يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 319|ئىنكاس: 6

نەۋرىزە: ئۆينى بۇزغان....ئۆي!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:55:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆينى بۇزغان..... ئۆي
نىكاھنىڭ ئۇلۇقلىغىدىن تۈپتىن ئوخشىمىغان ئىككى ئائىلىدە چوڭ بولغان بىر قىز بىر يىگىت ، بىر ئۆيگە جەم بولۇپ، ئۇنى دېسىمۇ بۇنى دېسىمۇ ئىش قىلىپ بىر- بىرىدىن ئايرىلالاماي ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىر ئۆيدە ئەڭ ئۇزۇن ياشايدىغىنى يەنىلا ئەر ۋە ئايال. ئاتا- ئانىمىز بىلەنمۇ ئۇنچە ئۇزۇن ياشىيالمايمىز. قانات- قۇيرىقىمىز يېتىلگەندىلا ئۇچۇپ كېتىمىز. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئەتىۋارلىنىپ، شاھزادە، مەلىكە بولۇپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، ئۆزى پەرەز قىلىپمۇباقمىغان ھەر خىل قىسمەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ھەللەكچىلىكىدە سەللا دېققەت قىلمىسا ئۇ يەر بۇ يەرلەرگىمۇ ئۈسىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككىلىسى تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سوقىدا چېنىقىدۇ. ھېلىقى ئەتىۋارلىق شاھزادە بىلەن مەلىكىمۇ خان تاجىسىدىن ئاستا- ئاستا مەھرۇم بولوپ، ئاتا بىلەن ئانىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ مەسئولىيىتى بىلىپ – بىلمەي ئېغىرلىشىپ، بۇ مەسئولىيەت ئالدىدا بىر ئىشچان قۇلغا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ ئېغىر يۈكنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن، شەرەپلىك ۋەزىپەم دەپ، كۆتۈرۈشكە رازى بولىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن بىھىساپ بەدەللەرنى تۆلەيدۇ. تىرىشىپ تىرمىشىپ ھاياتلىق ئۈچۈن ياشلىقىنى، ھەتتا بارلىقىنى قۇربان قىلىدۇ. نىكاھنىڭ ئۇلۇقلىقى دەل مۇشۇ يەردە. بۇ نورمال ھادىسە. بىراق جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن، بىنورمال ھادىسىلەرمۇ ئۆزىنى ئاشكارلىغىلى تۇردى. بۇنىڭغا نىمە سەۋەپلىك؟ ئەلبەتتە تويماس ئىككى كۆزىمىز بولسا كېرەك. شۇ ۋەجىدىن نىكاھتىن ئىبارەت ئۇلۇق ھۆكۈمگىمۇ شەك چۈشىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىۋاتىدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىقى ھازىرقى قىززىق نوقتا بولغان ئۆي سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە، شۇ شېرىن پايدىنى كۆزلەپ، بۇ ئۆتكەلدىن رەزىل قىياپەتتە ئۆتىۋاتقان ئەھۋاللارنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شۇ « بۇزغۇنچى ئۆينى» ئېلىش ئۈچۈن نىكاھتىن يالغان ئاجرىشىپ، ئاخىرى بۇ ئىش چىڭىغا چىقىپ، قايتا يېنىشالماي، شۇ پېتىملا ئاجرىشىپ، شۇنچە تەستا قۇرغان ئائىلىسىنى نابۇت قىلىپ، باشقىلارغا قوش قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار ئادەمنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇنىڭدا دەتتا قېلىۋاتقانلارنىڭ تولىسى يەنىلا ئاجىز ئاياللار...دۆت ئاياللار دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. سەن يالغان ئاجراشتۇق دېگەن بىلەن، قانون يالغان ئەمەستە، بۇنداق ئەھۋالدا ساڭا كىم ئىگە بولالايدۇ؟ نىكاھ شۇنداق ئوينىشىدىغان ئويۇنچۇقمۇ؟ ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى قوغدايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز يوقمىدۇر؟ بۇمۇ بىزنىڭ ئويۇنچىقىمىزغا ئايلاندى شۇنداقمۇ؟! نىكاھ ئالدىدا ئەلبەتتە سەن جاۋاپكارسەن. بۇ مېنىڭچە نىكاھ ئالدىدا مەڭگۈلۈك جىنايەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
  ئادەم ئىجتىمايى مۇھىتتا ياشىغىنى ئۈچۈن، ئادەمنىڭ ئادىمىلىكى ئادەملەر بىلەن بولغان ئالاقە، ئىش- ھەركەت قاتارلىقلادا ھەقىقىي ئىپالىنىدۇ. ئالاقە كىشىلەر ئارىسىدا سەمىمىيەت، راسچىللىقنى شەرت قىلىدىغان جەريان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىگە، ئىش- ھەركەتلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى قانچا چىن بولغانسېرى، ئادەمدىكى ئالىجاناپلىق شۇنچە جۇلالىنىدۇ. ئەكسىنچە ساختىپەزلىك، مەككارلىق ئادەمنى ھايۋانى سۈپەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئىنسانى ئوبرازلا بىزنىڭ ئادىمىلىك قىممىتىمىزنى ئاشۇرىدۇ. شۇ « بۇزغۇنچى ئۆي» پايدىنى كۆزلەپ مۇشۇنداق ئۆز ئوبرازىمىزنى خۇنۈكلەشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلساق، ئەجداتلىرىمىزدىن باشقا كۆز ئالدىمىزدىكى جەمئىيەتكە، باللىرىمىزغا، ئەڭ موھىمى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمىز. ئادەمنىڭ قەدېر- قىممىتى بايلىق بىلەنلا ئۆلچىنەمدۇ؟مېنىڭچە بۇ ئېتىقات مەسىلىسى. پايدا ئۈچۈن نىكاھنى سېتىۋەتكەنلەر، ماھىيەت جەھەتتە ئۆزىنى سېتىۋەتكەنلەر دېيىشكە بولىدۇ. ئاجرىشىش بەدىلىگە يەنە بىر ئۆينى سېتىۋالدىمۇ دەيلى، باي بولدىمۇ دەيلى، بىراق ئۇلار ۋىجدان تارازىسى ئالدىدا روھىيەت جەھەتتە تولىمۇ نامراتتۇر. شۇ «بۇزغۇنچى ئۆينىڭ» ئارقا كۆرۈنىشى قانداق بولار؟ سېنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرار؟ بېشىڭنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ، ئادىمىيلىكىڭنى ئۆلچەپ باق؟!
نەۋرىزە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 00:30:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئۆمۈر ئىجارە ئولتۇرساممۇ  بۇنداق تېتىقسىز ئىشنى قىلماسمەن، بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ بىر نەچچىسى شۇنداق قىلغان ئىكەن، يەنى ئىدارىنىڭ ئۆي تىزىملىغاندا ئاجراشقان قەغەزنى كۆرسىتىپ، ئۆينى تەقسىم قىلىپ بولغاندا يارىشىدىغان بولدۇق دەپ....... شۇ چاغدا بۇ ئىشلارنى ئانچە ئېتىۋارىمغا ئېلىپ كەتمەپتىكەنمەن، بۈگۈن بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ، ئۇ تونۇشلارنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. گەرچە ھازىر ئۆي ئېلىش مەسىلىسى ئەڭ باش ئاغىرتىدىغان مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما نىكاھقا چاقچاق قىلماسلىقىمىز، باشقىچە توغرا ئۇسۇللار بىلەن ئېرىشىشمىز كېرەكتە

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدا ئۇچراپلا تۇرىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى ئامالسىزلىقتىن شۇنداق قىلىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما نەۋرىزە خانىم ئېيتقاندەك بۇ ئۇلۇغ نىكاھقا شەك كەلتۈرگەنلىك. قايتا يارىشىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ ئۇ، بۇ سەۋەبلەر بىلەن جەم بولالمىسا بار ئازاب ئايال كىشىگە، بالىغا بولىدۇ دە. ھەي...كاللا ئىشلىمىسە پۇت- قولغا زىيان.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
557

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:59:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئادەمدە ئىنسانىي غۇرور،ئەخلاق-پەزىلەت يوقالغاندا،ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ.شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىمۇ ياخشى بولمايدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 10:01:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر-ئايال ئاجراشمىسا  نېمە ئۈچۈن ئۆي بەرمەيدۇ؟ يا بۇنىڭ ئالاھىدە بىرەر سەۋەبى بارمۇ؟
قېيىنسىڭلىمنىڭ تويىنى قىلىدىغان ۋاقىتتا توي قىلىدىغان بالىغا ئىدارىسىدىن ئۆي تەقسىم قىلىپتىكەن. بويتاق يىگىتلەرگە ئۆي بەرمەيدىكەن. بۇ بالا مۇشۇ ئىشلارغا يېقىن سىڭلىم بىلەن توي قىلىدىغان بولغاچقا ئىككىسى توي خېتىنى بۇرۇنراق ئېلىپ ئىدارىسىگە كۆتۈرۈپ كىرىپ ئۆي ئالغان ئىدى. مەن توي قىلغانلارغا ئۆينى تېزراق بېرىدۇ دەپ ئويلايتتىم.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:42:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى تېمىكەن.

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
نادىر
0
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن كۈنلەر ئەپەندىنىڭ
‹‹بىر ئادەمدە ئىنسانىي غۇرور،ئەخلاق-پەزىلەت يوقالغاندا،ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ.››
مۇنۇ سۆزى توغرا ئىيتىلغان ....
دەۋىرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى ئىنسانلارنى سەخسىيەتچى ، ئۆز نەپسىگە چوغ تاتىدىغان ھەم ئىپلاس يوللارغا باشلايدۇ ....  بۇ ئەھۋاللار ئەرلەردىلا ئەمەس ئاياللاردىمۇ كۆرۈنمەكتە .... ‹‹ پۇل ›› مانا بۇ شۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆلچەيدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى ...  ئەمما ئۇنىڭ بەخىتنى ، بالىلارنىڭ مىھرى مۇھەببىتىنى سېتىۋالالمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .........
ئەمما ئۇلار كىيىن پۇشايمان قىلسا ئەسلىگە قايتۇرۇپ كەلمەيدىغان ئىچىنىشلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بىرىدىغىنىنى بىلمەيدۇ..
ئەي قىرىنداشلار ھايات پۇل بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ بەلكى مىھىر - مۇھەببەت بىلەن ۋىجدان غۇرۇر بىلەن ئۆلچىنىدۇ....


ھەي پۇل ..... ھەي پۇل........ سىزلەردىكى ئاتالمىش بەخىتنىڭ مېغىزى بولغان پۇل .....
سىز پۇل بىلەن بەخىتلىكمۇ ، ياق بەلكى ئۇ سىزنىڭ ۋاقىتلىق خۇشاللىقىڭىز ... ئەمەلىيەتتە سىز ئەڭ نامىرات ...... سىز ئەڭ بەختسىز.. ..

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alijan0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:16  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 08:18 , Processed in 0.067198 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش