بۇ يەنە بىر خىل يېزىپ باققان ، قايسىنىڭ ياخشى چىققىنىنى بىلەمەي ھەر ئىككىسىنى يوللىدىم . كۈرۈپ بىر نەرسە دەپ باققان بولساڭلار .رەھمەت
كىچە ئايدىڭ ئاسمان سۈپسۈزۈك
كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ جىمجىت ،
بىللە ساناپ ئاي يولتۇزلارنى .
ئۆتتى بۈگۈن گۈزەل بىر ئاخشام ،
تاتلىقىنە سۆيدۈم نىگارنى .
مەيىن شامال ئەگىپ قىشىمدىن
يەلپۈنەتتى چاچلىرىم يەڭگىل ،
خەۋەر بىرىپ كەلگەن كەچ كۈزدىن .
شىۋېرلايدۇ قۇلاقلىرىمغا ،
سىپاپ شامال نىگار يۈزىدىن .
توختىماي ھىچ سۆيىدۇ شامال ،
خىجىل بولدۇم نىگار ئالدىدا .
بەرگەن ئىدىم شۇنداق بىر ۋەدە ،
تىگەلمەيدۇ ياتنىڭ تىنىقى
مەن سىنىڭكى بولسۇن يادىڭدا .
سۆيىۋالدى شوخ شامال مىنى ،
بۇزدى يارغا بەرگەن ۋەدەمنى .
خىجىل قىلما ئەركە شوخ شامال ،
چىن يۈرەكتىن كۆيىمەن ئاڭا
دەز كەتكۈزمە چىن ئەقىدەمنى .
ئىيتقىنە ئەي ئەركە شوخ شامال
سەن يايرىڭدىن بىخەۋەر شۇنداق ،
خەق يايرىنى تويماي سۆيەمسەن ؟
سىنىڭ يايرىڭ قىسلسسا چەتتە ،
خەق كەينىدىن بىغەم يۈرەمسەن ؟
جاۋاپ بەرگىن بولغىنە تىزراق ؟
خەق يايرىڭنى سۆيسە مەيلىمۇ ؟
پەرۋا قىلماي يۈرەمسەن شۇنداق ؟
ياق دەيسەنيۇ قوغلاپ ھارمايسەن ،
قانداق يۈرەك سەندىكى ئۇنداق؟
بىلىپ قويىغىن ئەركە شوخ شامال
مەنمۇ ئوخشاش خەقنىڭ نىگارى ،
ئىخلاس بىلەن سۆيىمەن يارنى .
يار ئالدىدا بولغۇم يوق يالغان ،
خىجىل قىلما بۇ پاك سۆيگۈمنى .
سۆيىۋالغاچ شوخ شامال مىنى
گومان قىلسا يايرىم مىنىڭدىن ،
رازى ھەتتا تىنماي ئۈلۈشكە .
مەندە پەقەت قالمىدى تاقەت ،
شوخلىقىڭنى يەنە كۈرۈشكە .
كەچۈر يايرىم مەن بىۋاپانى ،
سۈيىۋالدى شۇخ شامال مىنى .
بەرگەن ۋەدەم ئەمەس قۇرۇق سۆز ،
يۈرىگىمدىن سۈيىمەن سىنى .
قەدىرلەيمەن مەڭگۈ سۆيگۈمنى
مەنبە : ئۆز قەلىمىم