قۇل بولۇشنى ئستىدىم
سىز ئۈچۈن سەرسانە بولغان گۈل بولۇشتىن جانىجان ،
سىزنى دەپ پەيمانە بولغان قۇل بولۇشنى ئستىدىم .
تاڭ سەھەر تاراي دېدىم تۇلپارىڭىزنىڭ يايلىنى ،
غەم كۆكىدىن ئوت بولۇپ ئىشىق چۆلىگە پەسلىدىم .
يەتتە تاغنىڭ ئۇ قېتىدا بولسىمۇ دەريا –ئېقىن ،
ئالقىنىمدا سۇ توشۇپ لەۋلەرىڭىزنى نەمدىسەم .
مىڭ كېچە ،مىڭ بىر كېچە دەردۇ بالاسى چەرخىدە،
بارماقىڭىزگە چىرمىشىپ بولسام نىتەي قومۇش قەلەم .
ئۇچىڭىزدىن تونىڭىز قان سىيرىلسا چاك-چاك يىرتىلىپ ،
ياغلىقىمدايارىڭىزنى ۋادەرخ، تاڭسام ئۆزۈم
بىر كۈلۈش بەرگەنىڭىزنى تۈڭلىكىمدە كۆرسە ئاي ،
قارا تاشقا ئايلىنارمۇ يىغلىغان يۇم-يۇم كۆزۇم ؟!
كۆكرىكىمدىن كۈلپىتىمنى ئوقنى يۇلغاندەك يۇلۇپ ،
بىر چىنار نىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويارمەن شۇ كۈنى
پاسىبانىىم كىشنىگەن قىسمەتكە ھەقدار بەندە سىز ،
قەھرىڭىز ھەم مېھرىڭىزدىن تاپقاي ھاياتىم ھەممىنى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاھۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:30