يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 1

يىگىت، سۈرئەت ۋە ھاياتلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
65 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
235
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:07:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يىگىت، سۈرئەت ۋە ھاياتلىق
      
      ئەرلەر ئالدىراڭغۇلۇقى، ھاكاۋۇرلىقى، پوچىلىقى، ئاچچىقىنىڭ يامانلىقى، قىزلارنى كەلتۈرۈشكە ئېپىنىڭ جىقلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى، تەمكىنلىكى، مەسئۇليەتچانلىقى، ئەلگە، ئائىلىسىگە بولغان ساداقىتى، تىرىشچانلىقى، ئەقىل-جاسارىتى، ئۆزىنىلا ئەمەس، ئائىلىسىنى، ئەلنى ئويلاشقا ئەقىل بۇلۇشى بىلەن سۈيۈملۈك ۋە ئەزىزدۇر.
                                                                                                                                                                    مۇشۇ دەقىقىدىكى ئويلىرىمدىن.
     نەۋرە سىڭلىمنىڭ يولدىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، بەكمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئۇ ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن ئىدى، ئىككى بالا بىلەن ئۇ تۇل قالغان، ئىككى ئوماق پەرزەنتى دادىسىز يىتىم بولغان ئىدى. بۇرۇنقى بىر ئەسىرىمدە ئېىيتىلغاندەك، ھايات شۈنچىلىك، ئۈلۈم تەخىرسىز ئىكەن، ئەجەل ياشقىمۇ بار، قېرىغىمۇ بار، ئەرگىمۇ بار، ئايالغىمۇ بار ئىدى، ھەممىمىزگە بار ئىدى، بىز بۇ دۇنيادىكى بىر مېھمان، بۇ دۇنيا بىز ئۈچۈن بىر قونالغۇ ئۆتەڭ ئىدى. ھەر قانداق بىر ئۈلۈمنىڭ ۋاقتى سائىتى كەلسىمۇ، ئەمما، ئۈلۈمنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولىۋاتاتتى. بۇلۇپمۇ، مۇشۇ قاتناش ۋەقەسىدە ئۈلۈم يېتىم ئىشلىرى ئادەمنى بەكمۇ ئېچىندۇراتتى.  بۇ نەۋرە سىڭلىمنىڭ يولدىشىنىڭ ئۈلۈمىمۇ يەنە شۇ قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئىدى....
    سۈرئەت، دۇنيادا نۇرنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تىز، بىز ئىنسانلار ھەر قانچە قىلساقمۇ، بەلكىم، ئاخىرەتكىچە نۇرنىڭ سۈرئىتىگە يېتىشەلمەسلىكىمىز مۇقەررەر، ئەمما، بىز ئىنسانلارنىڭ شۇنداق تۇرۇقلۇق، سۈرئەت قوغلىشىشىمىز، ھاياتنى بىخەتەرلىكنى ئەمەس، ئادەمنى بىر خىل تەئەججەپلەندۈرىدۇ. ئاپتومۇبىلنى تىز سۈرئەتتە ھەيدەش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىپ ھەيدەش، چارچاپ كېتىپ ماشىنا ھەيدەش، ماشىنىنى قالايمىغان توختىتىش، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلماسلىق، قىسقىسى بىزدىكى بىر خىل ئۆزەمچىل، ئۆزىنى ئۈستۈن كۈرۈش، بىخەتەرلىكنى سەن نىمىتىڭ دەپ كۆزگە ئىلماسلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىش، ۋەقە سادىر بولغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق -تۇققان، بالا-چاقا، خۇتۇنىنىنى ھەسرەتتە، نادامەتتە قويۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمىزدا كۈندە دىگۈدەك يۈز بېرىۋاتقان، ئائىلىنىڭ پۈتۈنلىكى ۋە ئىناقلىقىغا، جەميەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە تەرەققىياتىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىپ ،ھەممىمىزنى  ئېغىر ئويغا چۆمدۈرۋاتقان ئىشلاردۇر.
      ھاياتلىق، پەقەت بىزگىلا تەۋە نەرسە ئەمەس، چۈنكى، ھاياتلىقىمىزدا بىزنى تۇغقۇچى ئانىمىز، ۋۇجۇتقا كەلتۈرگۈچى دادىمىز مەۋجۇت، شۇنداقلا، ئالدىمىزدا ئاكا- ھەدىمىز، كەينىمىزدە ئىنى-سىڭلىمىز بار، شۇنداقلا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز بار، توي قىلغاندىن كېيىن بولسا، ئايالىمىز، ئايالىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، بالىلىق بولغاندىن كېىين، ئۆز پۇشتىمىزدىن بولغان پەرزەنتلىرىمىز بىزنىڭ ھاياتلىقىمىزنىڭ، تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇندىن باشقا ، دوستلىرىمىز، بۇرادەرلىرىمىز، ساۋاقداشلىرىمىز، ئىشداشلىرىمىز، سەبداشلىرىمىزمۇ بار، بىز ئۇلاردىن ئايرىلىپ، ئايرىم ھايات كەچۈرەلمەيمىز، شۇنداق، بىز ئادەم توپى ئىچىدە ياشايمىز، ئادەم توپىدىن ئايرىلساق بىز ئادىمىلىك خۇسۇسىيىتىمىزنى ھەم يۇقىتىمىز.
       ئەجەل،  بىزنى ھەر قاچان ساقلاپ تۇرىدۇ، بىزنىڭ پوچىلىقىمىز، بىخەتەرلىك ئېڭىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى، قائىدە تۈزۈم،( بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىمىز، قاتناش قائىدىسى )، ئېڭىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىقىمىز، بىزنى ئەجەلگە ھەر قاچان باغلاپ قويىدۇ، يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئاقىۋەتتە، بىز ھاياتلىقىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز، ياكى بىر ناكا بولىمىز. جىسمانى جەھەتتە مەجرۇھقا، روھى جەھەتتىكى بۇرۇقتۇملۇققا، چۈشكۈنلىككە دۇچار قىلىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ھاياتقا ئۈمۈتۋار باققانلارغا ئۇنداق بولماس،شۇكرى.
       قاتناش قائىدىسى بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنىڭ ئاساسى، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، بىزنى ئۇدۇل ھالاكەتكە باشلايدىغان ئۈلۈم بېلىتى سېتىۋالغانلىق.
        ياش يىگىت، قاتناش قائىدىسى سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس، بەلكى، دوستىڭىز؛ سۈرئەتنى دىگەن چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك، ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ئاساس سالغانلىق؛  قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلغانلىق ئۆزىڭىزنى قەدىرلىگەنلىك؛  ئۆزىڭىزنى،  ھاياتىڭىزنى قەدىرلىگەنلىك، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ، ئايالىڭىزنىڭ، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كۆزىدىن ياشنى ئاز چىقارغانلىقتۇر. ئۇلار ئۈچۈن، بالىلىق، ئاتىلىق بۇرچىڭىزنى ، ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن، جەسۇرانە-باتۇرلۇق، ئەزىمەتلىكىڭىزنى نامايەت قىلىڭكى، ھەرگىزمۇ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ ھەيدەش، بەسلىشىپ، قوغلىشىپ ھەيدەش ، پوچىلىق بىلەن پىراۋىسىز ھەيدەش، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىماسلىقتەك ناچار ئادەتلەر ئارقىلىق، ھاياتلىقىڭىزنى بالدۇرلا ئاخىرلاشتۇرماڭ؛ ۋە  ياكى ، ھاياتىڭىزنى بىھۇدىلا ئۈلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ، باشقىلارنى داغدا قويماڭ، سىز بىرلا ئادەم بىلەن كەتسىغۇ مەيلى، ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىز، (ئۇلار ئويلايدۇ، ھىچ بولمىغاندا، بىز ئۆلگەندە،  تاۋۇتنى كۆتۈرىدىغانغا لازىم بولىدۇ دەپ سىزنى) ، سىزگە ۋاپادار، كۈيۈمچان ئايالىڭىز، نارەسىدە باللىرىڭىز، ئۇلار بۇ تۇيۇقسىز زەربىگە بەرداشلىق بىرەلمەسلىكى مۇمكىن، سىزدەك بىر يېقىنىدىن، ئەزىزىدىن ئايرىلغان ھەر قانداق بىر تۇنۇشىڭىز سىز ئۈچۈن قايغۇرىدۇ، ھەقىقى يىگىت، ھەقىقى ئەر، ھەقىقى ئەزىمەت باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى غەم-غۇسسىگە سالمايدۇ، بەلكى، ئۇلارنىڭ غەم-غۇسسەلىرىنى يۇقىتىشىغا، ئۇلارنى بەختلىك قىلىشىغا تىرىشىدۇ. ھەقىقى يىگىت، بىھۇدە ھالدا، ئايالىنى تۇل، باللىرىنى يىتىم قىلمايدۇ، ئاتا-ئانىسىنى داغدا قويمايدۇ؛ ھەقىقى يىگىت، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى، ئامان ئىسەنلىكىنى مۇھىم ئۇرۇندا قويىدىكى، ھەرگىزمۇ سۈرئەتنى-ئۈلۈمنى قوغلاشمايدۇ؛ ھەقىقى يىگىت، تەمكىنلىك بىلەن ماشىنا ھەيدەيكى، ھەرگىزمۇ، قاراملىق، لۈكچەكلىك بىلەن ماشىنا ھەيدەپ، ۋەقە سادىر قىلمايدۇ. ھەقىقى يىگىت، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقايدىكى، ھەرگىزمۇ، بۇنى  ئاۋارىچىلىق دەپ قارىمايدۇ  (بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ رولى: جىددى ئەھۋالغا ئۇچراپ، ماشىنىنى تۇرمۇزلىغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنىرتسىيە تۈپەيلىدىن ئالدىغا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىشنىڭ، قىسقىسى رولغا قىسىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەگەر بىخەتەرلىك تاسمىنىسى تاقىماي تۇرۇپ، جىددى تۇرمۇزلىغاندا، ئادەم بەدىنى ئالدىغا ئۇچۇپ، رولنىڭ كۆكرەكنى بېسىۋېلىشىغا، ئۆپكىنى بېسىپ، يۈرەكنى ئىزىۋېتىشىگە سەۋەبچى بۇلۇپ، جىددى قۇتقۇزۇلمىغاندا، ئۈلۈمدىن باشقا ئامال بولمايدۇ.)
       يىگىت،ياشلىقىڭىزنى بەڭۋاش دىمەيمىز، چۈنكى،سىزدە ياشلىق، جۇشقۇنلۇق، جاسارەت، تەۋەككۈلچىلىك روھى بار.
      يىگىت، سىزنى ئاجىز دىمەيمىز، چۈنكى، سىزدە ئۇرغۇپ تۇرغان قان، ياشلىق، كۈچ بار.
      يىگىت، سىزنى ئاستىكەن دىمەيمىز ، چۈنكى،سىزدىكى ئۇ ئاستىلىق ئەمەس، بەلكى، تەمكىنلىك، قاتناش قائىدىسىگە بولغان چۈشىنىش، ھاياتلىققا بولغان مەسئۇلىيەت، ئائىلىگە بولغان مۇھەببەت، ئايالىڭىزىغا بولغان ساداقەت، پەرزەنتلىرىڭىزغا بولغان بۇرچ ۋە ئاتىلىق روھ.
    يىگىت، سىزنى ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز، سىزدىكى قاملاشقان قامەت، تەمكىن قىياپەت، ئىشەنچكە تولغان ھالەت، ماشىنا ھەيدەشتىكى مەسئۇلىيەت، باشقىلارغا يول بىرىدىغان خالىس روھ، ئامان-ئىسەنلىككە ئىنتىلىدىغان روھ، ھەممىمىزنى سىزگە ئامراق قىلىدۇ. سىز ئاتا-ئانىڭىزغا كېرەك، قېرنداشلىرىڭىزغا كېرەك، خۇتۇن-باللىرىڭىزغا كېرەك، ئەلگە كېرەك، يۇرتقا كېرەك، جەمئىيەتكە كېرەك، كەلگۈسىگە كېرەك. سىز بولغاچقا، ھايات ياشنايدۇ، دۇنيا كۈلىدۇ، جەميەت ئالغا باسىدۇ. دۇنيا ئەركەك دەپ توۋلايدۇ.
             سۈرئەت ئەمەس، ھاياتلىق مۇھىم !!!!

       بۇ ئەسىرىمنى بارلىق رول تۇتۇۋاتقان، يىگىت- قىزلىرىمىز ۋە چوڭ -كىچىك رول باشقۇرغۇچىلارغا بېغىشلايمەن. ئامان ئىسەنلىك سىلەرگە يار بولسۇن، سەپىرىڭلار قۇتلۇق بولسۇن.
      
      ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن 2دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يېزىپ تورغا يوللاندى.
      تورغا،  مۇنبەرگە  بىۋاستە  يېزىلدى، ئىملا خاتالىقى بولسا، كەچۈرگەيسىلەر.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1740

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 19:43:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنىڭ بېشىنى ئازراق ئوقۇپلا بولدى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئوقۇغان ئىدىم. بىر ئوقۇغانچە ئاخىرغىچە ئوقۇۋەتتىم.
نەۋرە سىڭلىڭىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك ئۆتۈشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن!
بىر يېقىنىمىزنى يوقلاش ئۈچۈن بىر ئاينىڭ ئالدىدا مېڭە كېسەللىكلىرىنى مەخسۇس داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا بېرىپ قالدىم. بۇ دوختۇرخانىغا كەلگەن كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى موتوسىكىلىت ۋە ماشىنىلارنى تېز ھەيدەپ يارىلانغانلار، يېرىم پالەچ بولغان مېڭىسىگە قان چۈشكەن دېگەندەك كېسەللەر ئىكەن. بەزىلىرىنىڭ بىر قولى بىلەن بىر پۇتى ھېچنىمە سەزمەيدىكەن يەنە بەزىلىرى مېڭىسىدە قان ئۇيۇپ قالغانلىقتىن نېرۋىسى كاردىن چىققانلار بولۇپ ھەر خىل بىمارلارنى كۆردۈم. يۈرىكىم بىر خىل بىئارام بولدى.
ھايات شۇنچە گۈزەل، بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇنىڭىدىن گۈزەل تۇرسا نېمىشقا ئۆز ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ  ياشىمايمىز؟
سىز ھەيدەۋاتقان شۇ قاتناشنى قانچىكى ئاستا سىلىق ھەيدىسىڭىز شۇنچە بىخەتەر بولسىىز. ئادەمدىكى بىردەملىك ھاياجان ئىنساننى تۈگىمەس بالايى-قازاغا مۇپتىلا قىلىدۇ.



ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 00:07 , Processed in 0.083650 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش