى نارسىدە كۆز ئالدىمدا تۇرىۋالدى. ئۇلار كىمنىڭ ئالدىدا خار بولار....شۇڭا ...
ئادىل گېپىنى تۇختىتىۋالدى. ئۇنىڭ لەۋلىرى تىتىرەپ كەتتى، بۇنى كۆرگەن قىزنىڭ كۆزىگە لىق ياش تولدى.
-شۇڭا، سىزدىن ئۆتۈنۈشۈم، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، سىز بىلەن ئۆتسەم بەخىتلىك بولۇشۇم ئېنىق، لېكىن مەن ئاشۇ بالىلىرىمنى بەخىتسىز قىلىش ھېسابىغا بەخىتلىك بولسام بولمايدىكەن. مېنى كەچۈرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىز چوقۇم بەخىتلىك بولالايسىز، چۈنكى سىز بەك ياخشى قىز. سىزنى بەخىتلىك قىلالايدىغان ئادەمنىڭ چىقىشى ئېنىق....
ئادىلە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ھامان بىركۈنى بۇگەپنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغانمۇ بولغان ئىدى. لېكىن، ئەمىلىيەتتە ئاڭلانغاندا بۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغان ئىدى. ئۇنى يەنە يىغا بېسىشقا باشلىدى. شۇ تاپتا ئەتىراپىدا ئادەم بولمىغىنىدا بارلىق ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ، بىريەرلەرگە ئۈسسۈپ، ھاياتلىقتا ئازاپ-ئۇقۇبەتتىن باشقىغا دۇچارقىلمايدىغان بېشىنى يېرىۋالغان بۇلاتتى. لېكىن بۇيەردە ئۈزىنى تۇتۇۋالمىسا ئۈزىگىمۇ ئادىلغىمۇ سەت ئىدى.
-ماقۇل، مەن سىزنى ئىزلىمە، باشتا ئىككىمىز تونۇشقاندا بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام، ئاشۇ چاغدا كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۆتۈپ كىتەركەنمەن.

ئادىلەنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش تەڭلا سىرىلىپ چۈشتى ! لەۋلىرى تىتىرەيتتى، بىرنىمىلەرنى دىگۈسى بارئىدىيۇ ئېغىزىدىن چىقمايتتى.
ئۇلار تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان، ئۇ چاغلاردا ئادىلنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم ئىدى. ئايالىنىڭ زەھەردىن ئاچچىق گەپلىرى ئۇنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى...ئاھ ئۇ كۈنلەر قايتىلانسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ؟
-ئادىلە، مېنى كەچۈرۈڭ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئەمما ئاخىرى مەن بالىلىرىم ئۈچۈن قۇربانلىق بەرمەكچىمەن. مەن ئۇلارنىڭ تىرىك يىتىم بوپ قېلىشىنى خالىمايمەن...
-        ئادىل.... مەن سىزنىڭ بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاشتىن ئىلگىرى، بىر سائەت ئىلگىرى، سىزسىز ياشاشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەگەر مېنى تاشلىۋەتسە بۇ دۇنيادىن بىراقلا قۇتۇلاي دەپ بىر قۇتا ئۇيقۇ دورىسى سېتىۋالغان ئىدىم. لېكىن گېپىڭىزنى ئاڭلاپ بۇ نىيىتىمدىن ياندىم-ئادىلە يانچۇقىدىن بىر قۇتىنى چىقىرىپ ئادىلغا بەردى. –بۇ قۇتىنى كۆرسىڭىز مېنى، سىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان بىر ئاجىزەنى ئەسلەپ قويارسىز.  اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم سىزنى ئىككىنچى ئىزدىمەيمەن .
ئادىلە ئورنىدىن تۇرۇپلا يۈزىنى تۇتقان پېتى يۈگۈرەپ سىرتقا ماڭدى.
ئادىل ئولتۇرغان يىرىدە بىرسائەتتەك ئولتۇردى. كاللىسىدا خىياللار ئۇماچتەك قايناپ كەتكەن ئىدى. –بىلىمەن-دىدى ئۇ ئىچىدە- ئادىلەگە ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى. لېكىن، ماڭىمۇ ئامال يوق. ئۇنىڭغا ھېس داشلىق قىلىمەن دىسەم ئائىلەمنى ۋەيران قىلسام بۇلىدىكەن. بىر قىزنى دەپ بىرئائىلىنى ۋەيران قىلسام بولمايدۇ پەرىشتىدەك باللىرىمنىڭ يۈزىگە تۇپا قوندۇرسام بولمايدۇ. ئادىلە ئەقىللىق قىزئۇ تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلىيالايدۇ، ھەتتا مەندىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى تاپالايدۇ، ئەنە شۇ چاغدىلا مەن ئۇھ دەيمەن...
ئادىلل ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ خېلى روھى كۈتۈرلۈپ قالدى. مەنمۇ ھەممىنى ئۇنۇتۇپ تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلاي دەپ ئويلىدى ۋە بىر دۇكانغا كىرىپ ئۈچ گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈكتىن بىرنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى.
ئايالىنىڭ ئامراق تورتىدىن بىرنى، باللىرىغا شاكىلات، چوكا مۇز قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۈزىنى قاتتىق خۇشال تۇتۇپ ئۆيگە كىردى.
ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىدى. ئايالىنى باللىرىنى چاقىردى ھېچكىمنىڭ ئاۋازى چىقمىدى، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كومپىيوتىر ئۈستىلىنىڭ ئالدىدىكى بىر ۋاراق خەتكە كۆزى چۈشتى.
-سالام ئادىل، سىزنى سۆيگۈچى بىر يۈرەكنىڭ نىمىشقا بىردىنلا تىكەنگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئىككى بالا، كەسىپ، ئائىلە ئوتتۇرىسىدا يۈرۈپ، مەن بۇرۇنقى ئەسلىمنى يوقىتىپ قويۇپتىمەن. سىزنىڭ باشقا قىزلارغا كۆز تاشلاپ يۈرگەنلىكىڭىزنى بىلگەن كۈندىلا مەن پىسخىك دوختۇرىغا باردىم، ئۇلار مېنىڭ بىلەن ئەستايىدىل سۆزلەشكەندىن كېيىن، مېنى غەيرەتلىك ياشاشقا، تىرىشىپ ياشاشقا، ئاياللىق ھوزۇرى قەلىب بىلەن ياشاشقا دالالەت قىلدى. بىلىمەن، مەن ياخشى ئايال بولالمىدىم. مەن ئەمدى بارلىق بېسىملارنى قايرىپ سىز بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشقاندا، ھېلىقى قىز بىلەن تېپىشىۋالغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. ئۇ قىزنىمۇ كۆردۈم، ھەقىقەتەن چىرايلىق، ئوماق، كىچىك قىز ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا رىقابەتچى بولالمىغۇدەكمەن، لېكىن پىسخىك دوختۇرىنىڭ دىيىشىچە، مېنىڭ قولۇمدا چوڭ كوزىردىن بىرسى باركەن، يەنى ئىككىمىز جاپادا قۇرۇپ چىققان ئائىلە ۋە ئىككى بالام....مەن سىزنىڭ ماڭا ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلىشىشىڭىزنى كەچۈرەلمىسەممۇ، لېكىن ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق، بالىلارنى يىتىم قىلماسلىقنى قارار قىلدىم.
مەن ئىدارىدىن يىللىق دەم ئېلىشىمنى ئېلىپ بالىلار بىلەن ساياھەتكە كەتتىم، ئۇلار مېڭىش ئالدىدا مەندىن ‹‹دادام بىلەن بىرگە بارمامدۇق ›› دەپ سوراپ كەتتى، ئۇلارنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزىگە قاراپ، زادى كىم ئەيىبلىك، ئەگەر ئاجىرىشىپ بالىلارنى يىتىم قىلساق، قىساسىغا قالارمىزمۇ دەپ ئويلىدىم.
مەن ئۆزگەردىم، سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى ئويلاپ تېپىپ چىقتىم. كۆز ئالدىمدىن ئىككىمىز بىللە ئۆتكەن كۈنلەر لىنتىدەك ئۆتۈپ كۆزلىرىمنى نەملىدى.
جېنىم ئادىل: ئەگەر مەندىن راستىنلا تويغان بولسىڭىز، سول تەرەپتىكى تارتمىدا ئاجىرىشىشقا قوشۇلۇش توغرىسىدىكى خېتىم بار. ئۇنى ئالغايسىز. ئەگەر ئائىلەمنى ساقلاپ قالاي دىسىڭىز، ئوڭ تەرەپتىكى تارتمىدائەتىكى ئاپتۇبۇسنىڭ بېلىتى بار. بىز قەشقەر سەمەن مېھمانخانىسىدا ئىككى بالىڭىز بىلەن سىزنى ساقلايمىز.
ئايالىڭىزدىن...  
باللىرىنىڭ قۇڭغۇراقتەك ۋىلىق-ۋىلىق كۈلۈشلىرى، ئايالىنىڭ تەرلەپ-پىشىپ ئىتىپ بىرىدىغان چۆپ ئاشلىرى ئىسىگە كىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالغان ئىدى، ئايالى ياخشى ئايال ئىدى، كىچىككىنە كۈڭۈلنى دەپ ئۇنى رەنجىتتى، پەرىشتىدەك باللىرىنى تەلمۈرتتى. ئۇنىمۇ ئەر دىگىلى بولامتى ؟
ئادىل بىر كىچە ئۇخلىيالمىدى، ئۇنىڭ قەشقەرگە بارغۇسى بار ئىدى. لېكىن قىيالماسلىق، خىجالەتچىلىك ئۇنى قىيناپ تۇراتتى.
- ئەتتىگەن نامازغا بارماپسەنغۇ ؟
-كىمنىڭ نامىزىغا ؟
-ئادىلەنىڭكىچۇ ؟
-قايسى ئادىلە ؟ ئادىل لەككىدە كۆزىنى ئېچىپ، چۆچۈپ كەتتى.
- ساڭا ئاشىق بۇلۇپ يۈرگەن ئادىلەچۇ ؟ ئۇ قىزنىڭ يۈرەك كىسىلى بارئىكەن، ئاخشام كىسىلى تۇتۇۋېلىپ دۇختۇخانىغا ئاپىرىپ بولغىچە ئۈتۈپ كىتىپتۇ.
- ماڭا ۋەي ! چاق چاق قىلمىغىنە ! ئاخشام كۆرۈشكەن تۇرساق . ئاخشام ساق قايتىپ كەتكەن تېخى.
- شۇ ئاخشام سىرتتىن يىغلاپ كىرىپتىكەن، نىمە بولدى دىسە دىگىلى ئۇنىماي، ياتاق ئۆيىگە كىرۋېلىپ ئىشىكنى ئىتىۋاپتۇ. ئاتا-ئانىسى كىسىلىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىكىن ئەنسىرەپ يىغلاپ-يالۋۇرسىمۇ ئاچماپتۇ. ئاخىرى ئىشىكنى بۇزۇپ كىرسە چىرايى تامدەك ئاقىرىپ يۈرۈكىنى قاماللاپ يېتىپتۇ. شۇيەردىن دۇختۇخانىغا ئېلىپ مېڭىپتىكەن بېرىپ بولغۇچە ئۈتۈپ كىتىپتۇ.
ئۇ چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى، ئۇ ئاخشام خىيال بىلەن  سافادىلا كىيىمىنى سالماي ئۇخلاپ قالغانلىقىنى  كۆردى، ئۇنى تەر بېسىپ كەتكەن، جالاقلاپ تىتىرەپ تۇراتتى.ئۇنى قارا بېسىپتۇدە...ئۇ تىلىفۇنىنى يانچۇقىدىن ئالدى. تىلىفۇن ئېتىك تۇراتتى.... ئۇ شۇ ئولتۇرغانچە ئۇخلىيالمىدى. شۇنداق ئىزتىراپ ئىچىدە تاڭ ئاتتى، ئۇ ئادىلەگە تېلىفۇن قىلىشنى ئويلىدى، لېكىن جۈرئەت قىلالمىدى. كېيىن زور چىدام بىلەن تېلىفۇن قىلىۋىدى، ئېتىك چىقتى. ئۇنىڭ گېلىدىن ھېچنىمە ئۆتمىدى. سائەت توققۇزلار بىلەن ئۇنىڭ تېلىفۇنى يەنە جىرىڭلىدى، لېكىن جىرىڭلاپلا توختاپ قالدى. قارىسا ئادىلەدىن كەلگەن تېلىفۇن ئىدى. ئۇ ئەمدى قايتۇراي دىيىشىگە ئۇچۇر كەلدى.
ئادىل ئاكا!!! مەن رىئاللىقنى قوبۇل قىلدىم. مەن ئاخىرى سىزدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ، رىئاللىققا يۈزلەندىم. گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ يەڭگىللەپ قالدىم. دادام مېنى ئوقۇشقا قىزىقتۇراتتى، لېكىن مەن ئوقۇشنى خالىمىغان ئىدىم. ئەمدى ئوقۇشقا چىقىپ كىتىمەن. بۇندىن كېيىن كۆرۈشەلمەيمىز. لېكىن ھەر زامان سىزگە دۇئا قىلىمەن...
سىزنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرغۇچى ئادىلە.
بۇ ئۇچۇر ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى يۈكلەرنى ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىللىتىپ قويدى. ئۇ نەرسە كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرماقچى بولىۋىدى، ئايالىنىڭ ھەممە كىيىملىرىنى قاتلاپ، سومكىغا چىرايلىق سېلىپ قويغانلىقىنى كۆردى. شۇ چاغدا ئۇ بىردىنلا ئۆزىنىڭ نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس  قىلدى. كۆزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ، ئايالى قاتلاپ قويغان مايكىغا تامدى....




Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
333

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 19:18:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى يازمىدا ئىچى ئاچچىق بولغانلار بۇ يازمىدا تاتلىق قىلىۋېلىڭلار
ئەسلى يازمىنى كۆرمىگەنلەر بۇيەردىن كۆرۈڭلا [url]http://www.rohqin.com/?p=597[/url]

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 19:27:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن روھچىننىڭ ئەسەرنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 19:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدارىمنىڭ قەلىمىگە بارىكاللا،‹ ئايرۇپىلاندا ئولتۇرغان ئادەم زادى باشقىچە جۇمۇ ھى ھى ھى ›
ئىككىمىزنىڭ ئويى بايام چ چ دا ئېيتقاندەكلا ئوخشاش بوپتۇ، مەنمۇ ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇپ مۇشۇنداقراق بىر نەتىجە بىلەن ئاياقلاشقان بولسا قانداق بولار ئىدى، دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇپ ئىچىم راستىنلا بەك ئاچچىق بولغان ئىدى، بۇ نۇسخىسىنى ئوقۇپ كۆز ئالدىمغا مېھرىبان ، كەڭ قورساق بىر ئايال كەلدى، دىمىسىمۇ بىز ئاياللار ھەر قانداق ۋاقىتتا مانا مۇشۇنداق بالىنى، ئائىلىنى ئويلاپ ئەرلەرنىڭ كەمچىلىكىنى كەچۈرۋېتەلەيمىز، يەنە تېخى كەمچىلىكنى ئۆزىمىدىنمۇ ئىزدەيمىز، جەمئىيتىمىزدە مانا مۇشۇنداق مەسۇليەتچان ئانىلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلسە، ئىشىنىمەنكى بەختلىك ئائىلىلەر كۆپىيىدۇ، ئازغۇن ئەرلەرمۇ پۇشايمان قىلىدۇ، بىر دەملىك كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىززەت- ئابرۇيىنى ئۆز قولىدا ۋەيران قىلىۋاتقان‹ئادىلە› دەك نادان قىزلار ئازىيىدۇ.
ئەلۋەتتە ئەسلى نۇسخىسىدا ئىككى كىمىگە دەسسىسە قانداق بولىدىغانلىقى تولىمۇ روشەن يورۇتۇلغان، بۇ نۇسخىسىدا بولسا  ئىككىلا ئايالنىڭ  ئەرنى كەچۈرۈش ۋە رېئالىققا يۈزلىنىشتەك كەڭ قورساقلىقى ئادىلنىڭ ئۇيقىسىنى ئاچقان دەپ چۈشەندىم، ئەمدى قالغان دوستلارنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى ئاڭلاپ باقايلى!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
222 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1232

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:04:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايروپىلاندا تولا ئولتۇرسا ئىلھاممۇ جىق كېلەمدۇ نىمە ؟
نىمە دىگەن تەلەيلىك ئەر ھە ؟ زىنھار زىيان تارتماپتۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
333

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:22:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدار ھەدەمنىڭ ئەتىراپىدىكى ئەرلەرھەممىسى تەلەيلىك بولسا كېرەك

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 07:50:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەردىكى ئەر ماڭا رەھمەت ئېيىتسا بولىدۇ....تەلەيلىك قىپ قويدۇم.....

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 16:05:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئائىلىنى قۇتقۇزىۋالساممۇ ھېچكىم ئوقۇماپتۇ ما ئەسىرىمنى.....

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
333

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
77 قېتىم ئۇقۇپتۇغۇ . . . ھەممەيلەن خۇشاللىقتا ئىنكاس قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان چېغۋا

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەرلەر ئىكەن، ھارمىغايسىز ئايدار، يەنە مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز، ئازغۇن ئەر ئاخىرى ھوشۇنى تېپىپتۇ-دە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 00:03 , Processed in 0.052310 second(s), 19 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش