يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 866|ئىنكاس: 7

يازغۇچىدىكى --- سەنئەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 15:50:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                         ( ئايدارنىڭ مۇنبەردىكى ئەسەرلىرى توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم)
كامىران مۇنداق دەيدۇ:  بىلەرمەن قاغىدەك بولغانمۇ  ئاقماس ئىش.....،مەنمۇ  ئۆزەمنىڭ بىلگىنىنى سۆزلەي.تولۇقسىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا دەرىسلىكتىكى مەلۇم ئەسەرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى،ئالغا سۈرۈلگەن مەركىزى ئىدىيە،پىرسۇناژلار ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ باراتتۇق......لېكىن مېنىڭ ھازىر مەلۇم بىر نۇقتا ئۈچۈن ئەمەس  ۋۇجۇدىمدىكى تىتىرگەن ۋە تىتىرەتكەن ھاياجان ئۈچۈن ئۆزەمگىلا خاس ئەركىن پىكىرلىرىم بىلەن سۆزلۈگۈم كېلىۋاتىدۇ....
           ياشاش سەنئىتى،تەپەككۇر سەنئىتى،باشقۇرۇش سەنئىتى،ئۆگىنىش سەنئىتى...ئومۇمەن سەنئەت بۇ ئۇقۇم يېڭى ئېقىملاردىكىدەك دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىدا پەيدا بولغان ئەمەس. بەلكى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى، ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ توختىماي يېڭىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە بولدى، ۋە ئۆز نۆۋىتىدە  ئوخشاش بولمىغان مەنالارنى ياراتتى. ئەمىسە يازغۇچىدىكى سەنئەتچۇ، ئۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئەمىلىيەتتە بىز  بىرەر ئەسەرگە نىسبەتەن ئەسەرنىڭ مەزمۇن قۇرۇلمىسى، چىنلىق تۇيغۇسى، ئىپادىلەش تىلى، بەدىئى ۋاستىلەر ئۈستىدە ئۆتكۈر ۋە تەپسىللى ئانالىز ئېلىپ بارىمىز، لېكىن يازغۇچىدىكى سەنئەت بۇ نۇقتىنى ئاسان تىلغا ئالمايمىز. ئەلىۋەتتە يازغۇچىدىكى سەنئەت ___ئەشۇ ئەسەردىكى مەزمۇن، تىل، ۋاستىلەر بىلەن ئومۇمەن ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يازغۇچىدىكى سەنئەت ئىچىگە يەنە ئەسەرگە نىسبەتەن بىر ئوتلۇق ھىسىيات، پەللىگە يەتكەن ھاياجان ، تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببەت، ئاددى ۋە ئابىستىراكىت بولغان مول تەسەۋۋۇر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خاسلىق بۇ ئۇقۇم توختىماي ۋالىلداپ گەۋدىلىنىپ  چىقىدۇ.
          نۇرغۇن ئادەم باشلىق بولالايدۇ. ئەمما بىلىم سەۋىيىسى، ئەمەلىي بىلىمى، خىزمەت تەجىرىبىسى ئاجىز باشلىقلار، ھامان قول ئاستىدىكىلىرىنىمۇ، يەنە ئۈستىدىكى باشلىقلىرىنىمۇ رازى قىلالماي ئورۇن بوشتىدۇ. ئەكسىچە ئىشلىرى يۈرۈشكەنلەر بولسا باشلىقلىق سەنئىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى ۋايىغا يەتكۈزگەنلەردۇر. ئەلىۋەتتە شۇنداق دىيىشكە ھەقلىقمىزكى ئۆگۈنىشتە نەتىجە  قازانغان....سودىسى روناق تاپقان......كىشىلەرنىڭ ھەمىسىدە ئەشۇ سەنئەت ئۆز ئورنىنى تېپىپ ئۆز رولىنى كۆرسەتكەن.
           ئايدارنىڭ <<دادا مېنى باغرىڭغا باس>>   بۇ ئەسىرىدىمۇ سەنئەت ئۇقۇمى ياخشى گەۋدىلەنگەن دېيىيشكە بولىدۇ. چىنلىق ئەدەبىياتنىڭ جېنى. مەيلى توقۇلما بولسۇن ۋە ياكى رېئال تۇرمۇشتىكى رېئال ۋەقەلەر بولسۇن چىنلىق ئاپتۇرنىڭ شۇ ئەسەردە ياراتقان بەدىئى ئۇسۇلبى بىلەنلا  ئەمەس شۇ ئەسەرنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن تۇرمۇشقا قانچىلىك چۆكەنلىكى، تۇرمۇشنى قانچىلىك چۈشەنگەنلىكى، نىمە دىمەكچى، نېمىنى دېمەكچى بۇلارمۇ كىتاپخانىلار تۇيغۇسىدا ئۆز ۋەزىنى بىلەن ئەكىس ئېتىدۇ. بۇ ئەسەرنى ئېيتايلى ،مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئۇسۇلۇپ جەھەتتىن بولسۇن مۇۋەپىقىيەتلىك چىقان بىر ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ . ئاپتۇر قانداق قىلىپ بۇ سەزگۈزەشتىنى ئۇڭۇشلۇق يۈرەككە تېتىغىدەك يازالىدى؟ دىمەك تۇرمۇش ئىچىگە چۈشمىگەن، تۇرمۇشنى تەتقىق قىلمىغان يازغۇچى مۇنەۋۋەر يازغۇچى ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا ئەسەردىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا تىل مەسىلىسى. ئالدى بىلەن ئەسەردىكى تىل ئۆزىىگە خاس سىەنئەت خاراكتىرىگە ئىگە.

مەسىلەن: تىل شۇنداق ئاددى ۋە چۈشىنىشلىك. خۇددى يېنىمىزدا بىرى تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتقاندەكلا يېقىن تۇيغۇ بېرىدۇ. ئاپتۇر ئەسەردە، كۆركەم ئىبارىلەر، سوئال جاۋاپلار بىلەن ئەمەس  ئەڭ ئاددى، ئەڭ چۈشىنىشلىك  تىل بىلەن ئەسەرنى تاماملىغان. بۇ ھەقتە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ يازغۇچىنىڭ تەبئى تىل ۋە تەبىلىك تۇيغۇسى شېئىرى ئەسەرلىرىدىمۇ تولىمۇ روشەن نامايان بولۇپ تۇرىدۇ . ئەسەرنىڭ قىممىتى _مانا مۇشۇنداق تۇرمۇش ۋە خاسلىققا ئىگە تىل بىلەن نۇر چاچقۇسى.....كىتاپخانىلەرگە ئوزۇق بەرگۈسى.....
      مەزمۇن قۇرۇلما جەھەتتىنمۇ يازغۇچىدىكى سەنئىەت ۋايىغا يەتكەن. مەزمۇن قۇرۇلمسى جەھەتتە ئاپتۇر كىتاپخىنىلارنى ئويغا سېلىش، تەپەككۇر قىىلىش ئۇسۇلى بىلەن قىزىقتۇرۇپ ئەسەر ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ ۋە تەسىرلىك بايانلار بىلەن كىتىپخانىلار ئەسەر ئىچىگە سىڭىپلا كېتىدۇ.

مەسىلەن:ئاپتۇر بۇ قىزنىڭ كەچۈرمىشىنى بايان قىلىشتا ئەسەرنىڭ بېشىدىلا<<مېنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىم، بولۇپمۇ ئانام بىلەن دادام ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىم موشۇنچىلىك>>،دەپ يېزىپ قىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ئسسىق سوغۇق كەچۈرمىشىدىن بېشارەت بەرگەن .بۇ ئارقىلق كىتاپخانىلارنىڭ  قىزىقىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. ئايشەمگۈل ئاپاشنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى، مومىسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتە  گەرچە ئادەتتىكى بىر بايانىلاردەك كۆرىنسىمۇ ،لېكىن ئاپتۇر مەيلى موما بولسۇن مەيلى ئۆگەي ئانا بولسۇن، بىرئانىنىڭ، ئەتىراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئوبىرازىنىمۇ ئىخچام ھالدا بايان قىلىپ ئۆتىشنى ئۇنىتمىغان. بۇلارمۇ يازغۇچىدىكى   ئەڭ ئېسىل سەنئەتنىڭ روشەن نامايەن بولۇشى بولماي نىمە ھېساپلىنىدۇ؟؟!!
        توغرا ئاپتۇر ئەسلى ۋەقەلىكنى ناھايتى ياخشى تاللىغان. ئەسەر باشتىن ئاخىر تۈگۈن تۈگۈن زىددىيەتلەر ئۆتكۈر قەلەم بىلەن ئەمەس قىزىق ھاياجان بىلەن بايان قىلىنغاچقىلا كىتاپخانىلارنى قىزىقتۇرالىغان. دىمەك سەنئەت يەنە بىر بالداق ھالدا ئاپتۇر قەلبىدە ئورۇن ئالغان. ئالماسنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ھەر كىمگە خوشاللىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئۇلاپلا يەنە توي ئىشى، ئوتتۇردىن چوڭلارنىڭ چىقماسلىقىنى يازىدۇ؟ ئاپتۇر بۇ يەردە نىمە دىمەكچى؟ مەقسەت قىزىقتۇرۇش؟؟ ياق،ياق  ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ئاپتۇر ئەسلى بىر خىل يۆلىنىشتە قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يازغاچ  كەينىگە دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاشكارلاپ ئاندىن ئالماس ۋە توي ئىشىنى ئوتتۇرغا چىقارسىمۇ بولاتتى......ئاپتۇر بۇ يەردە بىر قايناق ھېسىيات بىلەن ئاللىقاچان مەست بولغان بولۇپ ۋەقەلىكنى ئۆز سەنئىتى بىلەن ئىپادىلەپ، كىچىك-كىچىك ھالقىلاردىمۇ سەنئىەت مۇزىكىسىنى ياڭىراتقان.<< غېرىپسىنىپ ئولتۇرغىنىمدا ئىشىك ‹‹غىچ››قىلىپ ئېچىلدى، ئىشىكتە مومام ئاق لىچەك سېلىپ، مەسە-كالاچلىرىنى پاقىرىتىپ كىيىپ كىرىپ كېلىۋاتاتتى>> نىمىدىگەن جايىدا قىستۇرۇلغان بايانە ھە؟
مۇشۇ كىچىككىنە ئاددى خىيالدىكى دئىالوگلارنى مۇۋاپىق ھالدا ئۆز ئورنىدا سەرەمجانلاشتۇرۇپ، ۋەقەلىكنىڭ داۋامى ئۈچۈن ئۇستىلىق بىلەن يول ئاچقان........
  ئەسەر يەنە باشتىن ئاخىر مول تەسەۋۇر بىلەنلا خاسلىقىنى ياراتماي ،يەنە مۇھىم ۋە كونكىرىت بولغان بىر مۇنچە كىچىك مىسال ۋەقەلكلىرى بىلەن پىرسۇنازلار خاراكتىرىنى خاسىلققا ئىگە قىلىپ (مەسلەن:مومىسىنىڭ ئۇرۇشى، ئاچىسى بىلەن كۆرۈشۈش ،ئايشەم ئاپىسىنىڭ سوۋغىلىرى)  ئۆزىدىكى سەنئىەت نۇقتىسىنى روشەن نامايەن قىلغان.
            <<ئىپپەت ئاچقۇچى>> ئايدارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى ئالاھىدە قىزىقتۇردىغان سەنئىەت دەرىجىسى جۇلالانغان يەنە بىر مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان  ئەسىرى. ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە ئىنسان قەدىر قىممىتى، ياشاش مەنتىقىسىدىن ئىبارەت ھەممە ئۈچۈن ئورتاق ئەنەنىۋى بولغان ۋىجىدان ۋە ساپ ئەخلاق تۇيغۇسىنى ئەينەك قىلىپ، مول ھېسىياتلىق كۆز قاراشلىرىنى مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن بايان قىلىدۇ. ئەسەر نىشانىنىڭ پۈتۈنلىكى، مۇكەممەلىكى، مەزمۇن نۇقتىسىنىڭ يېڭىلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
   ئەسەردە ئادىمىيلىك ئەخلاق، ۋىجىدان تېمىسىنى تۈپ لىنىيە قىلىپ، نازۇك بىر سىتودىنىت قىزنىڭ ھاياتىدا يولۇققان ئازاپلىق كەچۈرمىشىنى ۋىجىدانەن ئادا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملەر بىلەن تولغان بەخىتلىك كەلگۈسىنى يارىتىش توغۇرسىدىكى تەپسىلاتلارنى يۈكسەك مەسۇليەتچانلىق بىلەن ئويغاق بەرىق ئۇرۇۋاتقان ھىسىياتلىرى بىلەن ۋەزىنىلىك تەسۋىرلىسە، قىلىقسىز، يولدىن ئازغان غوپۇردەك ھايۋانسىمان ئادەملەرنىڭ تىپىك بولغان ھاۋايى نەپسى پائالىيەتلىرىنى مىللى ئەخلاقنىڭ توختىماس سىفونىيەلىرى بىلەن قىلچىمۇ ئاياپ ئولتۇرماي، بەدىئى تەسەۋۋۇر، ئۆتكۈر تىل، جانلىق ئوبرازلار ئارقىلىق، تۇرمۇشقا بولغان مەسۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى، ئەخلاق ئېتىقادقا بولغان باي ھېسلىرى بىلەن قامچىلايدۇ.
    توغرا ئاپتۇر ئەسلى ۋەقەلىكنى ناھايتى ياخشى تاللىغان. ئاپتۇر ئالتە شەھەر يەتتە ئىقلىمدىكى بارلىق مەۋجۇدات ۋە مەنىۋىيەتلەرنى تەرەققىيات ۋە كىرزىس بىلەن تولغان بۇ ئىجدىمائى مۇھىت شارائىتىدا ئوخشىمىغان ھاياتى سەرگۈزەشتىلەرگە تولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، بۈگۈنكى دەۋىردىكى مىللى ئەخلاق، مىللى ئېتىقاد، تۇرمۇش قىممەت قاراشلىرىنى بەكمۇ جانلىق بەكمۇ ئىخچام بەدىئى لەۋھەلەردە ئېچىپ بېرىدۇ. ئاپتۇرنىڭ ئوتلۇق ۋە قۇتلۇق قەلىمىنڭ قىمىتىمۇ دەل مۇشۇ جايدا ئىپادىلىنىدۇ. يازغۇچى قانداقتۇر سىتودىنىت قىزنىڭ كەچۈرمىشىنى يېزىشنى ئەمەس، بەلكى مۇشۇ تەپسىلاتلار بىلەن بىر قىسىم بولمۇغۇر، ھالاكەت يولىدىكى ياشلارنىڭ مىللى ئەخلاق، مىللى ئېتىقاد، تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ، بۇ ئەخلاق توغۇرسىدىكى چوڭقۇر مۇلاھىزىلىرى بىلەن ئىنسانى ئەخلاق ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى پاكلىق ۋە سەمىمىلىكنى ئۇلۇغلاپ، رەزىل ئەخلاقى كىرزىسلەرگە قامچا ئۇرىدۇ.
    ئەسەر مول تەسەۋۇر ۋە كۈچلۈك ئىجاتچانلىققا ئىگە.  بىر توپ ئۆينىڭ ئاچقۇچى بىلەن  پەرىدەنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئەڭ جىددى تۈستە ئەڭ جىددى يوسۇندا بايان قىلىدۇ. قاراڭ ،نىمىدىگەن مول تەسەۋۇر ھە؟ ئاپتۇر ئەسىرىدە پىرسۇنازلار توغۇرسىدا خېلى پىشىق ۋە مۇكەممەل بولغان ئىجادى سەرەمجانلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. پىرسۇناز تەسۋىرىنى ماھىرلىق بىلەن قولۇنۇپ ،كىرزىسكە توشقان ئىجدىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى چىن ۋە ھەقىقى يورۇتۇپ بەرگەن.<< شۇ كېچىسى زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىرەر ئەمەس. ئەگەر خاسىيەتكە بۇ گەپلەرنى دىسەم قانداق بولار؟ دىمىسەم قانداق بولار؟ئەتىسى چۈشتە ئاشخانىدا ئالىيەنى ئۇچىرىتىپ قالدىم. ئالىيەنىڭ بۇرۇنقى چىرايى يوق، ئورۇقلاپ تاتىرىپ كىتىپتۇ، ئۇ مېنى كۆرۈپلا ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرەلمىگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن قاتتىق خاپا بولۇپ، ئاغرىپ قاپتۇ، ئەمەلىيەتتە ئالىيەنىڭمۇ ئائىلە ئىقتىسادى ئۇنچە ياخشى ئەمەسكەن، ئۇ ئاتا-ئانىسىنى داۋالىتىمەن دەپ قىلمىغان خىزمىتى قالماپتۇ، ھازىر بىر سۇغۇرتا شېركىتىدە ئىشلەۋىتىپتۇ.>>بۇ تەسۋىرلەرگە قاراڭ نىمىدىگەن جايىدا ئۇستىلىق بىلەن قىستۇرۇلغان ھە؟ ئاپتۇر بۇ تەسۋەرلىرى بىلەنمۇ ھىكايىنىڭ خاتىمە قىسمى ئۈچۈن ئۇستىلىق بىلەن يول ئېچىپ، سەنئەت دەرىجىسىنى يەنە بىر قېتىم پەللىگە ئېلىپ چىققان.
   ئۇنىڭدىن باشقا ماۋزۇنىڭ ئۆزىلا ئوقۇرمەنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغايدىغان بىر سېرى كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئەسەرنىڭ جەلىپكارلىقىنى تەبئى يوسۇندىلا سەنئەت رەڭدارلىقى بىلەن بويىغان. ئەمىلىيەتتە بىز دەۋاتقان يازغۇچىدىكى سەنئەت دەل مۇشۇدۇر.
                  
     ئاخىرىدا تىرىشچان بۇ قەلەمكەشنىڭ قولىغا بەركەت، كۈنلىرىگە خۇشاللىق تىلەيمەن.  
                       2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:09:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامران ماڭا <<ئەسەرلىرىڭىز توغرىسىدا بىر ماقالە يازىمەن >>  دىگەنتى، بەك خوش بولدۇم، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بىر ماقالە يېزىپ چىقىپتۇ. كامران ئەدەبىياتتا ئوقۇمىغان. يېقىندىن بۇيان تور مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدەبىياتقا كىرىشىپ قالدى ۋە جىق كىتابلارنى ئوقۇدى. مەن ئۇنىڭ بۇ روھىنى ناھايىتى قەدىرلىك دەپ قارايمەن.
رەھمەت سىزگە كامران. سىز مېنىڭ ھېكايىلىرىمغا ماقالە يازغان تۇنجى ئوبزۇرچى. سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىز مەن ئۈچۈن ئىلھام بولدى.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:18:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزۈت  قىلىشنى  ئۇقمايمەن.مەن ئەسلىدە خەزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان.....شۇڭا تەپەككۇر ۋە باشقا جەتلەردە بەك قىينالدىم.لېكىن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز تىلغا ۋە يۈرۈككە ياققانلىقى ئۈچۈنلا ساددا تىللىرىم بىلەن بۇ ماقالىنى يازدىم.مۇھىمى، شېئىرى ئەسەرلىرىڭىز بولسۇن ياكى ھېكايىلىرىڭىز بولسۇن تىل جەھەتتىكى ئۇسۇلبىڭىز مېنى لال قىلدى.
ھارماڭ قېرىندىشىم.

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:28:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامىران،بۇ ئەسەرنى ناھايىتى تەبىئىي يېزىپ چىقىپسىز.قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.
ئايدارنىڭ ئەسەرلىرىنى مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن

Rank: 2

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
2
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 00:16:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزورنى كۆرمىسەم ئەسەر ئوقىمايدىغان مىجەزىم بار ئىدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 00:45:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامىراننىڭ ئايدارنىڭ ھەر- بىر تېمىسىنى ئوقۇغاندىن سىرت يەنە تولىمۇ ئەتتىراپلىق بولغان ئېسىل ماقالىدىن بىرنى ھازىرلىغىنىغا تولىمۇ قايىل بولدۇم، ئەگەر مۇنبەردە مانا مۇشۇنداق قىزغىن ئوقۇرمەنلەر كۆپلەپ بولسا ئىشىنىمەن نۇرغۇنلىغان ئستىداتلىق يازغۇچىلىرىمىز مەيدانغا كېلىدۇ.
مەن ئايدارغا ۋە ئايدارنىڭ تېمىلىرىنى ئوقۇپ ياخشى پىكىر- تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇنىڭغا مەدەت، ئېلھاملارنى بېرۋاتقان دوستلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

Rank: 2

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:11:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئايدارنىڭ ھەرقانداق تېمىسىنى چەتتە قالدۇرماي ئوقۇيمەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدە ماختاشلارنى يازمىساممۇ ئايدار ھەدەم مېنى چۈشنىۋالىدۇ، شۇڭا ئارتۇق سۆز بىھاجەت. مەن ئايدار ھەدەمنىڭ تېمىلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغۇچى ئوقۇرمەنى.
قەلىمىڭىز تېخىمۇ ئېسىل يازمىلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەي!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 06:44 , Processed in 0.050800 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش